ئەدھەمجان ۋە تۆرەم پاشا: ئاتا مىراس مۇساپىرلىق ھايات سەپەرلىرىدە (1)

0:00 / 0:00

دەسلەپكى قېچىش ۋە بىرلىشىش ھېكايىلىرى

19- ۋە 20-ئەسىر تارىخىغا نەزەر سالغىنىمىزدا مەركىزى ئاسىيا رايونىدا بىر قاتار كەڭ ۋە كىچىك كۆلەمدىكى كۆچۈش ھەرىكەتلىرى يۈز بەرگەن بولۇپ، بۇ كۆچۈشلەرنىڭ ئارقا كۆرىنىشىدە 18-ئەسىرلەردىن ئېتىبارەن رۇسىيە ۋە مەنچىڭ ئىمپېرىيەلىرى شۇنىڭدەك رۇس-خىتاي رىقابەتلىرى تۇرغان ئىدى. بۇ مەزگىللەردە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى خەلقلەرنىڭ قوشنا ئۇيغۇر دىيارىغا، ئۇيغۇر دىيارىدىكى خەلقلەرنىڭ قوشنا ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىغا ئاممىۋى كۆچۈش ۋەقەلىرى كۆپ قېتىم يۈزبەرگەن شۇنىڭدەك بۇ رايونلاردىكى ئۇيغۇر، ئۆزبېك، قازاق، قىرغىز ۋە باشقا خەلقلەرنىڭ تەقدىرلىرى بىر-بىرى بىلەن زىچ بىرلىشىپ كەتكەن ئىدى.

بۈگۈن بىز بايان قىلماقچى بولغىنىمىز ئەسلى ئۆزبېكىستاننىڭ تاشكەنت شەھىرىدە تۇغۇلۇپ، ھاياتىنىڭ ئەڭ گۈزەل چاغلىرىنى ئاتا-ئانىسى ۋە ئۇرۇق-تۇغقانلىرى بىلەن بىرلىكتە ئۇيغۇرلار دىيارىنىڭ غۇلجا شەھىرىدە ئۆتكۈزگەندىن كېيىن، ۋەتىنىدىن ئايرىلىپ، 1960-يىللاردا ئامېرىكىغا كۆچۈپ كېلىپ ماكانلىشىپ قالغان، بۇ يىل ياشلىرى 90 دىن ھالقىغان، ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر جامائەت ئەربابلىرى ۋە پېشقەدەم ئاكتىپلىرىدىن ئەدھەمجان ئەپەندى بىلەن تۆرەم پاشا خانىمنىڭ مۇساپىرلىق ھايات تارىخىدىن ئىبارەتتۇر.

ئۇيغۇر دىيارىنىڭ 20-ئەسىرنىڭ بىرىنچى يېرىمىدىكى سىياسىي، ئىجتىمائىي، سودا-ئىقتىسادىي، مەدەنىيەت ۋە باشقا كۆپلىگەن ھادىسىلەرگە، ئۆزگىرىشلەرگە شاھىت بولغان شۇنىڭدەك 1950-1960-يىللار ئارىسىدىكى خىتاينىڭ تيەنجىن، شاڭخەي قاتارلىق چوڭ شەھەرلىرىدىكى ئىجتىمائىي-سىياسىي ئۆزگىرىشلەرنى باشتىن كەچۈرگەن ۋە ئامېرىكادا ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ شەكىللىنىشى، ئۇلارنىڭ سىياسىي ھەم مەدەنىيەت پائالىيەتلىرىنىڭ راۋاجلىنىش جەريانلىرىغا ئاكتىپ ئىشتىراك قىلغان بۇ ئىككى زاتنىڭ باشلىرىدىن ئۆتكۈزگەن ۋە كۆرگەن بىلگەنلىرى ئۆزگىچە قىزىقارلىق، رەڭگارەڭ ھەم مول مەزمۇنلار بىلەن تولغان.

ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگتون شەھىرى يېنىدىكى چەنتىلى شەھەرچىسىگە جايلاشقان ئۆز ئۆيىدە زىيارىتىمنى قوبۇل قىلغان ئەدھەمجان ئەپەندى ۋە تۆرەم پاشا خانىم ئۆزلىرىنىڭ ۋە ئۆز ئائىلىلىرىنىڭ پۈتۈن ھايات مۇساپىلىرىنى بايان قىلدى. يېشىنىڭ 90 دىن ئاشقانلىقىغا قارىماي، 20-ئەسىرنىڭ بىرىنچى يېرىمىدا ئۇيغۇر دىيارىدا يۈزبەرگەن كۆپلىگەن ۋەقەلەر ۋە بۇ جەرياندا ئۆتكەن بىر قىسىم تارىخى شەخسلەرگە ئائىت ئۇچۇرلارنى تولۇق دېگۈدەك ئېسىدە ساقلانغان تۆرەم پاشا خانىم ئۆز كەچۈرمىشلىرىنى ئالدى بىلەن ئۆز ئائىلىسىنىڭ، يەنى ئاتا-ئانىسىنىڭ قانداق بولۇپ، تاشكەنتتىن غۇلجىغا كېلىپ قېلىشىدىن باشلىدى. تۆرەم پاشا خانىم ئانىسىنىڭ قۇچىقىدىكى ۋاقتىدا ئانىسى، ئاكىلىرى ۋە ھەدىلىرى بىلەن بىرگە غۇلجىغا كېلىپ، بۇ يەرگە ئىلگىرى قېچىپ كېلىپ ماكانلىشىپ بولغان دادىسى ۋە باشقا ئۇرۇق-تۇغقانلىرى بىلەن بىرلەشكەن.

1917-يىلىدىكى ۋلادىمىر ئىلىچ لېنىن قاتارلىقلار باشلىغان رۇسىيەدىكى ئۆكتەبىر ئۆزگىرىشى نەتىجىسىدە بولشېۋىكلارنىڭ ھاكىمىيەتنى قولغا ئېلىپ، يېڭى تۈزۈم ئورنىتىشى ۋە بولشېۋىكلەر بىلەن ئاقلار ئارىسىدىكى ئىچكى ئۇرۇش رۇسىيەدە، جۈملىدىن رۇسىيە ئىمپېرىيەسى ھۆكۈمرانلىقىدىكى ئوتتۇرا ئاسىيادىمۇ زور داۋالغۇشلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ ۋە مىليونلىغان كىشىلەرنىڭ تەقدىرىنى ئۆزگەرتىۋېتىدۇ.

لېنىن قاتارلىق بولشېۋىكلارنىڭ ئۆزىگە قارشى ئىدىيەدىكىلەرنى باستۇرۇشى، بايلار، يەر-مۈلۈك ئىگىلىرىگە زەربە بېرىشى ۋە ئۇلارنىڭ مال-مۈلكىنى مۇسادىرە قىلىشى ھەتتا ئۇلارنى تۈرمىگە قامىشى تۆرە پاشا ئائىلىسى ۋە باشقا كۆپلىگەن ئۆزبېك، قازاق، تاتار، رۇس ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىن ئۇيغۇر دىيارىغا، بولۇپمۇ قەشقەر، ئىلى، چۆچەك ۋە باشقا جايلارغا قېچىپ كېلىپ يەرلىشىشىگە سەۋەب بولىدۇ.

تۆرەم پاشا خانىمنىڭ دادىسى ئابدۇلەزىز شالارخوجا 1927-يىلىنىڭ باشلىرىدا باشقا يۈزلىگەن كىشىلەر بىلەن بىرلىكتە ئۆزبېكىستاندىن قەشقەرگە قېچىپ كېلىدۇ ۋە ئارىلىقتا بىر مەزگىل تۇرغاندىن كېيىن غۇلجىغا كېلىپ، بالا-ۋاقىلىرىنى ۋە ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنى ئېلىپ كېلىپ، ئۇلار بىلەن بىرلىشىدۇ. ئۆزبېكلەر قەشقەرگە قېچىش جەريانىدا ئۆزلىرىگە ساقتا ئۇيغۇرچە ئىسىملارنى قوللىنىپ، ئۆزلىرىنىڭ ئەسلى قەشقەرلىك ئۇيغۇرلار ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ، بۇنىڭدىن پايدىلىنىدۇ. چۈنكى، شۇنداق قىلغاندا رۇس ساقچىلىرى ۋە ھەربىيلىرىدىن قۇتۇلۇپ قېلىش مۇمكىن ئىدى. (داۋامى بار)