
قىرغىزىستان جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتى 2012 - يىلى دۆلەت بويىچە خاتىرىلەيدىغان 13 پائالىيەتنى بېكىتكەن بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە 1944 - 1949 – يىللىرىدىكى شەرقىي تۈركىستان مىللىي ئازادلىق ئىنقىلابىنىڭ ھەربىي رەھبەرلىرىدىن بىرى، مىللىي ئارمىيىنىڭ كېيىنكى باش قوماندانى ئىسساقبېك مۇنۇنوفمۇ بار.
«بىشكەك كەچلىكى» ۋە باشقا ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئىسساقبېك مۇنۇنوفنى قىرغىزىستان ھۆكۈمىتى قىرغىز مىللىتىدىن چىققان تۇنجى گېنېرال دەپ ئېتىراپ قىلغان بولۇپ، قىرغىزىستان پارلامېنتىنىڭ قارارى ۋە ھۆكۈمەتنىڭ تەستىقى بويىچە بۇ يىل ئىسساقبېك مۇنۇنوفنىڭ 100 ياشقا تولغانلىقى بىلەن دۆلەت دەرىجىلىك خاتىرىلەش مۇراسىمى ئۆتكۈزۇشنى بېكىتكەن.
ئىلگىرى، قىرغىزستاننىڭ جەنۇبىدىكى ئوش شەھىرىدىكى مەركىزىي كوچىلارنىڭ بىرىگە "ئىسساقبېك مۇنۇنوف" كوچىسى دەپ نام بېرىلگەن ھەمدە ئۇنىڭ ئېگىز ھەيكىلى ئورنىتىلغان ئىدى.
قىرغىزلار ئىسساقبېك مۇنۇنوفنى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاساسلىق رەھبەرلىرىنىڭ بىرى ۋە مىللىي ئارمىيىنىڭ قوماندانى دەپ يۇقىرى ھۆرمەت بىلەن قەدىرلەيدۇ. ھەتتا، بىر قىسىم قىرغىز مۇتەخەسسىسلەر ئۇنى قىرغىزىستاننىڭ ئوش ۋىلايىتى تەۋەسىدە دۇنياغا كەلگەن دەپ ھېسابلايدۇ. شۇ سەۋەبتىن ئۇنىڭ ھەيكىلى ئوشقا ئورنىتىلغان. لېكىن، خىتاي ھۆكۈمەت ھۆججەتلىرىدە ۋە بىر قىسىم ئۇيغۇر ئېلى قىرغىز تارىخچىلىرىنىڭ ئەسەرلىرىدە ئۇنىڭ ئۇلۇغچات تەۋەسىدە تۇغۇلغانلىقى قەيت قىلىنىدۇ.
مەلۇم بولۇشىچە، ئىسساقبېك مۇنۇنوفنىڭ ئەۋلادلىرى ھازىر قىرغىزىستاننىڭ بىشكەك ۋە ئوش شەھەرلىرىدە ياشىماقتا. ئىسساقبېك مۇنۇنوفنىڭ نەۋرىسى ئابدۇۋاخاپ مۇنۇنوف ئىسساقبېك مۇنۇنوف ھەققىدە مەخسۇس بىر كىتاب يېزىپ 2007 - يىلى، بىشكەكتە قىرغىز تىلىدا نەشىر قىلدۇرغان.
ئىسساقبېك مۇنۇنوفنى قىرغىزىستان ھۆكۈمىتى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى دەۋرىدە دۆلەت دەرىجىلىك خاتىرىلىشى مۇمكىن ئەمەس ئىدى. بىراق، ئىسساقبېك مۇنۇنوف 1930 - يىللاردا قەشقەر تەۋەسىدىكى مىللىي ئىنقىلاب مەزگىلىدە قىرغىز پولكىنىڭ كوماندىرى سۈپىتىدە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ تاپشۇرۇقلىرىنى ئىجرا قىلغان ھەم شېڭ شىسەي تەرىپىدىن قىرغىز - قازاق مەدەنىيەت ئاقارتىش ئۇيۇشمىسىغا رەئىسلىككە تەيىنلەنگەن. ئۇ، 1943 - يىلى، سوۋېت ئىتتىپاقىغا قېچىپ كېتىپ، 1944 - يىلىنىڭ ئاخىرىدا بىر پارتىزان ئەترىتى بىلەن غۇلجىغا كەلگەن ئىدى.
نۆۋەتتە، قىرغىزلار ئىسساقبېك مۇنۇنوفنىڭ ئىسىم فامىلىسىدىكى مۇنۇنوفنى ئەسلى ئاتىلىشى بويىچە "مونىيېف" دەپ ئاتايدۇ. ئىسساقبېك مۇنۇنوفقا 1945 - يىلىنىڭ ئوتتۇرلىرىدا شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتى گېنېرال مايورلۇق ئۇنۋانى بەرگەن. ئۇ، مىللىي ئارمىيە باش قوماندانى ئىۋان پالىنوف سوۋېت ئىتتىپاقىغا كەتكەندىن كېيىن، 1946 - يىلى 6 - ئايدىن كېيىن مىللىي ئارمىيىنىڭ باش قوماندانىلىق ۋەزىپىسىگە تەيىنلىنىپ، گېنېرال لېيتىنانتلىق ئۇنۋانىغا سازاۋەر بولغان ئىدى. ئۇ، شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتى دەۋرىدىكى مارشال ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن جۇمھۇرىيەت رەئىسى ئەلىخان تۆرىدىن كېيىنكى ئىككىنچى ھەربىي ئۇنۋانى ئەڭ يۇقىرى ئەرباب بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. مىللىي ئارمىيە ئىلگىرى - كېيىن تۆت نەپەر گېنېرالغا ئىگە بولغان. بۇلارنىڭ ئىككى نەپىرى رۇس بولۇپ، ئۇلار بىرىنچى قېتىملىق باش قوماندان گېنېرال مايور ئىۋان پالىنوف بىلەن شىتاب باشلىقى گېنېرال مايور ۋ. ماژاروفتۇر. مىللىي ئارمىيىنىڭ باشقا ئىككى نەپەر گېنېرالىنىڭ بىرى قازاق خەلقىدىن كېلىپ چىققان مۇناۋىن باش قوماندان گېنېرال مايور دەلىلقان سۇگۇربايېف بىلەن قىرغىز مىللىتىدىن كېلىپ چىققان كېيىنكى باش قوماندان گېنېرال لېيتىنانت ئىسساقبېك مۇنۇنوف ئىدى. ئەمما، ئۇيغۇرلاردىن ھېچكىمگە گېنېراللىق ئۇنۋانى بېرىلمىگەن. ئەڭ ئالى ھەربىي ئۇۋان مارشال بولۇپ، ئۇ ئەلىخان تۆرىگە بېرىلگەن، ئۇيغۇرلاردىن پەقەت پولكوۋنىك ئۇنۋانىغا ئېرىشكەنلەر بىر قەدەر كۆپ بولغان ئىدى.
1955 - يىلى خىتاي ھۆكۈمىتى ئەسلىدە شەرقىي تۈركىستان ھۆكۈمىتى پولكوۋنىكلىك ئۇنۋانى بەرگەن سەيفىدىن ئەزىزگە خىتاي خەلق ئازادلىق ئارمىيىسىنىڭ گېنېرال لېيتىنانتلىق ئۇنۋانى، ئەسلىدىكى مىللىي ئارمىيە مايورى زاھىر ساۋدانوف، مىللىي ئارمىيە پولكوۋنىكى مەمەت ئىمىن ئىمىنوف، مىللىي ئارمىيە پولكوۋنىكى مەرغۇپ ئىسساقوف ۋە مىللىي ئارمىيە پولكوۋنىكى زۇنۇن تېيىپوف قاتارلىق تۆت كىشىگە خىتاي خەلق ئازادلىق ئارمىيىسىنىڭ گېنېرال مايورلۇق ئۇنۋانى بەرگەن ئىدى. ئەينى ۋاقىتتا خىتا ئازادلىق ئارمىيىسى ئىلى ئىنقىلابىدىن كېلىپ چىققانلار ئىچىدە ئەڭ يۇقىرى ھەربىي ئۇنۋاننى سەيفىدىن ئەزىزگە بەرگەن ئىدى. خىتاي خەلق ئازادلىق ئارمىيىسىنىڭ بۇ بەش نەپەر گېنېرالىنىڭ تۆتى ئۇيغۇر بولۇپ، مەرغۇپ ئىسقاقوف تاتار خەلقىدىن كېلىپ چىققان ئىدى.
مەلۇمكى، قىرغىزىستاندىكى قىرغىزلار سوۋېت رۇسىيىسىنىڭ ئىچكى ئۇرۇش، گېرمانىيە ئارمىيىسىگە قارشى 2-دۇنيا ئۇرۇشى قاتارلىق ئۇرۇش مۇساپىلىرىنى باشتىن كەچۈرگەن بولۇشى ھەمدە زور ساندا قىرغىزلار سوۋېت ئارمىيىسى تەركىبىدە خىزمەت قىلغان بولۇشىدىن قەتئىي نەزەر 20-ئەسىرنىڭ بىرىنچى يېرىمىدا ئۇلار ئارىسىدىن تېخى گېنېراللىق ھەربىي ئۇۋانىغا ئېرىشكەن ئادەم يېتىشىپ چىقمىغان. ئىسساقبېك مۇنۇنوف ئەينى ۋاقىتتا پۈتۈن دۇنيا مىقياسىدا قىرغىز مىللىتىنىڭ تۇنجى گېنېرالى بولۇپ قالغان. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ ئۇنۋاننىمۇ شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتى بەرگەن ئىدى. ئەنە شۇ سەۋەبتىن قىرغىزىستان ھوكۈمىتى ئىسساقبېك مۇنۇنوفنى قىرغىز خەلقىنىڭ تۇنجى گېنېرالى سۈپىتىدە رەسمىي ئېتىراپ قىلىپ، خاتىرىلەشنى قارار قىلغان.
ئىستامبۇلدىكى سەدىردىن قەشقەرىي خانىقاسى ھەققىكى مەلۇماتلار
ئىستانبۇلدىكى سەدىردىن قەشقەرىي خانىقاسى ئۇزۇن تارىخقا ئىگە. ئۇيغۇرلار، ئۆزبېكلەر ۋە باشقا ئوتتۇرا ئاسىيالىقلار بۇرۇندىلا بۇ شەھەر ئارقىلىق ھەجگە بارغان ھەمدە ئىستامبۇلدا ئۆزلىرىنىڭ خانىقالىرى ۋە سارايلىرىنى سالدۇرغان ئىدى. ئىستانبۇلدىكى بۇ خانىقالار ھەم مەدەنىيەت ئىزلىرى ھەققىدە ئەركىن تارىم مەلۇمات تەييارلىدى.