سوۋېت ئىتتىپاقى ئىشلىگەن ھۆججەتلىك فىلىم«غەنى باتۇر» (1 - )
ئۈمىدۋار
سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى ئىشلىگەن «غەنى باتۇر» ناملىق ھۆججەتلىك فىلىمنى ئىككى بۆلەككە بۆلۈپ چۈشەندۈرۈش مۇمكىن.
سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ قازاقىستان سوتسىيالىستىك ئىتتىپاقداش جۇمھۇرىيىتىنىڭ كىنو ستۇدىيىسى «قازاقفىلىم» 1980 - يىلى 1944 - 1949 - يىللىرىدىكى ئۇيغۇر مىللىي ئازادلىق ئىنقىلابىنىڭ قەھرىمانى «غەنى باتۇر» نى باش تېما قىلغان بىر ھۆججەتلىك فىلىم ئىشلىدى. رۇس تىلىدا ئىشلەنگەن « غەنى باتۇر» دەپ ئاتالغان مەزكۇر فىلىمدە خەلق قەھرىمانى غەنى باتۇرنىڭ ئىنقىلاب مەزگىلىدىكى ھاياتى، كۈرەشلىرى ۋە سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىغا كۆچۈپ چىققاندىن كېيىنكى ھايات مۇساپىلىرى باش تېما قىلىنغان.
فىلىمدە غەنى باتۇرنىڭ سىماسى كۆرۈلگەندىن تاشقىرى يەنە ئۇنىڭ ئۆز ئاۋازىمۇ بېرىلگەن بولۇپ، 79 ياشقا كىرىپ قالغان غەنى باتۇر ئۆزىنىڭ قانداق قىلىپ ئىنقىلابقا قاتناشقانلىقى ۋە ئىلىنى ئازاد قىلىش ھەمدە ئاخىرىدا سوۋېت ئىتتىپاقىغا كۆچۈپ چىقىش ئەھۋاللىرى ھەققىدە سۆزلەپ بېرىدۇ؛
بۇ غەنى باتۇرنىڭ ھازىرغىچە بىزگە مەلۇم بولغان نەق مەيداندىن ئېلىنغان بىردىن بىر جانلىق سىماسى ھەمدە ئۆز ئاۋازى بولۇپ، مەزكۇر ھۆججەتلىك فىلىم ئارقىلىق بىز 20 - ئەسىرنىڭ ئەڭ مەشھۇر ئۇيغۇر قەھرىمانى غەنى باتۇرنىڭ سىماسىنى كۆرۈش ۋە ئاۋازىنى ئاڭلاش پۇرسىتىگە ئېرىشەلەيمىز.
فىلىمدە غەنى باتۇرنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش، ئىنقىلاب جەريانىدىكى قەھرىمانلىقلىرى تەپسىلىي چۈشەندۈرۈلىدۇ. غەنى مەمەتباقى ئوغلى 1902 - يىلى، غۇلجا شەھىرىنىڭ يېنىدىكى قاش يېزىسىدىكى تۇردىيۈزى كەنتىدە تۇغۇلغان. ئۇ كىچىك ۋاقتىدىلا ئىشچان، قورقماس، باتۇر يۈرەك بالا بولۇپ چوڭ بولغان. ئۇ 16 يېشىدا كۈچلۈكلىكتە داڭ چىقىرىدۇ، كەمبەغەل - پۇقرالارنىڭ مەيدانىدا تۇرىدۇ. پۇقرانى بوزەك قىلغانلاردىن، ئەمەلدار زالىملاردىن قورقمايدىغان غەنى باتۇر ئىلى ۋادىسىدا داڭ چىقىرىدۇ ھەمدە ئىككى يىل ئەتراپىدا ئۈرۈمچىدىكى تۈرمىگە تاشلىنىپ، 1944 - يىلى، 4 - ئايدا تۈرمىدىن قاچىدۇ. ئۇ فىلىمدە ئۆز كەچۈرمىشلىرى ھەققىدە سۆزلەيدۇ.
غەنى باتۇر 1944 - يىلى 9 - ئايدا نىلقا پارتىزانلىرى قاتارىغا قوشۇلۇپ، ئۇنىڭ ئاساسلىق باتۇرلىرىدىن بىرگە ئايلىنىدۇ ھەمدە پارتىزان ئەترىتىنىڭ كوماندىرلىرىدىن بىرىگە ئايلىنىدۇ. ئۇ نىلقىنى ئازاد قىلىشتا باتۇرلۇق كۆرسىتىدۇ، ئارقىدىن 1944 - يىلى، 7 - نويابىردا بىرىنچى بولۇپ، غۇلجا قوزغىلىڭىغا قاتنىشىپ، ئالدى بىلەن غۇلجا شەھىرىدىكى رايونلۇق ساقچىخانا ئىشغال قىلىپ، كۆپلىگەن ئادەملىرىنى قۇتۇلدۇرىدۇ. ئارقىدىن ئۇ ئىلى ۋالىي مەھكىمىسى، ئىلى ۋىلايەتلىك باش ساقچى قاتارلىق ئورۇنلارغا ھۇجۇم قىلىدۇ. غەنى باتۇر 1944 - يىلى، 12 - نويابىر كۈنى ئىلىدىكى گومىنداڭنىڭ ئەڭ كۈچلۈك قورغىنى ئىلى باش ساقچى ئىدارىسىنى ئىشغال قىلىپ، شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنى قۇرۇشقا زېمىن ھازىرلايدۇ.
غەنى باتۇر شۇنىڭدىن كېيىن غۇلجا شەھىرى، سۈيدۈڭ ۋە كەڭسايدىكى جەڭلەردە باتۇرلۇق كۆرسىتىدۇ ۋە ئارشاڭنى ئازاد قىلىشقا ئەۋەتىلىپ، ئارشاڭنى ئازاد قىلىش ئۈچۈن شارائىتى ھازىرلايدۇ. ئۇ ئارشاڭدىكى جەڭدە يارىلانغان ئىدى. شۇنىڭدىن كېيىن، ئۇزۇن ئۆتمەي شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتى غەنى باتۇر، فاتىخ باتۇر ۋە ئەكبەر باتۇرغا خەلق قەھرىمانى دېگەن ئەڭ ئالىي نامنى بېرىدۇ. ئارقىدىن پولكوۋنىك ئۇنۋانى بىلەن مىللىي ئارمىيە ھەربىي سوتىنىڭ باشلىقى بولىدۇ.
غەنى باتۇرنىڭ 1950 - يىلىنىڭ بېشىدا سوۋېت ئىتتىپاقىنى زىيارەت قىلىپ، بۇ جەرياندا ستالىننىڭ قوبۇل قىلىشىغا ئېرىشكەنلىكى ھەققىدە ئاغزاكى ئۇچۇرلار مەۋجۇت. غەنى باتۇر يەنە 1950 - يىلى، 10 - ئايدا بېيجىڭدا زىيارەت بولىدۇ. تاكى 1953 - يىلىغىچە لەنجۇدا قاتارلىق جايلاردا تۇرغۇزىلىدۇ ۋە 1953 - يىلى ئۈرۈمچىگە، 1954 - يىلى ئۈرۈمچىدىن غۇلجىغا قايتىپ كېلىدۇ. بۇ مەزگىللەردە غەنى باتۇرنى تەنقىد قىلىش ۋە ئەيىبلەشلەر باشلىنىپ كەتكەن ئىدى. فىلىمدە غەنى باتۇر قاتارلىق ئىنقىلاب قاتناشقۇچىلىرىنىڭ تۈرلۈك زەربە بەرىشلار تۈپەيلىدىن سوۋېت ئىتتىپاقىغا كېتىشكە مەجبۇر بولغانلىقى سۆزلىنىدۇ. غەنى باتۇر 1955 - يىلى سوۋېت ئىتتىپاقىغا كېتىدۇ. مەلۇم بولۇشىچە ئۇ، سوۋېت ئىتتىپاقىدا باشتا تاشكەنتتكە، كېيىن ئالمۇتا ئەتراپىغا ئورۇنلىشىپ، شۇ يەردە ياشايدۇ ۋە 1970 - يىللاردا ئۆزبېكىستان ئىتتىپاقداش جۇمھۇرىيىتى كومپارتىيىسىنىڭ بىرىنچى سېكرېتارى شەرەپ رەشىدوف، قازاقىستان كومپارتىيىسىنىڭ بىرىنچى سېكرېتارى دىن مۇھەممەد قۇنايېف قاتارلىقلارنىڭ قوبۇل قىلىشىغا ھەم ھۆرمەتلىشىگە سازاۋەر بولىدۇ. شەرەپ رەشىدوف ئۇنىڭغا كىچىك ماشىنا تەقدىم قىلىدۇ.
بۇ فىلىمدە يەنە غەنى باتۇرنىڭ سەپداشلىرى، يەنى 1944 - 1949 - يىللىرىدىكى مىللىي ئازادلىق ئىنقىلابىنىڭ بىر قىسىم يۇقىرى دەرىجىلىك ھەربىي - سىياسىي كادىرلىرىدىن، مىللىي ئارمىيە مۇئاۋىن باش قوماندانى ۋە مىللىي ئارمىيە پولكوۋنىكى ھەمدە 1955 - يىلى خىتاي ئازادلىق ئارمىيىسى تەرىپىدىن گېنېرال مايورلۇق ئۇنۋانى بېرىلگەن زۇنۇن تېيىپوف، مىللىي ئارمىيە پولكوۋنىكى، 1949 - يىلىدىن كېيىن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ۋە مەدەنىيەت نازارىتىنىڭ نازىرىلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن يازغۇچى زىيا سەمەدى، مىللىي ئارمىيە ئوفىتسېرى ھەم 1950 - يىللاردا ياشلار خىزمىتى ساھەسىدە رەھبەرلىك ۋەزىپىلەرنى ئاتقۇرغان ھاشىر ۋاھىدى، مۇزىكانت غوپۇر قادىرخوجايېف قاتارلىق ئەربابلارنىڭ سىمالىرى كۆرۈلۈپ، ئۇلارنىڭ غەنى باتۇر ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتى ھەققىدىكى قاراشلىرى ئۆز ئاۋازلىرى بىلەن بېرىلگەن.
فىلىمدە سابىق مىللىي ئارمىيە مۇئاۋىن باش قوماندانى زۇنۇن تېيىپوف غەنى باتۇر ۋە مىللىي ئازادلىق ئىنقىلاب ھەققىدە بايان قىلىپ، غەنى باتۇرنىڭ قوشقان تۆھپىسى، باتۇرلۇقى ۋە قەيسەرلىكىگە يۇقىرى باھا بېرىدۇ.
غەنى باتۇر ۋە يۇقىرىدا ئىسمى ئاتالغان ئەربابلارنىڭ ھەممىسى 1955 - يىلىدىن 1962 - يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا سوۋېت ئىتتىپاقىغا كۆچۈپ چىقىپ، قازاقىستانغا يەرلەشكەن بولۇپ، فىلىم ئىشلەنگەن 1980 - يىلى ئۇيغۇرلارنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقىغا كەڭ كۆلەمدە قېچىپ چىقىشىنىڭ 20 يىللىق خاتىرىسى ئىدى.
غەنى باتۇر ئۆزى ھەققىدىكى بۇ فىلىم ئىشلىنىپ بىر يىلدىن كېيىن، يەنى 1981 - يىلى ۋاپات بولۇپ، ئۆزى ياشىغان مەھەللىگە دەپنە قىلىنىپ، ھەيكەل ئورنىتىلدى.
ئۇيغۇر داستانلىرىنىڭ قىممىتى
تۈركىيىنىڭ ئىزمىر شەھىرىدىكى ئېگې ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى ئالىمجان ئىنايەت ئۇزۇن مەزگىل ئۇيغۇر داستانلىرى تارىخىنى تەتقىق قىلغان مۇنتەخخەسىسدۇر. ئالىمجان ئىنايەت ئۇيغۇر قەھرىمانلىق داستانلىرىنىڭ ئۇيغۇرلانىڭ مىلىي تارىخ، سىياسىي تارىخى ۋە باشقىلار بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى كۆرسەتتى.
ئۇنىڭ قارىشىچە، ئۇيغۇر داستانلىرىنى ئۇچ تۈرگە ئايرىش مۇمكىن بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىچىدە ئەڭ مۇھىمىدىن بىرى قەھرىمانلىق داستانىدۇر. بۇ ھەقتە ئەركىن تارىمنىڭ ئالىمجان ئىنايەت بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىنى ئاڭلايسىلەر.