ئۇيغۇر تارىخىي رومانچىلىقىنىڭ ۋەكىللىرىدىن سۇلتان جامال ۋە ئۇنىڭ تارىخىي رومانلىرىدىكى چىنلىق

مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2021.12.16
ئۆزبېكىستانلىق ئۇيغۇر يازغۇچى سۇلتان جامال
RFA/Ümidwar

15-دېكابىر كۈنى بۈگۈنكى ئۇيغۇر تارىخى رومانچىلىقىنىڭ ئاۋانگارتلىرىدىن بىرى سۇلتان جامال توختەموف ئەپەندى 76 يېشىدا تاشكەنت شەھىرىدە ۋاپات بولدى. ئۇ، ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمىي، 19-ئەسىرلەر شۇنىڭدەك 20-ئەسىردىكى تارىخىي سەلتەنەتلىرى ۋە پاجىئەلىرىنى تارىخىي رومان شەكلىدە ئىپادىلەش بىلەن ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا ئورنىنى تىكلىگەن يازغۇچى ئىدى.

قازاقىستاندىكى تونۇلغان ئۇيغۇر ئەدەبىياتشۇناسى، رۇسىيە تەبىئىي پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ ئەزاسى پروفېسسور ئالىمجان تىلىۋالدى ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، سۇلتان جامال ئۇيغۇر تارىخىنىڭ مۇرەككەپ مۇساپىلىرىنى مول ئىلمىي تەتقىقات ئەسەرلىرى ۋە تارىخىي مەنبەلەرگە تايىنىپ، ئۆزىنىڭ بەدىئىي ماھارىتىنى جارى قىلدۇرۇپ جانلىق، ئەمەلىي، ئوبيېكتىپ تەسۋىرلەپ بەرگەن يازغۇچى ئىدى.

ئالىمجان تىلىۋالدى ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، سۇلتان جامال ئىجادىيىتىنى ئىككى دەۋرگە، يەنى سوۋېت ئىتتىپاقى دەۋرى ۋە سوۋېت ئىتتىپاقى پارچىلىنىپ، مۇستەقىل جۇمھۇرىيەتلەر مەيدانغا كەلگەندىن ھازىرغىچە بولغان دەۋرلەرگە بۆلۈشكە بولىدۇ.

سۇلتان جامال سوۋېت دەۋرىدە ئۆز پوۋېست-رومانلىرىنى ھازىرقى زامان تۇرمۇشىنى تەسۋىرلەشكە ئاتىغان بولسا، 1993-يىلىدىن كېيىن پۈتۈنلەي دېگۈدەك تارىخىي رومانچىلىققا كىرىپ «سىرلىق غار»، «دوزاختا تىرىك كۆيگەنلەر»، «تەڭشەلمىگەن ئالەم»، «بىز قايسى ئۇيغۇرلار؟»، «قولدىن كەتكەن ئامەت»، «قىساسكار دۇنيا»، «قۇرباننىڭ بولاي، خەلقىم»، «جەھەننەمدىن جەھەننەمگە» ۋە باشقا رومانلارنى نەشر قىلدۇردى. ئۇنىڭ ئىجادىيىتىدىكى «قولدىن كەتكەن ئامەت» ۋە «جەھەننەمدىن جەھەننەمگە» رومانلىرى 19-ئەسىردىكى ياقۇپبەگ رەھبەرلىكىدىكى يەتتە شەھەر ئۇيغۇر دۆلىتى، ئىلى سۇلتانلىقى ۋە بۇلارنىڭ ئىمپېرىيەلەر ئارىسىدىكى قىسمەتلىرىگە بېغىشلانغان.

گەرچە، ئۇيغۇر ئېلىدە ياقۇپبەگ ھاكىمىيىتى ھەققىدە «بەدۆلەت» ناملىق تارىخىي رومانلار يېزىلىپ ئېلان قىلىنغان بولسىمۇ، ئەمما سۇلتان جامالنىڭ پەرقلىق تەرىپى ئۇنىڭ رۇسىيە ئارخىپ ھۆججەتلىرىنى تەكشۈرۈپ، تارىخىي ئارخىپ ھۆججەتلىرى ۋە بۇ ھەقتە يېزىلغان رۇسچە، ئۇيغۇرچە ھەم باشقا تىللاردىكى تەتقىقات ئەسەرلىرى، تەزكىرىلەر ئاساسىدا مەزكۇر دۆلەتنىڭ يوقىتىلىشىغا ئائىت جەريانلارنى تارىخىي چىن پاكىتلار ئارىلىق بايان قىلىشىدۇر.

سۇلتان جامالنىڭ 2011-يىلى ئالمۇتادا ئېلان قىلىنغان «دوزاختا تىرىك كۆيگەنلەر» ناملىق رومانىنى ئۇنىڭ يەنە بىر ئىجادىي مۇۋەپپەقىيىتى دېيىشكە بولىدۇ. ئاپتور بۇ روماننى 1937-1938-يىللىرىدىكى ستالىن ھۆكۈمىتىنىڭ چوڭ تازىلاش ھەرىكىتىدە نابۇت قىلىنغان ئابدۇللا روزىباقىيېف، ئابدۇلھەي مۇھەممەدى، نۇر ئىسرائىلوف، تۇردى ھەسەن ۋە باشقا ئۇيغۇر سىياسىي ئەربابلىرى، زىيالىيلىرى، ئەدىب-شائىرلىرىنىڭ تراگېدىيەلىرىگە بېغىشلىغان.

1937-1938-يىللار سوۋېت ئىتتىپاقىدىلا ئەمەس، بەلكى پۈتۈن دۇنيا بويىچە كوممۇنىزم ۋە مۇستەبىت تۈزۈم ئىنسانىيەتكە ئېغىر بالاسى ئاپەت كەلتۈرگەن دەۋر دەپ قارالغان ھەم بۇ ۋەقە «چوڭ قىزىل تېررورلۇق» دەپ باھالانغانىدى. پروفېسسور ئالىمجان تىلىۋالدى ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، ئاپتورنىڭ «دوزاختا تىرىك كۆيگەنلەر» ناملىق تارىخىي رومانى تارىخىي چىنلىق، بەدىئىيلىك جەھەتلەردىن ناھايىتى مۇۋەپپەقىيەتلىك چىققان ئەسەردۇر. چۈنكى ئۇ بۇ تراگېدىيەلەرنى سوۋېت ئارخىپ ھۆججەتلىرى بويىچە بەدىئىي ۋاسىتە بىلەن يورۇتقانىدى، ئۇ، ك گ ب ۋە ئۆزبېكىستاننىڭ دۆلەت ئارخىپلىرىدىكى نۇرغۇن ھۆججەتلەرنى تەكشۈرۈپ ئەسەرگە خام ماتېرىيال قىلغانىدى. شۇڭا بۇ روماننى ھەتتا نوقۇللا بەدىئىي ئەسەر دەپ ئاتىماستىن بەلكى تارىخىي ھۆججەتلىك ئەسەر دەپ ئاتاشقا بولىدىكەن.

قازاقىستاندىكى تونۇلغان يازغۇچى ۋە ژۇرنالىست ئاۋۇت مەسىموفنىڭ قارىشىچە، سۇلتان جامال ئەپەندى 1980-يىللاردا «قەلب نىداسى»، «ھايات دولقۇنلىرى» ناملىق رومانلىرى بىلەن ئوقۇرمەنلەر قەلبىدىن ئورۇن ئېلىشقا باشلىدى. ئۇنىڭ تارىخى رومانچىلىق ئىجادىيىتىگە يۇقىرى باھا بېرىش كېرەك. ئۇنى تارىخىي ئورمانچىلىقتا كۆرۈنەرلىك نەتىجە قازانغان ۋە بۇ ساھەدىكى مول ھوسۇللۇق ئۇيغۇر يازغۇچى بولۇپ، ئۇ زىيا سەمىدى، خىزمەت ئابدۇللىن، جامالىدىن بوساقوف، تۇرغان توختەموف ۋە باشقىلار بىلەن بىر قاتاردا سانىلىدۇ.

سۇلتان جامال ئەپەندى ئىجادىيىتىنى پەقەت 19-20-ئەسىر دەۋرىگىلا ئەمەس، بەلكى ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمكى دەۋرلىرىگىمۇ بېغىشلىغان. ئاپتور ئۇيغۇر تارىخىدىكى زور سىياسىي داۋالغۇش، كۆچۈش ۋە قوشۇلۇش يۈز بەرگەن 840-يىلىدىكى ئورخۇن ئۇيغۇر قاغانلىقىنىڭ يىمىرىلىشىدىن كېيىنكى شەرقتىن كەلگەن ئۇيغۇر قەبىلىلىرى بىلەن ئەسلى ئۇيغۇر دىيارىدا بار ئۇيغۇرلارنىڭ قوشۇلۇشى، ئومۇمەن ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ زېمىندىكى ئېتنىك تەرەققىيات تارىخىنى بەدىئىي ئۇسۇل بىلەن تەسۋىرلەشكىمۇ قاراتقان. «بىز قايسى ئۇيغۇرلار؟» ئەنە شۇ تارىخىي كۆرۈنۈشلەرنى يورۇتىدۇ.

سۇلتان جامال ئەپەندىنىڭ 2018-يىلى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا سۆزلەپ بېرىشىچە، ئۇ 1945-يىلى غۇلجىدا تۇغۇلۇپ، باشلانغۇچ مائارىپ تەربىيەسىنىڭ دەسلەپكى قىسمىنى غۇلجىدا ئېلىپ، ئۆز ئانا تىلىغا پۇختا ئاساس سالغانىدى.

سۇلتان جامال 1950-1960-يىللاردا يۈز بەرگەن ئۇيغۇر دىيارىدىن كەڭ كۆلەمدە سوۋېت ئىتتىپاقىغا كۆچۈش ھەرىكىتىدە، 1956-يىلى ئاتا-ئانىسى بىلەن غۇلجىدىن سوۋېت قازاقىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ ياركەنت شەھىرىگە كۆچۈپ چىقىپ، ئاخىرى ئوقۇش ۋە خىزمەت سەۋەبىدىن ئۆزبېكىستاننى ماكان قىلغان. ئۇ كەسپىي جەھەتتە پىشقان ژۇرنالىست بولۇپ، 1972-2005-يىللىرى ئۆزبېكىستان خەلقئارا رادىئو ئاڭلىتىش باشقارمىسىنىڭ ئۇيغۇرچە ئاڭلىتىش بۆلۈمى، يەنى تاشكەنت رادىيوسىدا مۇخبىر، باش مۇھەررىرلىك ۋەزىپىلىرىنى ئاتقۇرغان.

ئەلۋەتتە، تارىخىي رومانچىلىق ۋە تارىخىي رومانلار ئۇيغۇر ئېلىدىمۇ قىزىق ۋە سۆيۈلگەن ساھە ئىدى. ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر، زوردۇن سابىرنىڭ تارىخىي رومانلىرى ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن ئەڭ قارشى ئېلىنغانىدى.

سۇلتان جامال ئەپەندى جامائەت ئەربابى ۋە پائالىيەتچىسى سۈپىتىدىمۇ تونۇلۇپ بىر مەزگىل ئۆزبېكىستان ئۇيغۇر مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ رەئىسى بولۇپ ئىشلىگەنىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.