رۇسىيە تارىخچىلىرىنىڭ ھېسابلىشىچە، 1937-ۋە 1938-يىللىرىدىكى «خەلق دۈشمەنلىرىنى تازىلاش» دەپ ئاتالغان بۇ ھەرىكەتتە بىر يېرىم مىليوندىن ئارتۇق ئادەم قولغا ئېلىنىپ، بۇنىڭ 681 مىڭ نەپىرى ئېتىپ تاشلانغان. ئەنە شۇ قېتىملىق تازىلاشتا ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئۇيغۇرلار ھەتتا ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئۇيغۇرلارمۇ بىگۇناھ قۇربانلارغا ئايلىنىپ، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئابدۇللا روزىباقىيېف، خوجا نىياز ھاجى قاتارلىق دۆلەت ئەربابلىرى، مىڭلىغان زىيالىيلىرى ۋە مىللەتپەرۋەرلىرى ئۆلتۈرۈلگەن ھەم تۈرمىلەرگە تاشلانغان ئىدى.
10-ئاينىڭ 30-كۈنى 1937-1938-يىللاردىكى ستالىننىڭ چوڭ تازىلاش ھەرىكىتىدە قۇربان بولغانلارنى خاتىرىلەش كۈنى. بۇ كۈن مۇناسىۋىتى بىلەن 29-ئۆكتەبىر ۋە 30-ئۆكتەبىر كۈنلىرى بىر قاتار ئاممىۋى خاتىرىلەش پائالىيەتلىرى ئۆتكۈزۈلدى.
ئىنتېرفاكىسنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 29-ئۆكتەبىر كۈنى «خاتىرە» ناملىق كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن موسكۋادىكى سابىق سوۋېت ك گ ب بىناسىغا يېقىن مەيداندا «ئىسىم شەرىپىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش» نامىدا خاتىرىلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى. 30-ئۆكتەبىر كۈنى بولسا، موسكۋادىكى بۇتوۋ خاتىرە ئورنىدا شام يېقىپ قۇربانلارنى خاتىرىلەش پائالىيىتى ئۇيۇشتۇرۇلدى. بۇ جايغا 1937-1938-يىلى موسكۋادا ستالىن بىخەتەرلىك تارماقلىرى تەرىپىدىن ئېتىلغان 20 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم كۆمۈلگەن ئىدى.
رۇسىيە ئالىمى ۋىكور زېمېسكوفنىڭ «سوۋېت ئىتتىپاقىدىكى سىياسىي تەقىبلەش» ناملىق كىتابىدا كۆرسىتىلىشىچە، 1937-1938-يىللىرى، سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى تارىخىدىكى ئەڭ دەھشەتلىك قارا يىللار بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. سوۋېت ئىتتىپاقى كومپارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ خەلق دۈشمەنلىرىنى تازىلاش قارارى بويىچە پۈتۈن مەملىكەت مىقياسىدا پارتىيە، ھۆكۈمەت، ھەربىي، ئەدەبىيات-سەنئەت، ئىلىم-پەن ۋە باشقا ھەر تۈرلۈك ساھەلەر بويىچە خەلق دۈشمەنلىرىنى تۇتۇپ جازالاش ئېلىپ بېرىلىپ، پۈتۈن سوۋېت ئىتتىپاقى بويىچە بىر يېرىم مىليوندىن ئارتۇق ئادەم قولغا ئېلىنىپ، بۇلارنىڭ ئىچىدە 681 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم ئېتىلغان، قالغانلىرى ئۇزۇن مەزگىللىك تۈرمە ۋە ئەمگەك لاگېرلىرىدا تۇتۇلغان. پەقەت موسكۋا شەھىرىدە 30 مىڭ ئادەم ئېتىپ تاشلانغان.
1937-1938-يىللىرىدىكى ستالىننىڭ بۇ تازىلاش ھەرىكىتى بۈگۈنكى كۈنلەردە «چوڭ تېررورلۇق» دەپ ئەيىبلەنمەكتە
1937-1938-يىللاردىكى تازىلاش ھەرىكىتىدە ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىدىكى ئۆزبېك، قازاق، قىرغىز، تاجىك، تۈركمەن، ئۇيغۇر ۋە باشقا مىللەتلەرنىڭ زور ساندىكى دۆلەت ئەربابلىرى، ئالىملىرى، يازغۇچى-سەنئەتكارلىرى، زىيالىيلىرى تۇتقۇن قىلىنغان ۋە ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغان بولۇپ، ستالىن ھۆكۈمىتى 1918-1924-يىللىرى ئارىسىدا سوۋېت ئىتتىپاقى ۋە سوۋېت كومپارتىيىسى بىلەن ھەمكارلىشىپ، سوۋېت ھۆكۈمىتىگە خىزمەت قىلغان ئوتتۇرا ئاسىيالىق كوممۇنىست رەھبەرلىرىدىن ئۆزبېكىستان رەھبىرى پەيزۇللا خوجايېف، قىرغىزىستان رەھبىرى يۈسۈپ ئابدۇراخمانوف، قازاق رەھبىرى تۇرار رىسقۇلوف ۋە «ئالاش ئوردا» ھۆكۈمىتىنىڭ سابىق رەھبىرى ئالىمخان بۇكېيخانوف قاتارلىق مىڭلىغان ئەربابلارنى ئېتىپ تاشلىغان.
ئۇيغۇرلارنىڭ رەھبىرى شۇنىڭدەك قازاقىستان دۆلەت رەھبەرلىرى قاتارىدا سانالغان ئابدۇللا روزىباقىيېف، ئىسمائىل تاھىروف، ئېلىيوف قاتارلىقلار ھەمدە بۇرھان قاسىمى، ئۆمەر قاسىموف، ئابدۇلھەي مۇھەممەدى، نۇر ئىسرائىلوف، ھېزىم ئىسكەندەروف قاتارلىق يۈزلىگەن ئالىم، يازغۇچى ۋە زىيالىيلار ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىندى ھەم سىبىرىيە ئەمگەك لاگېرلىرىغا ھەيدەلگەن ئىدى.
