ئىلى ھۆكۈمىتى كۆپ خىل تىللىق مەتبۇئاتقا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلگەن ئىدى (1)

مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2017.08.24
Tatar-tarixchi-munir-yerzin-305.jpg تاتار تارىخچى مۇنىر يېرزىن
RFA/Oyghan

تارىخىي مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا 1944-يىلى 12-نويابىر كۈنى غۇلجىدا تەسىس قىلىنغان شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتى ھاكىمىيەتنى قولغا كەلتۈرگەن كۈنىدىن تارتىپ، مەتبۇئاتنى مىللىي ئازادلىق ئىنقىلابنىڭ راۋاجلىنىشى ۋە خەلقنىڭ دېموكراتىك ھوقۇقلىرىنى كۈچەيتىشتىكى ئەڭ مۇھىم ئىدېئولوگىيەلىك ۋاسىتە دەپ ھېسابلاپ، تەشۋىقات-تەرغىبات، مەتبۇئات ۋە نەشرىيات ئىشلىرىغا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلگەن شۇنىڭدەك ئارقىمۇ-ئارقىدىن ئۆز نەشرى ئەپكارىلىرىنى چىقىرىشقا باشلىغان.

جۇمھۇرىيەت ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتى بىرىنچى بولۇپ چىقارغىنى ئۆزىنىڭ ئورگان گېزىتى «ئازاد شەرقىي تۈركىستان» بولۇپ، تاكى 1949-يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا غۇلجىدا ئۇيغۇر تىلىدا، «كۈرەش»، «ئىتتىپاق» ژۇرنىلى ۋە باشقا گېزىت-ژۇرناللار نەشر قىلىنغان. چۆچەكتە بولسا «خەلق ئاۋازى» گېزىتى چىقىرىلغان. ئۇيغۇر تىلى بىلەن بىر قاتاردا قازاق، رۇس ۋە باشقا تىللاردىمۇ گېزىت ۋە ژۇرناللار نەشر قىلىنىپ تارقىتىلغان.

ئامېرىكادا ياشايدىغان ئۇيغۇر تارىخى ۋە مەدەنىيىتى تەتقىقاتچىسى دوكتور قاھار باراتنىڭ ئېيتىشىچە، بۇلار ئىچىدىكى «ئازاد شەرقىي تۈركىستان» گېزىتى جۇمھۇرىيەت ھۆكۈمىتىنىڭ ئەڭ مۇھىم، كۆپ خىل تىلدىكى، كۆپ تىراژلىق ئورگان گېزىتى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

مەزكۇر گېزىت 1946-يىلى، 7-ئايدا «ئىنقىلابى شەرقىي تۈركىستان» غا ئۆزگەرتىلگەندىن كېيىن، 1947-يىلى 8-ئايدىن تاكى 1950-يىلىغىچە بۇ گېزىتتە مۇخبىر بولۇپ ئىشلىگەن، ھازىر قازاقىستاننىڭ ئالماتا شەھىرىدە ياشاۋاتقان 90 ياشلىق تاتار ئۇيغۇرشۇناس مۇنىر يېرزىن ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، «ئازاد شەرقىي تۈركىستان» گېزىتىگە دەسلەپتە مەشھۇر تاتار زىيالىيسى، شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتى مائارىپ مىنىستىرى ھەبىب يۇنىچى باش بولغان، ھەر قايسى تىللاردىكى بۆلۈملەردە شۇ مىللەتنىڭ ئاتاقلىق زىيالىيلىرى خىزمەت قىلغان.

مەزكۇر گېزىت بەتلىرىدە مىللىي ئازادلىق ئىنقىلابىي ھەرىكىتى ۋە گومىنداڭغا قارشى ئازادلىق كۈرەشلىرىنىڭ كۈندىلىك ئەھۋالى، پارتىزانلار ۋە مىللىي ئارمىيەنىڭ ئۇرۇش خەۋەرلىرى، ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى سىياسىي، ئىجتىمائىي ۋەزىيەت، خەلقئارا ۋەزىيەتكە ئائىت ئۇچۇرلار، ماقالە- تەقرىزلەر ھەمدە ئەدەبىي ئەسەرلەر ۋە تارىخىي ماقالىلەر ئېلان قىلىنىپ تۇرغان. ھەتتا ھۆكۈمەتنىڭ بەزى ئەمىر-پەرمانلىرىمۇ بۇ گېزىتتە ئېلان قىلىنغان.

مەزكۇر گېزىت 1946-يىلى 6-ئايدا ئىلى تەرەپ بىلەن گومىنداڭ مەركىزى ھۆكۈمىتى «11 ماددىلىق تىنچلىق بىتىم» ئىنى ئىمزالاپ، بىرلەشمە ھۆكۈمەت قۇرۇلغاندىن كېيىن، ئۆز نامىنى «ئىنقىلابى شەرقىي تۈركىستان» گېزىتى دەپ ئۆزگەرتكەن. مۇنىر يېرزىننىڭ ئېيتىشىچە، مەزكۇر گېزىت «11 ماددىلىق بىتىم» ئىمزالانغاندىن كېيىن ئۆزىنىڭ سىياسىي ئىدىيەۋى يۆنىلىشىدە مەلۇم ئۆزگىرىشلەر يۈرگۈزگەن.

1945-يىلىنىڭ ئاخىرىدا غۇلجا شەھىرىدە ئابدۇكېرىم ئابباسوف، سەيدۇللا سەيپۇللايېف قاتارلىقلار رەھبەرلىكىدە «شەرقىي تۈركىستان ئىنقىلابچىل ياشلار تەشكىلاتى»قۇرۇلغاندىن كېيىن، 1946-يىلىنىڭ بېشىدىن تاكى 1948-يىلى 8-ئايغىچە ياشلار تەشكىلاتىنىڭ گېزىتى ۋە «كۈرەش» ناملىق قوش ئايلىق ژۇرنىلى چىقىرىلغان ۋە 1948-يىلى غۇلجىدا يەنە «ئىتتىپاق» مەجمۇئەسى ۋە باشقا ژۇرنال ھەم گېزىتلەر نەشر قىلىنغان.

«ئىنقىلابى شەرقىي تۈركىستان» گېزىتى، «كۈرەش» ۋە «ئىتتىپاق» ژۇرناللىرىنىڭ ھەر قايسى سانلىرىدا سىياسىي، ئىقتىساد، مەدەنىيەت ۋە ۋەزىيەتكە، ئۇيغۇر تارىخىغا ئائىت ماقالىلەر، مىللىي ئاڭ مەزمۇنىدىكى شېئىرلار ۋە باشقا ئەسەرلەر ئېلان قىلىنىپ تۇرغان. «كۈرەش»‏ ژۇرنىلىدا ھەتتا «11 ماددىلىق بىتىم» نىڭ تولۇق نۇسخىسى، ئەخمەتجان قاسىمىنىڭ جاڭ جىجوڭ بىلەن يېزىشقان خەتلىرى، ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمدىن ھازىرقى زامانغىچە بولغان تارىخى ۋە باشقا كۆپلىگەن ھۆججەت خاراكتېرلىك ئەسەرلەر ئېلان قىلىنغان ئىدى.

تۈركىيەدىكى ھاجىتەپە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تارىخى ئوقۇتقۇچىسى، دوكتور ئەركىن ئەكرەمنىڭ قارىشىچە، ئۈچ ۋىلايەتتە چىقىرىلغان مەزكۇر گېزىت-ژۇرناللار شۇ ۋاقىتنىڭ سىياسىي، مەدەنىيەت، تارىخى، ئىدېئولوگىيەسى ۋە باشقىلارنى چۈشىنىشتە بىرىنچى قول ماتېرىيال ھېسابلىنىدۇ.

مىللىي ئارمىيەمۇ ئۆزىنىڭ مەخسۇس ئۇيغۇر تىلىدا ئارمىيە ژۇرنىلىنى چىقارغان. بۇلاردىن باشقا يەنە، خانىم قىزلار جەمئىيىتى قۇرۇلۇپ، ئۇيغۇر تىلىدا «خانىم-قىزلار»ژۇرنىلى چىقىرىپ تارقاتقان ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.