1944-يىلى نىلقا تاغلىرىدىن باشلىنىپ، شۇ يىلى 12-نويابىر كۈنى غۇلجا قوزغىلىڭى نەتىجىسىدە مۇستەقىل شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتىنىڭ قۇرۇلۇشى شۇنىڭدەك ئۇيغۇر، قازاق ۋە باشقا خىتاي ئەمەس مىللەتلەرنىڭ بىرلىكتە ئومۇميۈزلۈك مىللىي ئازادلىق ئىنقىلابىغا ئاتلىنىپ، خىتاي گومىنداڭ ئارمىيەسىنى ئارقىمۇ-ئارقىدىن تازىلىشى فاشىزمغا قارشى ئۇرۇشنىڭ، يەنى 2-دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ ھەل قىلغۇچ باسقۇچىغا كىرگەن مەزگىلگە توغرا كەلدى.
بۇ ۋاقىتتا ئۈرۈمچىدە فاشىزمغا قارشى ئىتتىپاقداش ئۈچ دۆلەت، يەنى سوۋېت ئىتتىپاقى، ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى ۋە ئەنگلىيەنىڭ كونسۇلخانىلىرى پائالىيەت قىلىۋاتقانلىقى ئۈچۈن ئىلى ئىنقىلابى ئۇلارنىڭ دىققەت نەزىرىدىن ئورۇن ئالدى.
مانا شۇ 1944-يىلى، شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىن تارتىپ، تاكى 1945-يىلى 10-ئايغىچە بولغان ئارىلىقتا ۋە ئۇنىڭدىن كېيىن ئامېرىكا ھۆكۈمىتى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى قۇرغان قوزغىلاڭچىلارنىڭ بارلىق ھەربىي-سىياسىي ھەرىكەتلىرىگە يېقىندىن دىققەت قىلغان بولۇپ، ئۈرۈمچىدىكى ئامېرىكا كونسۇلى روبېرت ۋارد ۋە چوڭچىڭدىكى ئامېرىكا ئەلچىلىرى خوراس سمىت، خارلېي ۋە باشقىلار بەزىدە ھەر كۈنى، بەزىدە ھەپتە ئارىلاپ، ۋاشىنگتوننى، يەنى ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرىنى قوزغىلاڭچىلار بىلەن خىتاي گومىنداڭ ئارمىيىسى ئارىسىدىكى ئۇرۇش ۋەزىيىتى، ئۆلكە ۋەزىيىتى ۋە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ تەسىرى مەسىلىسى ۋە باشقا ئەھۋاللار بويىچە تۈرلۈك ئۇچۇرلار بىلەن توختىماي تەمىنلەپ تۇردى شۇنىڭدەك ئۆزلىرىنىڭ بىر قىسىم تەشەببۇسلىرىنى ۋە باھالىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
ئامېرىكانىڭ بۇ مەسىلىلەرگە ئائىت دىپلوماتىيىلىك ھۆججەتلىرى ھەققىدە ئىزدەنگەن قازاقىستاندىكى تۇران ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى ئابلەت كامالوفنىڭ ئېيتىشىچە، ئامېرىكا بۇ ۋاقىتتا خىتاينىڭ ئىتتىپاقچىسى بولسىمۇ، لېكىن ئۇيغۇر دىيارىدا يۈزبەرگەن قوزغىلاڭلارغا، شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىگە خىتاينىڭ مەيدانىدىن ئەمەس، باشقىچە قارىغان.
ئۇنداقتا ئامېرىكا دىپلوماتلىرى ئىلى ئىنقىلابى باشلىنىشى بىلەن ئالدى بىلەن كۆپرەك قانداق نۇقتىلارغا دىققەت قىلدى؟ بىرىنچىدىن، ئۇلار كۆپىنچە قوزغىلاڭنىڭ پارتلاش سەۋەبى ۋە ئۇلارنىڭ مەقسىتىگە دىققەت قىلغان. ئامېرىكا تەرەپ خىتاي ئەمەلدارلىرىنىڭ ئىلى ئىنقىلابىنى قارىلاپ ياكى بۇرمىلاپ چۈشەندۈرۈشلىرىگە ئىشەنمەي، مەسىلىنىڭ ئەمەلىيىتى ھەققىدە توغرا يەكۈن چىقىرىشقا تىرىشقان.
مەسىلەن ئۈرۈمچىدىكى ئامېرىكا كونسۇلى روبېرت ۋارد 1944-يىلى، 10-دېكابىر كۈنى ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرى ئىلى ئىنقىلابىنىڭ تاكى 1944-يىلى، دېكابىرغىچە بولغان جەريانلىرى، ۋەقەنىڭ كېلىپ چىقىشى سەۋەبى ۋە خەلقئارا ئارقا كۆرۈنۈشى قاتارلىق مەسىلىلەردە ئۇزۇن دوكلات بىلەن تەمىنلىگەن. ئۇ 1944-يىلى، 7-نويابىر كۈنى غۇلجا شەھىرىدە تۈركىي ( ئۇيغۇر)، قازاق، تاتار ۋە ئاق ئورۇسلارنىڭ قاتنىشىشى بىلەن قوزغىلاڭ پارتلىغانلىقى، قوزغىلاڭچىلارنىڭ جەڭ قىلىپ، ھەرەمباغ، ئايرودروم ۋە بۇتخانا قاتارلىق جايلارنى قورشاۋغا ئېلىپ ئۇرۇش قىلىۋاتقانلىقى، ئۇلارنىڭ ئەرتەي داۋىنىغىچە بولغان جايلارنى ئىگىلەپ تۇرغانلىقى، قوزغىلاڭچىلارنىڭ ياخشى قوراللانغانلىقىنى بايان قىلغان.
روبېرت ۋارد قوزغىلاڭنىڭ كېلىپ چىقىش سەۋەبى ھەققىدە توختالغاندا، خىتايلارنىڭ بۇ قوزغىلاڭنى رۇسلارنىڭ ئىغۋاسى، يەنى ئۇلار تەرىپىدىن كەلتۈرۈپ چىقىرىلغان دەپ كۆپتۈرۈۋاتقانلىقىنى، ئەمەلىيەتتە بۇنىڭ يەرلىك خەلقنىڭ سانى ئاز بولسىمۇ، بىراق ھاكىمىيەتنى ئىگىلىۋالغان خىتايلارنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى ھەرىكەت ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن. روبېرت ۋارد 15-دېكابىر كۈنى يەنە بىر قېتىم ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرىغا تەپسىلىي مەلۇمات يوللىغان بولۇپ، ئۇ ئۇيغۇر دىيارى ئاھالىسىنىڭ 4 مىليون ئىكەنلىكى، ئاھالىنىڭ 75%ni ئۇيغۇرلار، 5% نى خىتايلار، قالغانلىرىنى باشقا مىللەتلەر تەشكىل قىلىدىغان بولسىمۇ، تۈركىي تىللىق مۇسۇلمان خەلقلەرنىڭ مۇتلەق كۆپ سانلىق ئىكەنلىكىنى شۇنىڭدەك بۇ رايوندا رۇسىيەنىڭ مەنپەئەتلىرىنىڭ ناھايىتى مۇھىملىقىنى، رايون ئاھالىسىنىڭ رۇسىيە تۈركىستانى بىلەن مىللىي جەھەتتىن ئوخشاشلىققا ئىگە ئىكەنلىكىنى كۆرسەتكەن. ئۇ ئۆزىنىڭ بۇ جايدىكى تۈرلۈك ئامىللار كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان 9 خىل نەتىجە ھەققىدىكى يەكۈنىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. ئۇنىڭ قارىشىچە، بۇلارنىڭ بىر قىسمى «بۇ رايوندىكى خەلقلەر ھېچقاچان ئۆز ئاكتىپلىق بىلەن خىتايلاشتۇرۇشنى قوبۇل قىلمايدۇ. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ داۋاملىق ئاجىزلىشىشى ئۇنىڭ شىنجاڭدىكى ۋەيران بولۇش خەتىرىنى تېخىمۇ زورايتىدۇ، جەڭدە داۋاملىق تارمار بولۇش ۋە قالايمىقانچىلىق تۈپەيلىدىن سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ بۇ جايغا كىرىشىدىن ساقلىنىش تېخىمۇ تەس بولىدۇ. خىتاي كېيىن شىنجاڭدىن ئايرىلىپ قېلىشى مۇمكىن» دېگەنلەردىن ئىبارەت.