ئۇيغۇرلار ئاز سانلىق خەلق بولۇشىغا قارىماي، ستالىننىڭ تازىلىشىنىڭ زەربىسىگە ئەڭ كۆپ ئۇچرىدى. 1937-1938-يىللىرى يەنە ستالىننىڭ قوللىشى بىلەن شېڭ شىسەي ئۇيغۇر ئېلىدىمۇ تازىلاش ئېلىپ بېرىپ، خوجا نىياز ھاجىم، يۇنۇس بەك قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەھبەرلىرى ۋە كۆپلىگەن ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنى ئۆلتۈرگەن ھەم تۈرمىگە تاشلىغان ئىدى.
1937-1938-يىللىرى ئۇيغۇرلار ئۈچۈنمۇ پاجىئەلىك يىللار بولغان ئىدى
رۇسىيە كومپارتىيىسىنىڭ سىياسىي تەقىبلەش ھەرىكىتى ئەمەلىيەتتە لېنىن دەۋرىدىلا باشلانغان بولۇپ، ستالىن دەۋرىدە، يەنى 1927-1929-يىللاردا ۋە 1934-يىلى ئۇدا يۇقىرى پەللىگە چىققان، ئەمما ئەڭ ئېغىرى 1937-1938-يىللىرى يۈز بەرگەن بولۇپ، قولغا ئېلىنغان سىياسىي جىنايەتچىلەر ھەيدەلگەن سىبىرىيىدىكى ئەمگەك لاگېرلىرى «گۇلاگ» دەپ ئاتالغان ئىدى. بۇ ئاتالغۇ مەخسۇس سوۋېت كوممۇنىستلىرىنىڭ جىنايىتى سۈپىتىدە بېكىتىلگەن ئىدى. بۇ يەرلەرگە ھەيدەلگەنلەرنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى ئۆلۈپ تۈگىگەن، ئاز بىر قىسمى 1953-يىلى ستالىن ئۆلۈپ، خرۇشېۋ ھاكىمىيەتنى ئىگىلەپ، مەزكۇر تۇتقۇنلارنى ئاقلىغاندىن كېيىن قايتىپ كەلگەن ئىدى. ئەنە شۇلارنىڭ ئارىسىدا مەلۇم ساندا ئۇيغۇرلارمۇ بار بولۇپ، ئاتاقلىق شائىر ھېزىم ئىسكەندوروف بىلەن نۇر ئىسرائىلوف «گۇلاگ» دىن ساق قايتىپ كەلگەن ئاتاقلىق ئۇيغۇر شائىرلىرى ئىدى.
رۇسىيە مەتبۇئاتلىرىدىكى ئىنكاسلاردا قەيت قىلىنىشىچە، ستالىن قۇربانلىرىنى ياد ئېتىش مۇناسىۋىتى بىلەن بىر قىسىم ئۆكتىچىلەر ھازىر پۇتىننىڭ ئېلىپ بېرىۋاتقان سىياسىتىنى ستالىن دەۋرى بىلەن سېلىشتۇرۇپ، پرېزىدېنت پۇتىننى مۇستەبىتلىك بىلەن ئەيىبلىگەن. رۇسىيە مەتبۇئاتلىرىدا پۇتىن دەۋرىنى ستالىننىڭ مۇستەبىت تۈزۈمى بىلەن سېلىشتۇرۇش شۇنىڭدەك پۇتىننىڭ ستالىنغا چوقۇنۇش خاھىشى بارلىقى ئوتتۇرىغا چىقماقتا.
رۇسىيىلىكلەر ستالىننىڭ مۇستەبىتلىكىنى ئەسلەۋاتقان بۇ كۈنلەردە، خىتاينىڭ ماۋ زېدۇڭ تۇغۇلغان شاۋشەن شەھىرىدىكى ماۋ زېدوڭ مۇزېيى مەخسۇس رۇسىيىنىڭ لېنىن تۇغۇلغان ئۇليانوف شەھىرى بىلەن گرۇزىيىنىڭ ستالىن تۇغۇلغان گۆرى شەھىرىگە ۋەكىل ئەۋەتىپ، بۇ جايلاردىكى لېنىن مۇزېيى ۋە ستالىن مۇزېيى بىلەن ھەمكارلىق كېلىشىمى تۈزگەن. ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي ۋەكىللىرى لېنىن ۋە ستالىن مۇزېيلىرى بىلەن ھەمكارلىشىپ، بىرلىكتە لېنىن، ستالىن ۋە ماۋ زېدۇڭنى ئەسلەش ھەم خاتىرىلەش پائالىيەتلىرى ئۆتكۈزۈش ھەققىدە كېلىشىم ھاسىل قىلغان. ئەمما، لېنىن بىلەن ستالىن بۈگۈنكى كۈنلەردە رۇسىيىلىكلەرنىڭ ئەڭ نەپرىتىگە ئۇچرىغان شەخسلەر قاتارىغا كىرگەن بولۇپ، بىراق، خىتاي يەنىلا ستالىن ۋە لېنىننى قەدىرلىمەكتە.
رۇسىيە ئانالىزچىلىرى ستالىن بىلەن ماۋ ھايات ۋاقىتىدىمۇ ھەمكارلاشقان بولسا، مانا ئەمدى ئۇلار ئۆلۈپ يېرىم ئەسىر ئۆتكەندىن كېيىنمۇ يەنە ھەمكارلاشتى دەپ ئىنكاس قىلىشقان.