« تارىخ ۋە بۈگۈن» نىڭ بۇ يەكشەنبىلىك قىسىمىدا سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا ئېلىپ بارغان مەخسۇس جاسۇسلۇق پائالىيەتلىرى مەسىلىلىرى ھەققىدە بايانلار بولىدۇ.
ستالىننىڭ جازا قىلىچى - نائۇم ئەيتىنگون
ئۇمىدۋار
نائۇم ئەيتىنگون ، سوۋېت ئىتتىپاقى كگب گېنېرال مايورى (1890 - 1981)
20 - ئەسىرنىڭ بىرىنچى يېرىمىدىكى ئىنسانىيەت تارىخى ئىنتايىن ۋە مۇرەككەپ سىياسىي - ئىجتىمائىي ۋە مەدەنىيەت توقۇنۇشلىرى بىلەن تولدى. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى ۋە ئۆكتەبىر ئۆزگىرىشىدىن كېيىنكى دۇنيانىڭ ئىككى ئىدېئولوگىيىلىك سىياسىي لاگېرغا بۆلۈنۈشى ھەم ئىككىنچى جاھان ئۇرۇشى ئىنسانىيەت تارىخىدا ئۆچمەس ئىز قالدۇردى. مانا مۇشۇ مۇرەككەپ توقۇنۇشلاردىن ئۇيغۇرلارمۇ ئۆز نېسىۋىسىنى ئالغان بولۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي تەقدىرى ئەنە شۇ ئىدېئولوگىيىلىك ۋە ئىستراتېگىيىلىك مەنپەئەتلەر كۈرەشلىرىدىن ئورۇن ئالدى.
مانا بۇ جەرياندا سوۋېت ئىتتىپاقى ئۆز بىخەتەرلىك خادىملىرىنى ئىشقا سالغان بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىچىدە گېنېرال ئەيتىنگوننىڭ پائالىيەتلىرى ئۆزگىچىدۇر.
20 - ئەسىرنىڭ بىرىنچى يېرىمىدىكى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىدا ھىندىستاننى مۇستەملىكە قىلغان ئۇلۇغ بېرىتانىيە ئىمپېرىيىسى ۋە مۇسۇلمان دۆلىتى ئافغانىستان، غەربىي ۋە شىمالى تەرەپلىرىدە غەرب كاپىتالىزم سىستېمىسىغا قارشى سوۋېت ئىتتىپاقى شۇنىڭدەك سوۋېت ئىتتىپاقى ھامىيلىقىدىكى تاشقى موڭغۇلىيە، شەرقىي قىسمىدىكى ئىچكى خىتاينىڭ گەنسۇ - چىڭخەي رايونلىرىدا تۇڭگان مىلىتارىست كۈچلىرى بولۇشتەك جۇغراپىيىۋى سىياسىي مۇھىت مەۋجۇت ئىدى.
سوۋېت ئىتتىپاقى ئۆزىنىڭ دۇنياۋى ھەربىي - سىياسىي تەسىرىنى ساقلاش ھەم ئۆز دۆلەت مەنپەئەتلىرىنى قوغداش يولىدا ھەربىي رازۋېتكا،يەنى ھەربىي جاسۇسلۇق كۈچىدىن ئاكتىپ ۋە ئۈنۈملۈك پايدىلانغان بولۇپ، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىك ساھەسى ۋە قىزىل ئارمىيە رازۋېتكا ئورگىنى دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئاكتىپ پائالىيەت قىلدى. سوۋېت جاسۇسلىرى ئارىسىدا كۆپلىگەن داڭلىق جاسۇسلار يېتىشىپ چىقىپ، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ مەنپەئەتلىرىنى قوغدىغانلىقى ئۈچۈن يۇقىرى ئوردېنلار ۋە قەھرىمانلىق ناملىرى بىلەن تەقدىرلەندى. ئەنە شۇلارنىڭ ئىچىدە ئەڭ داڭلىق سوۋېت ھەربىي رازۋېتچىكى، يەنى «ستالىننىڭ جازا قىلىچى» دەپ نام ئالغان نائۇم ئەيتىنگوندۇر.
سوۋېت ئىتتىپاقى دۆلەت بىخەتەرلىك كومىتېتىنىڭ گېنېرال مايورى نائۇم ئەيتىنگون سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئامېرىكا، فرانسىيە، گېرمانىيە، تۈركىيە، مېكسىكا، خىتاي ۋە باشقا دۆلەتلەرگە قاراتقان رازۋېتكا پائالىيەتلىرىدە ھەل قىلغۇچ رول ئوينىغان شەخسلەرنىڭ بىرى بولۇپلا قالماستىن ئۇ يەنە ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي تەقدىرى بىلەنمۇ بىۋاسىتە چېتىشلىق شەخستۇر.
يېقىندا موسكۋادا «سوۋېت رازۋېتكىسىنىڭ ئاخىرقى رىتسارى» ماۋزۇلۇق بىر ھۆججەتلىك فىلىم ئىشلەنگەن بولۇپ، مەزكۇر فىلىمدە «ستالىننىڭ جازا قىلىچى» نائۇم ئەيتىنگوننىڭ پائالىيەتلىرى ۋە ئاخىرقى تەقدىرى ھۆججەتلەر ھەم مۇتەخەسسىسلەرنىڭ تەتقىقاتلىرى ئاساسىدا بايان قىلىنغان.
سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئەڭ خەتەرلىك ۋە دەھشەتلىك سىياسىي ۋەزىپىلىرىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئىجرا قىلغان ئەيتىنگوننىڭ ستالىن ئالدىدىكى ئەڭ مۇھىم تۆھپىلىرى سابىق سوۋېت رۇسىيىسىنىڭ ئاتاقلىق رەھبەرلىرىدىن بىرى، ستالىننىڭ كونا رەقىبى لېۋ تروتسكىينى مېكسىكىدا پالتا بىلەن چاناپ ئۆلتۈرۈش، مانجۇرىيىگە خوجا بولۇۋېلىپ، سوۋېت ئىتتىپاقىغا قارشى تۇرۇپ، ياپونلار بىلەن ھەمكارلاشقان مىلىتارىست جاڭ زولىننى پويىزدا پارتلىتىپ ئۆلتۈرۈش پلانلىرىنى ئىشقا ئاشۇرۇشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
«سوۋېت رازۋېتكىسىنىڭ ئاخىرقى رىتسارى» ناملىق ھۆججەتلىك فىلىمدە ئەيتىنگوننىڭ كۆرسەتكەن خىزمەتلىرى قاتارىدا ئۇنىڭ پولەك، لىتۋا ۋە ئۇيغۇر مىللەتپەرۋەرلىرىنى يوقاتقانلىقى ئەسكەرتىلگەن.
سوۋېت كگب گېنېرال لېيتىنانتى پاۋېل سۇداپلاتوۋ ئۆز ئەسلىمىسىدە نائۇم ئەيتىنگوننىڭ 1946 - يىلى ستالىن تەرىپىدىن ئۇيغۇر ئېلىغا ئەۋەتىلگەنلىكى، ئۇنىڭ خىتاي كومممۇنىستلىرىغا ياردەم بېرىپ، ئۇيغۇر مىللەتپەرۋەرلىرىنى باستۇرغانلىقىنى قەيت قىلغان.
دېمەك، ستالىننىڭ مەزكۇر داڭلىق جاسۇسى ئۇيغۇرلارنىڭ 1944 - 1949 - يىللىرىدىكى مىللىي ئازادلىق ئىنقىلابىغىمۇ قول تىقىپ، مۇھىم ۋەزىپىلەرنى بېجىرگەن شەخستۇر.
قەھرىما غوجامبەردى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى جاسۇسلۇق ھەرىكەتلىرى ھەققىدە
ئويغان سۆھبىتى
سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى 1920 - 1930 - يىللىرىدىن ئېتىبارەن ئۇيغۇر دىيارىغا رازۋېتكا گۇرۇپپىلىرىنى ئەۋەتىپ، رايوننىڭ ھەربىي - سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي ھەم باشقا مەسىلىلىرىنى تەكشۈرگەن، سوۋەت بىخەتەرلىك دائىرىلىرى ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي ئازادلىق ھەرىكەتلىرىگە ئاكتىپ ئارىلاشقان ئىدى. بۇ مەسىلىلەر بويىچە سابىق سوۋېت ئارمىيىسىنىڭ پولكوۋنىكى، سىياسىيون قەھرىمان غوجامبەردى ئۆز بايانلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
0:00 / 0:00