1949-يىلى، 8-ئايدا ئەخمەتجان قاسىمى قاتارلىق شەرقىي تۈركىستان مىللىي ئازادلىق ئىنقىلابى رەھبەرلىرى بىلەن بىرگە ھاياتىدىن ئايرىلغانلار ئىچىدە مۇخبىر ۋە تەرجىمانلىق سالاھىيىتىدىكى 27 ياشلىق ئۇيغۇر زىيالىيسى ئابدۇرېشىت ئىمىنمۇ بار ئىدى.
خىتاي رەسمىي ماتېرىياللىرى ۋە تارىخىي شاھىتلارنىڭ ئەسلىمىلىرى بويىچە ئالغاندا، ئەخمەتجان قاسىمى 1949-يىلى، 8-ئاينىڭ 17-21-كۈنلىرى خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ موسكۋا ئارقىلىق غۇلجىغا ئەۋەتكەن مەخسۇس ۋەكىلى دېڭ لىچۈن بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبەتلىرى جەريانىدا بېيجىڭدا ئېچىلماقچى بولغان خىتاينىڭ مەملىكەتلىك تۇنجى قېتىملىق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى يىغىنىغا بېرىش ئۈچۈن مەخسۇس ۋەكىللەر ئۆمىكى تۈزگەندە ئەينى ۋاقىتتىكى «ئىتتىپاق» ئاخبارات بۆلۈمى خادىمى ئابدۇرېشىت ئىمىننى مەزكۇر ئۆمەك تەركىبىگە كىرگۈزۈپ، ئۆزى بىلەن بىرگە ئېلىپ ماڭغان ئىدى. ئەپسۇسكى، ئابدۇرېشىت ئىمىن ئەخمەتجان قاسىمى قاتارلىقلار بىلەن بىرگە ھازىرغىچە «سىرلىق ئايروپىلان ھادىسىسى» دەپ قارىلىۋاتقان ئاشۇ پاجىئەنىڭ قۇربانلىرىنىڭ بىرىگە ئايلانغان.
گەرچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئەخمەتجان قاسىمى قاتارلىقلار ھېچقانداق تەلەپ-پىكىرسىز، شەرتسىز ۋە خۇشال تۈردە بېيجىڭدىكى سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى يىغىنىغا قاتنىشىشنى قوبۇل قىلغان دەپ تەشۋىق قىلغان بولسىمۇ، بىراق ئۇلار بېيجىڭغا بارسا نېمىلەرنى تەلەپ قىلىشى مۇمكىن ئىدى ؟ ئۇلارنىڭ ھېچقانداق تەلەپلىرى يوقمىدى؟ ئۇلار راستىنىلا ئايروپىلان ھادىسىسىدە قازاغا ئۇچرىدىمۇ ؟دېگەندەك سوئاللار 70 يىللاردىن بۇيان كىشىلەر ئارىسىدا ھەر تۈرلۈك گۇمان ۋە پەرەزلەرگە سەۋەب بولماقتا. ئۇيغۇر تارىخى شاھىتلىرى ئۇلارنىڭ ئۆلۈمىنىڭ سىرلىق، يەنى بىر سىياسىي سۇيىقەست ئىكەنلىكى، چۈنكى بۇنىڭغا ئەخمەتجان قاسىمى قاتارلىقلارنىڭ ئىستالىننىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى بىرلىككە كەلگەن كوممۇنىستىك خىتاينى قوللاش ۋە تىكلەش سىياسىتى ھەم ئىستراتېگىيەسىگە زىت مەيدانىدا چىڭ تۇرغانلىقى سەۋەب بولغانلىقىغا ئىشىنىدۇ.
ئابدۇرېشىت ئىمىننىڭ قىرغىزىستان پايتەختى بىشكەك شەھىرىدە تۇرۇشلۇق ئوغلى، كۆپ يىللار ئۇيغۇر تارىخى ۋە سىياسىي مەسىلىلىرى بويىچە تەتقىقات ئېلىپ بارغان پەلسەپە پەنلىرى كاندىدات دوكتورى، دوتسېنت ئەكبەرجان باۋۇدۇن ئەپەندى دادىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئەخمەتجان قاسىمى قاتارلىق رەھبەرلەرنىڭ قانداقتۇر بىر ئايروپىلان ھادىسىسىگە ئۇچراپ قازا قىلغان ئەمەس بەلكى، ئۆز پىكىرىدە چىڭ تۇرغانلىقى ئۈچۈن «ئۆلتۈرۈلگەن» دېگەن قاراشتادۇر.
ئەخمەتجان قاسىمى ئەنە شۇ سەپەردە بۇ ئۆمەككە مەخسۇس مۇخبىر، ئاخبارات ئىشلىرى ۋە خىتاي تىلى تەرجىمانلىق خىزمىتى ئۈچۈن ئابدۇرېشىت ئىمىننى كىرگۈزگەن ئىدى. ئەخمەتجان قاسىمىنىڭ خىتاي تىلىنى ياخشى بىلىدىغان ئابدۇكېرىم ئابباسوفتىن باشقا يەنە خىتاي تىلىنى پۇختا بىلىدىغان ئابدۇرېشىت ئىمىننىمۇ تەرجىمانلىققا تاللىشىمۇ مەلۇم مۇھىم مەقسەتتىن چىقىش قىلىنغان بولۇشى مۇمكىن ئىكەن.
ئابدۇرېشىت ئىمىننىڭ ئائىلىسىدىن ئايرىلىشى ناھايىتى تاسادىپىي ۋە ھېچ تەييارلىقسىز شەكىلدە بولغان بولۇپ، ئۇ ئۆزىنىڭ نەگە بارىدىغانلىقى ۋە قاچان قايتىپ كېلىدىغانلىقىنى ئايالى، ئانىسى ۋە باشقا قېرىنداشلىرىغا ئېيتمىغان ئىكەن. بەلكى ئۇ، بۇنىڭدىن خەۋەرسىز ئىدى. ئەكبەرجان باۋۇدوننىڭ ئەسلىشىچە، ئۇ دەل 8 ياشلار ۋاقتىدا، يەنى 1949-يىلى، 8-ئاينىڭ ئاخىرلىرىدا غۇلجادىن بىر مىللىي ئارمىيە ئوفىتسېرى كېلىپ، «ئابدۇرېشىت ئىمىننى ھۆكۈمەت جىددىي چاقىرىۋاتىدۇ، بۈگۈن-ئەتىلا كەلسۇن دەيدۇ»، دەپ ئۇلار دەم ئېلىۋاتقان خۇنخاي مازاردىن داداسىنى غۇلجاغا چاقىرتىپ كەتكەن. ئەنە شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ داداسىنى ئەبەدىي كۆرمىگەن. تارىخىي چىسلالارنى تەھلىل قىلغاندا، بۇ دەل 1949-يىلى، 8-ئاينىڭ 21-22-كۈنلىرى بولۇشى مۇمكىن ئىكەن. چۈنكى، ئەخمەتجان قاسىمى قاتارلىقلارنىڭ مەزكۇر ئۆمىكى، 1949-يىلى، 23-ئاۋغۇست كۈنى غۇلجادىن ئالمۇتاغا ئاتلانغان ئىدى. ئابدۇرېشىت ئىمىننىڭ ئايالى ۋە بالىلىرى بىر ھەپتىلەردىن كېيىن غۇلجاغا قايتىپ كەلگەندە ئابدۇرېشىت ئىمىننىڭ ئاللىقاچان نەگىدۇ-بىر ياققا «كاماندىروپكا» غا كەتكەنلىكىنى بىلگەن. ئەنە شۇنىڭدىن ئۈچ ئايلار ئۆتۈپ، ئاندىن ئابدۇرېشىت ئىمىننىڭ ئەخمەتجان قاسىمى قاتارلىقلار بىلەن بىرگە «ئايروپىلان ھادىسىسى» غا ئۇچراپ قازا قىلغانلىق خەۋىرى كەلگەن.
ئابدۇرېشىت ئىمىن 1922-يىلى ئىلىدىكى خۇنخاي مازاردا تۇغۇلغان. كىچىكىدىن غۇلجادا خىتاي تىلىدا باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپ تەربىيەسى ئالغان بولۇپ، ئۇ 1941-1943-يىللىرى ئارىسىدا «ئىلى گېزىتى» نىڭ خىتاي بۆلۈمىدە ئىشلىگەن. 1944-يىلى، 12-نويابىردا شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن ئۇ مەتبۇئات ئورۇنلىرىدا ۋە كېيىنرەك «ئىنقىلابى شەرقىي تۈركىستان» گېزىتىدە مۇھەررىر ۋە مۇخبىر بولۇپ خىزمەت قىلغان. ئۇ ئەخمەتجان قاسىمىنىڭ يېقىن خادىملىرىدىن بىرى ئىدى.
ئابدۇرېشىت ئىمىن بىلەن بىرگە «ئىنقىلابى شەرقىي تۈركىستان» گېزىتىدە خىزمەت قىلغان، ئۇنىڭ بىلەن دوست ئۆتكەن ھازىر ئالمۇتادا ياشاۋاتقان 91 ياشلىق تارىخشۇناس مۇنىر يېرزىن ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، ئەينى ۋاقىتتا ئابدۇرېشىت ئىمىننىڭ تۇيۇقسىز غۇلجادىن ئايرىلىشى ۋە كېيىن ئەخمەتجان قاسىمى قاتارلىقلار بىلەن بىرگە قازا قىلغانلىق خەۋىرىدىن ئۆزلىرىمۇ ناھايىتى سىرلىق ۋە تاسادىپىيلىق ھېس قىلغان. مۇنىر يېرزىن ئەپەندى: «ئۇلارنىڭ ئايروپىلاندا قازا قىلغانلىق خەۋىرى كەلگەندىن كېيىن خەلق ئىچىدە تۈرلۈك ئىنكاسلار پەيدا بولدى، ئۇلار راستىنىلا ئايروپىلان قازاسىغا ئۇچرىدىمۇ ياكى باشقا سەۋەبلەر بارمۇ؟ دېگەن مەسىلىدە ھەر خىل گەپلەر بولسىمۇ، ئەمما خەلق قوزغىلىپ، سوۋېت كونسۇلخانىسى ياكى ھۆكۈمەتتىن نارازىلىق بىلدۈرۈپ سورايدىغان ئىشنى قىلمىدى، ئاخىرى ئىشلار شۇنداق بولدى. ئابدۇرېشىت ئىمىن ئەخمەتجان قاسىمى ئەپەندى بىلەن بىرگە پاجىئەگە ئۇچراشتىن ئىلگىرى مېنىڭ ئاغىنەم ئىدى. بىز دائىم بىرگە تاماققا چىقاتتۇق، ئۇ خىتاي تىلىنى ناھايىتى ياخشى بىلەتتى» دەپ ئەسلەيدۇ.
ئابدۇرېشىت ئىمىننىڭ ئۇنىڭ داداسى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا تۇنجى بولۇپ، مەخسۇس «ئىلى تارىخى» نامىدا ئىلى دىيارى تارىخىنى يېزىپ، شەرقىي تۈركىستان مىللىي ئازادلىق ئىنقىلابى رەھبىرى ئەخمەتجان قاسىمىغا تەقدىم قىلغان ئىمىنجان باۋۇدۇن ئىدى.
0:00 / 0:00