«تارىخ ۋە بۈگۈن» (12 - فېۋرال)

«تارىخ ۋە بۈگۈن» سەھىپىمىزنىڭ 12 - فېۋرالدىكى قىسىمدا ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 1940 - يىللىرىدىكى مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتىگە قاتناشقان تارىخىي شاھىدلارنىڭ بايانلىرى ئاڭلىتىلغاندىن تاشقىرى ئاخىرىدا يەنە سىلەر ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىنىڭ نامايەندىلىرىدىن بىرى مەرھۇم زىيا سەمەدىنىڭ 1930 - يىللىرىدىكى مىللىي ئازادلىق ھەرىكەت تارىخىغا بېغىشلىغان تارىخىي ئەسلىمە خاراكتېرلىق رومانى«يىللار سىرى»دا بايان قىلىنغان تارىخىي ۋەقەلەرنىڭ داۋامى بىلەن تونۇشىسىلەر.

0:00 / 0:00

مەلۇمكى، 1944 - يىلىدىن 1949 - يىلىغىچە بولغان ئىلى، تارباغاتاي ۋە ئالتايدىكى مىللىي ئازادلىق ئىنقىلابقا سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ قانداق تەسىر كۆرسەتكەنلىكى بۇ دەۋرگە ئائىت تارىخىي تەتقىقاتىدىكى مۇھىم بىر تېمدىئۇر. بۇ ھەقتە كۆپلىگەن پىكىرلەر مەيدانغا چىقتى. ئۇيغۇر تارىخىي شاھىدلىرى بۇ ئىنقىلابنىڭ بېشىدىلا سوۋەت ئىتتىپاقىنىڭ مەخسۇس خادىملىرىنىڭ ئىنقىلابقا ئارىلاشقانلىقى، بولۇپمۇ ستالىن ھۆكۈمىتىنىڭ بىر قىسىم ھەربىي مەسلىھەتچى خادىملارنى ئەۋەتىپ، شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنى سىياسىي، ھەربىي ۋە باشقا نۇقتىلاردىن قامال قىلىشقا تىرىشقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ، چۈنكى ئەينى ۋاقىتتا ئەلىخان تۆرە ۋە ئەخمەتجان قاسىمى قاتارلىق رەھبەرلەر ھەم خەلق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ياردىمى ۋە ئېزىلگەن خەلقلەرنىڭ مىللىي ئازادلىقىنى قوللاش شوئارىغا ئىشەنگەن ئىدى.

بۇ ھەقتە سابىق مىللىي ئارمىيە كاپىتانى مەسۇمجان زۇلىقاروف مۇخبىرىمىز ئويغاننىڭ بۇ ھەقتىكى بىر قاتار سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى.

ئاتاقلىق يازغۇچى زىيا سەمىدىنىڭ "يىللار سىرى" ناملىق رومانىنىڭ بۇ بابىدا ئالدامچىلىق ۋاسىتىلىرى بىلەن ئۆلكىنىڭ ھاكىمىيىتىنى تولۇق قولغا كىرگۈزۈۋالغان شېڭ شىسەينىڭ "ئالتە بۈيۈك سىياسەت" دېگەندەك يالغان شوئارلارنى كۆتىرىپ چىقىپ، ئەمەلىيەتتە ئاستىرتتىن قوزغىلاڭچىلار رەھبەرلىرى، مىللىي زىيالىيلار ئۈستىدىن نازارەت قىلىشنى كۈچەيتىشكە، رەسمىيەت ئۈچۈن ۋاقىتلىق بېرىلگەن ئازغىنا ھوقۇقلارنى قايتىدىن تارتىۋېلىشقا تىرىشىپ، مۇستەبىت سىياسەتلەرنى ئەمەلگە ئاشۇرغانلىقى كۆرسىتىلگەن. بۇنىڭدا يەنە ماخمۇت مۇھىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ھوقۇقلىرىنى قوغدىشى ھەم ئۇنىڭ شېڭ شىسەينىڭ ئالدام خالتىسىغا چۈشمەي ئاخىرغىچە ئېلىشقانلىقى بايان قىلىنىدۇ.