ئۇيغۇر خەلقىنىڭ 20-ئەسىرنىڭ بىرىنچى يېرىمىدا ئىككى قېتىم مۇستەقىل ھاكىمىيەت قۇرغانلىقى ھەمدە بۇ ھاكىمىيەتنىڭ « شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى» دەپ ئاتالغانلىقى ھېچكىم كۆز يۇمالمايدىغان تارىخىي رېئاللىق ۋە پولاتتەك پاكىت.
تارىخىي مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا 1931-يىلى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ 20-ئەسىردىكى كەڭ كۆلەملىك مىللىي ئازادلىق قوزغىلىڭىنىڭ تۇنجى ئوقلىرى قۇمۇل تاغلىرىدا ئېتىلدى. خوجا نىياز ھاجىم باشچىلىقىدىكى بۇ قوزغىلاڭ غەلىبەسېرى كېڭىيىپ، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھەممە جايلىرىغا كۈچلۈك تەسىر كۆرسىتىش بىلەن خەلقنىڭ ئازادلىققا،مۇستەقىللىققا بولغان ئىشەنچىنى ئاشۇردى. نەتىجىدە، خوتەن خەلقى مۇھەممەد ئىمىن بۇغرانىڭ رەھبەرلىكىدە 1933-يىلى 2-ئاينىڭ 13-كۈنى قوزغىلاڭ كۆتۈرۈپ، شۇ يىلى 4-ئاينىڭ 11-كۈنى خوتەن ھۆكۈمىتىنى قۇردى. 1932- ۋە 1933-يىلى تۇرپان،كۇچا،ئاقسۇ،قەشقەر قاتارلىق جايلاردىمۇ قوزغىلاڭ كۆتۈرۈلۈپ، بۇ جايلاردىكى جىن شۇرېن ھۆكۈمرانلىقى ئاغدۇرۇپ تاشلىنىپ، ھاكىمىيەت قوزغىلاڭچىلار قولىغا ئۆتتى. خوجا نىياز ھاجىم ۋە مەھمۇت مۇھىتىلار باشچىلىقىدىكى قۇمۇل-تۇرپان قوزغىلاڭچىلىرىمۇ تەڭرى تاغلىرىنىڭ جەنۇب تەرەپلىرىگە كېڭەيدى. مانا مۇشۇنداق شارائىتتىن پايدىلىنىپ، شەرقى تۈركىستان ئىستىقلال جۇمھۇرىيىتىنى بەرپا قىلىش ئۈچۈن سابىت داموللام بىر قىسىم قوشۇننى باشلاپ خوتەندىن قەشقەرگە كېلىپ، قەشقەردە «شەرقى تۈركىستان ئىستىقلال جەمئىيىتى» نى قۇرۇپ، جىددىي تەييارلىقلاردىن كېيىن 1933-يىلى 12-نويابىر كۈنى قەشقەر شەھىرىدە شەرقى تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرۇلغانلىقىنى جاكارلىدى.
شەرقى تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى ئۇيغۇرلارنىڭ جۇمھۇرىيەتچىلىك ئىدىيە تارىخىدىكى تۇنجى مىللىي جۇمھۇرىيىتى شۇنىڭدەك بۇ ساھەدىكى تۇنجى تەجرىبىسى. مەزكۇر مۇستەقىل ھاكىمىيەت ئۆز ئاساسىي قانۇنى، دۆلەت پروگراممىسى، دۆلەت بايرىقى، دۆلەت گېربى قاتارلىق دۆلەتچىلىك سىمۋوللىرىغا شۇنىڭدەك يەنە 16 مىنىستىرلىققا ئىگە بولۇپ، خوجا نىياز ھاجىم پرېزىدېنتلىق ، سابىت داموللام باش مىنىستىرلىق ۋەزىپىسىگە تەيىنلەندى. مەزكۇر جۇمھۇرىيەت گەرچە ئىلگىرى-كېيىن ئاران 3 ئاي مەۋجۇت بولۇپ تۇرالىغان بولسىمۇ،لېكىن ئۇ، ئۆزىنىڭ قىسقىغىنا مەۋجۇتلۇق تارىخىدا بىر قاتار