«تارىخ ۋە بۈگۈن» (2013 - يىلى 31 - مارت)

0:00 / 0:00

بۇ پروگراممىمىزدا تۆۋەندىكى ئىككى ماقالىنى ئاڭلايسىلەر: «1933 - يىلىدىكى شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاساسىي قانۇن لايىھىسى (2)» ۋە «ياپونىيە ھەربىي رازۋېتكىچىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئائىت توپلىغان ئۇچۇرلىرى».

1933 - يىلىدىكى شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاساسىي قانۇن لايىھىسى (2)

قۇتلان ماقالىسى

«ئىستىقلال» مەجمۇئەسىنىڭ تۇنجى سانىدا ئېلان قىلىنغان «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى دۆلەت ئاساسىي قانونى لاھىيىسى» نىڭ 6 - ماددىسىدا «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىس جۇمھۇرى دىن، مىللەت ھەمدە ۋەتەننىڭ ئاسايىشى، تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتى ئۈچۈن رەھبەرلىك قىلغۇچى دۆلەتنىڭ بۈيۈك ئاتىسى، ئالىي ئەمىرى ھەم قوماندانىدۇر» دەپ كۆرسىتىلگەن. لايىھىنىڭ 7 - ماددىسىدا باش ۋەكىل، يەنى باش مىنىستەرىڭ ۋەزىپىلىرى ئېنىق بەلگىلەنگەن بولۇپ، ئۇنىڭدا «باش ۋەكىل پۈتۈن نازارەتلەر (مىنىستىرلىكلەر) نىڭ باشلىقىدۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ ھەر بىر نازارەتنىڭ ئىشلىرىنى باشقۇرۇش ھوقۇقىغا ئىگىدۇر. باش ۋەكىل ئادەتتە ۋەكىللەر ھەيئىتى (ھۆكۈمەت ئەزالىرى) نىڭ رەئىسى دەپمۇ ئاتىلىدۇ» دەپ كۆرسىتىلگەن.

مەركىزى ئىستانبۇلدىكى سۇتۇق بۇغراخان ئىلىم ۋە تەتقىقات مەركىزىنىڭ تەتقىقاتچىسى دوكتور ئالىمجان بوغدا بۇ ھەقتە توختىلىپ، 1933 - يىلى ئېلان قىلىنغان «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى دۆلەت ئاساسىي قانۇنى لايىھىسى» نىڭ ھەم ئىسلام دىنىنىڭ دۆلەت باشقۇرۇش روھىغا ھەم ئەينى ۋاقىتتىكى زامانىۋى مىللىي دۆلەتلەرنىڭ ئاساسىي قانۇن پرىنسىپلىرىغا ماسلاشترۇلغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلەيدۇ. ئۇنىڭ قارىشىچە، مەزكۇر ئاساسىي قانۇن لايىھىسى ئۆز دەۋرىدە مۇسۇلمانلار دۇنياسىدىكى ئىسلام دۆلەتچىلىك ئەنئەنىسى بىلەن تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى ھەمدە مىسىر قاتارلىق ئەللەرنىڭ يېڭى ئاساسىي قانۇنلىرىنى ئۆگىنىش ئاساسىدا يورۇقلۇققا چىققان ئىكەن. ئۇ يەنە باش ۋەكىل سابىت داموللامنىڭ مىللىي قۇتۇلۇش ئىنقىلابى ھارپىسىدا تۈركىيە، مىسىر قاتارلىق ئەللەردە بىر مەزگىل تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشى ھەمدە جۇمھۇرىيەت قۇرۇلغاندىن كېيىن مىسىر ھۆكۈمىتىگە مەكتۇپ يېزىپ يېڭىدىن دۇنياغا كەلگەن شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى دۆلەت ئاساسىي قانۇنىنى تۈزۈپ چىقىشقا ياردەم سورىغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلەپ ئۆتتى.

دوكتور ئالىمجان بوغدا «ئىستىقلال» مەجمۇئەسىدە ئېلان قىلىنغان «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى دۆلەت ئاساسىي قانۇن لايىھىسى» نىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ 20 - ئەسىردىكى مىللىي دۆلەتچىلىك ۋە قانۇنچىلىق تارىخىنى تەتقىق قىلىشتا ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى. ئۇنىڭ قارىشىچە، 1933 - يىلى قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى مۇسۇلمانلار دۇنياسىدىكى تۇنجى ئىسلام جۇمھۇرىيىتى بولۇپ، ئۇ دەۋردە مەيلى مىسىر، مەيلى پاكىستان ياكى ئىراندا بولسۇن ھېچقايسىسى تېخى دۆلەت شەكلىنى ئىسلام جۇمھۇرىيىتى نامىدا ئېلان قىلمىغان ئىكەن. تۈركىيىدە گەرچە 1923 - يىلى جۇمھۇرىيەت قۇرۇلغان بولسىمۇ، لەكىن خاراكتېر جەھەتتىن ئىسلام جۇمھۇرىيىتى ئەمەس بولۇپ، دىن بىلەن سىياسىي ئايرىلغان مىللىي دۆلەت شەكلىنى ساقلىغان ئىكەن. مۇشۇ ئەھۋاللارنى كۆزدە تۇتقاندا، 1933 - يىلىدىكى «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى دۆلەت ئاساسىي قانۇن لايىھىسى» يالغۇز ئۇيغۇرلار ۋەتىنى ئۈچۈنلا ئەمەس، بەلكى ئۆز مۇستەقىللىقى ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتقان ئەينى زامان مۇسۇلمان ئەللىرى ئۈچۈنمۇ مۇئەييەن قىممەتكە ئىگە ئىكەن.

ياپونىيە ھەربىي رازۋېتكىچىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئائىت توپلىغان ئۇچۇرلىرى

ھاجى قۇتلۇق قادىرى تەييارلىدى

ياپونىيىلىك تەتقىقاتچى سۇزۇكى يېقىندا «مانجۇرىيە ۋە ئىچكى موڭغۇل» ناملىق تەتقىقات كىتابىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، مەزكۇر كىتابتا ياپونىيىنىڭ ئىچكى ۋە تاشقى سىياسىتىدە مانجۇرىيە بىلەن ئىچكى موڭغۇلغا نىسبەتەن مەخسۇس سىياسەتلەرنىڭ بەلگىلىنىپ بولۇنغانلىقى، شۇ ۋاقىتتىكى ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئىقتىسادىي ۋە ھەربىي كۈچىنى كۆپلەپ سەرپ قىلىش ئارقىلىق مانجۇرىيە دۆلىتى ئىچىدە ئىچكى موڭغۇلىيىنى ئىدارە قىلىش، بۇ يول ئارقىلىق ئۆزلىرى مانجۇرىيىنى كونترول قىلماقچى بولغانلىقىدىن ئىبارەت ياپونىيە سىياسىتىنىڭ بەلگىلەنگەنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

،ئاپتور كىتابىدا ئەينى ۋاقىتتىكى ياپون ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي ئىچىدىكى ئاز - سانلىق مىللەتلەردىن مانجۇ مىللىتى بىلەن موڭغۇل مىللىتىنىڭ مەسىلىسىگە ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلگەنلىكى، يەنى جۇغراپىيىلىك جەھەتتىن بۇ ئىككى رايوننىڭ ياپونىيىگە يېقىن بولۇشتەك ئەۋزەللىكىدىن پايدىلىنىپ،بۇ زېمىنلارنى ئۆزىنىڭ ھامىيلىقى ئاستىدىكى جايلارغا ئايلاندۇرۇش ئارقىلىق بۇ يەرلەرنى ياپونىيىنىڭ خام ئەشيا بازىسى قىلىش ۋە يەنە بىر جەھەتتىن رۇسىيىگە قالقان قىلىشتىن ئىبارەت چوڭ سىياسەتنى بېكىتكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ.

ئاپتور سۇزۇكى، ياپونىيە رازۋېتكىچىلىرىنىڭ 1931 - يىلىدىن 1934 - يىلغىچە بولغان ئارىلىقتا ئۇيغۇر ئېلىدە يۈز بەرگەن قوزغىلاڭلارغا باشقىچە دىققەتتە بولغانلىقىنى، شۇ ۋاقىتلاردىن باشلاپ ياپونىيە ھەربىي تەرەپنىڭ رازۋېتكىچىلىرىنىڭ ھەر - خىل يوللار ئارقىلىق ئۇيغۇرلارغا ئائىت ئۇچۇر ۋە ماتېرىياللارنى توپلىغانلىقىنى بايان قىلغان.

ياپونىيىدىكى بەزى تارىخچىلارنىڭ ئېيتىشىغا قارىغاندا، ياپونىيە ھەربىي ئارخىپلىرىدا كۆرسىتىلىشىچە، ياپونىيە تەرەپ 1933 - يىلى 11 - ئاينىڭ 12 - كۈنى قەشقەردە قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىگە تولىمۇ قىزىققان ۋە بۇ جۇمھۇرىيەت بىلەن ھەمكارلىشىش پىلانلىرىنى پىلانلىغان بولسىمۇ، لېكىن دۆلەت قۇرۇلمىسىنى قوغدىيالىغىدەك ئاساسىي بولمىغان، مۇرەككەپ يۇرتۋازلىق سەۋەبلىرىدىن، بۇ جۇمھۇرىيەت 1934 - يىلى تاشقى كۈچلەرنىڭ، يەنى ما جۇڭيىڭ بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ھەربىي كۈچىنىڭ زەربىسىدە ۋەيران بولغان.

ياپونىيىلىك ئۇيغۇر تارىخ تەتقىقاتچىسى ياماگۇچى، ھەربىي ئارخىپلاردىكى ئۇيغۇرلارغا ئائىت ئۇچۇرلار ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى:

«ياپونىيە ھەربىي ئارخىپلىرىدا ئۇيغۇرلارغا ئائىت كۆپلىگەن ماتېرىياللار بار. ئۇلارنىڭ بىر قىسمى شەرقىي تۈركىستاندىن، بىر قىسمى بولسا ئافغانىستان، ھىندىستان، كەشمىر قاتارلىق جايلاردىن توپلانغان. بۇلارنىڭ پايدىلىنىش قىممىتى يۇقىرى بولۇپ ئۇيغۇرلار تارىخىدىكى شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى ھەققىدىكى ئۇچۇرلار زور سالماقنى ئىگىلەيدۇ.»

ياپونىيىلىك تارىخشۇناس ساكاموتونىڭ ياپونىيە ھەربىي ئارخىپلىرىدىن ئالغان ئۇچۇرلىرىغا ئاساسلانغاندا ياپونىيە ھەربىي رازۋېتكا ئورگىنىدىكى مانجۇرىيىدە ئۇزۇن مۇددەت خىزمەت قىلغان كاندا مانجۇرىيىدىكى ئەۋزەل خىزمەت شارائىتىدىن پايدىلىنىپ، شۇ يەردىكى خۇيزۇ، يەنى تۇڭگانلاردىن ئۇيغۇرلارغا ئائىت ئۇچۇرلانى توپلىغان بولسا، كېيىن سىبىرىيىدىن قاچقان ئاق رۇسلارغا ئەسكەر بولغان ۋە ياپون - سوۋېت ئارىسىدىكى ئۆز - ئارا تىركىشىشلەردە ئەسىرگە چۈشكەن ئۈچ يۈزدىن ئوشۇق، ئوتتۇرا - ئاسىيالىق تۈركىي مىللەتلەردىن كېلىپ چىققان كىشىلەردىن ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى ئۇچۇرلارغا ئىگە بولغان.

ساكاموتونىڭ يېزىشىچە، كاندا 1932 - يىلدىن 1934 - يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا تۈركىيىنىڭ ئىستانبۇل شەھىرىدىكى ياپونىيە ئەلچىخانىسىدا خىزمەت قىلغان. كاندا يالغۇز ئۇيغۇرلار ھەققىدىلا ئۇچۇر توپلاشقا قىزىقىپ قالماستىن بەلكى رۇسىيە ئىچىدىكى تۈركىي خەلقلەر توغرىسىدىكى ئۇچۇرلارغىمۇ قىزىققان ۋە بۇ ھەقتە ئەتراپلىق ئىزدەنگەن. كاندا ئىستانبۇلدىكى ياپون ئەلچىخانىسىدىن ئايرىلىپ، ئافغانىستاننىڭ كابۇلدىكى ياپونىيە ئەلچىخانسىغا باش ئەلچى قىلىپ تەيىنلەنگەندىن كېيىن، ئافغانىستانغا توپلانغان، خىتايدىن زەربە يېگەن خوتەن ئەمىرى مۇھەممەد ئىمىن بۇغرا قاتارلىقلار ئارقىلىق ئۇيغۇرلار ھەققىدە كۆپلىگەن ئۇچۇرلارغا ئىگە بولغان. كاندانىڭ يول كۆرسىتىشى، مەسلىھەتى بىلەن شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەھبەرلىرىدىن بىرى، ۋەتىنىدىن ئايرىلغان مەھمۇت مۇھىتى باشچىلىقىدىكى ئۆمەك ياپونىيىگە بېرىپ، ياپونىيە ھۆكۈمىتىدىن ماددىي ۋە مەنىۋى ياردەم تەلەپ قىلغان.

توكيو ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تارىخشۇناس پروفېسسورى كوماتسۇنىڭ ياپونىيىدىكى ئىسلام تارىخىغا ئائىت ئېلىپ بارغان تەتقىقاتىغا قارىغاندا، ياپونىيە ئىسلام دىنىي جەمئىيىتى تەرىپىدىن نەشىر قىلىنغان ئەرەب يېزىقى ئاساسىدىكى چاغاتاي تىلىدا 1930 - يىلىدىن باشلاپ 1945 - يىلغىچە نەشىر قىلىنغان «يېڭى ياپون مۇخبىرى»جۇرنىلىدا ئىسلام دۇنياسىغا ئائىت ئۇچۇرلار بېرىلگەن.

مەزكۇر جۇرنال كېيىن «ئەلخەبەر ئەل يابانى» يەنى «ياپون خەۋەرلىرى» دېگەن نامغا ئۆزگەرتىلگەندىن كېيىن، جۇرنالدا ئۇيغۇر ئېلى ھەققىدە خەۋەرلەر بېرىلىپ، بۇ خەۋەردە ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ سوۋېتلەر بىلەن خىتايلارنىڭ زۇلۇمى ئاستىدا ئىسلامىي دىنىي ئېتىقادلىرىنىڭ دەپسەندە قىلىنىۋاتقانلىقى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ئېغىر زۇلۇمغا ئۇچراپ، مۇستەقىل دۆلەت قۇرۇش ئىستىكىنىڭ بارلىقى توغرىسىدا رۇسىيىدىن كەلگەن ئىسلام ئالىمى ئابدۇرېشىت ئىبراھىمنىڭ چوڭ ھەجىملىك ماقالىسى بېسىلغان.

ئۇنىڭدىن باشقا 1941 - يىلى، توكيودا نەشىر قىلىنغان تۈركىستانلىقلارنىڭ «چەتئەلگە قاچقان جەڭچىلەر» ناملىق زھۇرنىلىدىمۇ ئۇيغۇرلارغا ئائىت كۆپلىگەن مەلۇماتلار بېرىلگەن. مەسىلەن: 1933 - يىلى قەشقەردە قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھالاك بولۇشى توغرىسىدا مەزكۇر زھۇرنالنىڭ ساھىبلىرىدىن بىرى بولغان گېنېرال مەخمۇت مۇھىتى بىلەن ياپونىيىگە بىرگە كەلگەن مۇھەممەد ئىمىن ئىسلامىنىڭ «مۇھاجىراتتە يوقالغان مۇجاھىدلىرىمىز» ناملىق كىتابى ۋە كۆپلىگەن ماقالىلىرىنىڭ ئېلان قىلىنغانلىقى قەيت قىلىنغان.

ياپونىيىلىك تارىخچى كوماتسۇنىڭ ياپونىيە ئىسلام تارىخىغا ئائىت ئېلان قىلغان ئەسەرلىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، 1938 - يىلى توكيودا قۇرۇلغان ياپونىيە ئىسلام جەمىيىتىنىڭ رەئىسى ھاياشى سېنجۇرو ئىچكى موڭغۇلىيىدە تۇرىۋاتقان، شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسى خوجا نىياز ھاجىمنىڭ ئىنىسى ئوسمان باشچىلىقىدىكى ئۇيغۇرلارنى تەشكىللەپ ئۇلارنى توكيوغا تەكلىپ قىلىپ، ئۇلار بىلەن كۆپلەپ سۆھبەت ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق ئۇيغۇر ئېلىنىڭ سىياسىي ۋەزىيىتىنى تەپسىلى ئىگىلەپ تۇرغان.

كوماتسۇنىڭ كىتابىدا خوجا نىياز ھاجىمنىڭ ئىنىسى ئوسماننىڭ ياپونىيىلىك قىز سۇزۇكى يوشىكو بىلەن ئۆيلۈك بولغاندىن كېيىن، سۇزۇكى يوشىكو ئۆزىنىڭ ئىسمىنى «ئامىنە»گە ئۆزگەرتىپ كۆپ قېتىم ئۇيغۇر ئېلىگە ۋە خىتايدىكى خۇيزۇلار، يەنى تۇڭگانلار ئولتۇراقلاشقان جايلارغا بېرىپ، كۆپلىگەن ئۇچۇر ۋە ئاخباراتلارنى توپلىغانلىقىنى،يالغۇز ئۇيغۇر ئېلىدىن ئۇچۇرلار، ئەمەس بەلكى قەدىمقى قول يازمىلار، قەدىمى ئەسەرلەر، ھەتتا ئۇيغۇر ئېلىدە نەشىر قىلىنغان گېزىت - زھۇرناللارنىمۇ توپلىغانلىقى، ئەمما توپلىغان بۇ ئاخباراتلارنىڭ ھەربىي ئۇرۇش ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى ياپونىيىنىڭ دىپلوماتىيە سىياسىتى ئۈچۈن ئىكەنلىكى ھەققىدىمۇ بەزى مەلۇماتلار بېرىلگەن.

ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلاڭ.