ﺋﺎﺭﺧﯩﭗ
2012-12-23
ئىسساقبېك مۇنۇنوف ھەققىدىكى ئۇچۇرلار يەنىلا مەخپىيەتلىكتىن قالدۇرۇلمىدى. نۆۋەتتە، قىرغىزىستاندا 1944 - 1949 - يىللىرىدىكى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھەربىي رەھبىرى، مىللىي ئارمىيە باش قوماندانى ئىسساقبېك مۇنۇنوفنى خاتىرىلەش ۋە ئۇنىڭ ھەققىدە ئىزدىنىشلەر يېڭى بىر پەللىگە چىقماقتا.
2012-12-23
داڭلىق رۇس تۈركولوگ، تارىخچى ۋە شائىر لېۋ گۇمۇلىيېۋنىڭ دۇنياغا كەلگەنلىكىنىڭ 100 - يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن تۈركىيىنىڭ پايتەختى ئەنقەرەدە «گۇمۇلىيېۋ ۋە ئۇنىڭ تۈركولوگىيە ساھەسىدىكى مىراسى» ماۋزۇلۇق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى چاقىرىلدى.
2012-12-09
«تارىخ ۋە بۈگۈن» سەھىپىمىزنىڭ 9 - دېكابىر كۈنىدىكى قىسمىدا دىققىتىڭلاردا تۆۋەندىكى پروگراممىلار بولىدۇ.
2012-12-02
«تارىخ ۋە بۈگۈن» سەھىپىمىزنىڭ 2 - دېكابىردىكى قىسمىدا سىلەر ئادۋوكات نۇرى تۈركەلنىڭ دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسانىڭ ئامېرىكىغا كېلىش جەريانىنى چۆرىدىگەن ھالدا ئۇيغۇر مەسىلىسى ھەققىدە ئوتتۇرىغا قويغان قاراشلىرى، قۇمۇلدىن تېپىلغان قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىدىكى ۋەسىقىنىڭ تېپىلىش جەريانى ھەم مەزمۇنلىرى ھەققىدە تەييارلانغان مەلۇمات شۇنىڭدەك ئەنگلىيىدىكى ئۇيغۇر يازغۇچىسى ئەزىز ئەيسانىڭ «دوناي دەرياسىدىن ئورخۇن بويلىرىغىچە» ماۋزۇلۇق كىتابىنىڭ مەزمۇنلىرىنى ئاڭلايسىلەر.
2012-12-02
قۇمۇل شەھىرىنىڭ شىمالىدىكى تەڭرىتاغ يېزىسىغا قاراشلىق نېرناسۇ كەنتىنىڭ توڭگۇز جىلغىسىدىن يېقىندا تېپىلغان قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىدىكى قوليازما پارچىسى (مەنبە: «چوغلان مۇنبىرى»)
2012-11-25
« تارىخ ۋە بۈگۈن» سەھىپىمىزنىڭ 25- نويابىر كۈنىدىكى قىسمىدا دىققىتىڭلاردا تۆۋەندىكى پروگراممىلار بولىدۇ.
2012-11-18
1944 - يىلى، 12 - نويابىردا غۇلجىدا شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن، مەزكۇر جۇمھۇرىيەت كۈنسايىن كۈچىيىپ، بارغانسېرى تاكامۇللىشىپ، دۆلەت بايرىقى، دۆلەت بەلگىسى، مۇنتىزىم ئارمىيىسى، ھەر دەرىجىلىك دۆلەت ئاپپاراتى، ئىقتىسادىي، پۇل - مۇئامىلە ۋە باج شۇنىڭدەك مەدەنىي - مائارىپ قاتارلىق ھەر ساھەلەر بويىچە سىستېمىلىق دۆلەتچىلىك تۈزۈلمىسىگە ئىگە بولدى.
2012-11-11
« تارىخ بۈگۈن » سەھىپىمىزنىڭ بۇ يەكشەنبىلىك قىسىمى مەخسۇس 1933-يىلى، ۋە 1944-يىلى ئىككى قېتىم قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيەتلىرىنىڭ خاتىرە كۈنلىرىگە بېغىشلاندى.
2012-11-04
«تارىخ ۋە بۈگۈن» سەھىپىمىزنىڭ 4-نويابىردىكى قىسمىدا دىققىتىڭلار ئۇيغۇر ھازىرقى زامان تارىخىدا تۇنجى قېتىم «ئۇيغۇر» ئېتنىك نامى ئاستىدا قۇرۇلغان ئاممىۋى-سىياسىي جەمئىيەتنىڭ پائالىيەتلىرى تونۇشتۇرۇلىدۇ.
2012-10-30
1937-1938-يىللىرى ستالىن رەھبەرلىكىدىكى سوۋېت كوممۇنىست دىكتاتور تۈزۈمىنىڭ سىياسىي تازىلاش ھەرىكىتى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى خەلقلىرى، جۈملىدىن ھازىرقى مۇستەقىل جۇمھۇرىيەت خەلقلىرىگە ئۇنتۇلماس ئازابلىق تارىخىي ئەسلىمىلەرنى قالدۇرغان ئىدى.
2012-10-28
«تارىخ ۋە بۈگۈن» سەھىپىمىزدە تۆۋەندىكى پروگراممىلار بېرىلىدۇ. سوۋېت رۇسىيىسىنىڭ 1919-1921-يىللىرى ئارىسىدا قەشقەرىيە ۋە جۇڭغارىيە جۇمھۇرىيىتى قۇرۇشنى پىلان قىلىپ، كېيىن بۇ پىلاننى ئەمەلدىن تولدۇرۇۋەتكەنلىكىگە ئائىت مەلۇماتلار. ئاتاقلىق يازغۇچى ۋە تارىخچى ۋە مىللىي ئارمىيە كاپىتانى مەسۇمجان زۇلپىقاروفنىڭ ئىجادىي ھاياتى ھەم كىملىكى توغرىسىدا تەييارلانغان ئىنكاسلار (ئاۋازدا) 1934-1937-يىللىرى ئارىسىدا ما خۇشەننىڭ خوتەندە توپلىغان ئالتۇنلىرىنىڭ تەقدىرىگە ئائىت تارىخى مەلۇماتلار ھەمدە مەرھۇم يازغۇچى زىيا سەمەدىنىڭ «ئىستەك ۋە تىلەك» ناملىق ئەسلىمىسىنىڭ ئۇيغۇر كونا يېزىقىدىكى نەشرى ھەققىدىكى ئۇچۇرلار ۋە باشقىلار. 1917-يىلى، ئۆكتەبىر ئىنقىلابىدىن كىيىن لېنىن رۇسىيىسى قەشقەرىيە ۋە جۇڭغارىيە جۇمھۇرىيىتى»نى قۇرۇپ، مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتىنى ئۇيغۇر ئېلىگە قەدەر كېڭەيتىشنى پىلان قىلغان بولسىمۇ، بىراق 1921-يىلى، گراژدانلار ئۇرۇشىدا غەلىبە قىلغاندىن كېيىن، سوۋېت رۇسىيىسىنىڭ ئىچكى-تاشقى ۋەزىيىتىنىڭ ئۆزگىرىشى ھەمدە دىپلوماتىيىلىك مەقسەتلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئۇيغۇر ئېلىدە ئىككى جۇمھۇرىيەت قۇرۇش پىلانىدىن ۋاز كەچكەن ھەمدە ئۇيغۇرلارنىڭ ئازادلىقىنى قوللىماسلىقنى قارار قىلغان ئىدى. قەشقەرىيە ۋە جۇڭغارىيە سوۋېت جۇمھۇرىيىتى قۇرۇش لايىھىسىنى رۇدزۇتاك ئوتتۇرىغا قويغان بولسىمۇ، بىراق لېنىن قاتارلىقلار تەرىپىدىن رەت قىلىنغان ئىدى. موسكۋانىڭ بۇ پىلانى ھەققىدە يالقۇن پروگرامما تەييارلىدى.
2012-10-21
«تارىخ ۋە بۈگۈن» سەھىپىسىنىڭ 21-ئۆكتەبىر كۈنىدىكى قىسمىدا دىققىتىڭلارغا 20-ئەسىرنىڭ دەسلىپىدە ئوتتۇرا ئاسىيادا قۇرۇلغان ئۇيغۇر قىزىل ئارمىيە قوشۇنلىرىنىڭ پائالىيەتلىرى ۋە ئۇيغۇر ئېلىدىكى جەددىچىلىك ھەرىكىتى ھەققىدىكى مەلۇماتلار ھەمدە 1970-يىللاردىكى خىتاي-ئامېرىكا مۇناسىۋەتلىرىگە ئائىت ئانالىز ۋە باشقا مەزمۇنلار تونۇشتۇرۇلىدۇ.
2012-10-14
«تارىخ ۋە بۈگۈن» (2012-يىلى 14-ئۆكتەبىر)
2012-10-07
«تارىخ ۋە بۈگۈن» سەھىپىمىزنىڭ بۇ يەكشەنبىلىك قىسمىدا ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 30 - 40 - 50 - يىللىرىدىكى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ سىياسىي ھاياتىغا ئائىت تارىخىي مەلۇماتلاردىن تۈركىيە تارىخچىسى دوكتور ئۆمەرقۇلنىڭ تۈركىيە ئارخىپلىرى ئاساسىدا ئېلىپ بارغان تەتقىقاتلىرى، تۇڭگان 36 - دىۋىزىيىسىنىڭ خوتەنگە ھۆكۈمرانلىق قىلىشىنىڭ ئالدى - كەينىدىكى ۋەقەلەر شۇنىڭدەك 1962 - يىلىدىكى كۆچ - كۆچنىڭ ئەھۋالى ۋە باشقا مەلۇماتلارنى دىققىتىڭلارغا تەقدىم قىلىمىز.
2012-09-30
«تارىخ ۋە بۈگۈن» سەھىپىمىزنىڭ بۇ يەكشەنبىلىك قىسىمىدا دىققىتىڭلار 1930 - يىللاردا سوۋېت ئىتتىپاقى تەرىپىدىن ئۇيغۇر ئېلىغا ئەۋەتىلگەن ئابدۇقادىر ھاجىنىڭ قىلمىشلىرى ھەم تەقدىرى، تۈركىيىدىكى قەدىمىي ئۇيغۇر يېزىلىرىدىن بىرى«ئەركىلەت» ھەققىدىكى مەلۇماتلار شۇنىڭدەك كۇچاردىكى "ۋاڭ"لارنىڭ تەقدىرى قاتارلىق مەزمۇنلاردا بولىدۇ.