سەيپىدىن ئەزىزنىڭ ئوقۇرمەنلەرگە يەتمىگەن «ئۆمۈر داستانى» نىڭ 3-تومىدىكى ئۇچۇرلار (5)

0:00 / 0:00

ستالىن: مەن سىزنى بىلىمەن

ئۇيغۇر دىيارى ماۋ زېدوڭنىڭ 1949-يىلى، 12-ئايدىن 2-ئايغىچە داۋاملاشقان ئىككى ئايلىق موسكۋا زىيارىتىدە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ مەنپەئەتلىرى ۋە تەسىر كۈچى تولۇق كاپالەتكە ئىگە قىلىنغان رايونغا ئايلىنىپ، ئىككى تەرەپ شەرتنامە ۋە كېلىشىملىرىدىن ئورۇن ئالدى. ماۋ زېدوڭ ستالىننىڭ شىنجاڭ، يەنى ئۇيغۇر دىيارى بىلەنمۇ ئايرىم كېلىشىم تۈزۈش تەلىپىگە بىنائەن، سەيپىدىن ئەزىز باشچىلىقىدىكى بىر شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنى تەشكىللەپ، موسكۋاغا ئېلىپ كەلگەنىدى. سەيپىدىن ئەزىز باشچىلىقىدىكى ئۆمەك ئايروپىلان بىلەن ئۈرۈمچىدىن ئالمۇتاغا، ئارقىدىن ئالمۇتادىن موسكۋاغا يېتىپ كەلگەن بولۇپ، سەيپىدىن ئەزىز ئۆزىنىڭ «ئۆمۈر داستانى» نىڭ 3-تومىدا قەيت قىلىشىچە، سوۋېت ئىتتىپاقى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئاندرېي ۋىشىنسكىي ئۇ موسكۋاغا كېلىشى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆزىنى كۈتۈۋېلىش زىياپىتى بەرگەن. بۇ ۋاقىتتا خىتاي باش مىنىستىرى جۇ ئېنلەيمۇ سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن شەرتنامە تۈزۈشكە قاتنىشىدىغان ۋەكىللەرنى باشلاپ، موسكۋاغا يېتىپ كېلىپ، ماۋ زېدوڭ بىلەن بىرلەشكەنىدى.

سەيپىدىن ئەزىزنىڭ ئەسلىمىسىدە بايان قىلىنىشىچە، ئۇنىڭ ۋەزىپىسى سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن جۇڭگو ئارىسىدا شىنجاڭدا بىرلەشمە رەڭلىك مېتال شىركىتى ۋە بىرلەشمە نېفىت شىركىتى قۇرۇش كېلىشىمى تۈزۈش مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلىش ۋە ئاخىرىدا كېلىشىم ھاسىل قىلىشتىن ئىبارەت بولۇپ، سوۋېت ئىتتىپاقى تەرەپتىن مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئاندرېي گرومىكو بىلەن خىتاي تەرەپتىن سەيپىدىن ئەزىز، دېڭ لىچۈن ۋە ۋۇ شۇچۈئەن شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى سۈپىتىدە سۆھبەت ئۆتكۈزگەن. سەيپىدىن ئەزىزنىڭ قەيت قىلىشىچە، سۆھبەت باشلىنىشتىن ئىلگىرى ماۋ زېدوڭ سەيپىدىن ئەزىزنى قوبۇل قىلىپ، سوۋېت تەرەپنىڭ كېلىشىم لايىھەسىنى 40 يىل دېيىشى مۇمكىنلىكى، ئۇنىڭ مۇمكىن قەدەر سوۋېت تەرەپكە مۆھلەتنى 25 يىل ياكى 30 يىل دەپ ئوتتۇرىغا قويۇشىنى ئېيتقان.

نەتىجىدە، 2-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا ئىككى تەرەپ ئارىسىدا سۆھبەت باشلانغاندا سەيپىدىن ئەزىز ئاكتىپلىق بىلەن سۆز قىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقى تەرەپنىڭ 1949-يىلى، گومىنداڭ تەرەپكە قويغان بىرلەشمە نېفىت ۋە مېتال كان شىركىتى قۇرۇش لايىھەسىگە قوشۇلمايدىغانلىقى، شۇنىڭدەك سوۋېت تەرەپنىڭ 40 يىللىق مۆھلىتىگىمۇ قوشۇلماي، مۆھلەت ۋاقتىنى 15 يىلدىن 20 يىلغىچە قىلىش تەكلىپىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ،

سەيپىدىن ئېزىنىڭ ئەسلىشىچە، بۇ پىكىرلەر ئوتتۇرىغا قويۇلغاندىن كېيىن گرومىكو باشلىق سوۋېت تەرەپ ۋەكىللىرى دەرھال سۆھبەتنى توختىتىپ چىقىپ كېتىدۇ. بۇ ئەھۋال خىتاي تەرەپنى جىددىيلەشتۈرگەن بولۇپ، جۇ ئېنلەي ئەھۋالدىن خەۋەر تېپىپ، سوۋېت تەرەپنىڭ جاۋابىنى كۈتۈشنى ۋە داۋاملىق سۆھبەتلىشىش پىكرىنى بىلدۈرىدۇ. قىزىق نۇقتا شۇكى، ماۋ زېدوڭ سەيپىدىن ئەزىزگە كېلىشىم مۆھلىتىنى 20-25 يىل بولسا دەپ تەلەپ قىلىشنى ئېيتقان بولسىمۇ، ئەمما سەيپىدىن ئەزىز سوۋېت تەرەپكە بۇن تېخىمۇ ئازلىتىپ، 15-20 يىل دەپ ئوتتۇرىغا قويغان. بۇ، سوۋېت تەرەپ قەتئىي قوبۇل قىلالمايدىغان تەلەپ ئىدى. بەلكى شۇنىڭدىن بولسا كېرەك بۇ سۆھبەت توختاپ قالىدۇ. بىراق بۇ يەنە، سوۋېت ئىتتىپاقى تەرەپ ئوتتۇرىغا قويغان ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى «سوۋېت-خىتاي دوستلۇق، ئىتتىپاقداشلىق ۋە ئۆزئارا ياردەم بېرىش شەرتنامىسى» نىڭ لايىھىسى خىتاي تەرەپتىن قوبۇل قىلىنىپ رەسمىي ئىمزالىنىدىغان ۋاقىتقا توغرا كەلگەنىدى.

شۇنىڭ بىلەن 1950-يىلى، 1-ئاينىڭ ئاخىرلىرىدىن باشلاپ مۇزاكىرە قىلىنغان مەزكۇر شەرتنامىگە ئىمزا قويۇش مۇراسىمى 1950-يىلى 2-ئاينىڭ 14-كۈنى كەچتە كرېمىل سارىيىدا ئۆتكۈزۈلدى.

2-ئاينىڭ 14-كۈنىدىكى مۇراسىمغا خىتاي تەرەپتىن ماۋ زېدوڭ، جۇن ئېنلەي، لى فۇچۈن، سەيپىدىن ئەزىز قاتارلىقلار قاتناشقان بولۇپ، سوۋېت ئىتتىپاقى تەرەپتىن ستالىن، مولوتوف، بېرىيا، كاگانوۋىچ قاتارلىق سىياسىي بىيۇرونىڭ ھەممە رەھبەرلىرى قاتناشقان. سەيپىدىن ئەزىز نەق مەيداننى تەسۋىرلەپ، ئۆزىنىڭ زالغا كىرىپ كەلگەن ئاددىي قىياپەتتىكى ستالىننى تونۇماي قالغانلىقىنى، بىراق ئۆزىنىڭ خىتاي ئەلچىسىدىن سوراپ، ئۇنىڭ ستالىن ئىكەنلىكىنى بىلگەن ۋاقىتتا ستالىننىڭ ئاللىقاچان ئۆزىنىڭ ئالدىغا كېلىپ بولغانلىقىنى، بۇ ۋاقىتتا سوۋېت ئىتتىپاقى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئاندرېي ۋىشىنسكىينىڭ ئۆزىنى ستالىنغا: «بۇ كىشى يولداش سەيپىدىن ئەزىزوف بولىدۇ» دەپ تونۇشتۇرغانلىقىنى بايان قىلىدۇ. سەيپىدىن ئەزىز ستالىننىڭ ئۆزىگە نىسبەتەن قانداق پوزىتسىيەدە بولغانلىقىنى تەسۋىرلەپ: «ستالىن مېنىڭ قولۇمنى قاتتىق سىقىپ كۆرۈشتى-دە بېشىمدىن ئايىغىمغىچە بىر قاراپ قويدى، ئاندىن كېيىن: ‹قارشى ئالىمىز، سىلەرنى قارشى ئالىمىز، مەن سىزنى بىلىمەن› دېدى، مەن بىرئاز ھودۇققان ھالدا قولىنى چىڭ سىقىپ تۇرۇپ: ‹سىزگە رەھمەت، بەك رەھمەت› دېدىم» دەپ يازىدۇ.

