ئېلىخان تۆرىىڭ سوۋېت ئىتتىپاقىغا ئېلىپ كېتىلىشىنىڭ ئىچكى سەۋەبلىرى
قۇتلان ماقالىسى
1944 - يىلى 12 - نويابىردا غۇلجىدا قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسى ئېلىخان تۆرەمنىڭ 1946 - يىلى «11 ماددىلىق بىتىم» ئىمزالانغان كۈنلەردە تۇيۇقسىزلا يوشۇرۇن ھالدا سوۋېت ئىتتىپاقىغا ئېلىپ كېتىلىشى ھازىرغىچە بىر تارىخىي تۈگۈن ھالىتىدە تۇرماقتا. ئۆز دەۋرىدە غۇلجىدىكى كۆپلىگەن كىشىلەر، شۇ جۈملىدىن ئېلىخان تۆرەمگە ئەقىدە قىلىدىغان يېقىنلىرى بۇ ئىشنى سۈرۈشتە قىلغان بولسىمۇ، لېكىن ھېچكىمدىن قانائەتلىنەرلىك جاۋابقا ئېرىشەلمىگەن. سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ غۇلجىدىكى كونسۇلخانىسى ھەمدە «ئىككىنچى نومۇرلۇق ئۆي» دىكى مەخپىي خادىملارمۇ بۇ ئىش ھەققىدە ھېچقانداق چۈشەنچە بەرمىگەن.
ئۇنداقتا، مىللىي ئىنقىلاب ئارقىلىق مۇستەقىللىق جاكارلىغان بىر جۇمھۇرىيىتنىڭ رەئىسى، مارشالى شۇنداقلا شۇ دەۋردىكى ئەڭ يۇقىرى نوپۇز ئىگىسى بولغان ئېلىخان تۆرە نېمىشقا تۇيۇقسىزلا ھاكىمىيەتتىن يىراقلاشتۇرۇلدى؟ ئۇنى كىملەر نېمە سەۋەبتىن قانداق ئۇسۇل بىلەن غۇلجىدىن سوۋېت ئىتتىپاقىغا ئېلىپ كېتىشى؟ نېمە ئۈچۈن ئىلىدىكى مىللىي ھۆكۈمەت ئەزالىرى بىلەن مىللىي ئارمىيىدىكى ئوفىتسېر - جەڭچىلەر ئۆزلىرىنىڭ ئەڭ ئالىي رەھبىرى بولغان بىر زاتنىڭ نامەلۇم كىشىلەر تەرىپىدىن يوقۇتىۋېتىلىشىگە سۈكۈت قىلدى؟
بۇ ھەقتە مۇھاكىمە ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن بىز دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئورتا ئاسىيادىكى ئالاھىدە ۋەكىلى، تارىخشۇناس قەھرىمان غوجامبەردى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق. قەھرىمان غوجامبەردى ئېلىخان تۆرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىگە كېلىش تارىخى ھەققىدە توختىلىپ، ئۇنىڭ 1944 - يىلىدىكى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسى سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا چىقىشىڭ تاسادىپىيلىق ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.
شاھىتلارنىڭ ئەسلىمىلىرىگە قارىغاندا، 1944 - يىلى ئاپرېلدا غۇلجىدا مەخپىي ھالدا «ئازادلىق تەشكىلاتى» قۇرۇلغاندا ئېلىخان تۆرەمنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ غۇلجىدىكى باش كونسۇلى دوباشىننىڭ ئاغزاكى يوسۇندا «مۇستەقىللىق ۋەدىسى» بېرىشى بىلەن بۇ تەشكىلاتقا رەھبەر بولغانلىقى مەلۇم. شۇندىن كېيىن ئېلىخان تۆرەم ئۆزىنىڭ مەسچىتلەردىكى ئاجايىپ نۇتۇق ۋە تەبلىغلىرى بىلەن غۇلجا خەلقىنى ئىنقىلابقا ئۈندەيدۇ. 1944 - يىلى 12 - نويابىردا غۇلجىدا شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى جاكارلانغاندا ئېلىخان تۆرە تۇنجى رەئىس جۇمھۇر بولۇش سۈپىتى بىلەن مىللىي ئىنقىلابنىڭ ئاخىرقى مەقسىتىنىڭ مۇستەقىللىق ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.
سەيپۇللايېف، سەيپىدىن ئەزىزى قاتارلىق شەخسلەرنىڭ ھازىرغىچە ئېلان قىلىنغان تۈرلۈك ئەسلىمىلىرىدە شۇنداقلا 1960 - يىللاردا سوۋېتلەر ئىتتىپاقىغا كۆچۈپ چىقىپ قازاقىستاندا ياشىغان سابىق شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيەتى ھۆكۈمىتىنىڭ باش كاتىپى بولغان ئابدۇرەئۇپ مەخسۇم قاتارقلىق شاھىتلارنىڭ ئەسلىمىلىرىگە قارىغاندا، ئېلىخان تۆرەمنىڭ ئىزچىل يوسۇندا مىللىي مۇستەقىللىقنى تەرغىپ قىلىپ، ھەرقانداق شەكىلدىكى سۈلھ - سالاغا قارشى تۇرغانلىقى مەلۇم. كۆپلىگەن شاھىتلار ئېلىخان تۆرەمنىڭ «11 بىتىم» قارشى تۇرغانلىقى سەۋەبلىك سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ چىشىغا تەگكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. تارىخشۇناس قەھرىمان غوجامبەردىمۇ بۇ نۇقتىنى ئالاھىدە تەكىتلەيدۇ.
ئۇنداقتا، سوۋېت ئىتتىپاقى نېمە ئۈچۈن ئىلىدا ئىنقىلاب پارتلاشنىڭ ئالدىدا ئىدېئولوگىيە جەھەتتىن كوممۇنىزمغا قارشى بولغان ئېلىخان تۆرەمنى «ئازادلىق تەشكىلاتى» نىڭ رەھبىرى بولۇشقا ئۈندەيدۇ شۇنداقلا 1944 - يىلى 12 - نويابىردا جۇمھۇرىيەت جاكارلانغاندا ئۇنىڭ رەئىس جۇمھۇر بولۇشىغا سۈكۈت قىلىدۇ؟ قەھرىمان غوجامبەردى بۇنىڭ سەۋەبىنىڭ ئەينى دەۋردىكى ئىلىنىڭ شارائىتى ۋە بلىخان تۆرەمنىڭ خەلق ئىچىدىكى يۈكسەك نوپۇزى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى تەكىتلەيدۇ.
مەلۇم بولۇشىچە، ئېلىخان تۆرىنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن بولغان زىددىيىتى بىتىم ئىمزالىنىشنىڭ ئالدىدا يوشۇرۇن ھالەتتە بولغان بولسا، 1945 - يىلى 8 - ئايدا مىللىي ئارمىيە ماناس دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدا بۇيرۇق بويىچە توختاپ، گومىنداڭ بىلەن تىنچلىق سۆھبىتى ئۆتكۈزۈش مەسىلىسى ئوتتۇرىغا قويۇلغاندىن كېيىن ئاشكارا ئىپادىلىنىشكە باشلىغان. ئابدۇرەئۇپ مەخسۇم ئۆز ئەسلىمىلىرىدە بىتىم ئىمزالىنىشتىن خېلى بۇرۇنلا غۇلجىدىكى ئالاھىدە ھوقۇقلۇق سوۋېت خادىملىرىنىڭ ئېلىخان تۆرەمنىڭ ئايالى بىلەن ئىككى ئوغلىنى «ئوقۇپ كەلسۇن» دېگەن باھانە بىلەن تاشكەنتكە يولغا سالغانلىقىنى، بۇنىڭ ئەمەلىيەتتە ئېلىخان تۆرەمنى سوۋېت ئىتتىپاقىغا ئېلىپ كېتىشنىڭ بىر سىگنالى بولغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. سەيپۇللايېفمۇ ئۆز ئەسلىمىرىلىدە 1945 - يىلى ئەتىياز ئايلىرىدىن باشلاپلا سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئېلىخان تۆرەمنى ھاكىمەيەتتىن چەتلەشتۈرۈش پىلانىنى باشلىغانلىقىنى تىلغا ئالىدۇ. ئۇنىڭ كۆرسىتىشىچە، سوۋېت ئىتتىپاقى سېيىت ھۆججەت ئىسىملىك بىر ئىشپىيوننى ئېلىخان تۆرىنىڭ يېنىغا قويغان ھەمدە غۇلجىدىكى باش ساقچى ئىدارىسىنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقىلىق مەسلىھەتچىسى ئەلى ئەپەندى ئېلىخان تۆرىنىڭ ئىشخانىسىنى مەخپىي ئاقتۇرۇپ تۇرغان.
شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى دەۋرىدە خىزمەت قىلغان شاھىتلارنىڭ كۆپ قىسمى بىردەك سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئېلىخان تۆرەمنى ئېلىپ كېتىشىدە مۇنداق بىرقانچە سەۋەبنىڭ بولغانلىقىنى تىلغا ئالىدۇ. يەنى ئېلىخان تۆرەمنىڭ بىتىمگە قارشى تۇرۇپ مۇستەقىللىق غايىسىدە چىڭ تۇرۇشى، ئىسلام ئەقىدىلىرىنى تەرغىپ قىلىپ ئاسىرتتىن سوۋېت كوممۇنىزىم مەپكۇرىسىغا قارشى تۇرۇشى، يەرلىك پۇقرالارنىڭ سوۋېت گىراجدانلىقىغا ئۆتۈشىگە قارشى تۇرۇشى شۇنداقلا گەنسۇ، چىڭخەي ئۆلكىسىنىڭ تۇڭگانلاردىن بولغان باش ھەربىي قوماندانى ما بۇفاڭغا مەخپىي مەكتۇپ يوللاپ مۇسۇلمانلارنىڭ ئىسلامىي بىرلىكىنى بەرپا قىلىشقا ئۇرۇنغانلىقى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئوغىسىنى قايناتقان ئاساسلىق سەۋەبلەردۇر دەپ قارايدۇ. قەھرىمان غوجامبەردى ئەينى ۋاقىتتا سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ھەتتا ئېلىخان تۆرىنى ئۆلتۈرىۋېتىشى مۇمكىن ئىكەنلىكىنى، ئەمما ئۇيغۇر كارتىسىنى قايتا ئويناش زۆرۈرىيىتى تۇغۇلغاندا لازىم بولىدۇ دەپ قارىغانلىقى ئۈچۈن ۋاقىتلىق ساقلاپ قالغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.
يۇقىرىقى سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ غۇلجىدا تۇرۇشلۇق «ئىككىنچى نومۇرلۇق ئۆي» دىكى مەخپىي خادىملىرى يوشۇرۇن سۈيىقەست پىلانلىغان. ئۇلار «11 ماددىلىق بىتىم» ئىمزالىنىۋاتقان كۈنلەردە غۇلجىدىكى «ياشلار تەشكىلاتى» نىڭ ئەزالىرىنى ھەرىكەتلەندۈرۈپ، ئېلىخان تۆرەمنى ئىستىپا بېرىشكە قىستايدىغان ئىمزاسىز خەت يازدۇرغان ھەمدە شۇ ئارقىلىق بلىخان تۆرەمنى ئابرويسىزلاندۇرۇشقا ئۇرۇنغان. 1946 - يىلى 13 - ئىيۇن كۈنى كېچىدە «ئىككىنچى نومۇرلۇق ئۆي» دىكى سوۋېت ئىتتىپاقىلىق مەخپىي خادىملاردىن ئەلى ئەپەندى، ئىسكەندەر ئەپەندى (ئورۇس، رۇسچە ئىسمى ئىۋان ئىۋانوۋىچ ئىۋانوف) ۋە زاكىر ئەپەندى قاتارلىق 3 كىشى ئېلىخان تۆرەمنى زېس ماركىلىق پىكاپقا سېلىپ «ئۆزبېكىستان كومپارتىيىسىنىڭ بىرىنچى سېكرېتارى ئوسمان يۈسۈپوف سىز بىلەن قورغاس چېگرىسىدا كۆرۈشمەكچى» دېگەن گەپ بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقىغا ئېلىپ كەتكەن. شۇندىن باشلاپ، ئېلىخان تۆرە تاشكەنتتە 1976 - يىلىغىچە ياشاپ ئالەمدىن ئۆتكەن.
«ئۇيغۇرچە - خىتايچە ئىدىقۇت لۇغىتى»ناملىق كىتاب تۈركىيىدە نەشىر قىلىندى
ئەركىن تارىم پروگراممىسى
ھەممىمىزگە مەلۇم، تىل تارىخى تەتقىقاتىدا قەدىمكى قوليازمىلار بولۇپمۇ قەدىمكى لۇغەتلەر ئەينى دەۋرنىڭ تىل ئالاھىدىلىكىنى تەتقىق قىلىشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. شۇڭا، بۇ تارىخىي لۇغەتلەرنى تەپسىلىي تەتقىق قىلىش تىلشۇناسلارنىڭ بۇرچى. ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمكى ۋاقىتلاردا يېزىلغان نۇرغۇن لۇغەتلىرىنىڭ بارلىقى تارىخىي مەنبەلەردە كۆرسىتىلگەن بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ ئىچىدە تېپىپ چىقىلىپ تەتقىق قىلىنغانلىرى ئاز دېيەرلىك. بولۇپمۇ ئىسلامىيەتتىن بۇرۇنقى دەۋرگە ئائىت بولغان ئۇيغۇرچە - خىتايچە، خىتايچە - ئۇيغۇرچە ۋە باشقا لۇغەتلەر ھەققىدە تەپسىلىي تەتقىقاتلار تولىمۇ كەمچىل.
1960 - يىلى ئۈرۈمچىدە نەشىر قىلىنغان «مەدەنىي يادىكارلىقلار» ژۇرنىلىدا، 1959 - يىلى تۇرپاننىڭ يالقۇنتاغ ئېتىكىدىكى سىڭگىم بۇددا خارابىلىرىدىن قەدىمقى خىتايچە - ئۇيغۇرچە لۇغەتتىن 11 ۋاراق تېپىلغانلىقى ھەققىدىكى ماقالە ئېلان قىلىنغان. بۇ 11 بەتلىك لۇغەت توغرىسىدا ئارخېئولوگ قۇربان ۋەلى تەتقىقات ئېلىپ بارغان ئىدى. 1980 - ۋە 1981 - يىللىرى دولقۇن قەمبىرى بىلەن ئىسراپىل يۈسۈپنىڭ ماقالىسىدىمۇ، تۇرپاندىكى بېزەكلىك مىڭ ئۆينى تەكشۈرۈش خىزمىتى جەريانىدا تېپىلغان قەدىمكى لۇغەت ۋاراقلىرى ھەققىدە مەلۇمات بەرگەن.
بۇلاردىن سىرت خىتاي تۈركولوگ ۋاڭ يۈئەنشىن خىتايدىكى تۈرك تىللىرى تەتقىقاتلىرى دېگەن كىتابىدا قەدىمقى كۇچا تىلى ۋە قەدىمقى ئۇيغۇر تىلى لۇغىتى ھەققىدە توختالغان بولۇپ، بەزى خىتاي تۈركولوگلارنىڭ ئېيتىشىچە بۇ لۇغەت 5 - ئەسىر ۋە 8 - ئەسىرلەر ئارىسىدىكى دەۋرگە ئائىت بولۇپ، ئەپسۇسكى بىزگىچە يېتىپ كەلمىگەن.
خىتاينىڭ مىڭ سۇلالىسى مەزگىلىدە يېزىلغان، چىڭ سۇلالىسى مەزگىلىدە كېڭەيتىلگەن، ۋە كېيىنكى يىللاردا كۆپ قېتىم بېسىپ تارقىتىلغان «ئۇيغۇرچە - خىتايچە لۇغەت» مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.
بۇ لۇغەت بۈگۈنكى ئۇيغۇرچىنىڭ تارىخىنى، تىل ئالاھىدىلىكىنى تەتقىق قىلىش ئۈچۈن، شۇنداقلا مىڭ سۇلالىسى بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ مۇناسىۋىتىنى تەتقىق قىلىش ئۈچۈن ناھايىتى مۇھىم تارىخىي ماتېرىيال ھېسابلىنىدۇ.
«ئىدىقۇت لۇغىتى» دەپ نام بېرىلگەن مەزكۇر لۇغەت مەغپىرەت كامال يۇنۇسئوغلى تەرىپىدىن 1997 - يىلى ئەنقەرە ئۇنىۋېرسىتېتى قەدىمكى تۈرك تىللىرى كافېدىراسىنىڭ ماگىستىرلىق ئۇنۋانى ئۈچۈن تەييارلانغان بولۇپ، 2012 - يىلى 2 - ئايدا قايتا تۈزىتىلگەندىن كېيىن، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تىل تەتقىقات ئىدارىسى تەرىپىدىن نەشىر قىلىنغان.
195 - بەتلىك بۇ ئەسەر قانداق مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان؟ كىتابنىڭ تۈركولوگىيە ۋە تارىخ تەتقىقاتىدا قانداق رولى بار؟دېگەنگە ئوخشاش سوئاللارغا جاۋاب تېپىش ئۈچۈن كىتابنىڭ ئاپتورى دوكتور مەغپىرەت كامال يۇنۇسئوغلى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.
0:00 / 0:00