سوۋېت-خىتاي ئارخىپلىرىدىكى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ سرلىرى

مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2021.03.18
سوۋېت-خىتاي ئارخىپلىرىدىكى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ سرلىرى سوۋېت ساقچىلىرى موسكۋادىكى KGB .بىناسىنىڭ ئالدىدا قاراۋۇللۇق قىلماقتا
AFP

 20-ئەسىرنىڭ 40-يىللىرىدىكى  ئۇيغۇر ئېلىنىڭ سىياسىي تارىخى  جۈملىدىن شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ۋە شەرقىي تۈركىستان مىللىي ئازادلىق ئىنقىلابى ھەققىدە شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھەر دەرىجىلىك  ھۆكۈمەت ھۆججەتلىرى، شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھەربىي-سىياسىي، ئىقتىسادىي، مەدەنىيەت-مائارىپ ۋە باشقا ھەر ساھەگە ئائىت مىنىستىرلىقلىرى ۋە ئىدارىلىرىنىڭ  تۈرلۈك ھۆججەتلىرى  بىرىنچى قول مەنبەلەر بولسا، شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى دەۋرىدىكى مەتبۇئاتلارمۇ ئوخشاشلا مۇھىم ماتېرىياللاردۇر.

شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرۇلۇشىدىن تارتىپ ئاخىرى يوقىلىشىغىچە بولغان پۈتۈن جەريانلار خەلقئارا مۇناسىۋەت ئارقا كۆرۈنۈشلىرىگە ئىگە بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇ ئالدى بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقى ۋە خىتاينىڭ دىققەت نەزىرىدە ھەمدە ئۇلارنىڭ سىياسىي ئىستراتېگىيەسىدىن ئورۇن ئالغان. ئەنە سەۋەبتىن  سوۋېت ئىتتىپاقى ۋە خىتايمۇ بۇ ھاكىمىيەت ھەققىدە زور ماتېرىياللارغا ئىگە ئىدى.  شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرۇلۇشىدىن تارتىپ يوق بولۇشىغىچە  بولغان سىياسىي ئارقا  كۆرۈنۈشى بىۋاسىتە  سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن ئالاقىلىق بولغانلىقى ئۈچۈن سوۋېت  بىخەتەرلىك، ھەربىي ۋە دىپلوماتىيە ئورگانلىرى مول ماتېرىياللارنى  قالدۇرغان. بۇ ماتېرىياللارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى غۇلجىغا جايلاشقان سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ مەسلىھەتچىلەر ئورگىنى -2-دومدىكى گېنېرال ۋلادىمىر يېگناروف، گېنېرال ئالېكساندىر لاڭفاڭ قاتارلىقلار تەرىپىدىن ھەر كۈنى، ھەر ھەپتىلەپ تاكى 1946-يىلى  3-ئايغىچە سوۋېت ئىتتىپاق ئىچكى ئىشلار خەلق كومىسسارى لاۋرېنتى بېرىيا، ستالىن، مولوتوف ۋە باشقا سىياسىي بىيورو ئەزالىرىغا يوللانغان. ئۇنىڭدىن كېيىن تاكى 1949-يىلىغىچە  ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى كرۇگلوف، دۆلەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرى ئاباكۇموفلارغا  ھەم ئۇلار ئارقىلىق، 1947-يىلىدىن كېيىن  دۆلەت خەۋپسىزلىك ئورگىنى باشلىقى فېدوتوف  قاتارلىقلار  ئارقىلىق ستالىن، بېرىيا، مولوتوفلارغا يوللانغان. ستالىن باشچىلىقىدىكى سىياسىي بىيورو ۋە ئىچكى ئىشلار ئورگانلىرىمۇ مەخسۇس شەرقىي تۈركىستان ھەققىدە قارارلارنى قوبۇل قىلغان. ئەنە شۇ نۇرغۇنلىغان سوۋېت مەخپىي ئارخىپ ھۆججەتلىرى ھازىرقى رۇسىيە فېدېراتسىيەسى دۆلەت ئارخىپىنىڭ ر-9401- فوندىدا، رۇسىيە دۆلەتلىك ئىجتىمائىي سىياسىي تارىخى ئارخىپىنىڭ 17-فونىدا شۇنىڭدەك يەنە مەركىزىي سىياسىي ھۆججەتلەرنى ساقلاش ئورنى قاتارلىق ئورۇنلاردا، يەنە بىر قىسىم ئارخىپلار ئۆزبېكىستان، قازاقىستان، قىرغىزىستان پرېزىدېنت ئارخىپخانىلىرىدا ساقلىنىۋاتقان بولۇپ، بۇ ئارخىپلارنىڭ مەلۇم قىسمى ئىلگىرى ئېچىلىپ پايدىلىنىشقا رۇخسەت قىلىنغان.   ئەنە شۇ ئارخىپلار ئاساسىدا  تەتقىقات قىلغان رۇسىيە تارىخچىسى پروفېسسور بارمىننىڭ  ئېيتىشىچە، ئەمما كېيىن  بۇ ئارخىپلار قايتىدىن تاقالغان ۋە يەنىلا زور ساندىكى ئارخىپلار تېخى ئاشكارىلانمىدى.

  يېقىندا ئىستانبۇلدىكى تەكلىماكان ئۇيغۇر نەشرىياتى تەرىپىدىن تارقىتىلغان «20-ئەسىر ئۇيغۇر سىياسىي تارىخى» ناملىق كىتابنىڭ ئاپتورى، 1940-يىللاردىكى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى  ھەققىدە ئەتراپلىق ئىزدەنگەن تارىخچى قەھرىمان غوجامبەردىنىڭ  ئېيتىشىچە،

مەزكۇر ئىلگىرى مەخپىي تۇتۇلغان سوۋېت ئارخىپلىرى  1949-1944-يىللىرىدىكى مەزكۇر جۇمھۇرىيەتنىڭ سىياسىي، ئىجتىمائىي-ئىقتىسادىي، ھەربىي، مەدەنىيەت-مائارىپ ئەھۋالى، قىسقىسى بۇ ھاكىمىيەتنىڭ دۆلەتچىلىك قۇرۇلمىسى ھەققىدە، بولۇپمۇ بۇ ھاكىمىيەتنىڭ باشلىنىشى ۋە  سىياسىي تەقدىرى ھەققىدە ئەتراپلىق چۈشەنچىلەرگە ئىگە بولۇش ھەم نۇرغۇن سىرلىق تۈگۈنلەرنى يېشىشتە  ھەلقىلغۇچ رول ئوينايدۇ.

لېكىن، شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى رەقىبى –خىتاي جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھەربىي، سىياسىي، دىپلوماتىيە ئورگانلىرى، جۈملىدىن ئۈرۈمچىدىكى گومىنداڭ ھەربىي-مەمۇرىي دائىرىلىرىمۇ  بۇ ھاكىمىيەتنى يوقىتىش،  قوزغىلاڭلارنى  ھەربىي جەھەتتىن باستۇرۇش، سىياسىي سۈلھى يولى بىلەن يوقىتىش ئىستراتېگىيەلىرىنى يۈرگۈزگەن بولۇپ، گومىنداڭ مەركىزىي ھۆكۈمىتى بۇ ھاكىمىيەتنى ۋە ئۇنىڭ رەھبەرلىرىنى، ئۇلارنىڭ سىياسىي يۆنىلىشى، ھەربىي ئەھۋالى ھەم  باشقىلارنى كۆزىتىش، تەكشۈرۈش ماتېرىياللىرى شۇنىڭدەك سوۋېت ئىتتىپاقى تەرەپ بىلەن  بولغان دىپلوماتىيەلىك پائالىيەت ھۆججەتلىرىنى قالدۇرغان. بۇ ھۆججەتلەرنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى مەخپىي بولۇپ، يېقىنقى يىللاردىن باشلاپ بۇلارنىڭ بىرقسىمىنىڭ مەخپىيەتلىكى تەيۋەن ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن بىكار قىلىنىپ ئاشكارىلىنىشقا باشلىغان.

ئەنە شۇ تەيۋەن ئارخىپلىرىنىڭ بىرقىسمىنى تەرجىمە قىلىش بىلەن شۇغۇللانغان تارىخ تەتقىقاتچىسى تاران ئۇيغۇرنىڭ قارىشىچە، بۇ ئارخىپ ھۆججەتلىرى نۆۋەتتە تەيۋەندىكى دۆلەتلىك تارىخ سارىيى دەپ ئاتالغان مەخسۇس ئارخىپخانىدا ساقلانماقتا.

گومىنداڭ  مەركىزىي ھۆكۈمىتى باشتىن ئاخىرى شەرقى تۈركىستان ئىنقىلابى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنى دۈشمەن كۈچ دەپ كۆرگەن بولۇپ، بۇ ھۆججەتلەردە مىللىي ئارمىيە « باندىت ئارمىيەسى» « ئىلى باندىتلىرى»،  ئەخمەتجان قاسىمى قاتارلىق شەرقىي تۈركىستان ئىنقىلابى رەھبەرلىرى«  باندىتلار»، « باندىتلار باشلامچىلىرى»، « ئىلى باندىتلىرىنىڭ بېشى» دېگەندەك ھاقارەتلىك ئاتالغۇلار بىلەن ئاتالغان. بۇ ئارخىپلاردا  ئەخمەتجان قاىسمى قاتارلىقلارنىڭ سۆھبەت ئۈچۈن ئۈرۈمچىگە كەلگەن كۈنىدىن تارتىپ ئۇلارنىڭ بىرلەشمە ھۆكۈمەتتىكى پائالىيەتلىرى، نەنجىڭدىكى قۇرۇلتايدىكى ئىش-ھەرىكەتلىرى، شەرقىي تۈركىستان، يەنى ئىلى تەرەپنىڭ بېتىمگە بويسۇنماي يەنىلا ئۆزىنىڭ مۇستەقىللىق ئورنىنى ساقلاۋاتقانلىقى قاتارلىقلار تەپسىلىي كۆزىتىشلەر ئارقىلىق يورۇتۇلغان. بۇلار ئىچىدە جاڭ جىجوڭ قاتارلىقلارنىڭ ئىچكى جەھەتتىكى خەتلىرى، دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ ئىچكى ھۆججەتلىرى ۋە باشقىلار، ھەتتا جاڭ كەيشىنىڭ پوزىتسىيەسىگە ئائىت ئۇچۇرلارمۇ بار. ئەڭ مۇھىملاردىن بىرى ئەخمەتجان قاسىمى قاتارلىقلارنىڭ 1946-يىلى 11-ئايدىن 1947-يىلى 1-ئايغىچە نەنجىڭدىكى گومىنداڭ خەلق قۇرۇلتىيىغا قاتنىشىش جەريانىدا قۇرۇلتايغا « شىنجاڭنى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىگە ئۆزگەرتىش» تەكلىپ لايىھەسىنى سۇنۇشى ۋە بۇ جەرياندا ئېلىپ بارغان پائالىيەتلىرىگە ئائىت  گومىنداڭ ئىستىخبارات ئورگىنىنىڭ « دۆلەت خەلق قۇرۇلتىيى ئىستىخباراتلىرى» ماۋزۇلۇق كۆپ قىسىملىق مەخپىي ھۆججەتلىرىدۇر. تاران ئۇيغۇرنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ ھۆججەتلەر بويىچە ئالغاندا، گومىنداڭ ئىستىخبارات ئورگىنى ئەخمەتجان قاسىمىغا شەرقىي تۈركىستاننى مۇستەقىل قىلىش ھەرىكىتىنىڭ باشچىسى، شەرقىي تۈركىستانچىلارنىڭ رەھبىرى دەپ دۈشمەنلىك نۇقتىنەزىرىدىن باھا بەرگەن.

تەيۋەندىكى گومىنداڭنىڭ مەزكۇر مۇتلەق مەخپىي ئارخىپلىرىنىڭ ھەممىسى تېخى ئاشكارا بولمىغان بولۇپ،  بۇ ھۆججەتلەر خىتاي تەرەپنىڭ شەرقىي تۈركىستان دۆلىتى ۋە قوزغىلاڭنى يوقىتىشتا قانداق چارە-تەبىرلەرنى قوللانغانلىقى ۋە قانداق سىياسىي ئىستراتېگىيە ھەم ھەربىي چارىلارنى قوللانغانلىقى، ئىككى تەرەپ ئارىسىدىكى سىياسىي كۈرەشنىڭ نەقەدەر كۈچلۈك بولغانلىقىنى چۈشىنىشتە ناھايىتى مۇھىم، يەنى خىتاينىڭ مەيدانىنى  بىلىشتىكى بىرىنچى قول مەنبەدۇر،

لېكىن،  شەرقىي تۈركىستان ئىنقىلابىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى تەقدىرى، يەنى ئەخمەتجان قاسىمى  قاتارلىق شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى رەھبەرلىرىنىڭ ئاخىرقى تەقدىرى، ئۇلارنىڭ ئۆلۈمىنىڭ  ھەقىقىي سىرى ۋە جەريانى شۇنىڭدەك سوۋېت تەرەپنىڭ غۇلجىدىكى كونسۇللىرىنىڭ ئەخمەتجان قاسىمى قاتارلىقلارنىڭ كومپارتىيە ۋەكىلى دېڭ لىچۈن بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبەتلىرى ھەققىدىكى مەلۇماتلىرى،  ئەخمەتجان قاسىمى قاتارلىقلارنىڭ ئالمۇتاغا بارغانىدىن كېيىنكى جەريانلار، موسكۋانىڭ ئاخىرقى قارارى ۋە  تاللىشى ھەم باشقىلار ھەققىدىكى ئەڭ نازۇك نۇقتىلار يەنىلا مۇتلەق مەخپىيەتلىك نۇقتىسى ساقلانماقتا. بۇ ئاخىرقى ئەھۋاللارغا ئائىت بەزى ئىچكى ھۆججەتلەرمۇ ھەم خىتاي كومپارتىيەسى تەرەپنىڭ ئالغان ئىچكى قارارلىرىمۇ مۇتلەق مەخپىي ھالدا تۇرماقتا.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.