روبېرت ۋارد، خىتاي ئۆزىنىڭ بۇ جايغا قاراتقان «ھازىرقىدەك ‹يۈرۈش قىلىش سىياسىتى›دىن ۋاز كېچىش ۋە بۇنى شىنجاڭ ئۈچۈن قىسمەن ئاپتونومىيىلىك ھوقۇققا ئالماشتۇرۇش ئارقىلىق، ئېھتىمال، ماجىرانى ھەل قىلالىشى مۇمكىن» دەپ قارايدۇ.
ئامېرىكا تەرەپ قىزىققان يەنە بىر نۇقتا شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ قوراللىق ھەرىكىتىدە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ھەربىي رولى ۋە تەسىر مەسىلىسىدۇر. دوكتور ئابلەت كامالوفنىڭ قارىشىچە، ئامېرىكا دىپلوماتلىرى ئىلىدىكى قوزغىلاڭ ھەرىكەتلىرىنىڭ جەريانى ھەققىدىكى ئۇچۇرلارنى ئاساسەن دېگۈدەك خىتاي ھەربىي-سىياسىي ئەمەلدارلىرىدىن ئالغانلىقى ئۈچۈن خىتاي ھەربىي-سىياسىي ئەربابلىرى دائىم بۇ قوراللىق ھەرىكەتلەرگە پۈتۈنلەي سوۋېت قوشۇنلىرى ۋە سوۋېت قورال-ياراقلىرىنىڭ قاتناشقانلىقىنى ھەم بۇلارنىڭ ھەل قىلغۇچ رول ئوينىغانلىقىنى، يەرلىك خەلقنىڭ ئۇنداق كۈچى يوقلۇقىنى كۆرسىتىشكە تىرىشاتتى. شۇنداق بولۇشىغا قارىماي ئامېرىكا دىپلوماتلىرى بەرىبىر بۇ نۇقتىنى ئەمەلىي نۇقتىدىن چۈشىنىشكە ئەھمىيەت بەردى.
شەرقىي تۈركىستان قوزغىلاڭچىلىرىنىڭ 1945-يىلى، 2-ئايغىچە خىتاي قوشۇنلىرىنى تارمار قىلىپ، پۈتۈن ئىلى ۋىلايىتىنى ئازاد قىلىشى ئامېرىكا دىپلوماتلىرىنىڭ ئالاھىدە دىققىتىنى تارتقان بولۇپ، 1945-يىلى، 2-يانۋار كۈنى ئامېرىكانىڭ چوڭچىڭدىكى ئەلچىسى خەرلېي ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرىغا تېلېگرامما يوللاپ، ئىلىدىكى قوراللىق ھەرىكەت جەريانىنى مەلۇم قىلدى. ئۇ ئۇچۇرلارنى ئۈرۈمچىدىكى سوۋېت كونسۇلى ۋە خىتاي ئارمىيىسى 8-ئۇرۇش رايونى قوماندانى جۇ شاۋلياڭدىن ئالغان بولۇپ، جۇ شاۋلياڭ ئىلىدا جەڭلەر داۋاملىشىۋاتقانلىقى، سۈيدۈڭ، كۈرەلەرنىڭ خىتايلارنىڭ قولىدا ئىكەنلىكى، قوزغىلاڭچىلارنىڭ قورغاستىن سوۋېت يۈك ماشىنىلىرىدا پارتلاتقۇچ دورىلارنى توشۇپ كەلگەنلىكىنى ھەمدە ئۇلارنىڭ «شەرقىي ئاسىيا تۈرك جۇمھۇرىيىتى» تەشۋىقاتىنى داۋاملاشتۇرغانلىقىنى مەلۇم قىلغان.
