شېڭ شىسەي ھاكىمىيىتىنىڭ ئاخىرلىشىشىدا ئامېرىكىنىڭ كۆرسەتكەن تەسىرى

0:00 / 0:00

1941-يىلى، سوۋېت-گېرمان ئۇرۇشىنىڭ پارتلىشى، ياپونىيەنىڭ ئامېرىكىنىڭ پرېل خاربور بازىسىغا ھۇجۇم قىلىپ، ئامېرىكىنىڭ ياپونغا قارشى ئۇرۇش ئېلان قىلىشى بىلەن ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى يېڭى بىر جىددىي باسقۇچقا كىردى ۋە ئۇزۇن ئۆتمەي ئامېرىكا، سوۋېت ئىتتىپاقى، ئەنگلىيەنىڭ فاشىزمغا قارشى ئىتتىپاقداشلىقى شەكىللەندى. 1942-يىلىغا كەلگەندە ئۇيغۇر دىيارى ئامېرىكىنىڭ ئىران ئارقىلىق قورال-ياراق، ئوق-دورىلارنى ياپونىيەگە قارشى ئۇرۇش قىلىۋاتقان گومىنداڭ قوشۇنلىرىغا يەتكۈزىدىغان مۇھىم ئۆتكۈنچى بازىغا ئايلانغان بولۇپ، ئۇيغۇر دىيارىنىڭ فاشىزمغا قارشى ئىتتىپاقداش دۆلەتلەرنىڭ ئۆزئارا ئالاقە قىلىشىدا ئۆتۈشمە يوللۇق ئورنى ئاشتى. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر دىيارىدا، يەنى ئۈرۈمچىدە ئۆز كونسۇلخانىسىنى ئېچىشنى ئويلاشقان بولۇپ، خىتاي تەرەپمۇ بۇنىڭغا قوشۇلۇپ، 1943-يىلى، 4-ئايدا ئۈرۈمچىدە ئامېرىكا كونسۇلخانىسى رەسمىي قۇرۇلدى. ئەمما، ئامېرىكىنىڭ ئۈرۈمچىدە كونسۇلخانا قۇرۇپ، بۇ رايوندا ئۆز ھەرىكىتىنى باشلىشى كۆپ يىللار سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ھىمايىسى ئاستىدا مەۋجۇت بولغان شېڭ شىسەينىڭ سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ گىتلېر گېرمانىيەسىگە قارشى ئۇرۇشتا قىيىن ئەھۋالغا قالغان ۋاقتىدىن پايدىلىنىپ، خىتاي گومىنداڭ مەركىزى ھۆكۈمىتى بىلەن ئالاقە ئورنىتىپ، 1943-يىلىدىن ئېتىبارەن سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ بۇ ئۆلكىدىكى تەسىرى كۈچىنى تازىلاپ، ئۇيغۇر دىيارىدا گومىنداڭ ھاكىمىيىتىنىڭ ئورنتىلىشىغا يول ئاچقان، شۇنىڭدەك ئۇيغۇر دىيارىدا سوۋېت ئىتتىپاقىغا قارشى پوزىتسىيە ۋە تەشۋىقاتلارنى كۈچەيتكەن ۋاقتىغا توغرا كەلگەن ئىدى.

تارىخچىلارنىڭ پەرەز قىلىشىچە، جاڭ كەيشى ئامېرىكىنىڭ ئۈرۈمچىدە كونسۇلخانا قۇرۇشىغا يول قويۇپ، ئامېرىكا تەسىر كۈچىنى بۇ رايونغا ئەكىرىش ئارقىلىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ بۇ جايدىكى مونوپولى ۋە ئۈستۈن تەسىر كۈچىگە تاقابىل تۇرۇش، ھەتتا سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ گېرمانىيە قوشۇنلىرىنى تارمار قىلىپ، ئۆزىنى ئوڭشىۋالغاندىن كېيىن بۇ جاينى تارتىۋېلىشىنى توسۇش ئۈچۈن قوللانغان چارە ئىدى. دېمەك، ئامېرىكىنىڭ فاشىزمغا قارشى ئۇرۇشتىكى ئىتتىپاقداشلىقنى كۈچەيتىش مەقسىتىدە بۇ رايوندا ئۆز پائالىيىتىنى باشلىشى خىتاي-سوۋېت رىقابىتى كۈچىيىپ كەتكەن شۇنىڭدەك بۇنىڭدا شېڭ شىسەي مۇھىم رول ئوينىغان بىر ۋەزىيەتكە توغرا كەلگەن ئىدى.

ئامېرىكا ياۋروپادا ئىككىنچى ئۇرۇش مەيدانى ئېچىشقا تەييارلىنىۋاتقان ۋە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئاسىيا رايونىدا ياپونغا قارشى ئۇرۇشقا كىرىشىنى قولغا كەلتۈرۈشكە تىرىشىۋاتقان مۇنداق بىر پەيتتە 1943-يىلىنىڭ ئاخىرىلىرى ۋە 1944-يىلىنىڭ بېشىدىن باشلاپ، ئالتايدا ئوسمان باتۇر قاتارلىق قازاقلارنىڭ قوراللىق قوزغىلاڭلىرى بارا-بارا جانلىنىشقا باشلىدى ۋە ھەتتا تاشقى موڭغۇلىيە قازاق قوزغىلاڭچىلىرىنىڭ ئارقا بازىسىغا ئايلاندى، 1944-يىلىنىڭ ياز ئايلىرىدا بولسا، نىلقا تاغلىرىدا قوزغىلاڭ پارتلاپ، بۇ ھەرىكەتلەر سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ھېسداشلىقىغا ئېرىشتى. بۇنىڭ بىلەن، بۇ ۋەقەلەر فاشىزمغا قارشى ئۇرۇشتا بىرلىك سەپ ھاسىل قىلىپ، گېرمانىيە ۋە ياپونىيە فاشىستلىرىغا قارشى ياۋروپا ۋە ئاسىيا ئۇرۇش مەيدانىدا كۈرەش قىلىۋاتقان سوۋېت ئىتتىپاقى-ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى، ئەنگلىيەنىڭ ئىتتىپاقداشلىق مۇناسىۋەتلىرىگىمۇ تەسىر كۆرسىتىشكە باشلىغان ئىدى.

مانا شۇنداق ئەھۋالدا يەرلىك خەلق تەرىپىدىن «جاللات» دەپ نام ئالغان شۇنىڭدەك سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن خىتاي ئارىسىدىكى زىددىيەتنى ئۇلغايتىش رولىنى ئويناپ، فاشىزمغا قارشى ئىتتىپاقداشلىققا دەخلى يەتكۈزگەن شېڭ شىسەينىڭ سىياسىي تەقدىرىمۇ خەلقئارا چوڭ دۆلەتلەرنىڭ دىققىتىدىن ئورۇن ئالدى. سوۋېت ئىتتىپاقى ئارخىپ ھۆججەتلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، سوۋېت كومپارتىيەسى سىياسىي بيۇروسى 1943-يىلى ماي ئېيىدىكى يىغىنىدا مەخپىي تۈردە ئۇيغۇر ئېلىدىكى خەلقلەرنىڭ ئازادلىق ھەرىكەتلىرىنى قوللاپ، شېڭ شىسەينى ئاغدۇرۇپ، ئۇنى قوغلىۋېتىشنى قارار قىلغان. چۈنكى، شېڭ شىسەي سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ بۇ رايوندىكى مەنپەئەتلىرىگە قاتتىق زەربە بەرگەن ئىدى.

مانا مۇنداق ئەھۋالدا ئامېرىكا تەرەپمۇ شېڭ شىسەي مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈشكە باشلىدى. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئامېرىكىنىڭ چوڭچىڭدىكى ئەلچىسى گائۇسس ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرلىقىغا يوللىغان دوكلاتىدا سوۋېت ھۆكۈمىتىنىڭ شېڭ شىسەيگە دوستانە ئەمەسلىكى، شېڭ شىسەينىڭ داۋاملىق ھاكىمىيەتتە قېلىۋەرسە چېگرا ۋەقەلىرى ۋە زىددىيەتلەرنىڭ داۋاملىشىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. گائۇس خېتىدە ئامېرىكانى سوۋېت-شىنجاڭ مۇناسىۋەتلىرىگە ئاشكارا ئارىلىشىپ قېلىشتىن ئېھتىيات قىلىشنى تەكلىپ قىلغان.

ئامېرىكا دىپلوماتلىرىنىڭ 1940-يىللاردىكى ئۇيغۇر ئېلىدىكى پائالىيەتلىرى ئۈستىدە تەتقىقات ئېلىپ بارغان قازاقىستاندىكى تۇران ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى ئابلەت كامالوفنىڭ قارىشىچە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى سوۋېت-خىتاي مۇناسىۋەتلىرىنىڭ يامانلىشىپ كېتىشىنى خالىمىغان بولۇپ، ئامېرىكا ئەلچىسى گائۇسنىڭ نەزىرىدە شېڭ شىسەي سوۋېت-خىتاي مۇناسىۋەتلىرىنىڭ ناچارلىشىپ كېتىشىگە تەسىر كۆرسەتكەن شەخس ئىدى.

رۇس تارىخچىسى كىرىل بارمىننىڭ دىسسېرتاتسىيەسىدىكى پىكىرلەرگە ئاساسلانغاندا، ئامېرىكا تەرەپ، دۇنيا ئۇرۇشى داۋاملىشىۋاتقان بۇ ئەھۋالدا خىتاي بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئۇرۇشۇپ قېلىشىنىڭ ئامېرىكا بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئىتتىپاقداشلىق مۇناسىۋەتلىرىگە تەسىر يەتكۇئىزىدىغانلىقى، خىتاي بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ يارىشىشىدا، فاشىزمغا، بولۇپمۇ ياپونىيەگە قارشى ئۇرۇشتا ھەمكارلىق ھاسىل قىلىشىدا «شىنجاڭ مەسىلىسى» نىڭ توسالغۇلۇق قىلىدىغانلىقىنى ياخشى چۈشەنگەن ئىدى.

ئۇنىڭ ئۈستىگە شېڭ شىسەي 1937-1944-يىللىرى ئارىسىدا يەرلىك ئۇيغۇر، قازاق ۋە باشقا مىللەتلەرگە قارىتا كەڭ كۆلەمدە تۇتقۇن قىلىش، جازالاش ئېلىپ بارغان بولۇپ، شېڭ شىسەي دەۋرى ئۇيغۇر دىيارىنىڭ 20-ئەسىر تارىخىدىكى ئەڭ قاباھەتلىك مەزگىل ئىدى، تارىخچىلار شېڭ شىسەي تۈرمىسىدە 80-100 مىڭ ئەتراپىدا ئادەمنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى قەيت قىلىنىدۇ.

رۇس تارىخچىسى بارمىننىڭ يېزىشىچە، مانا شۇنداق بىر قاتار ئەھۋالى ئاستىدا ئامېرىكا تەرەپ جاڭ كەيشىنىڭ شېڭ شىسەينى يۆتكەپ كېتىپ، شېڭ شىسەي ھاكىمىيىتىنىڭ ئاخىرلىشىشىدا ھالقىلىق رول ئوينىغان.

ئامېرىكا ئەلچىسى گائۇس دوكلاتىدا شېڭ شىسەي داۋاملىق «شىنجاڭدا قېلىۋەرسە، سوۋېت رۇسىيەسى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنىڭ بۇزۇلۇشى كېلىپ چىقىدۇ، شېڭ شىسەي، خىتاينىڭ بىرلىكىدىكى يوشۇرۇن خەتەر»، دەپ قارىغان،

ئابلەت كامالوفنىڭ ئېيتىشىچە، گەرچە ئامېرىكىنىڭ شېڭ شىسەينى ئورنىدىن قالدۇرۇش ھەققىدە قانداق ئەمەلىي ھەرىكەت قىلغانلىقى ھەققىدە ئېنىق ماتېرىيال بولمىسىمۇ، ئەمما ئامېرىكا شېڭ شىسەينىڭ جاڭ كەيشى تەرىپىدىن يۆتكەپ كېتىلىشى ۋە شېڭ شىسەينىڭ زۇلمەتلىك دەۋرىنىڭ ئاخىرلىشىشىغا تەسىر كۆرسەتكەنلىكىنى جەزم قىلىش مۇمكىن، چۈنكى ئەينى ۋاقىتتا خىتاي ئامېرىكىنىڭ بۇنداق قەتئىي تەكلىپى بولسا چوقۇم ئاڭلايتتى.

رۇس تارىخچىسى كىرىل بارمىن ئۆزىنىڭ «چوڭ دۆلەتلەرنىڭ 1918-1949-يىللىرى شىنجاڭدىكى سىياسىتى» ماۋزۇلۇق دىسسېرتاتسىيەسىدە ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ جاڭ كەيشىنىڭ شېڭ شىسەينى يۆتكەپ كېتىشىدىكى ئاساسلىق ئامىل ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ.