«تارىخ ۋە بۈگۈن» (2013 - يىلى 3 - فېۋرال)

رەھىمجان سابىرھاجىنىڭ ئاخىرقى كۈنلىرى ۋە سابىرھاجىلار ئائىلىنىڭ پاجىئەلىك تەقدىرى
مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2013-02-04
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
ﺳﯜﺭﻩﺗﺘﻪ، ﺷﻪﺭﻗﯩﻲ ﺗﯜﺭﻛﯩﺴﺘﺎﻥ ﺟﯘﻣﻬﯘﺭﯨﻴﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﭽﻜﻰ ﺋﯩﺸﻼﺭ ﻣﯩﻨﯩﺴﺘﯩﺮﻯ  ﺭﻩﻫﯩﻤﺠﺎﻥ ﺳﺎﺑﯩﺮﻫﺎﺟﻰ.
ﺳﯜﺭﻩﺗﺘﻪ، ﺷﻪﺭﻗﯩﻲ ﺗﯜﺭﻛﯩﺴﺘﺎﻥ ﺟﯘﻣﻬﯘﺭﯨﻴﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﭽﻜﻰ ﺋﯩﺸﻼﺭ ﻣﯩﻨﯩﺴﺘﯩﺮﻯ ﺭﻩﻫﯩﻤﺠﺎﻥ ﺳﺎﺑﯩﺮﻫﺎﺟﻰ.
File Photo


قۇتلان ماقالىسى

1944 - 1949 - يىللىرىدىكى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتىنىڭ ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى ھەمدە گومىنداڭ بىلەن تىنچلىق سۆھبىتى ئۆتكۈزۈش گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى بولغان رەھىمجان سابىرھاجىنىڭ كېيىنكى تەقدىرى ھەققىدە مەلۇماتلار كۆپ ئەمەس. ئەمما يېقىنقى يىللاردا ئاشكارا بولىۋاتقان بىر قىسىم ئارخىپ ماتېرىياللىرى ھەمدە شاھىتلارنىڭ ئەسلىمىلىرى رەھىمجان سابىرھاجىنىڭ كېيىنكى ھاياتىغا دائىر ئېچىنىشلىق سەھىپىلەرنى ئوتتۇرىغا چىقارماقتا.

مەلۇمكى، رەھىمجان سابىرھاجى 1906 - يىلى غۇلجىدىكى مەشھۇر مەرىپەتلىك ئائىلىلەردىن بىرى بولغان سابىرھاجىلار ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. سابىرھاجىنىڭ نۇسرەت، زەيناۋۇدىن، ئەختەمباي ۋە مەسئۇد قاتارلىق ئوغۇللىرى بولۇپ، رەھىمجان چوڭ ئوغۇل نۇسرەتنىڭ ئوغلى شۇنداقلا مەسئۇد سابىرىنىڭ جىيەنى ئىدى.

كىچىكىدىنلا سابىرھاجىلار ئائىلىسىنىڭ مەرىپەتلىك قوينىدا مىللىي روھ بىلەن تەربىيەلەنگەن رەھىمجان 1930 - يىللارنىڭ باشلىرىدىكى مىللىي ئاقارتىش ۋە ئويغىنىش ھەرىكەتلىرىگە ئاكتىپ ئىشتىراك قىلىدۇ. زىيا سەمەدى ئۆزىنىڭ «ئىستەك قە قىسمەت» ناملىق ئەسلىمىسىدە رەھىمجان سابىرھاجىڭ 1934 - يىلى 9 - مارتتا قۇرۇلغان ئىلى ۋىلايەتلىك ئۇيغۇر ئاقارتىش ئۇيۇشمىسىنىڭ ھەيئەت ئەزالىرىنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى تىلغا ئالىدۇ. شۇندىن باشلاپ، رەھىمجان سابىرھاجى غۇلجىدىكى مەدەنىي - مائارىپ ۋە مىللىي ئويغىنىش ھەرىكەتلىرىدە مۇھىم روللارنى ئوينىغان غوللۇق كىشىلەردىن بولۇپ قالىدۇ. ئىلىدا مىللىي ئىنقىلاب باشلىنىشنىڭ ھارپىسىدا، يەنى 1944 - يىلى 4 - ئايدا مەخپىي ھالدا قۇرۇلغان «ئازادلىق تەشكىلاتى» نىڭ 12 نەپەر ئەزاسىنىڭ بىرى بولىدۇ. شۇ يىلى 12 - نويابىردا غۇلجىدا شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى جاكارلانغاندا، رەھىمجان سابىرھاجى مىللىي ھۆكۈمەتنىڭ ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالىدۇ. 1945 - يىلى 8 - ئايدا مىللىي ئارمىيە غەلبىسېرى ئىلگىرىلەپ ماناس دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىغا يېتىپ كەلگەن ھەل قىلغۇچ پەيتتە ئىلىدىكى شەرقىي تۈركىستان ھۆكۈمىتى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ قىستىشى نەتىجىسىدە گومىنداڭ تەرەپ بىلەن ئۈرۈمچىدە تىنچلىق سۆھبىتى ئۆتكۈزۈشكە مەجبۇر بولىدۇ. مىللىي ھۆكۈمەت رەھىمجان سابىرھاجى، ئوبۇلخەيىر تۆرە ۋە ئەخمەتجان قاسىمى قاتارلىق 3 ۋەكىلنى ئۈرۈمچىگە ئەۋەتىدۇ.

ئاۋسترالىيىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر زىيالىيلىرىدىن ھۈسەن ئەپەندى بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ رەھىمجان سابىرھاجىنىڭ گومىنداڭ بىلەن تىنچلىق بىتىمى ئۆتكۈزۈش جەريانىدىكى كەسكىن ئىپادىسىنى بايان قىلدى.

1946 - يىلى يازدا «11 بىتىم» ئىمزالىنىپ، ئۆلكىلىك بىرلەشمە ھۆكۈمەت قۇرۇلغاندا رەھىمجان سابىرھاجى ئىچكى ئىشلار نازارىتىنىڭ مۇئاۋىن نازىرى بولىدۇ. بىتىم بۇزۇلغاندىن كېيىن غۇلجىغا قايتىپ مۇھىم رەھبىرىي خىزمەتلەردە بولىدۇ. 1949 - يىلىنىڭ ئاخىرى ئىلى تەرەپ سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتىنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن رەھىمجان سابىرھاجىنىڭ ھاياتىدىكى ئېغىر كۈنلەر باشلىنىدۇ. 1951 - يىلى ئۇ خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن «پان - تۈركىست» ۋە «مىللەتچى» دېگەن قالپاقلار بىلەن ئەيىپلىنىپ تۈرمىگە تاشلىنىدۇ. 1954 - يىلى تۈرمىدىن چىققاندىن كېيىن نازارەت ئاستىدا ياشايدۇ. 1961 - 1962 - يىلى ئىلىدىكى نەچچە ئون مىڭلىغان ئۇيغۇر ئاھالىلىرى سوۋېت ئىتتىپاقىغا ئۆتۈپ كەتكەندە، نازارەت ئاستىدا ياشاۋاتقان رەھىمجان سابىرھاجى يەنىلا ۋەتەندە قەپ قالىدۇ. «مەدەنىيەت ئىنقىلابى» مەزگىلىدە ئېغىر بېسىم ۋە خورلۇققا ئۇچرىغان رەھىمجان سابىرھاجى ۋەتەننىڭ تەقدىرىگە قاتتىق ئېچىنىدۇ ھەمدە ئۈمىتسىزلىك ئىچىدە 1973 - يىلى بۇ دۇنيا بىلەن خوشلىشىدۇ.

ھۈسەن ئەپەندى 1971 - يىلى 11 - ئايدا غۇلجىدا رەھىمجان سابىرھاجىنىڭ ئېچىنىشلىق ھالىتىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەنلىكىنى ئەسلەپ، ئۆزىنىڭ شۇ چاغدىكى ئازابلىق ھېسسىياتىنى ئاڭلارمەنلەرگە بايان قىلدى.

سابىرھاجىلار ئائىلىسىنىڭ ئىككىنچى ئوغلى زەيناۋۇدىننى ئايالى ۋە 22 ياشلىق ئوغلى رىشات بىلەن قوشۇپ 1933 - يىلى غۇلجىغا كىرگەن سوۋېت قىزىل ئەسكەرلىرى ئۆز قورۇسىدا ئېتىپ تاشلايدۇ. سابىرھاجىلار ئائىلىسىنىڭ ئۈچىنچى ئوغلى ئەختەمباينىڭ ئوغۇللىرىدىن سىراجىدىن، ئەكبەر ۋە ئابدۇلئەزىزلەر 1937 - يىلى شېڭشىسەي تۈرمىسىدە ئۆلتۈرىلىدۇ.

سابىرھاجىلار ئائىلىسىنىڭ كىچىك ئوغلى مەسئۇد سابىرى 1948 - يىلى ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتكە ئۇيغۇرلاردىن چىققان تۇنجى رەئىس سۈپىتىدە ۋەزىپىگە تەيىنلىنىدۇ. ئۇ 1949 - يىلى ۋەتەندىن ئايرىلىشقا كۆزى قىيماي ئۈرۈمچىدە قەپ قالىدۇ. ئەمما 1951 - يىلى ئۈرۈمچى نۇرباغدىكى ئۆيىدە سىرلىق رەۋىشتە بۇ دۇنيادىن ئايرىلىدۇ. مەسئۇد سابىرىنىڭ چوڭ ئوغلى ئەرتۇغرۇل 1950 - يىللاردىن كېيىن ئۇزۇن مەزگىللەر تۈرمىدە يېتىپ تارىمدىكى ئەمگەك لاگېرىدا ھاياتىدىن جۇدا بولىدۇ. مەسئۇد سابىرىنىڭ كىچىك ئوغلى يىلدىرىم بىلەن رەھىمجان سابىرھاجىنىڭ ئاكىسى ئابدۇغوپۇرلار 1952 - يىلى خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن غۇلجىدا ئېتىپ تاشلىنىدۇ

ئەخمەت ئەپەندىلەرنىڭ ۋاپاتى ھەققىدە سۆھبەت

1944 - 1949 - يىلللىرىدىكى مىللىي ئازادلىق ئىنقىلابنىڭ رەھبەرلىرىدىن ئەخمەتجان قاسىمى، ئىسساقبېك مۇنونوف قاتارلىقلارنىڭ ئۆلۈمى ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز ۋە باشقا مىللەت كىشىلىرى ئارىسىدا ھازىرغىچە تۈرلۈك گۇمان ۋە ئىنكاسلارغا سەۋەب بولماقتا.

بۇنىڭدا ئەخمەت ئەپەندىلەر سۇيىقەست بىلەن ئۆلدىمۇ ياكى راستىنلا ئايروپىلان قازاسى بىلەنمۇ؟ دېگەن سوئال دائىم مەركەزلىق نۇقتا بولماقتا. تارىخىي شاھىدلار بۇ ھەقتە تۈرلۈك پىكىرلەرنى ئوتتۇرىغا چىقارغان ئىدى.

ئەنقەرە ھاجى تەپپە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم بۇ ھەقتە ئۆزىگە خاس كۆز قاراش ۋە تەھلىللەرگە ئىگە.

ئەركىن تارىم بۇ مەسىلە ھەققىدە ئەركىن ئەكرەم بىلەن سوھبەت ئۆتكۈزدى

ئاۋسترىيىلىك ئالىم پېتېرنىڭ «يوغان ئاتلىقنىڭ قايتا زىيارىتىدىكى گىلەملەر» ناملىق

قۇتلۇق تەييارلىدى

ئۇيغۇر گىلەمچىلىك تەتقىقاتى، خەلقئارادا خېلى بۇرۇنلا باشلانغان. ئۇيغۇر گىلەملىرى توغرىسىدا يېقىنقى يىللاردىن بۇيان بىر قەدەر ئەتراپلىق تەتقىقات ئېلىپ بېرىۋاتقان خەلقئارالىق ئالىملاردىن، خەلقارا توقۇلما بۇيۇملار سەنئەت تەتقىقاتچىسى ئاۋسترىيىلىك پېتېر بىچلېر بولۇپ، پېتېر ئاۋسترىيىدە تۇنجى قېتىم توقۇلما بۇيۇملار سەنئەت تەتقىقات جەمئىيىتىنى قۇرغان. ئۇ ئىلگىرى ئوتتۇرا ئاسىيا، ئوتتۇرا شەرقتىكى ئەللەردە نۇرغۇنلىغان تەكشۈرۈش ۋە تەتقىقاتلارنى ئېلىپ بېرىپ گىلەمچىلىك تەتقىقاتىدا نادىر ماقالىلەرنى ئېلان قىلغان. پېتېردىن قالسا ئۇيغۇر گىلەمچىلىك تەتقىقاتىدا خەلقئارادا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان گىلەم تەتقىقاتچىلىرىدىن ياپونىيىلىك ئالىملاردىن سۇگىيامادۇر. سۇگىياما ئۇيغۇر گىلەمچىلىكى ھەققىدە «ئۇيغۇر گىلەمچىلىك تەتقىقاتى توغرىسىدا» دېگەن ئەسىرى،1934 - يىلىدىن 1937 - يىلغىچە بولغان ئارىلىقتىكى خوتەندە ھۆكۈم سۈرگەن ماخۇسەن ھۆكۈمىتى توغرىسىدىكى«ما خۇسەن ۋە تۇڭگان جۇمھۇرىيىتى» ناملىق تەتقىقات ماقالىلىرى بىلەن مەشھۇردۇر.

ياپونىيىدىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى دوكتور تۇرمۇھەممەت ئۇيغۇر گىلەملىرىگە ياپونلارنىڭ بولغان قىزىقىشى ۋە قاراشلىرى ھەققىدە قىسقىچە توختالدى.

ئاۋسترىيىلىك پېتېر،1989 - يىلى ئەنگلىيىدە نەشىر قىلىنىدىغان «خالى» ژۇرنىلىنىڭ 44 - سانىدا ئېلان قىلغان «يوغان ئاتلىقنىڭ قايتا زىيارىتىدىكى گىلەملەر» ناملىق ماقالىسىدە ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا ئېلىپ بارغان گىلەم تەتقىقاتىدىكى تۇنجى سەپىرى ھەققىدە مۇنداق توختالغان:

مەن تۇنجى قېتىم ئۇيغۇر گىلىمىنى ئوتتۇز يىل ئاۋال كۆردۈم.شۇندىن بىرى ئۇيغۇر گىلىمى ھەققىدە تەتقىقات ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنى نۇرغۇن قېتىم زىيارەت قىلدىم. مېنىڭ بىرىنچى قېتىملىق سەپىرىم 1981 - يىلى بولۇپ، مەن قەشقەر بازىرىدا ئۇيغۇر بوۋايلارنىڭ يېشىل رەڭلىك كىچىك كونا گىلەملەرنى سېتىۋاتقانلىقنى كۆرۈپ،كۆزۈم شۇ گىلەملەرگە چۈشتى. مېنىڭ يادىمغا شۇئان بۇ يەردە ھۆكۈم سۈرگەن يوغان ئاتلىق، ما خۇسەن ۋە ئۇ بۇ يەردىن يىغىپ كەتكەن يېشىل رەڭلىك گىلەملەر كۆز ئالدىمغا كەلدى.

توقۇلما بۇيۇملار تەتقىقاتچى پېتېر بىچلەر مۇنداق دەپ يازىدۇ:

قەدىمقى زامانلاردا شەرقىي تۈركىستانغا ساياھەتگە بارغان كىشىلەرنىڭ يېزىپ قالدۇرغان ساياھەتنامىلىرىدا كارېكىن مولدوۋاك دېگەن ئىسىمنى تاپتىم.كارېكىن ئەرمەنىيىلىك كىشى بولۇپ،1909 - يىلىدىن 1938 - يىلغىچە بولغان ئارىلىقتا خوتەندە يىپەك ۋە گىلەم زاۋۇتى قۇرغان ئىكەن. مەن بۇ كىشى توغرىسىدا تېخىمۇ كۆپ مەلۇماتقا ئېرىشىش ئۈچۈن؛ 1990 - يىلى شەرقىي تۈركىستانغا باردىم.خوتەن تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ ياردىمى بىلەن ئېلان بېرىپ بۇ كىشى توغرىسىدا بىلىدىغان ۋە شۇ دەۋىردىن خەۋەردار كىشىلەردىن سۈرۈشتۈرۈپ،پەقەتلا يەتتە كىشىنى تاپتىم.ئۇلارنىڭ ھەممىسى كارېكىن مولدوۋاك توغرىسىدا ھېچنېمە بىلمەيدىكەن.پەقەتلا بىلىدىغىنى گېنېرال ما خۇسەن بىلەن قېيىن ئىنىسى ماجۇڭيىڭغا خوتەندە توقۇلۇپ بېرىلگەن كىچىك كۆك رەڭلىك گىلەملەر ھەققىدىلا ئۇچۇرغا ئىگە ئىكەن.پەقەت خوتەندە توقۇلغان گىلەملەر توغرىسىدىلا مەلۇماتقا ئىگە ئىكەن.

خوتەندە گىلەم زاۋۇتى قۇرغان ئەرمەنىيىلىك كارېكىن مولدوۋاك ھەققىدە ھازىر تۈركىيە ئىستانبۇلدىكى شەرقىي تۈركىستان ۋاخپىنىڭ مۇئاۋىن مەسئۇلى، تەتقىقاتچى ئابدۇجېلىل تۇران بۇ ھەقتە قىسقىچە توختىلىپ،ئۇنىڭ ئەرمەن ئىكەنلىكى ھەققىدە خەلق ئارىسىدىمۇ ئىنكاس بارلىقىنى كۆرسەتتى.

پېتېر ماقالىسىدە، 1934 - يىلىدىن 1937 - يىلغىچە خوتەندە توقۇلغان گىلەملىرىدىكى خىتايچە خەتلەر توغرىسىدا مۇنداق داۋاملاشتۇرىدۇ: ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ئۇيغۇر گىلەملىرىنىڭ تارىخىنى يازغان جىئا يىڭ بىلەن جاڭ تىڭدېنىڭ ئەسىرىدە ئەينى ۋاقىتتىكى ئاتالمىش شىنجاڭنىڭ گىلەمچىلىكى مىللىتارىستلار تەرىپىدىن ئىگىلىۋېلىنىپ، گىلەمچىلىك تەرەقىياتتىدا ھېچقانداق ئىلگىرىلەش بولمىغانلىقىنى ئەسكەرتىدۇ.

شېڭ شىسەيگە كۈچى يەتمىگەن ما خۇسەن ئۈرۈمچىدە تۇرالماي بازىسىنى قەشقەرگە، 1934 يىلى 8 - ئايدا قەشقەردىن خوتەنگە يۆتكەيدۇ. ئۇ،1937 - يىلى 9 - ئايغىچە خوتەن چارقىلىقتىن يەركەنگىچە ھۆكۈمرانلىق قىلىدۇ. بۇ ئۇنىڭ 1934 - يىلىدىن 1937 - يىلىغىچە ئۆزى يەرلىك خەلقلەرگە بۇيرۇق چۈشۈرۈپ توقۇتقان كىچىك رەڭلىك گىلەملىرىدۇر.بۇ توقۇلغان كىچىك كۆك رەڭلىك گىلەملەرنىڭ ئوتتۇرىسىدا خىتايچە تۆت خەت بولۇپ،ئاۋسترىيە ۋېنا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ خىتايشۇنالىق ئىنىستىتۇتىنىڭ پروفېسسورى،دوكتور تراپپىنىڭ تەرجىمىسىگە ئاساسلانغاندا «بىرلىك قۇرۇش» دېگەن خەتلەر چۈشۈرۈلگەن بولۇپ، پروفېسسور دوكتور تراپپىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئەزەلدىن خىتاي يېزىقىنى قوللانمايدىغانلىقى،ئۇلارنىڭ ئۆزىگە خاس يېزىقى بارلىقى،ئەمما خوتەن بوستانلىقى ما خۇسەن تەرىپىدىن ئىشغال قىلىنىۋالغانلىقى ئۈچۈن،ئۇيغۇر گىلەمچىلەر مەجبۇرى ھالدا گىلەملىرىگە خىتايچە يېزىقتا خەت چۈشۈرۈشكە مەجبۇرلانغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ.

پېتېر ماقالىسىدە خوتەن گىلەملىرى بىلەن سەمەرقەند گىلەملىرىنى سېلىشتۇرۇپ، مۇنداق بايان قىلىدۇ: خوتەن گىلەملىرى مەشۇردۇر. سەمەرقەند گىلەملىرىمۇ ئوخشاشلا مەشھۇر. ئەمما خوتەن گىلەملىرى جۇشقۇن،يارقىن سەرخىل رەڭلىكلىكى بىلەن تېخىمۇ داڭلىقتۇر.

پېتېر ماقالىسىدە ئۇيغۇرلار بىلەن ئېلىپ بارغان سۆھبەتلىرىدە ما خۇسەن ئارمىيىسىنىڭ بەش مىڭ پارچىدىن ئالتى مىڭغا قەدەر خوتەن گىلەملىرىنى ئېلىپ كەتكەنلىكىنى, ما خۇسەن ئەسكەرلىرىنىڭ بۇنىڭ بىر قىسمىنى ناماز ئوقۇشقا ئىشلەتسە،ما خۇسەن ئۆزى شەخسەن كۆپلىگەن گىلەملەرنى گومىنداڭ ھۆكۈمىتىنىڭ مەركىزى نەنجىڭدىكى جياڭ كەيشىگە سوۋغا قىلىپ ئەۋەتكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ

ماقالىدە يەنە ما خۇسەننىڭ خوتەندىكى گىلەمچىلىك زاۋۇتى بار ئەرمەنىيىلىك مولدوۋاكقا كەڭلىكى 20 مېتىر، ئۇزۇنلۇقى 40 مېتىر كېلىدىغان گىلەمدىن بىرنى توقۇپ بېرىشكە بۇيرۇق قىلغانلىقى، ما خۇسەن بۇ گىلەمنىڭ جياڭ كەيشىگە ھەدىيە قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنلىكىنى ئوتتۇرغا قويىدۇ.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت