ياپونىيىلىك سۇزۇكى سۇمىكو ئامىنە ۋە ئۇنىڭ «يېقىلغان خانىش» ناملىق ئەسىرى (1)
2014.01.26

ياپونىيىلىك مۇسۇلمان ئايال سۇزۇكى سۇمىكو ئامىنە يازغان ماينىچى شىمبۇن گېزىتى نەشىرىياتىدىن 1959-يىلى تۇنجى نەشىرى ۋە 1961-يىلى نىھون شۇبوشا نەشىرىياتى تەرپىدىن قايتا نەشىر قىلىنغان «يېقىلغان خانىش» يەنە بىر ئاتىلىشى «پەرەنجىلىك ئايال» ناملىق تارىخي ئەسلىمە خىتاي ۋە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى سىياسىي ۋەزىيىتى تولۇق ئەكس ئەتتۈرۈلگەن تارىخىي ئەسلىمە كىتاب بولۇپ، ئەسەر جەمئىي 235 بەت ۋە 13 بابتىن تەركىپ تاپقان.
كىتابنىڭ ئەسلى ئىسمى «يېقىلغان خانىش» بولسىمۇ ئەمما ياپونىيىدىكى قەدىمىي كىتابلار تىزىملىكىدە نېمە ئۈچۈندۇر «چادورىنو ئوننا» يەنى «پەرەنجىىلىك ئايال» دېگەن كىتابنىڭ قوشۇمچە نامى بىلەن تىزىملانغان. بەلكىم بۇ نەشرىيات سودىگەرلىرىنىڭ ئوقۇرمەنلەرنى جەلىپ قىلىش ۋە كۆپلەپ كىتاب سېتىشنى مەقسەت قىلغان ھالدا بۇ ئىسىمنى قوللانغان بولۇشى ئېھتىماللىققا يېقىن.
چادورى پارىس تىلى بولۇپ،چادورىنىڭ مەنىسى پارىسچە –ئىنگلىزچە لۇغەتتە «پەرەنجە» دەپ كۆرسىتىلگەن شۇنداقلا چادورى كەلىمىنىسىنىڭ ئافغانىستان ۋە ئىران تەۋەسىدىكى پارىسى خەلقلەرنىڭ پەرەنجىنى چادورى دەپ ئاتايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
كىتابنىڭ ئىككىنچى بېتىگە سۇزۇكى سۇمىكو ئامىنەنىڭ سۈرىتى ئۈچىنچى بېتىگە ئۇنىڭ پەرزەنتلىرى بىلەن بىرگە 1958-يىلى 3-ئايدا بېيجىڭدە چۈشكەن ئائىلىۋى سۈرىتى بېرىلگەن.شۇنداقلا رەسىمدىكى ئۇنىڭ پەرزەنتلىرى توغرىسىدا،سۈرەتتىكى رەت تەرتىپ بويىچە ئون تەرەپتىن باشلاپ «ئاپتور،ئايىشە چوڭ قىزى ئون بەش ياش،كەنجى ئوغلى مۇنەۋۋەر ئون ياش،چوڭ ئوغلى مۇزەپپەر ئون ئۈچ ياش».دەپ چۈشەندۈرۈش بېرىلگەن.
ئەسەر بۇندىن ئەللىك نەچە يىل بۇرۇن قەلەمگە ئېلىنغاچقا تىل جەھەتتىن ئالغاندا ھازىرقى زامان كىشىلىرىگە بىرئاز مۇرەككەپ، ۋە شۇنداقلا خىتايچە خەت شەكلىمۇ بىرئاز قىيىن تۇيۇلىدۇ.
