«تارىخ ۋە بۈگۈن» (22 - يانۋار)

«تارىخ ۋە بۈگۈن» سەھىپىمىزنىڭ بۇ يەكشەنبىلىك قىسىمدا ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 1940 - يىللىرىدىكى مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتىگە قاتناشقان ۋە ئۇنىڭدا مۇھىم رول ئوينىغان، مىللىي ئارمىيىنىڭ مۇئاۋىن قوماندانى زۇنۇن تېيىپوفنىڭ ھاياتى ھەققىدىكى پەرزەنتلىرىنىڭ ئەسلىمىلىرى، تۈركىيە تارىخچىسى، «ئەراتنا ئۇيغۇر دۆلىتى» ناملىق كىتابنىڭ ئاپتورى، پروفېسسور كەمال گۈدە ئەپەندىنىڭ ئوتتۇرا ئەسىرلەردىكى ئۇيغۇر قەبىلىلىرىنىڭ ئەڭ دەسلەپتە ئاناتولىيىگە كېلىش تارىخى شۇنىڭدەك بۇ جايدا ئەراتنا ئۇيغۇر دۆلىتىنى قۇرغانلىقىغا ئائىت مەلۇماتلىرى ئاڭلىتىلىدۇ.

0:00 / 0:00

بۇلاردىن باشقا يەنە 1982 - يىلى، سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ 19 - ئەسىردىكى ئىلى ئۇيغۇرلىرىنىڭ چىڭ سۇلالىسىغا قارشى قوزغىلاڭلىرىنى ئەكىس ئەتتۈرىدىغان تارىخىي فىلىمى«ئەجدىھار يىلى» نىڭ ئىشلىنىش جەريانى ھەم فىلىمنىڭ مەزمۇنلىرى ھەققىدە ئۇچۇرلار تونۇشتۇرىلىدۇ.

سابىق مىللىي ئارمىيە پولكوۋنىكى، مىللىي ئارمىيىنىڭ مۇئاۋىن باش قوماندانى زۇنۇن تېيىپوف 1917 - يىلى ئالمۇتا ۋىلايىتىنىڭ ياركەنت شەھىرىدە تۇغۇلغان بولۇپ، دەسلەپكى بىلىمىنى رۇس مەكتىپىدە ئالغان. ئوتتۇزىنچى يىللىرى ئۇيغۇر ئېلىگە كۆچۈپ كەلگەن. مەلۇم بىر ۋاقىت ھۈسەيىنباي مۇسابايېفنىڭ تىرە زاۋۇتىدا ئىشلىگەندىن كېيىن بۇ زېمىندا باشلانغان ئازادلىق ھەرىكىتىگە پائال ئارىلاشقان. "ئازادلىق تەشكىلاتىنىڭ" ئاكتىپ قاتناشقۇچىلىرىدىن بولغان زۇنۇن تېيىپوف شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى مىللىي ئارمىيىسىنىڭ مەيدانغا كېلىشىگە كۆپ كۈچ چىقارغان. ئۇ بىر قاتار قانلىق جەڭلەرگە قاتنىشىپ، قاتاردىكى جەڭچىدىن تاكى گېنېرال - مايور دەرىجىسىگىچە كۆتۈرىلگەن ھەم شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ كۆپلىگەن ئوردېن ۋە مېداللىرى بىلەن تەقدىرلەنگەن. زۇنۇن تېيىپوف 1960 - يىللارنىڭ بېشىدا قازاقىستانغا كۆچۈپ چىقىشقا مەجبۇر بولغان ھەم شۇ يەردە ۋاپات بولغان.