بۇنىڭدىن باشقا يەنە تۈركىيە تارىخچىسى دوكتور ئۆمەرقۇرلنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ يېقىنى ئىككى ئەسىرلىك تارىخىي ھەققىدىكى ئومۇمىي بايانلىرى ۋە قاراشلىرى بىلەن تونۇشىسىلەر.
ماينۇر قاسىمنىڭ «ئەخمەتجاننى ئەسلەيمەن» ناملىق كىتابى ھەققىدىكى ئىنكاس
ئەركىن تارىم تەييارلىدى
1944 - يىلى غۇلجىدا ئېلان قىلىنغان شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ تارىخى، بولۇپمۇ بۇ جۇمھۇرىيەتنىڭ ئەڭ مۇھىم شەخىسلىرىدىن بىرى بولغان ئەخمەتجان قاسىمنىڭ سەرگۈزەشتىلىرى ئۇيغۇرلار ئەڭ كۆپ قىزىقىدىغان تېمىلار. يېقىنقى يىللاردىن بېرى ئوتتۇرا ئاسىيا تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرىدە، رۇسىيىدە ۋە ئۇيغۇر دىيارىدا مەزكۇر جۇمھۇرىيەت ھەققىدە كۆپ ساندا ماقالە ۋە ئەسلىمىلەر نەشىر قىلىنماقتا. ئەخمەتجان قاسىمنىڭ خانىمى ماينۇر قاسىم يازغان خىتاي تىلىدا نەشىر قىلىنغان «ئەخمەتجاننى ئەسلەيمەن» ناملىق كىتابمۇ بۇلاردىن بىرىدۇر.
مەزكۇر كىتاب 2012 - يىلى 7 - ئايدا خىتاي تىلىدا نەشىر قىلىنغان بولۇپ، مەزكۇر كىتاب 879 بەتتىن تەركىپ تاپقان. بۇ كىتاب ھازىرغىچە نەشىر قىلىنغان كىتابلار ئىچىدە ئەڭ ھەجىملىك كىتابلاردىن بىرى بولۇپ، ئىككى توملۇق كىتابدا ئەخمەتجان قاسىم ھەققىدە ھازىرغىچە ئاشكارىلانمىغان نۇرغۇن مەلۇماتلار بايان قىلىنغان. بۇ كىتاب ھەققىدە شۇنداقلا كىتابتا بايان قىلىنغان بەزى مەسىلىلەر ھەققىدە كۆز قارىشىنى ئېلىش ئۈچۈن بۇ كىتابنى ئوقۇپ چىققان خاجەتتەپە ئۇنىۋېرسىتېتى تارىخ ئوقۇتقۇچىسى دوتسېنت در. ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق. ئۇ، كىتاب ھەم ئەخمەتجان قاسىمى ھەققىدە ئۆز قاراشلىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
مەنچىڭ دەۋرىدە بېيجىڭدا قۇرۇلغان ئۇيغۇرلار لاگېرى
قۇتلان ماقالىسى
بېيجىڭدىكى چاڭئەن كوچىسىنىڭ تيئەنمەن مەيدانىدىن ئۆتىدىغان بۆلىكىنىڭ جۇڭنەنخەي بىلەن تۇتۇشىدىغان جەنۇبىي قىسمىغا «شەرقىي ئەنفۇ» نامى بىلەن ئاتالغان بىر تار كوچا جايلاشقان. مانا بۇ كوچىدا مەنچىڭ دەۋرىدە قۇرۇلغان ئۇيغۇرلار لاگېرىنىڭ قالدۇق ئىزنالىرى تاكى بۈگۈنكى كۈنگىچە ساقلىنىپ كەلمەكتە.
ياپونىيە ئۇيغۇرشۇناسلىرىدىن ئونۇما تاكاھىرو ئەپەندىنىڭ 2009 - يىلى ئېلان قىلغان «250 يىللىق تارىخقا ئىگە بېيجىڭدىكى <ئۇيغۇرلار لاگېرى>» ناملىق ماقالىسى بۇ ھەقتىكى يېڭى مەلۇماتلارنى ئوتتۇرىغا چىقاردى. ئونۇما ئەپەندىنىڭ مەزكۇر ماقالىسى ئۇنىڭ بېيجىڭدىكى نەق مەيدان تەكشۈرىشى ھەمدە بېيجىڭ خان سارىيى مۇزېيى ۋە بېيجىڭ دۆلەت كۇتۇپخانىسى قاتارلىق ئورۇنلاردىن ئېرىشكەن ھۆججەتلىرى ئاساسىدا يورۇقلۇققا چىققان.
مەلۇم بولۇشىچە، «خۇيزىيىڭ» ياكى «خۇيخۇي يىڭ» دېگەن ناملار بىلەن ئاتالغان ئۇيغۇرلارنىڭ بېيجىڭدىكى لاگېرى مانجۇ خانى چىيەنلوڭنىڭ 25 - يىلى، يەنى 1760 - يىلىنىڭ بېشىدا تەسىس قىلىنغان. مىلادىيە 1758 - يىلى مەنقىڭ سۇلالىسى «ئاق تاغلىق» خوجا ئەۋلادلىرىنىڭ ياردەملىشىشى بىلەن ئۇيغۇر ئېلىنى تۇنجى قېتىم ئىستىلا قىلغان. ئىككىنچى يىلى چىيەنلوڭ خان ئۆزلىرىگە ياردەملەشكەن خوجا ئەۋلادلىرى ۋە بەگلەردىن بولۇپ 126 نەپەر كىشىنى بېيجىڭگە تەكلىپ قىلىپ يۇقىرى ئەمەل - مەنسەپلەر بىلەن تارتۇقلىغان. ئاندىن ئۇلارنى بېيجىڭدا ئېلىپ قېلىپ خانبالىقنىڭ غەربىي - جەنۇبىي سېپىلىگە يانداش كېلىدىغان جايدىن (بۈگۈنكى غەربىي چاڭئەن كوچىسىنىڭ شەرقىي ئەنفۇ مەھەللىسى) ئورۇن بېرىپ، مەخسۇس مۇسۇلمانلار ئولتۇراق رايونى تەسىس قىلغان. شۇندىن باشلاپ بېيجىڭ خانبالىقتا مەشھۇر بولغان ئۇيغۇرلار لاگېرى بارلىققا كېلىپ بارغانسېرى كېڭەيگەن ھەمدە مەنچىڭ سۇلالىسىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىگە ھۆكۈمرانلىق قىلىش ۋە باشقا مۇسۇلمان ئەللىرى بىلەن ئالاقە ئورنىتىشتىكى كۆزنىكىگە ئايلانغان. بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان شىۋېتسىيەدىكى پېشقەدەم ئۇيغۇر زىيالىلىرىدىن بىرى ئۆز قاراشلىرىنى بىلدۈردى.
چىيەنلوڭ خان خوجا ئەۋلادلىرىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى مۇسۇلمانلار ئارىسىدا زور تەسىرگە ئىگە ئىكەنلىكىنى، ئۇلارنىڭ ھەرقانداق شارائىتتا ئاۋام خەلقنى قوزغىتالايدىغانلىقىنى ھېس قىلىپ يەتكەچكە ئۇلارنى بېيجىڭدا تۇتۇپ قالغان. پەقەت مانجۇ خان جەمەتىگە مەنسۇپ بولغان يوقۇرى قاتلام كىشىلىرىلا تۇرالايدىغان خانبالىقنىڭ سېپىلى ئىچىدىن ئورۇن بەرگەن. ئۇلار يوقۇرى قاتلام مانجۇ ئەمەلدارلىرىغا بېرىلىدىغان ئالاھىدە تەمىناتتىن بەھرىمان بولغان. مانجۇ قىزلىرىغا ئۆيلىنىشىگە، ئۆلگەندىن كېيىن ئۆز يۇرتىدا يەرلىككە قويۇلۇشىغا رۇخسەت قىلىنغان. 1763 - يىلى يازدا خانبالىقتىكى ئۇيغۇر مەھەللىسىدە چىيەنلوڭ خاننىڭ پەرمانى بىلەن مەسچىت قۇرۇلۇشى باشلانغان ھەمدە بىر يىلدىن كېيىن پۈتكەن. ھەيۋەتلىك مەسچىت بىناسىنىڭ ئالدىغا چىيەنلوڭ خاننىڭ مەسچىت قۇرۇلۇشى ھەققىدىكى پەرمانى مانجۇ، خىتاي، موڭغول ۋە ئۇيغۇر يېزىقلىرىدا تاش پۈتۈككە ئويۇلۇپ ئابىدە قىلىپ تىكلەنگەن. شۇندىن باشلاپ، بېيجىڭ خانبالىقتىكى ئۇيغۇر مەھەللىسى بارغانسېرى تەرەققىي قىلىپ ئولتۇراق ئاھالىمۇ كۆپەيگەن. مەنچىڭ سۇلالىسى ئۇيغۇر ئېلىدە قوزغىلاڭ كۆتۈرۈش ئېھتىماللىققى بار دەپ گۇمان قىلغان يۇقىرى قاتلام بەگ ۋە خوجا ئەۋلادلىرىنى داۋاملىق تۈردە بېيجىڭغا يۆتكەپ بۇ يەرگە ماكانلاشتۇرغان. ئۇندىن باشقا خان سارىيى ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان ئۇيغۇر ھۈنەرۋەن ئۇستىلار، مۇزىكانتلار ھەتتا دارۋازلارمۇ بۇ مەھەللىدىن ئورۇن ئېلىشقا باشلىغان.
تەتقىقاتچى ئونۇما ئەپەندىنىڭ تەكىتلىشىچە، ئىپارخان ھەققىدىكى رىۋايەتلەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىمۇ دەل چىيەنلوڭ دەۋرىدە بېيجىڭدا قۇرۇلغان ئۇيغۇرلار مەھەللىسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەن. مەنچىڭ سۇلالىسىنىڭ بېيجىڭ خانبالىقتا ئۇيغۇرلار مەھەللىسى تەسىس قىلىشى ھەمدە خوجا ئەۋلادلىرىنى تۇتۇپ تۇرۇشى شۇ دەۋرنىڭ ئۆزىدە مەلۇم ئىستراتېگىيىلىك پىلان بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان.
تەتقىقات نەتىجىلىرىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، مەنچىڭ سۇلالىسى بېيجىڭ خانبالىقتا يەرلەشكەن خوجا ئەۋلادلىرىدىن پايدىللىنىپ ئۇيغۇر ئېلىنى تىنجىتىش ھەمدە غەربتىكى چېگرا رايونلىرىنىڭ ئەمىنلىكىنى ساقلاش مەقسىتىگە يەتمەكچى بولغان. شۇڭلاشقا خانبالىقتىكى ئۇيغۇر مەھەللىسى مەنچىڭ سۇلالىلىسىنىڭ ئۇيغۇر ئېلى ھەققىدە سىياسەت بەلگىلىشىگە بىۋاسىتە تەسىر كۆرسەتكەن. ئۇندىن باشقا، مانجۇ خانلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىگە چۈشۈرگەن پەرمانلىرىنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى ھەمدە مەنچىڭ خاندانلىقىنىڭ ئورتا ئاسىيادىكى قوقان ۋە باشقا مۇسۇلمان ئەللىرى بىلەن بولغان خەت - ئالاقىلىرىنىڭ ھەممسى خانبالىقتىكى ئۇيغۇر مەھەللىسىدە تەييارلانغان. ئونۇما ئەپەندىنىڭ كۆرسىتىشىچە، بېيجىڭدا ئولتۇراقلاشقان خوجا ئەۋلادلىرى مەنچىڭ سۇلالىسىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى ھۆكۈمرانلىقىنى قانونلاشتۇرۇش ئۈچۈن ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى ئارىسىدا مانجۇ خانلىرىنىڭ «ئادالەتلىك پادىشاھ» ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭغا بويسۇنماقنىڭ زۆرۈرلىكىنى تەشۋىق قىلغان. 19 - ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا بېيجىڭدا ئۇزاق مەزگىل تۇرغان رۇسىيەلىك پوپ پيوتېر كافاروف ئۆز خاتىرىسىدە بېيجىڭدىكى ئۇيغۇر مەھەللىسىنى زىيارەت قىلغانلىقىنى، بۇ يەردىكى ئىمامنىڭ جۈمە نامىزىدا خۇتبىنى مانجۇ خانىنىڭ نامىغا ئوقۇغانلىقىنى تىلغا ئالغان.
مەنچىڭ خاندانلىقىنىڭ كېيىنكى مەزگىللىرىگە كەلگەندە خانبالىقتىكى ئۇيغۇر مەھەللىسىدە ياشايدىغان ئۇيغۇر ئەۋلادلىرىنىڭ سانى كۆپىيىپ، بېيجىڭنىڭ باشقا جايلىرىغا كۆچۈپ ئولتۇراقلىشىشقا باشلىغان. 1910 - يىلى بېيجىڭدىكى ئۇيغۇر مەھەللىسىنى زىيارەت قىلغان ئەنگلىيىلىك مىسسىئونېر برۇمخال بۇ يەردىكى چوڭلارنىڭ يەنىلا ئۇيغۇرچە سۆزلىشىدىغانلىقىنى، ئەمما ياشلارنىڭ ئۆز تىلىنى يوقۇتۇپ، ئىسلام دىنىي قائىدىلىرىدىن باشقا مىللىي ئادەتلەرنىڭ ھەممىسىدە خىتايلاشقانلىنى تىلغا ئالغان. 1912 - يىلى مەنچىڭ خاندانلىقى غۇلىغاندا خانبالىقتىكى ئۇيغۇر مەھەللىسىدە ئولتۇراقلاشقان ئۇيغۇرلارنىڭ كۈنىمۇ تەسلەشكەن. كېيىنچە يۈئەنشىكەي ئۆزىنىڭ پرېزىدېنتى مەھكىمىسىنى جۇڭنەنخەينىڭ ئۇيغۇر مەھەللىسىگە يېقىن جايىغا كۆچۈرۈپ كەلگەن. بۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇر مەھەللىسىدىكى مەسچىتتىن كۈندە بەش قېتىم ئاڭلىنىپ تۇرىدىغان ئەزان ئاۋازىدىن بىئارام بولغان يۈئەن شىكەي ئەسكەر ئەۋەتىپ مەسچىتنى تاقىتىۋەتكەن. ئەمما ئۇيغۇر مەھەللىسى يەنىلا ساقلىنىپ قالىدۇ. گومىنداڭ دەۋرىدىكى ئىستاتىسكىلارغا قارىغاندا، 1930 - يىللاردا شەرقىي ئەنفۇ كوچىسىدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ سانى 108 تۈتۈن 795 جان بولغانلىقى مەلۇم.
ياپونىيە بېيجىڭنى ئىشغال قىلغان 1930 - يىللارنىڭ ئاخىرىلىرىدا خانبالىقتىكى ئۇيغۇر مەھەللىسىنىڭ ھاياتى قايتىدىن جانلانغان. ئونۇما ئەپەندىنىڭ تەتقىقاتىغا قارىغاندا، 1938 - يىلى ياپونىيەلىكلەرنىڭ بېيجىڭدىكى ئۇيغۇر مەسچىت جامائىتى بىلەن بولغان ئالاقىسى كۈچەيگەن. شۇ يىلى ياپونىيەلىك مۇسۇلمان كومۇرا فۇجىئو ئەپەندى بېيجىڭدىكى ئۇيغۇر مەسچىتىدە شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسى خوجانىياز ھاجىنىڭ بېيجىڭغا قېچىپ كەلگەن ئوغلى ئىبراھىم بىلەن بىرقانچە قېتىم كۆرۈشكەن. ئىبراھىم ئۇنىڭغا ئالتۇندىن ھەل بېرىلگەن «قۇرئان كەرىم» بىلەن ئىپارخاننىڭ سۈرىتىنى تەقدىم قىلغان. يەنە بىر ياپونىيەلىك مۇسۇلمان ئوكادا يوشىئو 1943 - يىلىدىن 1945 - يىلىغا قەدەر بۇ مەسچىتتە ئىبراھىمدىن دىنىي ساۋاق ئالغان.
خىتايدا كوممۇنىست ھاكىمىيىتى ئورنىتىلغاندىن كېيىن، بېيجىڭدىكى ئۇيگۇر مەھەللىسى زاۋاللىقا يۈز تۇتقان. 1960 - يىللارنىڭ ئاخىرى ئۇيغۇر مەھەللىسىدىكى مەسچىت قىزىل قوغدىغۇچىلارنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان. بۇ يەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ ئاخىرقى ئەۋلادلىرىمۇ يېزىلارغا كۆچۈرىۋېتىلگەن ھەمدە مىللەت تەۋەلىكى تۇڭگانلارغا قوشۇۋېتىلگەن.
دوكتور ئۆمەرقۇلنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ ئاخىرقى ئىككى ئەسىرلىك تارىخى ھەققىدىكى قاراشلىرى
ئارسلان تاش تەييارلىدى
ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتى تۈركولوگىيە تەتقىقات ئىنستىتۇتىنىڭ تارىخ بۆلۈم ئوقۇتقۇچىسى دوكتور ئۆمەر قۇل ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ ئاخىرقى 160 يىللىق تارىخىنى قىسقىچە خۇلاسىلىدى ۋە بۇ جەرياندا ياقۇپخان بەدۆلەت تەرىپىدىن قۇرۇلغان قەشقەرىيە دۆلىتى، شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى ۋە شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى قاتارلىق تارىختا قۇرۇلغان ئۈچ مۇستەقىل دۆلەت توغرىسىدا توختالدى.
دوكتور ئۆمەر قۇل ئالدى بىلەن ياقۇپخان بەدۆلەت ھاكىمىيىتى توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېدى:
ياقۇپخان بەدۆلەت قۇرغان دۆلەتنىڭ ئالاھىدىلىكى شۇكى، سەئىدىيە مىللىي خانىدانلىقىدىن كېيىن ئۇزۇن مۇددەت كۈرەش قىلىش نەتىجىسىدە تۈنجى بولۇپ قۇرۇلغان مۇستەقىل بىر دۆلەت. بۇ دۆلەت ئەينى زاماندا دۇنيانىڭ ئەڭ كۈچلىرى دۆلەتلىرى ھېسابلىنىدىغان، رۇسىيە ۋە ئەنگلىيە تەرىپىدىن مۇستەقىللىقى ئېتىراپ قىلىنغان بىر دۆلەت. ياقۇپخان بەدۆلەت ئوسمانلى دۆلىتىگە ئەلچى ئەۋەتكەن ۋە بۇ ئەلچى ئوسمانلى دۆلىتى تەرىپىدىن ئىستانبۇلدا قوبۇل قىلىنغان، كېيىن ياقۇپخان بەدۆلەت ھۆكۈمىتىنى ماددى ۋە مەنىۋى جەھەتتىن قوللاپ قۇۋۋەتلىگەن شۇنداقلا شەرقىي تۈركىستانغا ئەسكەر ۋە ھەربىي ئەسلىھە ئەۋەتىش ئارقىلىق ياردەم قىلغان. شەرقىي تۈركىستاندا جۈمە نامىزىدا ئوسمانلى خەلىپىنىڭ نامىدا خۇتبە ئوقۇتۇلغان ۋە پۇل باستۇرۇلغان. ئوسمانلىدىن نەچچە مىڭ كىلومېتر ئۇزاقتىكى بىر يەردە ئوسمانلى دۆلىتىگە باغلىق بىر مۇستەقىل دۆلەتنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشى، ئۇ رايونلارنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنى قولغا كەلتۈرۈشكە ئورۇنغان چارلىق رۇسىيە ۋە ئەنگىلىيىنىڭ مەنپەئەتلىرىگە زېت كەلگەن ۋە 1877 - يىلى ياقۇپخان بەدۆلەت ۋاپات بولغاندىن كېيىن بۇ ھاكىمىيەت يەنە تارتىۋېلىنغان. 14 يىل مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاپ ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن مۇستەقىل بىر دۆلەت ئەپسۇسلىنارلىق بىلەن ئاغدۇرۇلۇپ تاشلانغان.
دوكتۇر ئۆمەر قۇل سۆزىدە 1884 - يىلدىن 1911 - يىلغىچە بولغان ئارىلىقتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسى ۋەزىيىتى توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېدى:
1878 - يىلى زو زۇڭتاڭ ئىسىملىك بىر خىتاي گېنېرال شەرقىي تۈركىستاندا قانلىق قەتلىئام يۈرگۈزۈپ شەرقىي تۈركىستاننى ئىشغال قىلدى ۋە خىتاي زېمىنىغا قوشۇۋالدى. ئۇ تارىخ شەرقىي تۈركىستان تارىخىنىڭ دەۋر بۆلگۈچى باسقۇچ جەريانى ۋە مۇھىم تارىخى. 1884 - يىلى 11 - ئاينىڭ 18 - كۈنى خىتاي پارلامېنتى قارار ئېلىپ شەرقىي تۈركىستاننى خىتايغا باغلاپ 19 - ئۆلكىسى دەپ ئېلان قىلغان ۋە ئىسمىنى "شىنجاڭ" دېگەن ئىسىمغا ئۆزگەرتكەن. 1884 - يىلى 11 - ئاينىڭ 18 - كۈنى شەرقىي تۈركىستان ئۈچۈن قايغۇلۇق بىر كۈن، تارىخقا داغ چۈشكەن بىر كۈن. 1911 - يىلغىچە شەرقىي تۈركىستان خىتايغا باغلىق بولسىمۇ ئۇ يەردىكى خەلق ئۆزلىرىنى ئۆزلىرى ئىدارە قىلغان بىر ۋەزىيەتتە مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاپ كەلگەن. 1911 - يىلىمۇ مۇھىم بىر تارىخ. چۈنكى بۇ يىلى خىتايدا ھاكىمىيەت ئۆزگىرىش يۈز بېرىپ، مانجۇلار باشقۇرۇشىدىكى ھاكىمىيەت ئاغدۇرۇلۇپ، خىتاي مىللەتچىلىرىدىن تەركىپ تاپقان گومىنداڭ ھاكىمىيىتىنىڭ باش كۆتۈرۈشى بىلەن خىتايدا جۇمھۇرىيەت ئېلان قىلىنغان. گومىنداڭ دەۋرى 1949 - يىلغىچە داۋام قىلغان.
1911 - يىلدىن 1949 - يىلىغىچە شەرقىي تۈركىستانلىقلار ئىككى قېتىم مۇستەقىل ھۆكۈمەت قۇرغان. ئەمما ئۇ ھۆكۈمەتلەرنىڭ ئۆمرى قىسقا بولغان ۋە شەرقىي تۈركىستان يەنە خىتاي ۋالىينىڭ ئىدارە قىلىشى بىلەن باشقۇرۇلغان. 1911 - يىلدىن 1928 - يىلغىچە شەرقىي تۈركىستان خەلقى ياڭ زېڭشىن ئىسىملىك خىتاينىڭ دىكتاتۇرلۇق بىلەن باشقۇرغان بىر دەۋرنى بېشىدىن ئۆتكۈزدى. بۇ دەۋرگە ئالاقىدار ئوتتۇرىغا قويۇشقا تېگىشلىك ئىككى مۇھىم نۇقتا بار. بىرىنچىسى:، 1917 - يىلدىن 1927 - يىلغىچە شەرقىي تۈركىستاندا ھېچ قانداق بىر ئىنسان ھەج پەرزنى ئادا قىلىشقا رۇخسەت قىلىنمىغان ۋە چەتئەللەردە سەپەر قىلىش چەكلەنگەن. ئىككىنچى نۇقتا بولسا، شەرقىي تۈركىستاندىن چەتئەللەرگە چىقىپ ئوقۇش پۈتتۈرگەن ۋە شەرقىي تۈركىستانغا قايتقان مىللەتپەرۋەر زىيالىيلار تەرىپىدىن ئېچىلغان مەكتەپلەر پۈتۈنلەي تاقىۋېتىلگەن. ياڭ زېڭشىن بۇ ھەقتە يازغان مەركىزى ھۆكۈمەتكە يوللىغان دوكلاتىدا، شەرقىي تۈركىستاندىكى ئايرىمىچىلىق ھەرىكەتلەرنىڭ چەتئەللەردىن سىڭىپ كىرگەن پىكىرلەر سەۋەبىدىن ئوتتۇرىغا چىقىۋاتقانلىقىنى شۇنىڭ ئۈچۈن مىللەتپەرۋەرلىك ۋە دىنى ئەقىدە توغرىسىدا تەلىم - تەربىيە بېرىلىۋاتقان مەكتەپلەرنى تاقاش كېرەكلىكىنى، ھەج پەرزنى ئادا قىلىش ئۈچۈن بولسىمۇ ئىنسانلارنى چەتئەللەرگە چىقىشىغا رۇخسەت قىلماسلىق كېرەكلىكىنى دوكلات قىلغان. ياڭ زېڭشىن شەرقىي تۈركىستاندا ھاكىمىيىتىنى مۇقىملاشتۇرۇش ئۈچۈن ئەقىلغا ئۇيغۇن ئەمەس، ئىنسان قوبۇل قىلالمايدىغان ھەرىكەتلەرنى ئېلىپ بارغان. ياڭ زېڭشىن شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئوخشىمىغان شەھەرلەردە ئوخشىمىغان پۇللارنى باستۇرغان ۋە پۇلنىڭ ئېقىشىنى تىزگىنلىگەن. چۈنكى ياڭ زېڭشىننىڭ چۈشەنچىسىدە، ئەگەر پۇلنى كونترول ئاستىغا ئالالىسا، كۈچلۈك بىر مۇستەقىللىق ھەرىكەتنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشنى توسۇپ قالغىلى بولىدۇ دەپ قارىغان. شۇنىڭ ئۈچۈن پۇل ۋە ئىقتىسادنى قاتتىق كونترول ئاستىغا ئېلىپ ئىنسانلارنىڭ پۇل - ماللىرىنى زوراۋانلىق بىلەن تارتىۋېلىپ، خەلقنى نامرات قالدۇرغان.
دوكتور ئۆمەرقۇل سۆزىدە 1928 - يىلدىن 1933 - يىلدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئازادلىق ھەرىكەتلەر توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېدى:
ياڭ زېڭشىن 1928 - يىلى سۈيىقەستكە ئۇچراپ ئۆلتۈرۈلدى. ئۇنىڭ ئورنىغا جىن شۇرېن ئىسىملىك بىر دىكتاتور ھاكىمىيەت بېشىغا كەلدى. 1931 - يىلى جىن شۇرېنمۇ سۈيىقەستكە ئۇچراپ ئۆلتۈرۈلدى ۋە 1931 - يىلى شەرقىي تۈركىستان ئازادلىق ھەرىكىتى باشلانغان بىر دەۋر بولدى. قۇمۇلدا خىتاي ئەمەلدارنىڭ بىر ئۇيغۇر قىزنى خوتۇنلۇققا ئېلىشقا مەجبۇرلىشى سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان قارشىلىق ھەرىكەت پۈتۈن خەلقىنى ئويغىتىپ چوڭ ئىنقىلابقا ئايلاندى ۋە شەرقىي تۈركىستان ئازادلىققا ئېرىشىپ ۋە مۇستەقىل ھۆكۈمەت قۇرۇلدى. شەرقىي تۈركىستاننىڭ پۈتۈن شەھەرلىرىدە ئېلىپ بېرىلغان ئازادلىق ھەرىكەتلىرى 1933 - يىلى قەشقەرنى مەركەز قىلغان ھالدا مۇستەقىل شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنى ئېلان قىلىشقا مۇۋەپپەقىيەت بولدى. بۇ ھۆكۈمەتنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى، ئۇ دەۋردە تۈرك دۇنياسنىڭ يالغۇز مۇستەقىل دۆلىتى ھېسابلانغان تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىگە، "كۆك بايراقتىن تۈرك بايرىقىغا سالام بولسۇن!" دېگەن سۆز بىلەن باشلانغان. تېلېگراف يوللاپ شەرقىي تۈركسىتان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنىڭ مۇستەقىل ھۆكۈمەت ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىشنى تەلەپ قىلغان. تېلېگرافتا: "ھەقلىق ۋە ياشاش كۈرىشىمىزدە سىلەرنىڭ ماددى ۋە مەنىۋى ياردىمىڭلارغا ئېھتىياجىمىز بار" دېيىلگەن، ئەمما ئەپسۇسلىنارلىق بىلەن تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تەلەپ قىلىنغان ياردەمنى بېرەلمىگەن، چۈنكى ئۇ دەۋردە تۈركىيە ئۆز مەسىلىلىرىنى بىر تەرەپ قىلالمايۋاتقان بىر ۋەزىيەتتە ئىكەن.
دوكتۇر ئۆمەر قۇل سۆزىدە مۇنداق دېدى:
1933 - يىلى قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى 1934 - يىلى خىتاي ۋە رۇسلارنىڭ تىل بىرىكتۈرۈشى ۋە ھەمكارلىشىشى بىلەن ئاغدۇرۇلغان ئەمما شەرقىي تۈركىستاندا بىر ھېكمەتلىك سۆز بار، "ھەر 3 يىلدا بىر كىچىك ھەرىكەت ھەر 10 يىلدا چوڭ بىر ھەرىكەت مەيدانغا كېلىدۇ". شەرقىي تۈركىستانلىقلار تارىخ بويىچە ھەر قانداق ۋەزىيەتتە ۋە باسقۇچتا مۇستەقىللىقىنى ئارزۇ قىلغان، ئاسارەتنى ئۆزلىرى ئۈچۈن بىر زۇلۇم دەپ قاراپ كەلگەن بىر مىللەت. شەرقىي تۈركىستان ھۆكۈمىتى 1934 - يىلى ئاغدۇرۇۋېتىلگەن كېيىن شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ مۇستەقىللىق ئىرادىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ۋە دىكتاتور ئەمەلدارلارنىڭ خاتا قىلمىشلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش ئۈچۈن قارشىلىق ھەرىكەتلەر داۋام قىلدى، 1934 - يىلىدىن 1937 - يىلغىچە شەرقىي تۈركىستاننىڭ جەنۇبىدا مۇستەقىللىق ھەرىكەتلىرى توختىماي داۋام قىلدى. ئەمما شەرقىي تۈركىستان خەلقى 1934 - يىلىدىن 1944 - يىلغىچە 10 يىل بويىچە، شەرقىي تۈركىستاننى ئاچ قالغان بۆرىگە ئوخشاش سۈمۈرگەن جاللات شېڭ شىسەي دەۋرنى بېشىدىن ئۆتكۈزدى. بۇ دەۋردە شەرقىي تۈركىستان، تارىخىغا داغ چۈشكەن بىر دەۋرنى ياشىدى. شىڭ شىسەي شەرقىي تۈركىستاندىن ئايرىلىپ كەتكەن ۋاقىتتا ئالتۇن ۋە قاش تېشى قاچىلانغان 14 يۈك ماشىنىنى بىرگە ئېلىپ كەتكەن، بۇلار ھەقىقى بىر ۋەقە.
دوكتۇر ئۆمەر قۇل سۆزىدە يەنە 1933 - يىلدىن 1943 - يىلغىچە بولغان ئارىلىقىتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتى ۋە ئېلىپ بارغان كۈرەشلىرى توغرىسىدا توختالدى ۋە ئۇيغۇرلار چەتئەل كۈچلەرنىڭ سىياسى تەسىرى سەۋەبىدىن مۇستەقىل بولالمىغانلىقىنى ئىپادىلەپ مۇنداق دېدى:،
1933 - يىلدىن 1943 - يىلغىچە شېڭ شىسەي رۇسلارنىڭ قورچىقى ۋە يالاقچىسى بولۇپ تۇرۇپ شەرقىي تۈركىستاننى باشقۇرغان. دۇنيانىڭ باشقا بىر يېرىدە يۈز بەرگەن ۋەقە ۋە ھادىسىلەر شەرقىي تۈركىستاننى تەسىرگە ئۇچراتتى. شېڭ شىسەي سوۋىت ئىتتىپاقىنىڭ قورچىقى بولۇپ شەرقىي تۈركىستاننى باشقۇرۇۋاتقان دەۋردە كارپاتلاردا سوۋېتلەر گېرمانلارغا قارشى مەغلۇپ بولىدۇ، بۇنىڭدىن ئەندىشە قىلغان شېڭ شىسەي، سوۋېتتىن يۈز ئۆرۈپ خىتاي مەركىزى ھۆكۈمەتكە يېلىنىش سىياسىتى يۈرگۈزگەن. 1941 - يىلى ئوسمان باتۇر باشلىغان ئازادلىق ھەرىكەتنى 1942 - يىلنىڭ ئوتتۇرىلىرىغىچە قوللىمىغان سوۋېت - رۇسلار، شېڭ شىسەي ئۇلاردىن يۈز ئۆرۈپ مەركىزى خىتايغا باغلىنىشى بىلەن ئۆز مەنپەئەتلىرىنى كۆزدە تۇتۇپ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئازادلىق ھەرىكەتلەرنى قوللاشنى قارار ئالغان شۇنىڭ بىلەن 1944 - يىلى 150 يىللىق جەريانىدا ئۈچىنچى قېتىملىق مۇستەقىل دۆلەتنىڭ قۇرۇلغانلىقى ئېلان قىلىنغان. دۇنيانىڭ باشقا يەرلىرىدە يۈز بەرگەن ئۇرۇش ۋە ۋەقەلەر شەرقىي تۈركىستاننى تەسىرگە ئۇچراتتى. 1945 - يىلى 2 - دۇنيا ئۇرۇشى ئاياغلاشقان كېيىن، دۇنيانىڭ شەكىللىنىشى ۋە تەقسىم قىلىنىشىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان يالتا شەرتنامىسى ئىمزا قىلىندى. يالتا ئېلىنغان قارارلار شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇستەملىكە بولۇپ قېلىشتىن ئىبارەت تەقدىرىنى بەلگىلىگەن. سوۋىت - رۇسىيە يالتا يىغىنىدا، مۇڭغۇلىستاننىڭ مۇستەقىللىقىنى خىتاي ئېتىراپ قىلسا، بىز شەرقىي تۈركىستاندىكى مۇستەقىللىق ھەرىكەتلەرگە ياردەم بەرمەيمىز دەپ شەرت قويغان.
دوكتۇر ئۆمەر قۇل سۆزىدە يەنە 1944 - يىلى قۇرۇلغان شەرقىي تۈركسىتان جۇمھۇرىيىتى 11 ماددىلىق بېتىمگە ئىمزا قىلىش بىلەن يوق قىلىنغانلىقىنى ئىپادىلەپ مۇنداق دېدى:
گەرچە شەرقىي تۈركسىتان جۇمھۇرىيىتى 1944 - يىلدىن 1949 - يىلغىچە مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاپ قالغان بولسىمۇ 1946 - يىلى ھۆكۈمەت ۋەكىللىرى بىلەن خىتاي ئەمەلدارلىرى ئوتتۇرىسىدا مۇزاكىرە ئارقىلىق سۈلھى تۈزۈلگەن ۋە 11 بېتىملىق كېلىشىم دەپ تارىخقا يېزىلغان كېلىشىمنىڭ ئىمزا قىلىنىشى بىلەن شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى يوق قىلىنغان. شەرقىي تۈركىستاندا ئازادلىق ھەرىكەتلىرى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئىككى قېتىم ئازادلىقىنى قولىغا ئېلىپ مۇستەقىل ھۆكۈمەت قۇرغان بولسىمۇ 1945 - يىلى مەركىزى خىتايدا گومىنداڭ ھاكىمىيىتى بىلەن ماۋزېدۇڭ باشچىلىقىدىكى خىتاي كوممۇنىست گۇرۇھى ئوتتۇرىسىدا ھاكىمىيەت تالىشىش ئۇرۇشى بولغان ئىدى. 1948 - يىلى گومىنداڭ ھاكىمىيىتىنى ئاغدۇرالىغان خىتاي كوممۇنىست گۇرۇھى خىتايدا ھاكىمىيەتنى قولغا ئالدى، بۇ دەۋردە شەرقىي تۈركىستانلىقلار بىر قارار ئېلىش كېرەك ئىدى. مىللەتپەرۋەر، ۋەتەنپەرۋەر قاراشتىكى كىشىلەر، شەرقىي تۈركىستاندا قېلىپ كوممۇنىستلارغا قارشى كۈرەش قىلىش كېرەكمۇ ياكى ۋەتەن ئۈچۈن ۋەتەندىن ئايرىلايلىمۇ؟ دېگەن سوئاللارنى مۇزاكىرە قىلىش ئارقىلىق ئۇزۇن بەس - مۇنازىرە نەتىجىسىدە خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيەتكە قارشى كۈرەش قىلىشقا كۈچىنىڭ يەتمەيدىغانلىقىنى، چەتئەلگە چىقىپ كەتمىگەن تەقدىردە ھاياتىنىڭ خەۋپ ئىچىدە قالىدىغانلىقىنى ياكى خىتاينىڭ قاراڭغۇ تۈرمىلىرىگە قامىلىدىغانلىقىنى چۈشىنىپ يەتكەن ۋە ۋەتەندىن ئايرىلىش، چەتئەلگە ھىجرەت قىلىشقا مەجبۇر بولغان. مۇھەممەد ئىمىن بۇغرا ۋە ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىننىڭ باشچىلىقىدىكى كارۋان كەشمىر ھىندىستانغا كەلگەندىن كېيىن تۈركىيە، ھىندىستان، مىسىر ۋە سەئۇدى ئەرەبىستاندىن پاناھلىق تەلەپ قىلغان بۇلارنىڭ ھېچ بىرىدىن جاۋاب كەلمىگەندىن كېيىن تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى مىنىستىرلار ئىچكى كابىنېتى، 1952 - يىلى ئالغان قارارى بىلەن شەرقىي تۈركىستانلىق مۇھاجىرلارنىڭ تۈركىيىگە يەرلىشىشىنى قوبۇل قىلغان. شەرقىي تۈركىستانلىق مۇھاجىرلاردىن تەشكىللەنگەن بىر كارۋان 1949 - يىلى تارىختىكى ئەڭ ئېچىنىشلىق ھىجرەت ۋەقەلەرنى بېشىدىن ئۆتكۈزگەن ۋە 1952 - يىلى 9 - ئايدا ئىستانبۇلغا كېلىپ يەرلەشكەن.
0:00 / 0:00