ئەسەرنىڭ كىرىش سۆز قىسمىدا ئاپتور ئۆزىنىڭ دىنىي ئېتىقادى ھەققىدە توختىلىپ بۇ ھەقتە مۇنداق بايان قىلغان:« مەن ئۆسمۈرلۈك دەۋرىمدىن باشلاپ ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان مۇسۇلمان ئىدىم. ئۇنىڭدىن كېيىنكى ھاياتىممۇ ئىسلام ئەقىدىلىرىگە ،قۇران كەرىمگە ئەمەل قىلىنغان ھالدا ئىسلامىي-ئۆرۈپ ئادەتلەر ئىچىدە ئۆتتى.ئۇ، چاغدا مەن ياپونىيىدىكى بىردىن-بىر مۇسۇلمان قىز ئىدىم. ياپونىيە ھەربىي دۆلەت بولغاچقا مەن ئۆز ۋەتىنى تولىمۇ سۆيىدىغان ۋەتەنپەرۋەر ياپون ئىدىم. ئەمما چەتئەللەرنىمۇ ياخشى كۆرەتتىم،ئۇلارنىڭ مەدەنىيىتىگە قىزىقاتتىم.چەتئەلگە بېرىشنى ئارزۇ قىلاتتىم. شۇ ۋەجىدىن 17 ياش ۋاقتىمدا مەن ئۆزەم يالغۇز جۇڭگوغا باردىم.مەن جۇڭگوغا بارغاندىن كېيىن يات ئەللەردە ياشىماقنىڭ نەقەدەر قىيىنلىقىنى چۈشەندىم.چۈنكى مەن مۇسۇلمان بولغانلىقىم ئۈچۈن جۇڭگودا ھەر جەھەتتىن تولىمۇ قىينىلىپ ئازاپلاندىم.شۇنداقتىمۇ سەبىر-تاقەت قىلدىم».دېيىلگەن.
ئاپتور ئەسەرنىڭ كىرىش سۆز قىسمىدا يولدىشى ئوسمان ھەققىدە ۋە ئۆزىنىڭ ياپونىيىگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىنكى ھاياتى ھەققىدە توختىلىپ؛«بىز ئوتتۇرا ئاسىيادىكى شەرقىي تۈركىستان دۆلىتىنىڭ مۇستەقىل بولۇشىغا تولۇپ تاشقان ئىشەنچ باغلىغان ئىدۇق.شۇڭا مەن يولدىشىم بىلەن شەرقىي تۈركىستان دۆلىتىنىڭ خانىشى بولۇشغا ۋەدىلەشكەن ئىدىم.بۇ پەقەت مېنىڭ بىر كۈنلۈكلا چۈشۈم بولدى.ھازىر مەن بىلمەيمەن مېنىڭ يولدىشىم ھايات بارمۇ يوق؟ تېخى مېنىڭ ئۈچ بالام ئايىشە، مۇزەپپەر،مۇنەۋەر ئۇلار مەندىن يىراق بولغان بېيجىڭدە تۇرىدۇ.يەنە كېلىپ ئۇلار ئۆز ئالدىغا مۇستەقىل ياشايدۇ.مەن ئۆزۈمنىڭ دەرد-ئەلەملىرىم ۋە پەرىشانلىقىم ھەققىدە ئەسەردە كۆپ سۆزلەشنى خالىمىدىم.لېكىن مەن جۇڭگودىكى روھىي ۋە جىسمانىي جەھەتتىن تولىمۇ ئاجىز ، پەقەتلا ئۆزىنىڭ دىنىي ئېتىقادى بىلەنلا ئۆزلىرىنى تۇتۇپ تۇرىۋاتقان خۇيزۇلار ھەققىدە بىلال سۆزلەشنى لايىق كۆردۈم. ھازىر ئۆز دۆلىتىمدە تۇرىۋاتقانلىقىمدىن تولىمۇ خوشال بولساممۇ بەزىدە ئىچىمدىكى دەرد-ئەلەملىرىم،ھەسرەتلىرىم مېنى قىيناپ ئۆز-ئۆزۈمنى ئۆلتۈرۋېلىشقا ئۈندەيدۇ .بۇ مەندىكى تولىمۇ قورقۇنۇچلۇق قاباھەتلىك چۈش. پەرزەنتلىرىمنىڭ كەلگۈسىنى ئويلىسام تولىمۇ ئازاپلىنىمەن.بەزىدە پەرزەنتلىرىمدىن ۋاز كېچىشىم كېرەكمۇ؟ دەپ ئۆز-ئۆزۈمگە سوئال قويىمەن. شۇڭا مەن مۇسۇلمان خانىم-قىزلىرىنىڭ كىيىمى بولغان بۇ پەرزەنجەم ئىچىگە ئۆزۈمنى چۈمكەپ،پۈتكۈل ئەلەملىرىمنى يوشۇرۇپ يۈرۈشكە مەجبۇر بولدۇم».دەپ بايان قىلغان.
سۇزۇكى كىرىش سۆز قىسمىنىڭ ئاخىرىدا كىتابىنى نەشىر قىلغان نەشرىيات مەسۇللىرىدىن يۇكاۋا يوزو ۋە شۇنداقلا ساتو كازىماساغا ئۆزىنىڭ ئالاھىدە رەھمىتىنى بىلدۈرگەن.
سۇزۇكى سۇمىكونىڭ ئۆز ئەسىرىدە بايان قىلىشىچە ئۆزىنىڭ بالىلىق چاغلىرىدىن تارتىپلا ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ ئەمما ياپونىيە تارىخچىلىرىنىڭ ياپونىيە ئىسلام تارىخىغا ئائىت يازغان ئەسەرلىرىدە ئۇنىڭ ئوسمان بىلەن توي قىلغاندىن كېيىن مۇسۇلمان بولغانلىقى ۋە ئۇنىڭغا مۇسۇلمانچە «ئامىنە» دېگەن ئىسىمنىڭ قويۇلغانلىقىنى،ئۇنىڭغا ياپونىيە تەرەپتىن ئۇيغۇرلارغا ئائىت ئاخبارات توپلاش ۋەزىپىسى بېرىلگەنلىكى بايان قىلىنغان.
سۇزۇكى سۇمىكو ئامىنە توغرىسىدا ياپونىيىلىك تارىخچى كوماتسۇنىڭ ياپونىيە ئىسلام تارىخىغا ئائىت ئېلان قىلغان ئەسەرلىرىدە كۆرسىتىلىشىچە ،1938-يىلى توكيودا قۇرۇلغان ياپونىيە ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ھاياشى سېنجۇرو موڭغۇلىيىدە تۇرىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسى خوجا نىياز ھاجىمنىڭ ئىنىسى ئوسمان باشچىلىقىدىكى ئۇيغۇرلارنى تەشكىللەپ ئۇلارنى توكيوغا تەكلىپ قىلىپ، ئۇلار بىلەن كۆپلەپ سۆھبەت ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق شەرقىي تۈركىستاننىڭ سىياسىي ۋەزىيىتىنى تەپسىلى ئىگىلەپ تۇرغان.خوجا نىياز ھاجىمنىڭ ئىنىسى ئوسمان ياپونىيىلىك قىز سۇزۇكى بىلەن ئۆيلۈك بولغاندىن كېيىن،سۇزۇكى ئۆزىنىڭ ئىسمىنى «ئامىنە»گە ئۆزگەرتىپ كۆپ قېتىم ئۇيغۇر ئېلى ۋە خىتايدىكى خۇيزۇلار يەنى تۇڭگانلار كۆپلەپ ئولتۇراقلاشقان جايلارغا بېرىپ كۆپلىگەن ئۇچۇر ۋە ئاخباراتلارنى توپلىغانلىقىنى،يالغۇز ئۇيغۇرلارغا ئائىت ئۇچۇرلارلا ئەمەس بەلكى قەدىمكى قول يازمىلار،قەدىمىي ئەسەرلەر،ھەتتا نەشىر قىلىنغان گېزىت-ژۇرناللارنىمۇ توپلىغانلىقى،ئەمما توپلىغان بۇ ئاخباراتلارنىڭ ھەربىي ئۇرۇش ئۈچۈن ئەمەس،بەلكى ياپونىيىنىڭ دىپلوماتىيە سىياسىتى ئۈچۈن ئىكەنلىكى ھەققىدە مەلۇماتلار بېرىلگەن.
ياپونىيە ئىسلام دىنىي جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ھاياشى سەنجىرو بولسا 1937-يىلى 2-ئاينىڭ 2-كۈنىدىن شۇ يىلى 6-ئاينىڭ 4-كۈنىگە قەدەر تۆت ئاي ياپونىيىگە باش ۋەزىر بولغان.
تارىخىچى سېكىئوكا ھىدېيۇكىمۇ ئۆزىنىڭ مانجۇ، موڭغۇل ۋە ئۇيغۇرلارغا ئائىت ماقالىلەر توپلىمىدىكى « سۈرگۈندىكى ئۇيغۇر بىلەن توي قىلغان ياپون قىزى» دېگەن ماقالىسىدە ياپون تارىخچىسى كومۇرا فۇجىئونىڭ «ياپون ئىسلام تارىخى» ناملىق كىتابىدىن ئېلىنغان سۇزۇكى سۇمىكوغا ئائىت ئۇچۇرلارنى ئوتتۇرغا قويۇپ،سۇزۇكى سۇمىكو خوجا نىياز ھاجىمنىڭ ئىنىسى ئوسمان بىلەن توي قىلغانلىقى ۋە ئۇلارنىڭ ئۈچ پەرزەنتلىك بولغانلىقىنى بايان قىلغان.
تارىخچى كومۇرا فۇجىئونىڭ «ئىسلام تارىخى» ناملىق ئەسىرىدە ؛«سۇزۇكى سۇمىكو ياپونىيە ئۇرۇشتا مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن ئۇ شەرقىي تۈركىستانغا بارماقچى بولغان سەۋەبى ئۇنىڭ يولدىشى ئوسمان شەرقىي تۈركىستانغا كەتكەن.سۇزۇكى شەرقىي تۈركىستانغا بېرىش سەپىرىدە يېرىم يولدا گومىنداڭ ئەسكەرلىرى تەرىپىدىن قولغا ئېلىنىپ، كېيىن خىتاي كومپارتىيىسىگە تاپشۇرۇپ بېرىلگەن.سۇزۇكى خىتايدىكى ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش لاگىرىدا جازالانغان.سۇزۇكى يولدىشى ۋە پەرزەنتلىرىنى كۆرەلمىگەن.ئۇ، 1960-يىلى خىتاينىڭ جازا لاگىرىدىن قويۇپ بېرىلىپ ياپونىيىگە قايتىپ كېلىپ بۇ ئەسىرىنى يازغان ۋە ياپونىيىدە تۇنجى مۇسۇلمانلار رېستۇراننى ئېچىپ كېيىن تەيۋەنگە كەتكەن »،دەپ بايان قىلىنغان.
خىتايدا نەشىر قىلىنغان غەربىي شىمال ئارخىپلىرىدىكى گومىنداڭ بىلەن كومپارتىيە ئوتتۇرىسىدىكى ئۆتكۈنچى دەۋرلەردىكى تارىخىي ماتېرىياللارغا دائىر نەشىر قىلىنغان شىنجاڭ تارىخىي ماتېرىياللىرىدا دېيىلىگەن سۇزۇكى سۇمىكو ياپونىيە تەرەپتىن خىتايغا ئەۋەتىلگەن ياپون جاسۇسى دەپ كۆرسىتىلگەن.
ئەسەرنىڭ كىرىش سۆز قىسمىدا سۇزۇكۇ سۇمىكو ئامىنەنىڭ ئۆزى ھەققىدە ئېيتقان مەلۇماتلار بىلەن ئۇنىڭ خىتاي تۈرمىسىدە ياتقان ۋاقتى ۋە شۇنداقلا كىتابنىڭ نەشىر قىلىنغان ۋاقتى قاتارلىق تەرەپلەر ياپونىيە تارىخىدا خاتىرىلەنگەن يۇقىرىدا بىز كۆرسىتىپ ئۆتكەن مەنبەلەر بىلەن سېلىشتۇرغاندا تولىمۇ پەرقلىق بولۇپ، بۇ مەسىلىدە بىر قەدەر ئەتراپلىق ئىزدىنىشىمىزگە ۋە تەتقىق قىلىشقا توغرا كېلىدۇ.
ئاخىردا زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان مەزكۇر ئەسەرنىڭ ئىخلاسمەن ئوقۇرمەنلىرىدىن بىرى مۇستەقىل تارىخ تەتقىقاتچىسى ياماتو بۇ ئەسەر ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى:
«ئەسەردە شەرقىي تۈركىستان ئۇيغۇرلىرىنىڭ پاجىئەلىك ھاياتى ۋە شۇنداقلا ئوسمان بىلەن سۇزۇكى سۇمىكو ئامىنە ۋە ئۇلارنىڭ ئۈچ پەرزەنتىدىن ئىبارەت بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ ئېچىنىشلىق ھايات كەچۈرمىشلىرى ۋە تارىخىي ۋەقەلەر تولۇق ئەكس ئەتتۈرۈلگەن قانلىق تارىخىي ئەسلىمە.»
ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلاڭ.