مىللىي ئارمىيە ئوفىتسېرى خەمىت كەنجىبايېف
سابىق مىللىي ئارمىيە ئوفىتسېرى، 91 ياشلىق خەمىت كەنجىبايېف 1944 - 1949 - يىللىرىدىكى مىللىي ئىنقىلابنىڭ ئاكتىپ قاتناشقۇچىسى. ئۇ مىللىي ئارمىيە باش قوماندانلىق شىتابى ۋە شىمالىي يۆنىلىش شىتابىدا خىزمەت قىلغان بولۇپ، خەمىت كەنجىبايېف مىللىي ئارمىيە باش قوماندانى ئىسساقبېك مۇنونوف، مۇئاۋىن باش قوماندانى دەلىلقان سۇگۇربايېف ۋە پولكوۋنىك زۇنون تېيىپوف قاتارلىق بىلەن كۆپ قېتىم ئۇچراشقان.
خەمىت كەنجىبايېف ئۆز ئەسلىمىلىرىنى بايان قىلدى. تەپسىلاتىنى تۇرسۇن ئىسلامدىن ئاڭلاڭ.
ياپونلارنىڭ «شىمالىي زېمىن كۈنى» نى خاتىرىلەش پائالىيىتى
ياپونىيە ھۆكۈمىتى 2 - ئاينىڭ 7 - كۈنىنى «شىمالىي زېمىن كۈنى» قىلىپ بېكىتكەن. بۇ كۈندە ياپونىيىنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ياپونلار، ھازىرقى رۇسىيە ئىگىدارچىلىقىدىكى ئاراللىرىنى يەنى شىمالدىكى زېمىنلىرىنى قايتۇرۇپ كېلىش ھەرىكىتى جەمىيەتلىرى، ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ يېتەكچىلىكىدە بىر تۇتاش تۈرلۈك پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بارىدۇ. ياپون تىلىدىكى «ھوپپو ريودو مونداي» يەنى شىمالىي زېمىن مەسىلىسى، ياپونلار ئۇزۇندىن بۇيان رۇسلار بىلەن تالاش تارتىش قىلىپ كېلىۋاتقان، شىمالدىكى تۆت ئارال مەسىلىسىدۇر.كۇرىل ئاراللىرى، يەنى مىنامى چىشىما ئاراللىرى بولۇپ، ياپونىيىنىڭ ھوككايدو ئۆلكىسىگە تەۋە ئاراللاردۇر.
بۇ ئاراللانى سوۋەت ئىتتىپاقىنى بېسىۋالغان ئىدى.
پروگراممىنىڭ تەپسىلاتىنى قۇتلۇق قادىرىدىن ئاڭلاڭلار.
سابىق مىللىي ئارمىيە ئوفىتسېرى ئىبرايىم ياۋاخۇنوفنىڭ جەڭگىۋار يولى
ئويغان پروگراممىسى
تارىختىن مەلۇمكى ئۆتكەنكى ئەسىرنىڭ 40 - يىللىرى شەرقىي تۈركىستاندا ئەۋج ئالغان مىللىي - ئازادلىق ھەرىكىتىدە ئۇيغۇر، تۇڭگان، قازاق، قىرغىز، ئۆزبەك قاتارلىق مىللەت ۋەكىللىرىدىن تەركىپ تاپقان شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى مىللىي ئارمىيىسى ئالاھىدە رول ئوينىغان ئىدى. كۆپلىگەن ئىستراتېگىيىلىك ئەھمىيەتكە ئىگە پونكىتلارنى باسقۇنچىلاردىن ئازاد قىلىش ئۈچۈن بولغان جەڭلەردە ئۇلار قەھرىمانلىقنىڭ ئۈلگىسىنى، ئۆزلىرىنىڭ ئازادلىققا، مۇستەقىللىككە بولغان تەشنالىقىنى، ئىنتىلىشىنى نامايەن قىلدى.
ئەنە شۇلارنىڭ بىرى سابىق مىللىي ئارمىيە ئوفىتسېرى ئىبرايىم ياۋاخۇنوفتۇر. 1944 - يىلى مىللىي - ئازادلىق ھەرىكىتى باشلانغاندا ياۋاخۇنوف پىدائىيلار قاتارىدا ئۆزىنىڭ جەڭگىۋار يولىنى باشلىغان ئىدى. ئۇ تۇڭگان زاپاس روتىسىنىڭ كاتىپى، ئاندىن 5 - ئاتلىق تۇڭگان دىۋىزيونى تەشكىل قىلىنغاندا، شتابنىڭ كادىرلار بۆلۈمى باشلىقى، دىۋىزيون 10 - ئالاھىدە ئاتلىق تۇڭگان پولكى بولۇپ قايتا تەشكىللەنگەندە پودپورۇچىك ئۇنۋانىدا پولكنىڭ رازۋېتكا بۆلۈمىدە خىزمەت قىلغان.
رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ئى.ياۋاخۇنوف ئۆزىنىڭ جەڭگىۋار يولى ھەققىدە ئەسلىمىلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
كىتاب: «بىز بىر - بىرىمىزنى شۈنچىلىك ماختاشقانلار - سۋېن ھېدىن ۋە ئادولف گىتلېر»
يالقۇن پروگراممىى
سۋېن ھېدىن ئۇيغۇرلارغا ناھايتى تونۇشلۇق بولغان شۋېتسىيىلىك ئېكىسپىدىيىچى بولۇپ، ئۇنىڭ - 1893يىلدىن - 1935يىلغىچە ئۇيغۇر ئېلىدا ئېلىپ بارغان تۆت قېتىملىق ئېكىسپىدىيىسى ئۇيغۇر مەدەنىيەت تارىخىدا چۇڭقۇر ئىز قالدۇرغان.گەرچە سۋېن ھېدىن ئۇيغۇرلارغا ئېكىسپىدىيىچى، ئۇيغۇرشۇناس سۈپىتىدە تونۇلغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ ئۇيغۇرلارغا ناتونۇش بولغان يەنە بىر ئوبرازى يېقىندا شۋېتسىيە نورستېدس نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان «بىز بىر - بىرىمىزنى شۈنچىلىك ماختاشقانلار - سۋېن ھېدىن ۋە ئادولف گىتلېر» ناملىق كىتاب ئارقىلىق قايتىدىن بازارغا سېلىماقتا.
ئاكسېل ئودېلبېري تەرىپىدىن شۋېتچە يېزىلغان بۇ كىتاب سۋېن ھېدىننىڭ ياۋرۇپادا ئېلىپ بارغان پائالىيەتلىرىگە، بولۇپمۇ ئادولف گىتلېر باشچىلىقىدىكى - 3ئىمپىرىيىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىگە بېغىشلانغان بولۇپ، سىۋېن ھېدىننىڭ ناتسىسلار گېرمانىيىسىگە بولغان ئىشەنچىسى ۋە ئادولف گىتلېرگە بولغان چوڭقۇر ھۆرمىتى بايان قىلىنغان. شۇڭا سۋېن ھېدىن گىتلېرنىڭ ئۆلۈمىنى ئاڭلاپ قاتتىق ئازاپلانغان ۋە «شۋېتسىيە كۈندىلىك خەۋەرلەر گېزىتى»گە خەت يېزىپ «مەن ئادولف گىتلېرنى چوڭقۇر ۋە ئۆچمەس ئەسلىمىلىرىم بىلەن ئەسلەيمەن، ئۇ دۇنيا تارىخىدىكى ئەڭ بۈيۈك شەخىسلەرنىڭ بىرى ئىدى» دېگەن.
كىتابتا بايان قىلىنىشىچە سۋېن ھېدىن بىلەن گىتلېرنىڭ ئارىسىدا چۇڭقۇر شەخسىي دوستلۇق مۇناسىۋىتى بار بولۇپ، گىتلېر ياش ۋاقىتلىرىدىن باشلاپ سۋېن ھېدىننىڭ كىتابلىرىنى ياخشى كۆرۈپ ئوقۇغان ۋە سىۋېن ھېدىننىڭ ئېكىسپىدىيە ساھاسىدىكى تەۋەككۈلچىلىكىگە قايىللىقىنى بىلدۈرگەن.شۇڭا گىتلېر - 1933يىلى - 16ئۆكتەبىر كۈنى بېيجىڭدا تۇرۇۋاتقان سۋېن ھېدىنغا تېلگرامما يوللاپ ئۇنىڭ ئېكىسپىدىيە خىزمىتىنى باشلىغانلىقىنىڭ 40 يىللىقىنى ئالاھىدە تەبرىكلىگەن. ھەتتا گىتلېر ئۆزىنى ئېتىۋېلىش ئالدىدىمۇ سۋېن ھېدىنغا خەت يېزىپ، ئۇنىڭ 80 ياشلىق تۇغۇلغان كۈنىنى مۇبارەكلەشنىمۇ ئۇنۇتمىغان. سۋېن ھېدىن بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدا مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىغان گېرمانىيىنى پەقەت ئادولف گىتلېرلا قۇتقۇزالايدۇ دەپ ئىشەنگەنلىكى ۋە شۇ دەۋىرلەردە كۈنسېرى بازار تېپىۋاتقان كوممۇنىزم ئىدىيىسىنى ناتسىسلاردىنمۇ خەتەرلىك دەپ قارىغانلىقى ئۈچۈن ئۆمىرىنىڭ ئاخىرغىچە ناتسىسلار گېرمانىيىسىگە بولغان ھۆرمىتىنى يوقاتمىغان.
كىتاب سۋېن ھېدىننىڭ - 1933يىلى بېيجىڭدا ئېلىپ بارغان پائالىيەتلىرىدىن باشلانغان بولۇپ، بۇ ئۇنىڭ ئۇيغۇر ئېلىغا قىلغان - 4قېتىملىق ئېكىسپىدىيە مەزگىلىگە توغرا كىلەتتى. سۋېن ھېدىننىڭ ئۇيغۇر ئېلىغا قىلغان - 4قېتىملىق ئېكىسپىدىيىسى - 1927يىلدىن - 1935يىلغىچە ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، - 1927يلىدىن - 1929يىلغىچە بولغان ئارىلىقتىكى ئېكىسپىدىيە چىقىمىنى گېرمانىيىنىڭ لۇپتانسا ئاۋىئاتسىيە شىركىتى ئۈستىگە ئالغان.ئۇلار بېرلىن بىلەن بېيجىڭ ئارىلىقىدا ھاۋا يولى ئېچىشنى مەقسەت قىلغان بولۇپ، ھاۋا يولى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھاۋا بوشلۇقىدىن ئۆتەتتى. ئەمما ئۇيغۇر ئېلىنىڭ كونتروللۇقىنى قولىغا ئېلىۋالغان جىن شۇرېن ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھاۋا بوشلۇقىدا گېرمانىيىنىڭ ھاۋا يولى ئېچىشىنى خالىمىغانلىقىنى ئۈچۈن لۇپتانسا ئاۋىئاتسىيە شىركىتى سۋېن ھېدىننى ئىقتىساد بىلەن تەمىنلەشنى توختاتقان. سۋېن ھېدىن بىر قىسىم ئادەملىرىنى ئۇيغۇر ئېلىدا قالدۇرۇپ قويۇپ بېيجىڭغا كەلگەن ۋە گومىنداڭ ھۆكۈمىتىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى ۋە جاڭ جېشى بىلەن كۈرۈشۈپ ئۇيغۇر ئېلىدە ئېلىپ بارىدىغان ئېكىسپىدىيىسى ئۈچۈن پۇل ھەل قىلماقچى بولغان.سۋېن ھېدىن گومىنداڭ ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ مول ئالتۇن، نېفىت، گاز بايلىقلىرى ۋە سۆۋېت ئىتتىپاقى بىلەن بولىدىغان جانلىق سودىسى بىلەن قىزىقتۇرغان.