«تارىخ ۋە بۈگۈن» سەھىپىمىزنىڭ 5-يانۋار كۈنىدىكى قىسمىدا 19-ئەسىر رۇسىيە-چىڭ سۇلالىسى مۇناسىۋەتلىرىدىكى ئۇيغۇرلار تەقدىرىگە ئائىت سۆھبەت ۋە پەلسەپە پەنلىرى دوكتورى، مەرھۇم ئابدۇرېھىم تۇرسۇننىڭ «دەسلەپكى ئوتتۇرا ئەسىرلىرىنىڭ پەلسەپىۋى پىكىرلىرى» ماۋزۇلۇق كىتابىنىڭ مەزمۇنلىرىنىڭ داۋامى دىققىتىڭلاردا بولىدۇ.
19-ئەسىر رۇسىيە-چىڭ مۇناسىۋەتلىرىدىكى ئۇيغۇر تارىخىغا نەزەر
19-ئەسىرنىڭ ئىككىنچى يېرىمىدا ياقۇپ بەگ رەھبەرلىكىدە قۇرۇلۇپ، تارىختا يەتتىشەھەر دۆلىتى ۋە ياكى قەشقەرىيە دۆلىتى دەپ ئاتالغان مۇستەقىل ھاكىمىيەتنىڭ رۇسىيە، ئەنگلىيە ۋە ئوسمانلى ئىمپېرىيىسى بىلەن ئېلىپ بارغان دىپلوماتىك مۇناسىۋەتلىرى يېقىنقى زامان ئۇيغۇر سىياسىي تارىخىدىكى مۇھىم سەھىپىدۇر. يېقىنقى ۋاقىتلاردىن بۇيان ياقۇپ بەگنىڭ ئېلىپ بارغان تاشقى سىياسىتى، جۈملىدىن ئۇنىڭ چار رۇسىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرى رۇس ئالىملىرى تەرىپىدىن قايتىدىن تەتقىق قىلىنىشقا باشلىدى. سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئىدېئولوگىيىلىك كونتروللۇقىدىن قۇتۇلغان رۇس تارىخچىلىرى سابىق چار رۇسىيە ئارخىپلىرى بويىچە رۇس-قەشقەر مۇناسىۋەتلىرى ھەققىدە يېڭى تەتقىقات نەتىجىلىرىنى ئوتتۇرىغا قويماقتا. ئۇلارنىڭ قارىشىچە، چار رۇسىيە ھۆكۈمىتى ئۇلۇغ برىتانىيىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىياغا كېڭىيىشىدىن ئەندىشە قىلىپ، قەشقەرىيىنىڭ مۇستەقىللىقىنى ئېتىراپ قىلماسلىق، ھەتتا كېرەك بولسا چىڭ ئىمپېرىيىسىگە ياردەملىشىپ، بۇ جايلارنى ئىشغال قىلىپ، ئۇنى چىڭ ئىمپېرىيىسىگە قايتۇرۇپ بېرىشنىمۇ ئويلاشقان ئىدى.
رۇسىيە تارىخچىلىرىدىن پروفېسسور مويسېيېۋ ۋە ۋاسىلىيېۋ قاتارلىقلار چار رۇسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ 19-ئەسىرگە ئائىت مەخپىي ئارخىپلىرى ئارىسىدىن 1880-يىلى، چار رۇسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ چىڭ سۇلالىسىگە قارشى قەشقەرىيە دۆلىتىنى قۇرۇپ، ئۇنىڭغا ياقۇپ بەگنىڭ ئوغلىنى باش قىلىش پىلانىغا ئائىت ھۆججەتلەر تېپىلغان بولۇپ، رۇس ئالىملىرى بۇ ئارخىپلارنى ئاشكارىلىدى.
مەلۇمكى 1878-يىلى، زو زۇڭتاڭ قوماندانلىقىدىكى چىڭ سۇلالىسى قوشۇنلىرى ياقۇپ بەگ رەھبەرلىكىدىكى قەشقەرىيە-يەنى يەتتە شەھەر دۆلىتىنى ئۈزۈل-كېسىل يوقىتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا چىڭ ئىمپېرىيىسى چار رۇسىيىدىن ئىلىنى قايتۇرۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلدى. نەتىجىدە، چار رۇسىيە ھەربىي-مەمۇرىي ھاكىمىيەت قاتلىمىدا ئىلىنى قايتۇرۇپ بېرىش كېرەكمۇ ياكى داۋاملىق رۇسىيە كونتروللۇقىدا تۇتۇپ تۇرۇش لازىممۇ دېگەن مەسىلىدە جىددىي تالاش-تارتىش كېلىپ چىقتى. ئىلى كرىزىسى دەپ ئاتالغان بۇ ۋەقە نەتىجىسىدە چار رۇسىيە بىلەن چىڭ سۇلالىسى ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتلەر جىددىيلەشتى.
چار رۇسىيىنىڭ ئۇزۇن مەزگىل مەخپىي ساقلانغان ئارخىپلىرىدىن ئاشكارىلىنىشىچە، چار رۇسىيە ھۆكۈمىتى چىڭ سۇلالىسىنى ئۆز پىلانىغا بويسۇندۇرۇش ئۈچۈن ياقۇپ بەگنىڭ ئوغلى بەكقۇل بەگ باشچىلىقىدا قەشقەرىيە دۆلىتىنى، بەيياڭخۇ باشچىلىقىدا ئۈرۈمچى ۋە ماناسنى ئاساس قىلىپ تۇڭگان دۆلىتىنى قايتىدىن قۇرۇشنى پىلانلاپ، بىر قىسىم ئۇيغۇرلارنى توپلاپ ھەرىكەت باشلىغان بولسىمۇ، ئەمما 1881-يىلى چار رۇسىيە بىلەن چىڭ سۇلالىسى ئارىسىدا «ئىلى شەرتنامىسى» ئىمزالىنىپ، رۇسىيە ئۆز كۆزلىگەن مەقسەتلىرىگە، چىڭ سۇلالىسى ئىلىغا ئىگە بولغاندىن كېيىن پېتېربۇرگ قەشقەرىيە دۆلىتىنى قايتا قۇرۇش پىلاندىن ۋاز كەچكەن.
قەشقەرىيە-رۇسىيە مۇناسىۋەت تارىخى ھەققىدە ئىزدەنگەن قازاقىستاندىكى تۇران ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تارىخ پروفېسسورى ئابلەت كامالوف بۇ مەسىلىلەر ھەققىدە ئۆز مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى.
پەلسەپە دوكتورى ئابدۇرېھىم تۇرسۇننىڭ «دەسلەپكى ئوتتۇرا ئەسىر ئۇيغۇرلىرىنىڭ پەلسەپىۋى ئىدىيىلىرى» ناملىق كىتابىدىكى ئىككىنچى بابنىڭ «مۇتەپەككۇرلارنىڭ ئېتىكىلىق كۆزقاراشلىرى» ناملىق پاراگرافى
ئويغان تەييارلىدى
كىتابتىكى ئىككىنچى بابنىڭ «مۇتەپەككۇرلارنىڭ ئېتىكىلىق كۆزقاراشلىرى» دەپ ئاتالغان ئۈچىنچى پاراگرافىدا بولسا، ئۇيغۇر مۇتەپەككۇرلىرىنىڭ ئېتىكا مەسىلىلىرى ئانالىز قىلىنىدۇ. ئاپتورنىڭ يېزىشىچە، ئۇلارنىڭ ئەسەرلىرىدە تەربىيە مەسىلىلىرى، ئالىيجانابلىق، مەردلىك، ئادالەتلىك ۋە باشقىمۇ ئىدىيىلەر ئەكس ئېتىلگەن. بۇ دەۋردە ياشىغان مۇتەپەككۇر-شائىرلار بۇددا ئىدېئولوگىيىسىنىڭ تەسىرى ئاستىدا ئۆزلىرىنىڭ ئىنسانپەرۋەرلىك بىلەن تولۇپ-تاشقان، يۇقىرى ئەخلاقىي-ئېتىكىلىق ۋە ئېستېتىكىلىق قەدرىيەتكە ئىگە شېئىرلىرىنى ياراتقان.