سۇلتان جامال: مەقسىتىم خەلقىمنىڭ سىياسىي ۋە مىللىي تارىخىي مۇساپىلىرىنىڭ ھۆججەتلىك بەدىئىي تەسۋىرىنى يارىتىش (1)

مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2018.05.10
ئۆزبېكىستان ئۇيغۇر يازغۇچىسى سۇلتان جامال ئەپەندى.
RFA/Ümidwar

بۈگۈنكى دەۋر ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا مۇھىم ئورۇننى ئىگىلىگەن، پۈتۈن ئىجادىي ھاياتىنى ئاساسەن دېگۈدەك ئۇيغۇر تارىخى پروزا ئىجادىيىتىگە بېغىشلىغان يازغۇچى سۇلتان جامال ئۈچۈن ئۇيغۇر خەلقىنىڭ بۈگۈنكى دەۋرلەردىكى سىياسىي، ئىجتىمائىي-ئىقتىسادىي ۋە مەدەنىيەت ھاياتىنى تەسۋىرلەشتىن كۆرە ئۇيغۇر خەلقىنىڭ شانلىق، گۈزەل ۋە سەلتەنەتلىك دەۋرلىرى بىلەن ئۆز ئازادلىقى، ئەركىنلىكى ئۈچۈن ئېلىپ بارغان كۈرەشلىرى ھەم سىياسىي تراگېدىيەلىرىنى يورۇتۇش ئەڭ كۆڭۈللۈك ئىجادىيەت يولىدۇر.

ھازىر ئۆزبېكىستان پايتەختى تاشكەنتتە ياشاۋاتقان ئۆزبېكىستان ئۇيغۇر يازغۇچىسى سۇلتان جامال ئەپەندى ئۆز ئىجادىي ھايات مۇساپىسى ھەققىدە توختالغاندا، ئۇ ئۆزىنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيەت پائالىيەتلىرىنى دەۋر روھىغا ئىگە شېئىر، زىيارەت خاتىرىسى ۋە ھېكايە-پوۋېستلار بىلەن باشلىغان بولسىمۇ، لېكىن ئاخىرقى ھېسابتا ئۇيغۇر تارىخى رومانچىلىقىنى ئۆزىگە مەڭگۈلۈك يول قىلىپ تاللىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ بۇ جەرياندا ئۇيغۇر خەلقىنىڭ كۆپ ئەسىرلىك شانلىق مۇساپىلىرى، 19-20-ئەسىرلەردىكى سىياسىي پاجىئەلىرىنى نوقۇل بەدىئىي توقۇلمىلار بىلەن ئەمەس، بەلكى تارىخىي مەنبەلەر، تارىخىي ھۆججەتلەر، ئارخىپ ماتېرىياللىرى ئاساسىدا يورۇتۇپ، ئوقۇرمەنلەرنى، بولۇپمۇ يېڭى ئەۋلادلارنى ئۆز مىللىي تارىخى روھى بىلەن تەربىيەلەش قارارىغا كەلگەنلىكى ھەم بۇ ساھەدە بىر يۈرۈش ئەسەرلەرنى يورۇققا چىقارغانلىقىنى بايان قىلدى.

سۇلتان جامال، «سىرلىق غار» (1993-يىلى)، «دوزاختا تىرىك كۆيگەنلەر» (2011-يىلى) «تەڭشەلمىگەن ئالەم» (2014)، «بىز قايسى ئۇيغۇرلار؟» (2017-يىلى)، نەشر قىلىنىش ئالدىدىكى «قۇرباننىڭ بولاي»، «قولدىن كەتكەن ئامەت»، «قىساسكار دۇنيا» قاتارلىق بىر يۈرۈش تارىخىي رومانلارنىڭ ئاپتورىدۇر.

سۇلتان جامال ئەپەندى ئۆزىنىڭ 2011-يىلى، قازاقىستاندىكى «مىرئەلى نەشرىياتى» تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان «دوزاختا تىرىك كۆيگەنلەر» ناملىق رومانىنى ستالىن ھۆكۈمىتىنىڭ 1937-1938-يىللىرىدىكى چوڭ تازىلاش ھەرىكىتىدە نابۇت قىلىنغان ئۇيغۇر زىيالىيلىرى، ئەدىب-شائىرلىرىنىڭ تراگېدىيەلىرىگە بېغىشلىغان بولۇپ، بۇ يىللار سوۋېت ئىتتىپاقىدىلا ئەمەس، بەلكى پۈتۈن دۇنيا بويىچە كوممۇنىزم ۋە مۇستەبىت تۈزۈم ئىنسانىيەتكە ئېغىر بالاسى ئاپەت كەلتۈرگەن دەۋرى دەپ قارىلىنىپ، «چوڭ قىزىل تېررورلۇق» دەپ ئاتالغان ئىدى. ئەنە شۇ تازىلاشتا ئالمۇتا ۋە تاشكەنتنى مەركەز قىلغان داڭلىق ئۇيغۇر سىياسىي، مەدەنىيەت ئەربابلىرى، ئۇيغۇر زىيالىيلىرى، شائىر ۋە يازغۇچىلىرى تۇتقۇن قىلىنىپ، ئۆلتۈرۈلگەن ۋە ئەمگەك لاگېرلىرىغا ھەيدەلگەن ئىدى. ئاپتور مانا شۇ ۋەقەلەرنى رەسمىي ھۆكۈمەت ئارخىپلىرى ۋە سوۋېت ك گ ب ھۆججەتلىرى ئاساسىدا تەكشۈرۈپ يورۇتقان.

