پەلسەپە دوكتورى ئابدۇرېھىم تۇرسۇننىڭ «دەسلەپكى ئوتتۇرا ئەسىر ئۇيغۇرلىرىنىڭ پەلسەپىۋى ئىدىيىلىرى» ناملىق كىتابنىڭ «ئالەم مەنزىرىسىنىڭ ئېستېتىكىلىق قوبۇل قىلىنىشى» ناملىق پاراگرافىنى تونۇشتۇرۇش.
پەلسەپە پەنلىرى دوكتورى ئابدۇرېھىم تۇرسۇن ئۆزىنىڭ «دەسلەپكى ئوتتۇرا ئەسىر ئۇيغۇرلىرىنىڭ پەلسەپىۋى ئىدىيىلىرى» ناملىق رۇس تىلىدا نەشر قىلدۇرغان ئىلمىي تەتقىقات كىتابىنىڭ «ئۇيغۇر مۇتەپەككۇرلىرىنىڭ ئىجتىمائىي-پەلسەپىۋى قاراشلىرىنىڭ راۋاجلىنىش ئالاھىدىلىكلىرى» ناملىق ئىككىنچى بابىدا دەسلەپكى ئوتتۇرا ئەسىرلەردىكى بۇددىزم باسقۇچىدىكى ئۇيغۇر شائىرلىرى ۋە مۇتەپەككۇرلىرىنىڭ ئېستېتىك ۋە ئەخلاق قاراشلىرى ھەققىدە ئانالىز يۈرگۈزگەن.
ئابدۇرېھىم تۇرسۇن مەزكۇر بابنىڭ تۆتىنچى پاراگرافىنى «ئالەم مەنزىرىسىنىڭ ئېستېتىكىلىق قوبۇل قىلىنىشى»دەپ ئاتىغان. بۇ پاراگرافتا ئۇ پرىتيا ياشرى، ئاتساڭ، چىسۇيا تۇتۇڭ، كىكى، كەلىم كەيشى قاتارلىق شائىرلارنىڭ ئېستېتىكىلىق كۆزقاراشلىرى ھەققىدە مۇلاھىزە قىلىدۇ.
ئالىمنىڭ ئېيتىشىچە، يۇقىرىدا ئىسمى ئاتالغان مۇتەپەككۇر-شائىرلارنىڭ ئەسەرلىرىدە ئۇلارنىڭ ستاتىستىكىلىق غايىلىرى بەدىئىي-ئوبرازلىق شەكىلدە ئىزھار قىلىنغان. شۇنداقلا ئۇلار ئېستېتىكا ھەم ئېتىكا ساھەلىرىنى باغلاشتۇرغان ھالدا، تەسۋىرلىنىۋاتقان ھاياتقا ئۆزلىرىنىڭ مەنىۋى-ئېستېتىكىلىق باھاسىنى بېرىدۇ.