«تارىخ ۋە بۈگۈن» ( 2013 - يىلى 9 - ئاينىڭ 22 - كۈنى)

مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2013-09-22
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
ئۇيغۇر ئالىمى ئابدۇرېھىم تۇرسۇن
ئۇيغۇر ئالىمى ئابدۇرېھىم تۇرسۇن
misranim.cn

«تارىخ ۋە بۈگۈن» سەھىپىسى بويىچە ئوتتۇرا ئەسىرلەر ئۇيغۇر پەلسەپىۋى پىكىرلىرى تارىخى بويىچە تۇنجى قېتىم دوكتورلۇق ئۇنۋانى ئالغان ئۇيغۇر ئالىمى ئابدۇرېھىم تۇرسۇننىڭ ئىلمىي ھاياتى ۋە ئۇنىڭ «دەسلەپكى ئوتتۇرا ئەسىر ئۇيغۇرلىرىنىڭ پەلسەپىۋى پىكىرلىرى» ماۋزۇلۇق كىتابى ھەققىدىكى مەلۇماتلار، ئوسمان باتۇر ھەققىدىكى تارىخىي مەلۇماتلار ۋە شاھىدلارنىڭ ئىنكاسلىرى تۈركىيە بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ تارىخى باغلىنىش مەسىلىلىرى ۋە باشقىلار تونۇشتۇرۇلىدۇ.

ئاكادېمىك ئەزىز نارىنبايېف ۋە پروفېسسور ئابلەت كامالوف ئا. تۇرسۇننىڭ «دەسلەپكى ئوتتۇرا ئەسىر ئۇيغۇرلىرىنىڭ پەلسەپىۋى پىكىرلىرى» ماۋزۇلۇق كىتابى ھەققىدە

ئويغان تەييارلىدى

دەسلەپكى ئوتتۇرا ئەسىر ئۇيغۇرلىرىنىڭ پەلسەپىۋى پىكىرلىرى تېمىسىدا دوكتورلۇق ئۇنۋان ئالغان تۇنجى ئۇيغۇر ئالىمى ئابدۇرېھىم تۇرسۇن 29 يېشىدا سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئىلىم ئوچاقلىرىدىن بىرى بىشكەك شەھىرىدە 2002 - يىلى قىرغىزىستان پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ مەخسۇس دېسسىرتاتسىيە ياقلاش كېڭىشىدە «دەسلەپكى ئوتتۇرا ئەسىرلەر ئۇيغۇر پەلسەپىۋى پىكىرلىرىنىڭ كېلىپ چىقىش مەنبەسى ۋە ئېۋوليۇتسىيىسى (بۇددىزم پەلسەپىسى ماتېرىئاللىرى ئاساسىدا)» ناملىق ئىلمىي ئەمگىكىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ياقىلىغان ئىدى.

قىرغىزىستان پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ ئاكادېمىكى، پروفېسسور، ئۇيغۇر ئالىمى ئەزىز نارىنبايېف ئابدۇرېھىم تۇرسۇننىڭ ئەينى ۋاقىتتا دىسسېرتاتسىيىلىك ئىلمىي ئەمگىكىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملاپ، پروفېسسور ۋە ئاكادېمىكلارنىڭ يۇقىرى باھاسىغا ئېرىشىپ دوكتورلۇق ئۇنۋانى بېرىلگەنلىكىنى كۆرسەتتى. ئاكادېمىك ئەزىز نارىنبايېف ئا. تۇرسۇننىڭ ئىلمىي ئەمگىكى ۋە تىرىشچانلىقىغا يۇقىرى باھا بەردى.

ئا. تۇرسۇن يەنە 2002 - يىلى، ئۆزىنىڭ مەزكۇر ئىلمىي ئىشى ئاساسىدا «دەسلەپكى ئوتتۇرا ئەسىر ئۇيغۇرلىرىنىڭ پەلسەپىۋى پىكىرلىرى» ناملىق ئەمگىكىنى رۇس تىلىدا نەشر قىلدى. بۇ كىتابقا ئەزىز نارىنبايېف كىرىش سۆز پىكىرى يازدى. مەزكۇر كىتاب بىر نەچچە قىسىم ۋە بۆلەكلەردىن، يەنى پەلسەپە پەنلىرى دوكتورى، پروفېسسور، قىرغىزىستان مىللىي پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ ھۆرمەتلىك ئاكادېمىكى، قىرغىزىستاننىڭ خىزمەت كۆرسەتكەن پەن ئەربابى ئەزىز نارىنبايېفنىڭ كىرىشمە سۆزىدىن، مۇقەددىمىدىن، «ئۇيغۇر ئىجتىمائىي - پەلسەپىۋى پىكىرلىرىنىڭ شەكىللىنىشى ۋە راۋاجلىنىشىنىڭ ئىجتىمائىي - مەدەنىي ئامىللىرى» ۋە «ئۇيغۇر مۇتەپەككۈرلىرىنىڭ ئىجتىمائىي - پەلسەپىۋى قاراشلىرىنىڭ راۋاجلىنىش ئالاھىدىلىكلىرى» دىگەن ئىككى باپتىن، شۇنداقلا خۇلاسە ۋە پايدىلىنىلغان ئەدەبىياتلار تىزىمىدىن ئىبارەتتۇر.

كىتاپ شەرق خەلقلىرىنىڭ، جۈملىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ ئىجتىمائىي - پەلسەپىۋى پىكىرلىرى مەسىلىلىرى بويىچە شۇغۇللىنىۋاتقان تەتقىقاتچىلار، شۇنىڭغا قىزىققۇچىلار ئۈچۈن مۇھىم مەنبە بولۇپ خىزمەت قىلدى.

رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان تارىخ پەنلىرى دوكتورى ئابلەت كامالوف بۇ ھەقتە ئۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئابدۇرېھىم تۇرسۇننىڭ ئەينى ۋاقىتتا ئۆز تېمىسىنى تەتقىق قىلىش ئۈچۈن پەقەت پەلسەپە ساھەسىدىلا ئۆگەنمەستىن، بەلكى يەنە ئۇيغۇرلار ۋە باشقا تۈركىي خەلقلەرنىڭ تارىخى، مەدەنىيىتىنى تەتقىق قىلىپ چوڭقۇر ئۆگەنگەنلىكى، رۇس ۋە باشقا مىللەت ئالىملىرىنىڭ ھەر خىل تىلدىكى ئەسەرلىرىنى تىرىشىپ ئوقۇپ ئۆگىنىپ چىققانلىقى، نەتىجىدە ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇيغۇر پەلسەپىۋى پىكىرلىرىڭ تارىخى مەنبەلىرىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك يورۇتقانلىقىنى تەكىتلىدى. ئۇ، ئابدۇرېھىم تۇرسۇننىڭ ئىستىقبالى زور ياش ئالىم سۈپىتىدە مەيدانغا چىققانلىقى ئۇنىڭ «دەسلەپكى ئوتتۇرا ئەسىرلەر ئۇيغۇرلىرىنىڭ پەلسەپىۋى پىكىرلىرى» ماۋزۇلۇق رۇس تىلىدا نەشىر قىلدۇرغان ئىلمىي ئەسىرى ئارقىلىق نامايەن قىلىنغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئا.تۇرسۇننىڭ كىتابىدىن ئارىيىلەرنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز.

قەدىمدىن بۈگۈنگىچە تۈركىستان - تۈركىيە مۇناسىۋىتى توغرىسىدا سۆھبەت

ئەركىن تارىم تەييارلىدى

تۈركىيىدىكى تارىخچىلار، ئاناتولىيە، يەنى تۈركىيىدىكى تۈركلەرنىڭ ئاتا - بوۋىلىرىنىڭ تۈركىستاندىن، يدنى بۈگۈنكى ئورتا ئاسىيادىن كەلگەنلىكىنى يازىدۇ. تارىخ كىتابلىرىدا تۈركلەرنىڭ تۈركىستاندىن قاچان قانداق كەلگەنلىكى، قايسى دۆلەتلەرنى قۇرغانلىقى خاتىرلەنگەن بولسىمۇ، 1000 يىللىق تارىخ جەريانىدا تۈركىستان بىلەن تۈركىيە ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنىڭ قانداق تەرەققىي قىلغانلىقى توغرىسىدا ئەتراپلىق مەلۇمات يوق. شۇڭا يېقىنقى يىللاردىن بېرى تۈركىيىدىكى بەزى تېلېۋىزيە قاناللىرى بۇ ھەقتە مەخسۇس تارىخ پروگراممىلىرى ئىشلەپ ئاڭلاتماقتا. يېقىندا ئامېرىكا مىشىگېن ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى پروف. در. تىمۇر قوجائوغلۇ ئەپەندى تۈركىيىنىڭ ئەڭ چوڭ تېلېۋىزىيە قاناللىرىدىن بىرى بولغان «خابەر تۈرك» >تە تۈركىستان - تۈركىيە مۇناسىۋىتىدە ئاشكارىلانمىغان نۇرغۇن مەسىلىلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئاناتولىيەگە كېلىپ ئولتۇراقلىشىشى توغرىسىدىمۇ يېڭى مەلۇماتلارنى ئوتتۇرىغا قويدى. بىز بۇ ھەقتە تېخىمۇ تەپسىلى مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن پروف. در. تىمۇر قوجائوغلۇ بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

ئۇ، ئوتتۇرا ئاسىيا، يەنى تۈركىستان بىلەن تۈركىيە ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنىڭ قەدىمىي تارىخقا ئىگە ئىكەنلىكىنى، ھەتتا 13 - ئەسىردە ئۇيغۇرلارنىڭ ئاناتولىيەدە دۆلەت قۇرغانلىقىنى، تۈركىستان خەلقىنىڭ ھەر دەۋىردە تۈركىيە تۈركلىرىگە ياردەم قىلغانلىقىنى، تۈركىستان بىلەن تۈركىيە ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنىڭ ھېچ قاچان ئۈزۈلۈپ قالمىغانلىقىنى، تۈركىستان - تۈركىيە مۇناسىۋىتى توغرىسىدا تارىخچىلار كۆپلەپ ئەسەر يازغان بولسىمۇ، نۇرغۇن نەرسىلەردىن خەلقنىڭ بىخەۋەر ئىكەنلىكىنى، يېقىنقى يىللاردىن بېرى تېلېۋىزىيە ۋە رەسىملىك ھېكايىلار ئارقىلىق بۇلارنىڭ خەلققە ئاڭلىتىلىۋاتقانلىقىنى مىساللار بىلەن ئاڭلاتتى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت