«تارىخ ۋە بۈگۈن» (2013 - يىلى 17 - مارت)

0:00 / 0:00

«تارىخ ۋە بۈگۈن» سەھىپىمىزنىڭ 17 - مارت كۈنىدىكى قىسمىدا دىققىتىڭلار تۆۋەندىكى پروگراممىلاردا بولىدۇ.

غەرب مەتبۇئاتلىرى ئۇيغۇر مەسىلىسىگە كۆڭۈل بولۇش تارىخىدىن مەلۇماتلار،

1933 - 1934 - يىللىرى ئارىسىدا قەشقەردە مەۋجۇت بولغان «ئىستىقلال جەمئىيىتى» ۋە «ئىستىقلال» مەجمۇئەسىنىڭ تارىخى، ئۆتكەن ئەسىرنىڭ بىرىنچى يېرىمىدا ئۆتكەن مەشھۇر ئىسلام ئالىمى مۇسا جارۇللانىڭ پائالىيەتلىرى، بولۇپمۇ ئۇنىڭ ياپونىيىدىكى پائالىيەتلىرى ھەم نورۇز بايرىمىنىڭ كېلىپ چىقىشى ھەققىدىكى مەلۇماتلار.

نۇرى تۈركەلنىڭ غەرب مەتبۇئاتلىرى ۋە ئۇيغۇر مەسىلىسى ھەققىدىكى قاراشلىرى

ئۇيغۇرلار مەسىلىسى غەرب مەتبۇئاتلىرىدا خېلى ئۇزۇندىن تارتىپ ئورۇن ئېلىپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، بىراق ئۇنىڭ جانلىنىشى تېخى يېقىندا باشلاندى. بولۇپمۇ، 11 - سېنتەبىر ۋەقەسىدىن كېيىن، ئۇيغۇر مەسىلىسى خەلقئارا مەتبۇئاتلار، بولۇپمۇ غەرب مەتبۇئاتلىرىدا كەڭ ئۇچۇر بېرىلىش باسقۇچىغا كىرگەن بولۇپ، 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىن تېخىمۇ بىر بالداق يۇقىرىغا كۆتۈرۈلدى.

ئۇيغۇر مەسىلىسى ئامېرىكىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان غەرب دۇنياسىنىڭ مەشھۇر ئاساسلىق گېزىتلىرىدىن دائىم ئورۇن ئېلىش، دۇنياۋى خەۋەر ئاگېنتلىقلىرىنىڭ دائىملىق ئۇچۇر تارقىتىش ئوبيېكتىغا ئايلاندى. قىسقىسى ئۇيغۇر ئېلىدە يۈز بەرگەن ھەر قانداق ۋەقە ھازىر ناھايىتى تېزلىكتە خەلقئارا مەتبۇئاتلارنىڭ ئىنكاسىنى قوزغايدىغان باسقۇچقا كىردى.

ئۇنداقتا مەتبۇئاتلاردىكى بۇ قىزغىنلىق كەيپىياتى ۋە مەتبۇئاتلار ھۆكۈمەتلەر ھەم خەلقئارالىق تەشكىلاتلارنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە كۆڭۈل بولۇشىگە قانچىلىك تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن؟ بۇ ناھايىتى مۇھىم بىر نۇقتا. بىز بۇ بىر قاتار مەسىلىلەر بويىچە ئامېرىكىدا ياشايدىغان ئادۋوكات، ئامېرىكا ئۇيغۇرلىرى بىرلىكىنىڭ سابىق رەئىسى نۇرى تۈركەل ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ، ئۇنىڭ قاراشلىرىنى ئىگىلىدۇق.

1933 - يىلى قەشقەردە قۇرۇلغان «ئىستىقلال جەمئىيىتى» ۋە ئۇنىڭ ئورگان ژۇرنىلى بولغان «ئىستىقلال» مەجمۇئەسى ھەققىدە (1)

قۇتلان خەۋىرى

تارىخىي مەنبەلەردىن ئاشكارىلىنىشىچە، 1933 - يىلى 12 - نويابىردا قەشقەردە شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى جاكارلىنىشتىن بۇرۇن «ئىستىقلال جەمئىيىتى» نامىدىكى بىر مەخپىي تەشكىلاتنىڭ قەشقەردە قوراللىق قوزغىلاڭلارنى ئۇيۇشتۇرۇش ھەمدە مىللىي ھاكىمىيەت قۇرۇش ئىشلىرىغا يېتەكچىلىك قىلغانلىقى مەلۇم.

1931 - يىلى باشلانغان قومۇل قوزغىلىڭىنىڭ ئىلھامى بىلەن ئۇزاق ئۆتمەيلا ئىنقىلابنىڭ ئوت يالقۇنى پۈتۈن ئۇيغۇر ئېلىگە تۇتۇشىدۇ. 1933 - يىلىنىڭ باشلىرىدا قومۇل - تۇرپان ئىنقىلابىغا ئاۋاز قوشۇپ كۇچادا قوزغىلاڭ كۆتۈرگەن تۆمۈر Èلى ناھايىتى تېزلىكتە كۇچا ۋە ئاقسۇ رايونلىرىنى ئازاد قىلىپ قەشقەرگە قاراپ ئىلگىرىلەيدۇ. شۇ يىلى باھار مەزگىلىدە خوتەن رايونىنى تولۇق ئازاد قىلىپ مىللىي ھاكىمىيەت قۇرغان خوتەن ئىنقىلابچىلىرىمۇ غەربكە قاراپ غەلىبىسېرى ئىلگىرىلەپ قەشقەرگە يۈرۈش قىلىشنىڭ سىگنالىنى چالىدۇ. مانا مۇشۇنداق بىر پەيتتە مىللىي قۇتۇلۇش ئىنقىلابىغا ماسلىشىش ھەمدە ئۇنىڭ غەلىبىسىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن قەشقەردىكى ئەھلى ئۆلىما ۋە مىللەت سەرخىللىرى مەخپىي ھالدا ئۇيۇشۇپ «ئىستىقلال جەمئىيىتى» نامىدىكى بىر تەشكىلاتنى قۇرۇپ چىقىدۇ. شاھىتلاردىن مۇسا تۈركىستانىنىڭ «ئۇلۇغ تۈركىستان پاجىئەسى» ناملىق ئەسلىمىسىگە قارىغاندا، مەزكۇر تەشكىلاتقا قەشقەردىكى يەرلىك زىيالىيلار، دىنىي ئۆلىمالار، رۇس بولشېۋىكلىرىنىڭ باستۇرىشىدىن قېچىپ كەلگەن ئۆزبېك مۇھاجىرلارنىڭ ئەزا بولغانلىقى مەلۇم. تەشكىلاتنىڭ دەسلەپكى گەۋدىسى مۇھەممەد ھاجىم پالتا، مەقدۇمزادە ئارتۇش، قۇتلۇق ھاجى شەۋقىي، تۇرغۇن بايبەچچە، ئەھمەد پاختا، ئەبەيدۇللا خانىي، سوفىزادە، يۈسۈپ مۇزەپپەر قاتارلىق كىشىلەردىن تەشكىل تاپىدۇ. «ئىستىقلال جەمئىيىتى» نىڭ قۇرۇلۇشى ھەققىدە دوكتور ئالىمجان بوغدا ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ مۇنۇلارنى بىلدۈردى.

«ئىستىقلال جەمئىيىتى» قۇرۇلۇپ ئۇزاق ئۆتمەيلا خەلقنى سەپەرۋەر قىلىپ جىنشۇرېننىڭ قەشقەرگە قامىلىپ قالغان ھەربىي كۈچلىرىگە قارشى ئۇرۇش تەشكىللىلەيدۇ. تۆمۈر ئېلىنىڭ قوشۇنلىرى قەشقەرگە يېتىپ كەلگەندىن كېيىن «ئىستىقلال جەمئىيىتى» قەشقەردىكى ھەر ساھە كىشىلىرى ۋە تۈرلۈك گۇرۇپپىلارغا مەنسۇپ كۈچلەرنى بىرلەشتۈرۈشتە پائال رول ئوينايدۇ. 1933 - يىلنىڭ ئاۋغۇست ئايلىرىدا سابىت داموللام ئەمىر ئابدۇللا باشچىلىقىدىكى خوتەن قوشۇنلىرىنى باشلاپ ۋەزىيىتى داۋالغۇپ تۇرغان قەشقەرگە يېتىپ بارغاندا «ئىستىقلال جەمئىيىتى» پۈتۈن ئۇيغۇر ئېلىدە بىرلىككە كەلگەن بىر مىللىي ھاكىمىيەت قۇرۇش ئىشىغا جىددىي تەييارلىق قىلىدۇ. نەتىجىدە شۇ يىلىنىڭ نويابىر ئېيىدا قەشقەردىكى تۈمەن دەرياسى بويىدا جۇمھۇرىيەت جاكارلىنىدۇ. «ئىستىقلال جەمئىيىتى» يېڭىدىن دۇنياغا كەلگەن شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنى تەبرىكلەش ھەمدە ئۇنىڭ ئاۋازىنى كەڭ خەلققە يەتكۈزۈش ئۈچۈن 1933 - يىلىنىڭ رامىزان ئېيىدا «ئىستىقلال» نامىدىكى مەجمۇئەنىڭ تۇنجى سانىنى يورۇقلۇققا چىقىرىدۇ. مەجمۇئە سوفىزادەنىڭ باش مۇھەررىرلىگىدە قەشقەر يارباغقا جايلاشقان «ئىستىقلال جەمئىيىتى» نىڭ ئىدارىسى تەرىپىدىن نەشىر قىلىنىدۇ ھەمدە قەشقەردىكى شىۋېت مىسسىئونېرلىرىنىڭ باسمىخانىسىدا بېسىلىدۇ.

دوكتور ئالىمجان بوغدا «ئىستىقلال» مەجمۇئەسىنىڭ ئۆز دەۋردە ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مىللىي دۆلەتچىلىك ئېڭىنى كۈچەيتىش ۋە مىللىي پىكىر - مەپكۇرىنى تۇرغۇزۇش ئېھتىياجىنى كۆزدە تۇتۇپ تەسىس قىلىنغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. ئۇ يەنە مەزكۇر مەجمۇئەدە 19 - ئەسىرنىڭ ئاخىرقى چارىكىدىن باشلاپ قىرىمدىن ئۇيغۇرلار ۋەتىنىگىچە بولغان ئۇزاق تېررىتورىيىدە ياشىغۇچى تۈركىي تىللىق مۇسۇلمانلار ئارىسىدا كەڭ تەشۋىق قىلىنغان ئىسمايىل غاسپىرالىنىڭ «دىندا، دىلدا، تىلدا، پىكىردە ۋە ئىشتا بىرلىك» دېگەن جەدىدچە تەشەببۇسلىرىنىڭمۇ شۇئار قىلىنغانلىقىنى تەكىتلىدى.

مۇسا جارۇللانىڭ ھاياتىغا ئائىت ياپونىيە ئارخىپلىرىدىكى ئۇچۇرلار

قۇتلۇق قادىرى خەۋىرى

ياپونىيىدە ئارقا - ئارقىدىن نەشىر قىلىنغان «ئىسلام ۋە ئىبادەت» «پارىس گىلىمىنىڭ يولى» ,«تۈركىي مىللەتلەر تارىخى» ۋە «ياپون - خىتاي ئۇرۇشى ۋە ئىسلام» قاتارلىق ئەسەرلىرى بىلەن ياپونىيىدە تونۇلغان ئىسلام تارىخىي تەتقىقاتچىسى، كەيئو ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پەخرىي پروفېسسورى ساكاموتو يېقىندا ئۆزىنىڭ يېڭىدىن نەشىر قىلىنغان «توشىھىكو ئىزۇتسۇ ۋە ئىسلام» ناملىق چوڭ ھەجىملىك كىتابىدا ئىسلام دۇنياسىدا جۈملىدىن تۈركىي مىللەتلەر ئارىسىدا تونۇلغان ئىسلام يېڭىلىق ئىنقىلابىنىڭ باشچىلىرىدىن بىرى مۇتەپەككۇر ئالىم مۇسا جارۇللانىڭ ھاياتى، ياپونىيىدىكى سەپىرى جەريانىدا ياپون مۇسۇلمانلىرىغا بولغان تەسىرى ئۈستىدە ئەتراپلىق مەلۇمات بەرگەن.

ئاپتور كىتابىنىڭ مەخسۇس بابلىرىدا «ئىسلام ئاقارتىش ئىنقىلابىنىڭ مۇتەپەككۇرى مۇسا جارۇللا» «مۇسا جارۇللانىڭ ياپونىيىگە كېلىشى» قاتارلىق ماۋزۇلار بىلەن مۇسا جارۇللا ھەققىدە بىر قەدەر ئەتراپلىق توختالغان.

ئاپتور كىتابىدا مۇسا جارۇللانىڭ 1938 - يىلى،يەنى خىتاي - ياپون ئۇرۇشى باشلانغاندا ياپونىيىگە كەلگەنلىكى، ئەمما ياپونىيە تەرەپ مۇسا جارۇللانىڭ ھەرىكىتىگە بالدۇرلا قىزىققانلىقى ئۈچۈن،مۇسا جارۇللاغا ئائىت ئۇچۇرلارنى ياپونىيە بىخەتەرلىك ئورگانلىرىنىڭ 1934 - يىلىدىن باشلاپ توپلىغانلىقىنى بايان قىلغان.

ياپونىيە بىخەتەرلىك ئورگانلىرىنىڭ ئارخىبىدا مۇسا جارۇللا ھەققىدە ھەر خىل ئۇچۇرلار بار. مەسىلەن، مۇنداق مەلۇماتلار ئۇچرايدۇ: مۇسا جارۇللانىڭ دۆلەت تەۋەلىكى ئېنىق ئەمەس. ئۇ، 1929 - يىلىغىچە سوۋېت ئىتتىپاقىدا تۇرغان، كېيىن بۇ يەردىن ئايرىلغان، ئۇ مەشھۇر ئىسلام دىنىي ئالىمى, «تېرمىزى» ناملىق كىتاب يازغان. 1931 - يىلى پەلەستىندە ئېچىلغان مۇسۇلمانلار قۇرۇلتىيىغا قاتناشقان، تېخى يېقىندىلا تۈركىيىنىڭ ئىستانبۇل شەھىرىدىن ئايرىلىپ، ھىندىستانغا ماڭغان، ئۇ ئىسلام دۇنياسىدا جانلىق ھەرىكەت ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ، دېگەندەك ئۇچۇرلار خاتىرىلەنگەن.

ساكاموتى ياپونىيە بىخەتەرلىك ئورگانلىرىنىڭ بۇ ھەقتىكى يازما ماتېرىياللىرىغا مۇتلەق ئىشىنىپ كەتكىلى بولمايدۇ، دەپ قارىغان.

ئاپتور كىتابىدا مۇسا جارۇللا سوۋېتتىن ئايرىلىپ،1931 - يىلى يېرۇسسالىمدا ئېچىلغان پان - ئىسلامىزم خەلقئارا يىغىنىغا ئىشتىراك قىلغانلىقىنى،مۇسا جارۇللانىڭ مەقسىتى سوۋېت ئىتتىپاقىغا قارشى ھەرىكەت قوللىنىش بولغانلىقى ئۈچۈن پان - ئىسلامىزم ۋە تۈركىيىدىكى مىللەتچىلىك ھەرىكىتىگە قاتناشقانلىقى،1934 - يىلى ئەتراپىدا تۈركىيىدىن ھىندىستانغا بېرىپ، ھەرىكەت قىلغانلىقى توغرىسىدا توختالغان.

تارىخشۇناس ساكاموتو ئەسىرىدە 1938 - يىلى توكيودا ئېچىلغان دۇنيا مۇسۇلمانلىرى بىرىنچى قېتىملىق مۇھاكىمە يىغىنىغا مۇسا جارۇللانىڭ ئافغانىستانغا ۋەكىل بولۇپ قاتناشقانلىقىغا ئاساسەن ئۇنىڭ ئافغانىستاندا تۇرغان ۋاقتىنى «ئۇزۇن دەپ ھۆكۈم قىلىشقا بولىدۇ» دەپ قارىغان.شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۇنىڭ ئافغانىستاندا ئۇزۇن تۇرۇشىنىڭ سەۋەبى ئافغانىستاننىڭ شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە سىياسىي جەھەتتىن ناھايىتى مۇھىم دۆلەتلىكى، ئۇ يەردە خىتاي زۇلۇمدىن قاچقان شەرقىي تۈركىستانلىق ئۇيغۇرلار، سوۋېت ئىتتىپاقىدىن قاچقان قىرغىز، قازاقلارنىڭ توپلانغانلىقىنى، مۇنداقچە ئېيتقاندا سوۋېت ۋە خىتايغا قارشى شۇنداقلا ئىسلامنىڭ دۈشمىنى بولغان كوممۇنىستلارغا تاقابىل تۇرۇشنى ئارزۇ قىلغان ئوتتۇرا - ئاسىيادىكى بارلىق تۈركىي مىللەتلەرنىڭ كۈچلىرى يىغىلىپ، پان - ئىسلامىزم ھەرىكىتىگە ماس ۋەزىيەت شەكىللەنگەنلىكى ئۈچۈن، مۇسا جارۇللانىڭ بۇ ھەرىكەتلەرنى ئۆزى پىلانلىق تەشكىللەپ، ئۆزى يېتەكچىلىك قىلغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ.

ئاپتور ئەسىرىدە يەنە ئافغانىستاننىڭ يۇقىرىدا ئېيتىلغان كوممۇنىستلارغا قارشى كۈچلەرنىڭ پان - ئىسلامىزم ھەرىكىتى بىلەن گىرەلىشىپ كەتكەن سىياسىي ۋەزىيىتىگە ۋە ھەرىكىتىگە نۇرغۇنلىغان دۆلەتلەرنىڭ قىزىققانلىقىنى، باشقا ئىسلام دۆلەتلىرىنىڭ جۇغراپىيىلىك جەھەتتىن ياپونىيىگە يىراقلىقى تۈپەيلىدىن،مۇسۇلمانلارنىڭ ئۇچۇرىنى ئىگىلەش مۇمكىنچىلىكى بولمىغانلىقتىن ياپون ھۆكۈمىتىنىڭ ئافغانىستاندىكى مۇسۇلمانلارنىڭ ئۇچۇرىنى ئىگىلەش ئۈچۈن، ئافغانىستانغا چېگرىداش بولغان خىتايغا يەنى مانجۇرىيە، ئىچكى موڭۇلىيىگە نۇرغۇنلىغان ھەربىي رازۋېتكىچىلارنى ئۇچۇر توپلاشقا ئەۋەتكەنلىكىنى يازىدۇ. ئۇنىڭ بايان قىلىشىچە، مەزكۇر ياپون رازۋېتچىكلىرى ئۇ يەردىكى ئۇيغۇر ۋە خۇيزۇلاردىن ( تۇڭگانلاردىن) بۇ ھەقتە ئۇچۇر توپلىغان.

ئاپتورنىڭ قارىشىچە، ئافغانىستان ئىسلام دۇنياسىنىڭ جۈملىدىن مۇسۇلمانلارنىڭ سىياسىي ۋەزىيىتى توغرىسىدا ئۇچۇر ئىگىلەشتە تولىمۇ ئەھمىيەتلىك ئىستراتېگىيىلىك جاي دەپ قارالغان ۋە ياپونىيىنىڭ ئافغانىستاننىڭ ئۇچۇرىنى ئىگىلەشكە كۆپلىگەن ھەربىي رازۋېدىكىچىلارنى مانجۇرىيە،ئىچكى موڭۇلىيىگە ئەۋەتىلگەن بولسىمۇ، بىراق، بۇ ئىگىلەنگەن ئۇچۇرلارنىڭ ئارمىيە ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى ياپونىيىنىڭ دىپلوماتىيىسى ئۈچۈن ئىشلىتىلگەنلىكىنى ئىكەنلىكىنىمۇ ئوتتۇرىغا قويغان.

ساكاموتو ئەسىرىدە 1938 - يىلى توكيودىكى تۇنجى نۆۋەتلىك دۇنيا مۇسۇلمانلىرى مۇھاكىمە يىغىنىغا ئافغانسىتانغا ۋەكىل بولۇپ قاتناشقان مۇسا جارۇللانىڭ ياپونىيە تەرەپتىن سوۋېت ئىتتىپاقىغا، ئەنگلىيە مۇستەملىكىچىلىرىگە قارشى ئىسلامىي كۈچلەرگە ئىقتىسادىي ياردەم تەلەپ قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئاپتورنىڭ قارىشىچە، ياپونىيىدە تۇنجى نۆۋەتلىك مۇسۇلمانلار مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ ئېچىلىشى ۋە مۇسا جارۇللانىڭ ئالاھىدە ياپونىيىگە تەكلىپ قىلىنىشى مەقسەتلىك ئېلىپ بېرىلغان بولۇشى مۇمكىن، چۈنكى ياپونىيە بىر جەھەتتىن ئۇرۇشتا غەلىبە قىلىپ، مۇسۇلمانلارنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىشنى قولغا كەلتۈرۈش ۋە يەنە بىر جەھەتتىن سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن ئۇرۇش قىلىپ قالسا مۇسۇلمانلارنىڭ قوللىشىنى قولغا كەلتۈرۈش پىلانىدا بولغان.

ئاپتور بۇنى سىياسىي ئىستراتېگىيىلىك مەقسەت ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلغان غەرەزلىك سىياسىي ئويۇن دەپ قارايدىغانلىقىنىمۇ ئالاھىدە ئەسكەرتكەن.

تارىخشۇناس ساكاموتو ئەسىرىدە 1938 - يىلى مۇسا جارۇللانىڭ ياپونىيىدە ھاياشى سېنجۇرو باشچىلىقىدا قۇرۇلغان ياپونىيە ئىسلام جەمئىيىتى بىلەن مۇسا جارۇللا باشچىلىقىدىكى مۇسۇلمانلار ئۆمىكىنىڭ ئۆز - ئارا پىكىر ئالماشتۇرۇش ۋە سۆھبەتلەرنى ئېلىپ بارغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئاپتور يەنە ئىسلام دۇنياسىغا تونۇلغان ياپونىيىلىك ئىسلام دىنىي ئالىمى، كېيئو ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى توشىھىكو ئىزۇتسۇ بىلەن مۇسا جارۇللانىڭ توكيودا ئۇچرىشىپ، ئۆز - ئارا پىكىرلەشەكەنلىكىنى، ئىزۇتسۇنىڭ كېيىنكى ئىسلام دىنىغا ئائىت يازغان ئەسەرلىرىدىن مۇسا جارۇللانىڭ ئۇنىڭ پىكىر دۇنياسىغا كۆرسەتكەن تەسىرىنىمۇ بايقاشقا بولىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن ھەمدە ئىزۇتسۇ قۇران كەرىمنىڭ تەپسىرىنى ئىشلەشتە بەلگىلىك تۈردە مۇسا جارۇللانىڭ ئىدىيىسى بويىچە ئىش ئېلىپ بارغانلىقىنى ئەسكەرتكەن.

كىتابتا مۇسا جارۇللانىڭ 1930 - يىلى شەرقىي تۈركىستاننىڭ قەشقەر شەھىرىگە كەلگەنلىكى، شۇ يەردىن ئافغانستانغا ئۆتۈپ، سەرگەردانلىق ھاياتىنى باشلىغانلىقىمۇ قىسقىچە كۆرسىتىپ ئۆتۈلگەن.

ئەسەردە يەنە مۇسا جارۇللانىڭ ياپونىيىدە تۆت يىل تۇرۇپ،1941 - يىلى ياپونىيىدىن ئايرىلىپ ھىندىستانغا كەتكەنلىكىنى ۋە نېمە ئۈچۈن ھىندىستانغا كەتكەنلىكىنىڭ سەۋەبىنىڭمۇ ئېنىق ئەمەسلىكىنى بايان قىلغان.

ساكاموتو مۇسا جارۇللانىڭ «قۇران كەرىمنىڭ شەرھىسى» «قاۋائىد - فىقىيە» قاتارلىق ئەسەرلەرنى يازغانلىقىنىمۇ كۆرسەتكەن

تارىخشۇناس ساكاموتو ئەسىرىدە ئىنگىلىزلارنىڭ مۇسا جارۇللادىن گۇمانلىنىپ، ئۇنى پىشاۋۇردا قولغا ئالغانلىقىنى، ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى ئاخىرلاشقاندا ئۇنى تۈرمىدىن قويۇپ بەرگەنلىكىنى، مۇسا جارۇللا تۈركىيىگە قايتىپ،ئۇ يەردىن مىسىرغا بېرىپ 1949 - يىلىدا مىسىردا ۋاپات بولغانلىقىنى بايان قىلغان.

در. ئالىمجان ئىنايەت نورۇز بايرىمىنىڭ كېلىپ چىقىشى ھەققىدە

ئەركىن تارىم پروگراممسى

نورۇز بايرىمى ئەتىيازلىق كۈن - تۈن تەڭلىشىشىنىڭ باشلىنىش نۇقتىسى بولۇپ، بۇ بايرام كۈنىنى نۇرغۇن مىللەتلەر قەدىمدىن تارتىپ قۇتلۇقلاپ كەلمەكتە. مەھمۇد كاشىغەرىينىڭ «دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك» ناملىق ئەسىرىدە «يېڭى كۈن» دەپ خاتىرىلەنگەن بۇ بايرام بارلىق تۈركىي خەلقلەر ۋە پارسلارنىڭ ھازىرغىچە داۋاملاشتۇرىۋاتقان خاسىيەتلىك بايرىمىدۇر.

ھازىر ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تۈركىي خەلقلەر بۇ كۈننى رەسمىي بايرام قىلىپ بېكىتكەن. تۈركىي خەلقلەرگە نىسبەتەن بۇ كۈن باھار بايرىمى ياكى بىر يىلنىڭ باشلىنىش نۇقتىسى بولۇپ، يېڭى يىل كۈنى سۈپىتىدە قارىلىدۇ. دوكتور ئالىمجان ئىنايەتنىڭ قارىشىچە، مىلادى 2 - ئەسىرگە ئائىت پارس مەنبەلىرىدە خاتىرىلەنگەن «نەۋروز» ئىران كالىندارى بويىچە يېڭى يىلنىڭ 1 - كۈنى ھېسابلىنىدىكەن. بۈگۈن ئوتتۇرا شەرقتىكى بەزى دۆلەتلەردە ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادا نورۇز بايرىمى 3 - ئاينىڭ 21 - كۈنى تەنتەنىلىك تەبرىكلەنسە، شىمالىي يېرىم شاردىكى بەزى مىللەتلەر 3 - ئاينىڭ 22 - ياكى 23 - كۈنى يېڭى يىل بايرىمى ئۆتكۈزمەكتە.

3000 يىلدىن بۇيان تەبرىكلىنىپ كېلىۋاتقان نورۇز بايرىمى 2010 - يىلى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئومۇمىي يىغىنىدا دۇنيا خەلقىنىڭ ئورتاق بايرىمى دەپ ئېلان قىلىنغان.

2009 - يىلى 9 - ئاينىڭ 28 - كۈنىدىن 10 - ئاينىڭ 2 - كۈنىگىچە ئەبۇزەبىدە چاقىرىلغان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا ئەزا ھۆكۈمەتلەر يىغىنىدا نورۇز بايرىمى «دۇنيا غەيرى ماددى مىراسى» دەپ ئېلان قىلىنغان.

تۈركىيىدىكى ئەگە ئۇنىۋېرسىتېتى خەلق ئەدەبىياتى بۆلۈمىنىڭ پروفېسسورى، دوكتور ئالىمجان ئىنايەت بۇ ھەقتە توختالدى.