گومىنداڭ ھۆكۈمىتى سۋېن ھېدىننىڭ قىزىقتۇرۇشى بىلەن بىرقسىم خىتاي ئارخېئولوگلىرى بىلەن ئېكىسپىدىيە ئۆمىكى تەشكىللەپ، ئۇيغۇر ئېلىغا ئەۋەتكەن. ئەمما سۋېن ھېدىننىڭ بۇ قېتىمقى ئېكىسپىدىيىسى ئۇيغۇر ئېلىدا بولۇۋاتقان ئۇرۇش قالايمىقانچىلىقى سەۋەبىدىن ئانچە ئوڭۇشلۇق بولمىغان. شۇڭا سىۋېن ھېدىن ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئەڭ ئاخىرقى ئېكىسپىدىيىسىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ - 1935يىلىنىڭ بېشىدا بېيجىڭغا قايتىپ كەلگەن ۋە جاڭ جېشى بىلەن كۆرۈشۈپ ئۇيغۇر ئېلىدىكى تەكشۈرۈش ئەھۋالىدىن ۋە ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلىرىدىن دوكلات بەرگەن.سۋېن ھېدىننىڭ ئارزۇسى بويىچە، ئۇيغۇر ئېلىدىن توپلىغان ۋە قېزىۋالغان بارلىق نەرسىلەرنى سۋېن ھېدىننىڭ شىۋېتسىيىگە ئېلىپ كىتىشىگە يول قويغان. ئاپتور كىتابتا بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك بايانلارنى مۇنداق تەسۋىرلەيدۇ: «بېيجىڭدا سۋېن ھېدىننىڭ شەرىپى ئۈچۈن كاتتا زىياپەت بېرىلدى. ئېكىسپىدىيىگە كەتكەن چىقىمغا مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەرمۇ تولۇق ھەل بولدى. كېلىشمگە ئاساسەن سۋېن ھېدىن ئېكىسپىدىيە جەريانىدا توپلىغان بارلىق ئارخېئولوگىيىلىك نەرسىلەرنى شۋېتسىيىگە ئېلىپ كېتىپ تەتقىق قىلىشىغا ھوقۇقلۇق بولدى، ئەمما كېيىن خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىش بەلگىلەندى» بۇ مەزگىل سۋېن ھېدىن دەل 70 ياشقا تولغان ۋاقىت بولۇپ، ئۇ 42 يىللىق ئېكىسپدىيىگە بېغىشلىغان 42 يىللىق تەۋەككۈلچىلىك ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ - 1935يىلى - 14 ئاپىرىل كۈنى بېرلىنغا يىتىپ كىلىدۇ. بۇ سۋېن ھېدىننىڭ ئادولف گىتلېر بىلەن بولغان دوستلۇقىنىڭ ۋە - 3ئېمپىرىيە بىلەن بولغان قويۇق مۇناسىۋىتىنىڭ تازاراۋاجلانغان مەزگىلى بولۇپ قالىدۇ.
سۋېن ھېدىن ئۇيغۇرلار ئارىسىدا تونۇلغان بىر شەخىس بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۇيغۇرلار ئارىسىدا قانداق تەسىرگە ئىگە؟ بۇ ھەقتە ئابدۇغېنى ئابدۇكېرىم ئۆزىنىڭ كۆز قارىشىنى بايان قىلدى.
كىتابتا بايان قىلىنىشىچە، گەرچە سۋېن ھېدىن گىتلېر ئارمىيىسىنىڭ يىغىۋېلىش لاگىرلىرىدا ئېلىپ بارغان قىرغىنچىلىقلىرىغا دائىر ئىسپاتلىق ماتېرىياللارنى ئاخباراتلاردىن كۆرگەن بولسىمۇ، ئەمما گىتلېرنىڭ بۇنداق شەكىلدە قىرغىنچىلىق ئېلىپ بارىدىغانلىقىغا ئىشەنمىگەن. ئۇنىڭ بۇ خىل قارىشى شۋېتسىيە جامائىتىنىڭ تەنقىدىگە ئۇچراپ، ئۇ دوست - بۇرادەرلىرىدىنمۇ پۈتۈنلەي ئايرىلىپ قالغان.ئۇ ئاخىرقى ئۆمرىنى تەنھالىق، يىگانىلىق ئىچىدە ئۆتكۈزۈپ - 1952يىلى - 26 نويابىر كۈنى ستوكھولۇمدا ئالەمدىن ئۆتكەن.
0:00 / 0:00