ستالىن ۋە ماۋ زېدوڭ باشچىلىقىدىكى خىتاي ۋە سوۋېت تەرەپ رەھبەرلىرىنىڭ شاھىت بولۇشى ئاستىدا سوۋېت تەرەپتىن ۋىشىنسكىي، خىتاي تەرەپتىن جۇ ئېنلەي سوۋېت-خىتاي «شەرتنامىسى» گە قول قويىدۇ. قىزىق نۇقتا شۇكى، سەيپىدىن ئەزىز نەق مەيداندىكى بۇ سورۇندا خىتاي تەرەپ ۋەكىللىرى ئارىسىدا ئەمەس، بەلكى سوۋېت ئىتتىپاقى ۋەكىللىرى ئارىسىدا تۇرغان بولۇپ، ئۇنىڭ يېنىدا بېرىيا، يەنى 1944-1949-يىللىرىدىكى شەرقىي تۈركىستان ئىنقىلابىغا باشتىن ئاخىرى قول تىققان سوۋېت رەھبىرى لاۋرېنتى بېرىيا ۋە كاگانوۋىچ تۇرغانىدى.

سەيپىدىن ئەزىزنىڭ ئەسلىشىچە، شۇ كۈنى كەچتە خىتاي تەرەپ موسكۋادىكى كاتتا مېھمانخانىدا تەبرىكلەش زىياپىتى ئورۇنلاشتۇرغان بولۇپ، سەيپىدىن ئەزىز خىتاينىڭ سوۋېت ئىتتىپاقىدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ۋاڭ جياشاڭ ۋە باشقا بىر قانچەيلەن بىلەن بىرگە زىياپەت زالى ئىشىكىدە مېھمانلارنى قارشى ئېلىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ. ئۇ بۇ يەردە ستالىننى قارشى ئېلىپ، ئىككىنچى قېتىم ستالىن بىلەن قول ئېلىشىپ كۆرۈشىدۇ.

ماۋ زېدوڭ ۋە جۇ ئېنلەي باشچىلىقىدىكى خىتاي ۋەكىللەر ئۆمىكى سەيپىدىن ئەزىز قاتارلىقلارغا سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن ئىككى شىركەت قۇرۇش ھەققىدىكى سۆھبەتنى داۋاملاشتۇرۇش ۋە كېلىشىمگە ئىمزا قويۇش ۋەزىپىسى يۈكلەپ، 1950-يىلى 17-فېۋرال كۈنى بېيجىڭغا قايتىش ئالدىدا ستالىن ئۇلارنى ئۇزىتىش زىياپىتى بەرگەن بولۇپ، سەيپىدىن ئەزىز ستالىننىڭ بۇ زىياپىتىنى تەپسىلىي تەسۋىرلەيدۇ.

سەيپىدىن ئەزىزنىڭ خاتىرىلىشىچە، بۇ زىياپەتتە ستالىن سەيپىدىن ئەزىزگە قەدەھ كۆتۈرۈشنى تەكلىپ قىلغان بولۇپ، ئۇ سەيپىدىن ئەزىزگە چاقچاق قىلىپ، ئۇنىڭ يېنىدا ئولتۇرغان كاگانوۋىچ بىلەن ئۆزبېك تىلىدا سۆزلىشىشنى تەشەببۇس قىلىدۇ، چۈنكى كاگانوۋىچ ئۆزبېكچىنى ياخشى سۆزلەيتتى. سەيپىدىنمۇ كاگانوۋىچنىڭ ئۆزبېكچىسىنى ماختايدۇ. بۇ مەيداندا ۋىشىنسكىي، بېرىيا، مولوتوف، كاگانوۋىچ قاتارلىق بارلىق ئالىي سوۋېت رەھبەرلىرىنىڭ ھەممىسى بار بولۇپ، ئۇلارنىڭ ھەممىسى 1944-يىلى 12-نويابىر كۈنى غۇلجىدا قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ۋە مىللىي ئازادلىق ئىنقىلابقا، ھەتتا ئىنقىلاب رەھبىرى ئەخمەتجان قاسىمى قاتارلىقلارنىڭ ئۆلۈمىگە مۇناسىۋەتلىك شۇنىڭدەك بۇ ئىنقىلاب ئۈچۈن مەخسۇس سىياسىي بيۇرو قارارلىرىنى قوبۇل قىلغان ئەربابلار ئىدى. (داۋامى بار)