ئىشلارنى قىلدى ۋە تېخىمۇ كۆپ پىلانلارنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا تىرىشتى. ئەمما، مەزكۇر ياش ھاكىمىيەت تاشقى سىياسىي جەھەتتىن سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئارىلىشىشى، ئىچكى جەھەتتە ما جوڭيىڭ تەرەپدارلىرى بولغان تۇڭگان قوراللىق كۈچلىرىنىڭ بىۋاسىتە ھەربىي ھۇجۇمى شۇنداقلا مۇرەككەپ ئىچكى نىزالار سەۋەبىدىن ئاغدۇرۇۋېتىلدى. سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ « ئېزىلگەن مىللەتلەرنىڭ ئازادلىقىغا ياردەم بېرىش شوئارلىرى ۋە سوۋېت ئىتتىپاقى ۋەكىللىرى ھەم شېڭ شىسەينىڭ ۋەدىلىرىگە ئىشەنگەن خوجا نىياز ھاجىم باشلىق بىر قىسىم ئەربابلار ئۈرۈمچىگە كېلىپ، شېڭ شىسەي باشچىلىقىدىكى ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتكە قاتناشتى. بۇ ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇر سىياسىي تارىخىدىكى تۇنجى بىرلەشمە ھۆكۈمەت بولۇپ، خوجا نىياز ھاجىم ئۆلكىگە مۇئاۋىن رەئىس بولۇپ، باشقا بىر قىسىم قوزغىلاڭ رەھبەرلىرى بىر قانچە نازارەت، ئىدارە، ۋىلايەت ۋە ناھىيىلەرنىڭ رەھبەرلىك ۋەزىپىلىرىگە ئېرىشتى ۋە ياكى باشقۇرۇش سىستېمىسىغا قاتناشتى. ھېچقاچان ئۇيغۇرلارنى ھاكىمىيەتنى ئىدارە قىلىشقا قاتناشتۇرۇش ۋە ياكى مۇھىم رەھبىرى ھوقۇقلارنى تەقسىم قىلىپ بېرىشنى ئويلاپ باقمىغان، ھوقۇقپەرەس شوۋىنىست خەن ھۆكۈمرانلىرى ئۆز تارىخىدا تۇنجى قېتىم خوجا نىياز ھاجىمغا ئۆلكىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىك يۇقىرى ھوقۇقىنى بېرىشى ئىدى.
بىراق، بۇ ئۇزۇنغا بارمىدى، 1937-يىلىدىن كېيىن، ئۇيغۇر خەلقى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ يۆلىشىدىكى شېڭ شىسەي مۇستەبىت ھاكىمىيىتىنىڭ قايتىدىن قانلىق باستۇرۇشىغا ئۇچرىدى، خوجا نىياز ھاجىم قاتارلىق شېڭ شىسەي بىلەن ھەمكارلاشقان ئۇيغۇر ۋە باشقا قېرىنداش مىللەتلەرنىڭ ۋەكىللىرى شېڭ شىسەي ۋەكىللىكىدىكى مىلىتارىستلىرىنىڭ ۋەدىسىگە ۋاپا قىلماي، قايتىدىن باستۇرۇشىغا ئۇچراپ، نەتىجىدە ئۇيغۇر ۋە باشقا قېرىنداش خەلقلەر ئىككىنچى قېتىم كەڭ كۆلەملىك مىللىي ئازادلىق كۈرەش مەيدانىغا ئۆزىنى ئاتتى.
گەرچە، 1933-يىلىدىكى شەرقى تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى قىسقا ئۆمۈر سۈرگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ روھى ۋە ئەنئەنىسى شۇنداقلا ئاي يۇلتۇزلۇق بايرىقى 1944-يىلىنىڭ 12-نويابىرىغا مىراس بولۇپ قالغان ئىدى.
تارىخىي مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، 1944-يىلى 8-ئايدا نىلقا ئەتراپىدىكى ئۇلاستاي تاغلىرىدا فاتىھ، غېنى، ئەكبەر، رەپىق، سېيىت، نۇرۇم، ئوسمان ۋە خەمىت قاتارلىق باتۇرلارنىڭ قاتارلىقلارنىڭ باشلامچىلىقىدا قوزغىلاڭ پارتلاپ، مىللىي ئازادلىق ئىنقىلابى ئىلى تاغلىرىدا كېڭىيىشكە قاراپ يۈزلەندى. گومىنداڭ ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن «ئالتە ئوغرى» دەپ ئاتالغان ئۇيغۇر، قازاق ۋە تاتاردىن تەركىب تاپقان مەزكۇر قوراللىق پارتىزان قوماندانلىرىنىڭ نامى تېزدىن پۈتۈن ئىلى ۋادىسى ھەتتا باشقا جايلارغا تارىلىپ، ئۇلارنىڭ قوشۇنى بارغانسېرى كېڭىيىپ، 7-ئۆكتەبىر كۈنى نىلقا بازىرى ئۇلار تەرىپىدىن ئازاد قىلىندى. شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتىنىڭ باش كاتىپى بولغان ھەمدە ئازادلىق تەشكىلاتىنىڭ ئەزالىرىدىن بىرى مەرھۇم ئابدۇرەئۇپ مەخسۇم ئىبرايىمى 2001-يىلى، 17-ئاپرېلدا زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا ئازادلىق تەشكىلاتى ۋە جۇمھۇرىيەتنىڭ قۇرۇلۇش مەسىلىلىرى ھەققىدە سۆزلەپ بەرگەن ئىدى. ئۇنىڭ بايانلىرىغا تايانغاندا، نىلقا پارتىزانلىرى جىددىي ھەرىكەت قىلىۋاتقاندا 1944-يىلى 4-ئايدا غۇلجا شەھىرىدە قۇرۇلغان «ئازادلىق تەشكىلاتى» مەخپىي تۈردە غۇلجا قوزغىلىڭىغا تەييارلىق قىلىۋاتاتتى. نىلقا ئازاد قىلىنغاندىن كېيىن، غېنى باتۇر،فاتىخ باتۇر قاتارلىقلار باشچىلىقىدىكى نىلقا قوزغىلاڭچىلىرىنى ئاساس قىلغان ھالدا ئازادلىق تەشكىلاتى ۋە غۇلجا خەلقى 7-نويابىر كۈنى قوزغىلاڭنى باشلىغاندىن تارتىپ،12-نويابىر كۈنىگىچە غۇلجا شەھىرىدىكى ھەرەمباغ، لاڭشاڭ قاتارلىق جايلاردىن باشقا پۈتۈن شەھەرنى ئازاد قىلدى.
1944-يىلى 12-نويابىر كۈنى ئەلىخان تۆرە باشچىلىقىدىكى «ئازادلىق تەشكىلاتى» ئۇيغۇر، قازاق،قىرغىز كۇلۇبىدا يىغىن ئېچىپ، شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتىنىڭ قۇرۇلغانلىقىنى ئېلان قىلدى ھەمدە شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاي يۇلتۇزلۇق يېشىل بايرىقىنى ئاستى.
بىرىنچى كۈنىدىكى قۇرۇلۇش يىغىنىدا شەرقى تۈركىستان جۇمھۇرىيەت ھۆكۈمەت ئەزالىرى بېكىتىپ چىقىلدى. شەرقى تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتىگە ئەلىخان تۆرە رەئىس،ھاكىمبەگ غوجا مۇئاۋىن رەئىس،ئابدۇرەئۇپ مەخسۇم ھ باش كاتىپ بولغاندىن سىرت يەنە 16 كىشى ھۆكۈمەت ئەزالىقىغا سايلىنىپ جىددىي ھالدا ھەرقايسى مىنىستىرلىقلارنى تەسىس قىلىش خىزمىتىنى باشلىدى. ئارقىدىنلا سەھىيە، مائارىپ، دېھقانچىلىق-ئورمانچىلىق، دىنى ئىشلار، ئىچكى ئىشلار، باج، سودا ۋە چارۋىچىلىق مىنىستىرلىقلىرى قۇرۇلۇپ، ئۇنىڭ مەسئۇللىرى ۋەزىپىگە تەيىنلەندى.
