مەلۇمكى، ئۆتكەنكى ئەسىرنىڭ 40 - يىللىرى ئەۋج ئالغان مىللىي - ئازادلىق ھەرىكىتىگە ئۇيغۇرلاردىن باشقا ھەر مىللەت ئوغۇل - قىزلىرىمۇ ئاكتىپ قاتناشقان ھەم مۇھىم رول ئوينىغان.
سابىق مىللىي ئارمىيىسىنىڭ پولكوۋنىكى، تاتار خەلقىدىن كېلىپ چىققان مەرغۇپ ئىسقاقوف ئەنە شۇنداق شەخسلەردىن بىرى بولۇپ، ئۇ 1944 - يىلى ئىنقىلابقا قاتنىشىپ، ئىلگىرى كېيىن سۈيدۈڭ پىيادىلەر پولكىنىڭ باشلىقلىرىدىن بىرى بولغان شۇنىڭدەك 1946 - يىلىدىن كېيىن ئوتتۇرا يۆنىلىش قىسىملىرىنىڭ كوماندىرىلىق ۋەزىپىسىنى ئاقتۇرغان.
مەرغۇپ ئىسقاقوف ئەينى 20 - ئەسىردىكى ئۇيغۇر تارىخىدىكى مەشھۇر شەخسلەرنىڭ بىرى. ئۇ، مىللىي ئازادلىق ئىنقىلابىدىكى باتۇر سەركەردىلەر قاتارىدىن ئورۇن ئېلىش بىلەن ئۇيغۇر ۋە باشقا مىللەتلەرنىڭمۇ ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولغان ئىدى. مەرغۇپ ئىسقاقوف 1950 - يىللاردا باشلانغان تەقىبلەشلەر ۋاقتىدا، خىتاي خەلق ئازادلىق ئارمىيىسىنىڭ ئەڭ ياش گېنېراللىرىدىن بىرى دەپ تونۇلغىنىغا قارىماي، بۇ ئۇنۋان ۋە ۋەزىپىلىرىنى تاشلاپ، سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىغا چىقىپ كېتىپ، 1992 - يىلى ئالمۇتا شەھىرىدە ۋاپات بولغان. بۇ ھەقتە ئويغان تەپسىلىي توختالدى.
بۇنىڭدىن 98 يىل ئىلگىرى ئەينى زاماندىكى ئوسمانلى دۆلىتىنىڭ «ئىتتىھاد ۋە تەرەققى» دەپ ئاتىلىدىغان تۈركلەرنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكىنى قوغداش تەشكىلاتىنىڭ ئەمەلدارى ھەبىبىزادە ئەخمەت كامال ۋە ئۇنىڭ سەپداشلىرى 1914 - يىلى قەشقەرگە بېرىپ ئوقۇتقۇچىلار ئۇيۇشمىسى جەمئىيىتى قۇرۇپ، ئاقارتىش ھەرىكىتى ئېلىپ بارغان.
ئەخمەت كامال «ئىتتىھات ۋە تەرەققى» دېگەن مەخپىي تەشكىلات تەرىپىدىن 1914 - يىلى ئوقۇتقۇچىلىق سالاھىيىتى بىلەن قەشقەرگە ئەۋەتىلگەن. ئەخمەت كامال 1914 - يىلىدىن، 1920 - يىلغىچە قەشقەر ۋە ئۈرۈمچىدە ئالتە يىل تۆت ئاي تۇرغان. ئۇ بىر مەزگىل تۈرمىدە ياتقان، كېيىن شاڭخەيگە بارغان ۋە ئۇ يەردىن تۈركىيىگە قايتقان.
ئەخمەت كامال شەرقىي تۈركسىتان ۋە خىتاي ساياھىتى توغرىسىدا "خىتاي - تۈركىستان خاتىرىسى"، "شاڭخەي خاتىرىسى"، "تۈركىستان ۋە خىتاي يوللىرىدا ئۇنتۇلمىغان خاتىرىلەر" قاتارلىق ئۈچ پارچە كىتاب يازغان. ئۇنىڭ "خىتاي - تۈركىستان خاتىرىسى" ناملىق كىتابى 1925 - يىلى نەشىر قىلىنغان. قالغانلىرى كېيىنكى مەزگىللەردە نەشىر قىلىنغان. بۇ ھەقتە ئارسلان تەپسىلىي توختالدى.