خىتاي ئەمەلدارلىرى ئامېرىكا دىپلوماتلىرىغا غۇلجىدا قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنى «شەرقىي ئاسىيا تۈرك جۇمھۇرىيىتى» دەپ مەلۇم قىلغانلىقى ئۈچۈن ئۇلارمۇ باشتا شۇ خىل نامنى ئىشلەتكەن ئىدى.
ئەينى ۋاقىتتىكى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى باش كاتىپى ئابدۇرەۋۇپ مەخسۇم ئىبراھىمىنىڭ 2002-يىلى، ھايات ۋاقتىدا سۆزلەپ بېرىشىچە، ئازادلىق تەشكىلاتى غۇلجادا قوزغىلاڭنى ئۆزلىرى باشلىغان ۋە خەلقنىڭ قوزغىلىشى بىلەن غۇلجا شەھىرىنىڭ كۆپ جايلىرىنى ئازاد قىلغان ۋە خىتاي قوشۇنلىرىنى «سىلىڭبۇ» نى تاشلاپ ھەرەمباغقا كىرىۋالغان ئىدى. تەخمىنەن 1 ئاي بولغان سوۋېت ھۆكۈمىتى پالېنوفنى ئەۋەتكەن ۋە سوۋېت گېنېراللىرى كېلىپ ياردەم بېرىشنى باشلىغان. سوۋېتلار باشتا ئۇلارغا ئىشەنمىگەن، ئۇلار غەلىبە قىلغاننى كۆرۈپ ئاندىن ياردەم بېرىشكە باشلىغان.
ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، ھەقىقەتەن ئۆزلىرىگە بۇ ۋاقىتتا سوۋېت ھەربىي مەسلىھەتچىلىرى كېلىپ ياردەملەشتى، بىراق، خەلقنىڭ كۈرەش روھى يۇقىرى ئىدى. خىتايدىن قۇتۇلساقلا بولدى دەپ كۈرەشكە ئاتلانغان ۋە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ياردىمىگە ئېرىشكەن ھەم باشتا ئۇلارنىڭ ۋەدىلىرىگە ئىشەنگەن، لېكىن ئىنقىلابتىكى ئاساسىي ئامىل يەنىلا ئۇيغۇرلار ئۆزلىرى ۋە مىللىي ئارمىيىنىڭ ئۆزى ئىدى.
ئامېرىكا ئەلچىسى خەرلېي 1945-يىلى 15-يانۋار كۈنى ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرىغا يەنە تېلېگرامما يوللىغان بولۇپ، ئۇ جۇ شاۋلياڭنىڭ قوزغىلاڭچىلارنىڭ ئادەم سانىنىڭ 15 مىڭغا يەتكەنلىكى، سۈيدۈڭ ۋە كۈرەنىڭ قولدىن كەتكەنلىكىنى بىلدۈرگەنلىكىنى مەلۇم قىلغان. خۇرلېينىڭ 19-يانۋار كۈنىدىكى دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرلىقىغا يوللىغان يەنە بىر تېلېگراممىسىدا كۆرسىتىلىشىچە جۇ شاۋلياڭ قوزغىلاڭنىڭ پۈتۈنلەي سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئىلھاملاندۇرۇشى ۋە يېتەكچىلىك قىلىشى بىلەن بولۇۋاتقانلىقىنى ئېيتقانلىقىنى تەكىتلىگەن. قىسقىسى، خىتاي دائىرىلىرى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئىلى ئىنقىلابىنى قول تىققانلىقى، ھەتتا ھەربىي جەھەتتىن ئارىلاشقانلىقىنى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىگە شىكايەت قىلىش ئەھۋالى ئىزچىل داۋاملاشتى.