شۇنىڭدىن تارتىپ، شەرقى تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتىنىڭ رەھبەرلىكىدە ئىلى خەلقى ئومۇمىي يۈزلۈك قوزغىلىپ، تېزدىن ئىلىنى تولۇق ئازاد قىلىپ،1945-يىلى 8-ئاپرېلدا شەرقى تۈركىستان مىللىي ئارمىيىسىنى قۇردى. ئۇيغۇرلارنى ئاساسىي يادرو قىلىپ، ھەر مىللەت ئوغلانلىرىدىن تۈزۈلگەن زامانىۋى، مۇنتىزىم ۋە جەڭگىۋار مىللىي ئارمىيە 6-ئايدىن باشلاپ ئۈچ يۆنىلىش بويىچە ھۇجۇمغا ئۆتۈپ، تارباغاتاي ۋە ئالتاي ۋىلايەتلىرىنى ھەمدە ئاقسۇ، ياركەنت ۋىلايىتىنىڭ بىر قىسمىنى ئازاد قىلدى. بىراق، 1945-يىلى 10-ئايدا باشتىن ئاخىرى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنى ھەربىي ۋە سىياسىي جەھەتتىن قوللاپ ھەم ياردەم بېرىپ كەلگەن سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ بېسىمى ئاستىدا مىللىي ئارمىيە ھۇجۇمىنى توختىتىشقا مەجبۇر بولدى. موسكۋانىڭ كۆرسەتمىسى ۋە بېسىمى ئاستىدا شەرقى تۈركىستان جۇمھۇرىيەت ھۆكۈمىتى بىلەن خىتاي گومىنداڭ مەركىزى ھۆكۈمىتى ئوتتۇرىسىدا تىنچلىق سۆھبىتى باشلىنىپ، 8 ئايغا سوزۇلغان سۆھبەت نەتىجىسىدە بىرلەشمە ھۆكۈمەت قۇرۇلۇپ، شەرقىي تۈركىستان تەرەپتىن ئەخمەتجان قاسىمى بىرلەشمە ھۆكۈمەتكە مۇئاۋىن رەئىس بولدى.
ئارىلىقتا بىر يىلغا يېقىن ۋاقىت خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتى بىلەن قوزغىلاڭچىلارنىڭ تۈزگەن تىنچلىق كېلىشىمىنىڭ روھى بويىچە قۇرۇلغان بىرلەشمە ھۆكۈمەت مەۋجۇت بولۇپ، سىياسىي كۈرەش ئەۋجى ئالغان بولسىمۇ، لېكىن ئاخىرىدا مەزكۇر ھۆكۈمەت بۇزۇلۇپ، ئەخمەتجان قاسىمى باشچىلىقىدىكى جۇمھۇرىيەتنىڭ بىرلەشمە ھۆكۈمەتكە قاتناشقان ۋەكىللىرى غۇلجىغا قايتىپ كەتتى شۇنىڭدەك يەنە ماناس دەرياسى ئۈرۈمچى ھۆكۈمىتى بىلەن ئىلى ھۆكۈمىتىنىڭ چېگراسى سۈپىتىدە قايتىدىن ئالدىنقى سەپكە ئايلىنىپ، ئىككى تەرەپ قوشۇنلىرى جىددىي ئۇرۇش ھالىتىگە كىرىپ، بىرى-بىرى بىلەن تىركەشتى.
1947-يىلى ئەخمەتجان قاسىمى ئىنقىلاب رەھبىرىلىك ئورنىغا چىققاندىن تارتىپ، تاكى 1949-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە بولغان ئارىلىقتا سابىق شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ئىلى ھۆكۈمىتى نامى ئاستىدا مۇستەقىل ھاكىمىيەت سۈپىتىدە ئۆزىنىڭ بۇرۇنقى مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاپ، ئۈرۈمچىدىكى خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن ھەربىي-سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە باشقا جەھەتلەردىن تىركىشىپ تۇرۇش ۋەزىيىتىنى داۋاملاشتۇردى. ئىلى ھۆكۈمىتى بۇ جەرياندا ئىجتىمائىي-ئىقتىسادى، مەدەنىي-مائارىپ ۋە باشقا جەھەتلەردىن ئۆزىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، كۈچەيتىش باسقۇچلىرىنى باشتىن كەچۈرۈپ، خىتاي گومىنداڭ ھۆكۈمرانلىقىدىكى يەتتە ۋىلايەتتىكىدىن ئۈستۈن تۇرمۇش سەۋىيىسى ۋە ئىقتىسادى، مائارىپ ئەۋزەللىكى يارىتىپ؛ ئۇيغۇرلارنىڭ زامانىۋى دۆلەتچىلىك ئىدىيىسى ۋە ئاساسىنى تۇرغۇزدى شۇنىڭدەك ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزىنى-ئۆزى ئىدارە قىلغاندىمۇ يۇقىرىدا سەۋىيىدە ئىدارە قىلىش ھەم ئۆز ئالدىغا ئۆز ھاكىمىيىتىنى ھەر جەھەتتىن گۈللەندۈرۈش ئىقتىدارىغا ئىگە ئىكەنلىكىنى نامايان قىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ دۆلەتچىلىك رولى ۋە ئىقتىدارىنى كەمسىتكۈچىلەرگە ئۈنۈملۈك جاۋاب بەردى.
بىراق، 1949-يىلى دۇنيا ۋەزىيىتى، سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى ۋە خىتايدىكى ئومۇمىي ۋەزىيەتنىڭ ئۆزگىرىشى تۈپەيلىدىن ستالىن ھۆكۈمىتى خىتاي كوممۇنىستلىرى بىلەن ئاشكارا ھەمكارلىشىش، خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتىنى يۆلەپ ۋە ياردەم بېرىپ، يېڭى كوممۇنىستىك خىتاينى سوتسىيالىزم لاگېرىنىڭ مۇھىم ئەزاسى سۈپىتىدە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئامېرىكا باشلىق غەرب دۆلەتلىرى بىلەن بولغان كۈرىشىدە تايانچ كۈچ قىلىپ پايدىلىنىش ئىستراتېگىيىسىنى تاللىدى. نەتىجىدە، ستالىن ھۆكۈمىتى شەرقى تۈركىستان مەسىلىسىنى خىتاينىڭ ئىچكى ئىشى تەرىقىسىدە بىر تەرەپ قىلىشقا رازى بولدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە خىتاي كوممۇنىستلىرىنىڭ خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرۇلۇشىنى تېزدىن جاكارلىشىنى كۆرسىتىپ، بۇنىڭ ئۈچۈن ئىلى ھۆكۈمىتى ۋە ئۈرۈمچى ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتىگە بويسۇنۇشىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلدى. موسكۋا خىتاي كوممۇنىستلىرىنىڭ ۋەكىلى دېڭ لىچۈننىڭ غۇلجىغا بېرىپ، ئىلى ۋەكىللىرى بىلەن سۆزلىشىشى شۇنىڭدەك ئۇنىڭ يەنە مەخپىي تۈردە ئۈرۈمچىگە بېرىپ، بۇرھان شەھىدى ۋە تاۋ سىيو قاتارلىق گومىنداڭ ھەربىي-سىياسىي رەھبەرلىرىنىڭ كوممۇنىستلارغا تەسلىم بولۇشىنى قولغا كەلتۈرۈشىگە شارائىت ياراتتى ھەم زىچ ماسلاشتى.
خىتاي ۋە سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى ھۆكۈمەتلىرىنىڭ رەسمىي ھۆججەتلىرى بويىچە ئالغاندا ئەخمەتجان قاسىمى، ئىسھاقبەگ مۇنونوف قاتارلىق رەھبىرىي شەخسلەر 1949-يىلى 27-ئاۋغۇست كۈنى بېيجىڭدا ئېچىلىدىغان خىتاي دۆلەت قۇرۇلۇش سىياسىي كېڭەش يىغىنىغا قاتنىشىش سەپىرىدە ئايروپىلان ھادىسىسى بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقى تېررىتورىيىسىدە قازا تاپتى. بىراق، يېقىندىن بۇيان بۇ ھەقتە ئىزدەنگەن رۇس تارىخچىلىرى ۋە باشقا ئەينى ۋاقىتتا شەرقى تۈركىستان ھۆكۈمىتىدە مۇھىم رەھبىرى ۋەزىپىلەرنى ئاتقۇرغان كىشىلەرنىڭ قاراشلىرى ھەمدە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئەينى ۋاقىتتا غۇلجىغا ئەۋەتكەن مەخپىي خادىملىرىنىڭ ئالماتادىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىگە سۆزلەپ بەرگەن ئۇچۇرلىرىغا تايانغاندا ئەخمەتجان قاسىمى قاتارلىق سابىق شەرقى تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھەربىي-سىياسىي رەھبەرلىرى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ كەلگۈسى سىياسىي تەقدىرى مەسىلىسىدە سوۋېت ھۆكۈمىتى بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبەت جەريانىدا ئۆز پىكرىدە چىڭ تۇرۇپ، موسكۋانىڭ تەكلىپىنى رەت قىلغانلىقى سەۋەبىدىن سوۋېت بىخەتەرلىك دائىرىلىرى تەرىپىدىن سۇيىقەست قىلىنغان.
شۇنىڭدىن كېيىن، ئىلى ھۆكۈمىتى تولۇق ئاخىرلاشتى ۋە 1949-يىلى 10-ئايدا خىتاي ئازادلىق ئارمىيىسى ئۈرۈمچىگە كىردى ۋە ئىلى ھۆكۈمىتىنىڭ سەيپىدىن ئەزىز باشلىق قالدۇق رەھبەرلىرى ئۆزلىرىنىڭ خىتاي كومپارتىيىسى ۋە ھۆكۈمىتىنىڭ رەھبەرلىكىنى قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.
تارىخى مەنبەلەرگە تايانغاندا شەرقى تۈركىستان جۇمھۇرىيەت ھۆكۈمىتى بۇيرۇق چۈشۈرۈپ، ھەر يىلى 12-نويابىرنى دۆلەت ۋە ئىنقىلاب بايرىمى قىلىپ بېكىتكەن بولۇپ، ئۇيغۇر خەلقى يېقىنقى زامان تارىخىدا ئۆز جۇمھۇرىيەت بايرىقى ئاستىدا مۇستەقىل ئۆزىنى- ئۆزى ئىدارە قىلىپ، 12-نويابىر بايرىمىنى بەش يىل خاتىرىلەشكە مۇۋەپپەق بولالىدى. 1949-يىلى، 10-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىغا كەلگەندە بەش يىل ئاسقان ئاي يۇلتۇزلۇق يېشىل دۆلەت بايرىقى ئېلىپ تاشلاندى ھەمدە 12-ئاينىڭ ئاخىرلىرىدا قەھرىمان مىللىي ئارمىيە خىتاي ئازادلىق ئارمىيىسىنىڭ 5-كورپۇسى قىلىپ ئۆزگەرتىلىپ، ئۇزۇن ئۆتمەي پۈتۈنلەي ئەمەلدىن قالدۇرۇۋېتىلدى.
1933-يىلى قەشقەردە قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىگە بۇ يىل 78 يىل، 1944-يىلى غۇلجىدا قۇرۇلغان، بىرىنچى قېتىملىق جۇمھۇرىيەتنىڭ ۋارىسى بولغان ئىككىنچى قېتىملىق شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىگە 67 يىل بولدى. يىللار ئۆتتى، ئەۋلادلار ئالماشتى ۋە يېڭىلاندى. نۇرغۇن باتۇرلار ئۆز ئارزۇ-ئارمانلىرىنى كېيىنكىلەرگە مىراس قالدۇرۇپ، بۇ دۇنيا بىلەن كۆزلىرى ئوچۇق ھالدا خوشلاشتى. 20-ئەسىرنىڭ بىرىنچى يېرىمى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن تولىمۇ جەڭگىۋار، تولىمۇ مەردانە، تولىمۇ شاد-خۇراملىق، يەنە ئۆز نۆۋىتىدە ئىنتايىن پاجىئەلىك مۇساپىلەر بىلەن تولغان ئۇنتۇلماس تارىخىي باسقۇچ بولدى. ئۇنىڭ غەلىبىلىرى ئۇيغۇرلارنى كېلەچەككە ئۈمىدلەندۈرسە، ئۇنىڭ مەغلۇبىيەتلىرى ئۇيغۇرلارنى ئېچىندۇردى.
يىللارنىڭ ئۆتۈشى بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ تارىخىي ئەسلىمىلىرىنىڭ كونىرىشىغا قارىماي، تېخىمۇ كۆپ يېڭى ئەۋلاد كىشىلەرنىڭ 12-نويابىر خاتىرىلىرىنى ئەسلەۋاتقانلىقى، سېغىنىۋاتقانلىقى، ئەجدادلىرى باسقان بۇ مۇساپىلەرگە بولغان ھۆرمەت ۋە ھەۋەس قىلىش تۇيغۇلىرىنىڭ يېڭىلىنىۋاتقانلىقى شۇنىڭدەك تېخىمۇ كۈچىيىۋاتقانلىقى مەلۇم بولماقتا.
نىلقا، ھەرەمباغ، شىخو-جىڭ، ئاقسۇ ئۇرۇش مەيدانلىرىدا مەيدانغا كەلگەن قەھرىمانلىق ھېكايىلىرى ئۇنتۇلۇپ كېتىلمەستىن، ئەكسىچە بۇ ھېكايىلەرنىڭ تېخىمۇ كۆپ يېڭى ئادەملەرگە كۈچلۈك مىللىي روھ ۋە كۈچ-قۇۋۋەت ئاتا قىلىۋاتقانلىقى روشەن.
قىسقىسى، يېرىم ئەسىردىن ئارتۇق ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىنكى بۇ كۈنلەردە مەزكۇر «ئىككى جۇمھۇرىيەت» ئاتالغۇسى ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي، مەدەنىيەت ۋە مىللىي كىملىك تەبىرلىرىنى بېرىشتە كەم بولسا بولمايدىغان ئاتالغۇغا ئايلاندى.