يوسىف ستالىن ۋە ماۋ زېدوڭنىڭ دوستلۇقىغا پۇتلاشقان «ئۇيغۇر تارىخى» (2)

0:00 / 0:00

كىتابنىڭ تۇنجۇقتۇرۇلۇشىدىكى سەۋەب

ئاتاقلىق سوۋېت ئىتتىپاقى ئارخېئولوگى ۋە تارىخشۇناسى ئا.ن بېرنشتام ئۆزىنىڭ « ئۇيغۇر خەلقىنىڭ قەدىمكى ۋە دەسلەپكى ئوتتۇرا ئەسىرلەر تارىخىنىڭ قىسسىلىرى» ناملىق كىتابىنىڭ مۇقەددىمىسىدە بۇ ئەسىرىنى يېزىشنىڭ تۈپ مۇددىئاسىنى ئىپادە قىلغان. ئاپتورنىڭ كىتابىنىڭ كىرىش سۆزى 1949-يىلى يېزىلغان بولۇپ، ئۇ مەزكۇر ئۇيغۇر تارىخى ئىلمىي ئەسىرىنىڭ سىياسىي ئەھمىيىتى ھەققىدە توختىلىپ، غەرب ئالىملىرى ۋە تۈركىيە تارىخچىلىرىنىڭ تۈرك ۋە ئۇيغۇر تارىخى ھەققىدىكى قاراشلىرى ھەم مېتودولوگىيەسىنى تەنقىد قىلىدۇ . كىتابنىڭ ئوقۇرمەن نىشانىنىڭ بىۋاسىتە ئۇيغۇر دىيارى، بولۇپمۇ، ئەينى ۋاقىتتا مىللىي ئازادلىق ئىنقىلابى داۋاملىشىۋاتقان غۇلجىنىڭ ئوقۇرمەنلىرى ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىدۇ. ئۇيغۇر تىلىدىكى كىرىش سۆز قىسمىنى تەھلىل قىلغاندا، ئاپتور كىتابنى 1949-يىلىدىن ئىلگىرى تاماملىغان بولۇپ، بەلكى ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى سەل كېچىككەن ۋە 1951- يىلى نەشىر قىلىشقا تەييار بولغان.
ئۇنداقتا ئاپتورغا نېمە ئۈچۈن مەزكۇر ئۇيغۇر تارىخى ئوچېرىكىنى يېزىشى كېرەك بولدى؟ دېگەن سوئال تۇغۇلىدۇ. مەلۇمكى، بۇ سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ 1944-1949-يىللىرىدىكى ئۇيغۇر دىيارى سىياسىتى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، سوۋېت ئىتتىپاقى ئۇيغۇر دىيارىدا ، بولۇپمۇ ئىلى ، تارباغاتاي ۋە ئالتايدا ئېلىپ بېرىلغان مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتىنى ھەر جەھەتتىن قوللىغانىدى. سوۋېت ئىتتىپاقى بۇ رايوندىكى ئۇيغۇر قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتىنى ھەربىي-سىياسىي، سودا-ئىقتىسادىي ۋە مەدەنىيەت جەھەتلەردىن قوللىغاندىن تاشقىرى مۇھىم ئەمەلىي ياردەملەرنى كۆرسەتتى. غۇلجىنى مەركەز قىلغان ئۈچ ۋىلايەتتە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ مەدەنىيەت ، مائارىپ شۇنىڭدەك مىللىي ئىدىيە ۋە سىياسىي تەسىرى كۈچلۈك بولدى.
سوۋېت ئىتتىپاقى مەخسۇس تاشكەنت شەھىرىدە « شەرق ھەقىقىتى» ژۇرنىلى ۋە نەشىرىياتى ، ئالماتادا « قازاق ئېلى » ژۇرنىلى ۋە نەشىرىياتى قۇرۇپ، مەخسۇس ئۇيغۇر تىلىدا قەرەللىك ژۇرناللارنى ۋە كىتابلارنى چىقىرىپ، شەرقىي تۈركىستانتانغا كىرگۈزدى. بۇ ژۇرناللاردا دائىم ئۇيغۇر تارىخى، مەدەنىيىتىگە ئائىت ماقالىلارمى بېسىلاتتى. گومىنداڭ ھۆكمرانلىقىدىكى باشقا يەتتە ۋىلايەتتە بولسا سوۋېت ژۇرناللىرى ۋە كىتابلىرى قاتتىق چەكلىنەتتى. بۇلاردىن باشقا يەنە غۇلجىدا نەشىر قىلىنىدىغان ئۇيغۇر تىلىدىكى « ئازاد شەرقىي تۈركىستان» گېزىتى، « كۈرەش»، « ئىتتىپاق » ژۇرنىلى ۋە باشقا مەتبۇئاتلاردا مىللىي سىياسەت، مىللىي ئازادلىق ئىدىيىلىرى مۇھىم تېما بولغاندىن تاشقىرى ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمكى، ئوتتۇرا ئەسىرلەر ۋە يېقىنقى زامان ئېنتىك، سىياسىي، مەدەنىيەت تارىخىغا ئائىت ماقالىلارمۇ داۋاملىق نەشىر قىلىندى.
1946-يىلى، 7-ئايدا سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ۋاسىتىچىلىقىدا شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى بىلەن خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتى ئارىسىدا بىرلەشمە ھۆكۈمەت قۇرۇلۇپ، مەلۇم مەزگىل ئۆتكەندىن كېيىن، يەنى 1947-يىلى 5-ئايدا جاڭ كەيشى مەسئۇد سەبىرى بايقوزىنى بىرلەشمە ھۆكۈمەتنىڭ رەئىسلىكىگە تەيىنلەش بىلەن شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى تەرەپ خىتاينىڭ ئۆزلىرىنىڭ قوشۇلۇشى ۋە رازىلىقىنى ئالماي تۇرۇپلا چىقارغان بۇ قارارىغا نارازىلىق بىلدۈردى. ئۇزۇن ئۆتمەي تۇرپان قوزغىلىڭى پارتلاپ، قانلىق باستۇرۇشقا ئۇچرىدى. ئەخمەتجان قاسىمى باشچىلىقىدىكى شەرقىي تۈركىستان تەرەپ ۋەكىللىرى بىرلەشمە ھۆكۈمەتنى تاشلاپ غۇلجىغا قايتىپ كېتىش بىلەن شەرقىي تۈركىستان ئارمىيەسى بىلەن خىتاي ئارمىيەسى ئارىسىدا ماناس دەرياسى بويىدىكى قارمۇ-قارشىلىق قايتىدىن كۈچەيدى. خىتاي گومىنداڭ ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقىغا قارشى سىياسىي قاتلىمى بولغان مەسئۇد سەبىرى بايقوزى، مۇھەممەد ئىمىن بۇغرا ۋە ئەيسا ئەپەندى باشچىلىقىدىكى تۈركچىلىك ۋە سوۋېتكە قارشى پىكىر ئېقىمىنى قوللىدى.
ئۇنىڭ ئۈستىگە 1947-1949-يىللىرى سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشىنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىدا، سوۋېت ئىتتىپاقى بىلە غەرب دۆلەتلىرى مۇناسىۋەتلىرىنىڭ ئارىسىدىكى جىددىيلىكىگە ئەگىشىپ سوۋېت -خىتاي مۇناسىۋەتلىرىمۇ كۈندىن كۈنگە يىرىكلەشتى، خىتايدا كومپارتىيە بىلەن گومىنداڭ ئارىسىدىكى ئىچكى ئۇرۇش بارغانسېرى كېڭەيگەن بولۇپ، گومىنداڭ پارتىيىسى ۋە خىتاي جۇمھۇرىيىتىنىڭ غەرب بىلەن بولغان ھەمكارلىقى تېخىمۇ كۈچەيدى ۋە ئاشتى. گومىداڭ سىياسىي قاتلىمىدا سوۋېتكە قارشى تەشۋىقاتلار كۈچەيدى.