قازاقىستاندىكى تونۇلغان ئۇيغۇر ئەدەبىياتشۇناسى، رۇسىيە تەبىئىي پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ ئەزاسى پروفېسسور ئالىمجان تىلىۋالدى ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، سۇلتان جامال ئەپەندىنىڭ تارىخى رومانچىلىق ئىجادىيىتىگە يۇقىرى باھا بېرىش كېرەك. ئۇنى تارىخى ئورمانچىلىقتا كۆرۈنەرلىك نەتىجە قازانغان ئۇيغۇر يازغۇچىسى دېيىشكە بولىدۇ. بولۇپمۇ، ئۇنىڭ «دوزاختا تىرىك كۆيگەنلەر» ناملىق تارىخىي رومانى تارىخىي چىنلىق، بەدىئىيلىك جەھەتلەردىن ناھايىتى مۇۋەپپەقىيەتلىك چىققان ئەسەردۇر.

سۇلتان جامال ئەپەندى ئىجادىيىتىنى پەقەت 19-20-ئەسىر دەۋرىگىلا ئەمەس، بەلكى ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمكى دەۋرلىرىگە، يەنى 840-يىلى ئورخۇن ئۇيغۇر قالغانلىقى يىمىرىلگەندىن كېيىن شەرقتىن كەلگەن ئۇيغۇر قەبىلىلىرى بىلەن ئەسلى ئۇيغۇر دىيارىدا بار ئۇيغۇرلارنىڭ قوشۇلۇشى، ئومۇمەن ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ زېمىندىكى ئېتنىك تەرەققىيات تارىخىنى بەدىئىي ئۇسۇل بىلەن تەسۋىرلەشكىمۇ قاراتقان.


ئۇنىڭ ئىجادىيىتىنىڭ ئەڭ يېڭى مېۋىلىرىدىن بىرى 1865-1878-يىللىرى ئارىسىدىكى ياقۇپ بەگ رەھبەرلىكىدىكى يەتتە شەھەر دۆلىتىنىڭ دۆلەت تۈزۈلمىسى، ئۇنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى ئىمپېرىيەلەر ئارىسىدىكى مەۋجۇتلۇقى، رۇسىيە ئىمپېرىيەسىنىڭ سىياسىتى ۋە باشقا قىسمەتلىرىگە بېغىشلىغان «قولدىن كەتكەن ئامەت» رومانىدۇر. بۇ ئەسەر نەشرگە تەييارلىنىپ بولۇنغان. ئاپتور بۇ ئەسەرنى يېزىش رۇسىيە دۆلەت ئارخىپ ھۆججەتلىرىنى توپلىغان ۋە زور ساندىكى ھەر خىل تىللاردىكى تەتقىقات ئەسەرلىرىنى ئوقۇپ چىققان.
سۇلتان جامال 1950-1960-يىللاردا يۈز بەرگەن ئۇيغۇر دىيارىدىن كەڭ كۆلەمدە سوۋېت ئىتتىپاقىغا كۆچۈش ھەرىكىتىدە ئاتا-ئانىسى بىلەن غۇلجىدىن سوۋېت قازاقىستان جۇمھۇرىيىتىگە كۆچۈپ چىقىپ، ئاخىرى ئوقۇش ۋە خىزمەت سەۋەبىدىن ئۆزبېكىستاننى ماكان قىلغان ئۇيغۇرلارنىڭ بىرىدۇر.

1945-يىلى غۇلجىدا تۇغۇلۇپ، باشلانغۇچ مائارىپ تەربىيەسىنىڭ دەسلەپكى قىسمىنى غۇلجىدا ئېلىپ، ئۆز ئانا تىلىغا پۇختا ئاساس سالغان سۇلتان ئەپەندى سوۋېت ئىتتىپاقىدا، جۈملىدىن ئۆزبېكىستاندا 50 يىلدىن بۇيان ئۆز ئانا تىلىدا ئىزچىل ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللىنىپ كېلىۋاتقان ئۇيغۇر يازغۇچىسىدۇر.

(داۋامى بار)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.