1933-يىلىدىكى شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاساسىي قانۇن لايىھىسى (1)

0:00 / 0:00

1933 - يىلى 12 - نويابىردا قەشقەردە شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى جاكارلىنىش ھارپىسىدا مەخپىي ھالدا تەشكىللەنگەن «ئىستىقلال جەمئىيىتى» نىڭ مىللىي دۆلەت قۇرۇش يولىدىكى تەييارلىق ئىشلىرىغا جىددىي يوسۇندا كىرىشكەنلىكى مەلۇم. جۇمھۇرىيەت ئېلان قىلىنىشى بىلەنلا «ئىستىقلال جەمئىيىتى» شۇ يىلىنىڭ رامىزان ئېيىدا ئۆزىنىڭ ئورگان زھۇرنىلى ھېسابلانغان «ئىستىقلال» مەجمۇئەسى نەشىر قىلىپ تارقاتقان. مەجمۇئەنىڭ تۇنجى سانىدا مەزكۇر جەمئىيەتنىڭ ئىلمىي ھەيئىتى تەرىپىدىن شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىگە بېغىشلاپ تەييارلانغان دۆلەت ئاساسىي قانونىنىڭ لاھىيەسى ئېلان قىلىنغان.

ئاساسىي قانون لاھىيەسى مۇقەددىمىدىن باشقا 30 ماددىدىن تەشكىل تاپقان بولۇپ، دۆلەت تۈزۈلمىسى ھەمدە ھۆكۈمەت تەشكىلىنىڭ تۈپ پرىنسىپلىرى قانونىي ئاساستا شەرھىلەنگەن. بولۇپمۇ شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت خاراكتېرى، مىللىي مەجلىس (پارلامەنت)، رەئىس جۇمھۇر (پرېزىدېنت)، باش ۋەكىل (باش مىنىستېر) ھەمدە ھەرقايسى نازارەتلەر (مىنىستېرلىكلەر) نىڭ ۋەزىپىلىرى ۋە ئۆتەشكە تېگىشلىك مەجىبۇرىيەتلىرى ئېنىق بەلگىلەنگەن. بىز بۇ ھەقتە تېخىمۇ تەپسىلىي مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن ئىستانبۇلدىكى سۇتۇق بۇغراخان ئىلىم ۋە تەتقىقات مەركىزىنىڭ تەتقىقاتچىسى دوكتور ئالىمجان بوغدا بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

ئالىمجان ئەپەندىنىڭ «ئىستىقلال» مەجمۇئەسىدە بېسىلغان شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاساسىي قانون لاھىيەسىنى تەتقىق قىلىشىغا قارىغاندا، بۇ قانون ئىسلام دىنىنىڭ روھى ۋە ئۇيغۇر خەلقىنىڭ تارىختىن بۇيانقى مىللىي دۆلەتچىلىك ئەنئەنىسىگە ماس كېلىپلا قالماستىن بەلكى يەنە ئۆز دەۋردىكى زامانىۋىي شەكىلدە قۇرۇلغان دۆلەتلەرنىڭ قانون تۈزۈلمىلىرىدىنمۇ مۇۋاپىق ئۆرنەك ئالغان ئىكەن.

بولۇپمۇ «ئاساسىي قانون لاھىيەسى» نىڭ باش قىسىمىدىكى ماددىلىرىدا شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنىڭ جۇمھۇرىيەت تۈزۈمىنى ئاساس قىلغان خەلقچىللىق ئاساسىدىكى مىللىي دۆلەت ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن. مىللىي مەجلىس (پارلامېنت) نىڭ دۆلەت قانونى ۋە دۆلەتنىڭ چوڭ ئىشلىرىنى ماقۇللايدىغان ئەڭ ئالىي ئورگان ئىكەنلىكى، رەئىس جۇمھۇرنىڭ دۆلەتنىڭ ئالىي رەھبىرى، ئاتىسى شۇنداقلا مىللىي قۇۋۋەت (ئارمىيە) نىڭ باش قوماندانى بولىدىغانلىقى، باش ۋەكىل (باش مىنىستەر) نىڭ ھۆكۈمەت بېشى ۋە بارلىق مىنىستېرلىكلەرنىڭ مەمۇرىي رەھبىرى ۋەزىپىسىنى ئاتقۇزىدىغانلىقى ئالاھىدە تەكىتلەنگەن.

دوكتور ئالىمجان بوغدا ئەپەندى مەزكۇر «ئاساسىي قانون لاھىيەسى» نى شۇ مەزگىلدىكى تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاساسىي قانونى بىلەن سېلىشتۇرۇپ، ئۇيغۇر ۋەتىنىدە قۇرۇلغان بۇ جۇمھۇرىيەتنىڭ ئۆز دەۋرىدىكى ئاسىيا ۋە ياۋروپادا دۇنياغا كەلگەن مىللىي دۆلەتلەرگە ئوخشاشلا زامانىۋىي شەكىلدىكى بىر قانون ئاساسىغا ئىگە ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.