بېرنشتام ئەسىرىنىڭ كىرىش سۆز قىسمىدا ئەينى ۋاقىتتىكى ئۇيغۇر دىيارى، خىتاينىڭ سىياسىي ۋەزىيىتى ۋە خەلقىارادىكى ئىدىيەۋى توقۇنۇشلارنى ئەسكەرتىش بىلەن بىرگە تۈركىيەدىكى پانتۈركىزملىق تارىخى نۇقتىنەزەرلىرىنى تەنقىد قىلىدۇ ھەم شەرقىي تۈركىستاندىمۇ پانتۈركچىلىك ئىدىيەلىرى ۋە تارىخى كۆز قارىشى مەۋجۇتلۇقىنى تىلغا ئېلىپ،« پانتۈركچىلەرنىڭ شىنجاڭدىكى ساداقەتمەن مۇخلىسلىرى پولات قادىرى قاتارلىقلار شۇلارنىڭ ئىزى بىلەن ماڭماقتا»،دەپ پولات قادىرى قاتارلىقلارنى ئەيىبلەيدۇ. ئەينى ۋاقىتتا م.بۇغرا، پ.قادىرى، م.سەبىرى، ق.قوداي ۋە باشقا تۈركچىلىك تارىخى ۋە سىياسى ئىدېئولوگىيەلىك پىكىر ئېقىمىغا ئىگە كىشىلەر ئۇيغۇرلار، جۈملىدىن ئۇيغۇر دىيارىنىڭ تارىخى مۇساپىلىرى ھەققىدە ئۆز تارىخى ۋارىيانتلىرى ۋە كۆز قاراشلىرىنى ،جۈملىدىن ئورتاق تۈرك ئېتنىك تارىخى ھەم مىللىي كىملىك نەزەرىيەسىنى ئۆزلىرى نەشىر قىلغا گېزىت -ژۇرنال سەھىپىلىرى ئارقىلىق خەلق ئىچىگە تارقىتىۋاتاتتى. 1948-يىلى، پولات قادىرىنىڭ « ئۆلكە تارىخى» ناملىق ئەسىرى ئۇيغۇر تىلىدا ئۈرۈمچىدە نەشىر قىلىندى. مۇھەمەد ئىمىن بۇغرانىڭ 1940-يىلى يېزىلغان « شەرقىي تۈركىستان تارىخى» ناملىق كىتابىنىڭ مەلۇم قىسىملىرىمۇ ئۈرۈمچىدە تارقالدى. بۇ ئەسەرلەر تۈركىيىدە نەشىر قىلىنغان تۈرك تارىخى ئەسەرلىرىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغانىدى. ئەنقەرەدىكى ئۇيغۇر ئىنىستىتۇتىنىڭ دىرېكتورى، دوكتور ئەركىن ئەكرەمنىڭ قارىشىچە، سوۋېت ئىتتىپاقى ئەنە شۇ ئۆز ئىستراتېگىيەلىك مەنپەئەتلىرىنى قوغداش ئۈچۇن شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايدىن پەرقلىق بولغان تارىخىنى يورۇتۇشقا تىرىشتى شۇنىڭدەك ئۇيغۇرلارغا مۇنداق تارىخىي روھنى تەمىن ئېتىش ھەم پانتۈركىزىمغا قارشى تۇرۇش ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنى ۋە شەرقىي تۈركىستاننى ئۆز ئىستراتېگىيەلىك مەقسەتلىرى ئۈچۈن كوزۇر قىلىپ پايدىلاندى. بېرنشتامنىڭ ئۇيغۇر تارىخى ئەنە شۇ مەقسەت بىلەن يېزىلغانىدى.

دوكتور ئابلەت كامالوفنىڭ قارىشىچە، بۇ ۋاقىتتا يەنە بىر تەرەپتىن خىتاي تارىخچىلىرىمۇ ھەتتا جاڭ جىجوڭنىڭ ئۆزىمۇ «شىنجاڭ تارىخى»، ئۇيغۇرلار تارىخى ھەققىدە ماقالىلارنى يېزىپ، « شىنجاڭ قەدىمدىن ، يەنى خەن دەۋرىدىن تارتىپلا جۇڭگونىڭ زېمىنى بولغان»، « ئۇيغۇرلار 9-ئەسىردە بۇ يەرگە كۆچۈپ كەلگەن. خەنزۇلار ئۇيغۇرلارىدن بالدۇرلا بۇ جايدا ياشىغان»دېگەندەك نۇقتىئىنەزەرلەرنى تەرغىپ قىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ ئۆلكىدىكى يەرلىكلىكىنى ۋە مۇستەقىللىق ھوقۇقىنى ئىنكار قىلدى.
مانا شۇنداق خەلقئارا ، خىتاي ۋە ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ۋەزىيىتىگە كۆرە، سوۋېت ئىتتىپاقى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا مىلىي ئىدېئولوگىيە، مىللەتلەرنىڭ ئۆز تەقدىرى ئۆزلىرى بەلگىلەش ھوقۇقى ۋە باشقا ئىدىيەلەرنىڭ كۈچەپ تەرغىپ قىلىنىشىنى قوللىدى.
دېمەك،سوۋېت تارىخشۇناسى ئا.ن. بېرنشتانمىڭ « ئۇيغۇر تارىخى»ئەنە شۇنداق بىر قاتار ۋەزىيەتنىڭ تەقەززاسى بويىچە مەخسۇس سوۋېت شەرق تارىخى پروگراممىسى بويىچە ئۇيغۇر دىيارى ئۈچۈن تەييالانغانغانىدى. ئەسەردە ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ زېمىن ئاھالىسىنىڭ 80%نى تەشكىل قىلىدىغانلىقى، ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمدىن تارتىپ بۇ زېمىندا پەيدا بولۇپ، ھەر خىل دۆلەتلەرنى، جۈملىدىن قانقىل دۆلىتى، ئورخۇن ئۇيغۇر قاغانلىقى، گەنسۇ ئۇيغۇر دۆلىتى، قاراخانىلار سۇلالىسى ۋە باشقىلارنى قۇرۇپ، شانلىق مەدەنىيەتلەرنى يارىتىپ، بۇ زېمىننىڭ ئىگىلىرى بولغانلىقى، تارىختىكى خىتاي خاندانلىقلىرىنىڭ بۇ جايغا تاجاۋۇزچىلىق قىلغانلىقى، ئەمما خىتايلارنىڭ ھېچقاچان بۇ جايدا ئاساسلىق كۈچ ۋە باشقۇرغۇچى بولالمىغانلىقى، بۇ زېمىننىڭ تارىخىنىڭ خىتاي تارىخىنىڭ بىر قىسمى ئەمەسلىكى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئەزەلدىن ئايرىم سىياسىي گەۋدە بولغانلىقى ۋە باشقىلارنى كۆرسەتكەن.
بۇ كىتاب رۇسچە تەييارلىنىپ ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىنغان . بىراق كىتابنىڭ رۇسچە نۇسخىسى ھېچقاچان نەشىر قىلىنمىغان. نېمىشقىدۇ، ھازىرغىچە بولغان ئارىلىقتا بېرنشتامنىڭ پۈتۈن ئەسەرلىرى تىزىملىكىدە مەزكۇر كىتابنىڭ رۇسچە نۇسخىسى تىلغا ئېلىنمايدۇ.
مەزكۇر ئەسەرنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىس 1951-يىلى ئالمۇتا شەھىرىدىكى مەخسۇس ئۇيغۇر ئېلى ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان « قازاق ئېلى» ژۇرنىلى نەشىرىياتى تەرىپىدىن دەسلەپكى پىكىر ئېلىش مەقسىتىدىلا ئاز مىقداردا چىقىرىلىپ، ئالىملارنىڭ قولىغا پىكىر ئېلىش ئۈچۈن تاپشۇرۇلغان بولسىمۇ، ئەمما كۆپەيتىلىپ چىقىرىلىپ، ئۇيغۇر دىيارىغا ئەۋەتىلىشتىن توختىتىلدى ھەم يىغىۋېلىندى. ئابلەت كامالوفنىڭ قارىشىچە، بۇ 1949-يىلى، يازدا سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئۇيغۇر رايونىغا قاراتقان سىياسىتىدە تۈپتىن ئۆزگىرىش يۈز بەرگەنلىكى بىلەن مۇناسىۋەتلىكتۇر. دوكتور ئەركىن ئەكرەمنىڭ قارىشىچە، ھەقىقەتەن، سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى ئېھتىياجى ئۈچۈن سوۋېت ئىتتىپاقى خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنى تېزراق قۇرۇشىنى ۋە ئۇيغۇر دىيارىنى ئىگىلىشىنى قوللاشنى قارار قىلدى. ئارقىدىن 1950-يىلى،14-فېۋرال كۈنى موسكۋادا ستالىن بىلەن ماۋ ئارىسىدا سوۋېت-خىتاي دوستلۇق ۋە ئىتتىپاقداشلىق شەرتنامىسى رەسمىي ئىمزالىنىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ « شېرىن ئاي»دەۋرى باشلاندى. سوۋېت ئىتتىپاقى ئامېرىكا باشلىق غەرب دۆلەتلىرىگە قارشى بىرلىكسەپ ھاسىل قىلىش ئۈچۈن خىتاي كومپارتىيەسىگە ھەربىي-سىياسىي، ئىقتىسادىي جەھەتتىن غايەت زور دەرىجىدە ياردەم كۆرسەتتى. خىتايمۇ پۈتۈنلەي سوۋېت ئىتتىپاقى تەرەپتە تۇرىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. دېمەك، بېرنشتامنىڭ «ئۇيغۇر تارىخى» سوۋېت -خىتاي دوستلۇق مۇناسىۋەتلىرىنىڭ ئېھتىياجى ئۈچۈن ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئۇيغۇرلارغا تارقىتىلىشتىن قالدۇرىۋېتىلدى.