پروفېسسور ئابلەخەت خوجايېف: قىرغىنچىلىق چيەن لوڭ ۋە زو زوڭتاڭدىن باشلانغان

0:00 / 0:00

ئامېرىكا قاتارلىق بىر قىسىم غەرب دېموكراتىك دۆلەتلىرى ئېتىراپ قىلغان خىتاينىڭ نۆۋەتتە ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان سىياسىتىنىڭ «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» ۋە «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» ئىكەنلىكى ھەققىدىكى ئەيىبلەشلىرىگە قارىتا خىتاي ھۆكۈمىتى بۇنى قاتتىق رەت قىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ھېچقاچان قىرغىنچىلىق يۈرگۈزمىگەنلىكى ئەكسىچە، ئۇلارنىڭ كەمبەغەللىكتىن قۇتۇلۇپ بەختىيار ياشىشى ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىلىرى نەچچە قېتىملاپ ئامېرىكا، گېرمانىيە، كانادا قاتارلىق ئەللەرنى تارىختا ئىندىئانلارغا، يەھۇدىيلارغا ۋە باشقىلارغا قارىتا قىرغىنچىلىق قىلغانلىقلىرىنى كۆرسىتىپ، تارىخقا مۇراجىئەت قىلىدۇ. يېقىندا خىتاي تاشقى ئىشلىرى مىنىسترلىقى مەخسۇس ئامېرىكانىڭ تارىختا ئىندىئانلارغا قىرغىنچىلىق قىلغانلىقى ھەققىدە دوكلاتمۇ ئېلان قىلدى. ئۇنداقتا، ھازىر ئۇيغۇرلارغا قارىتا قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈۋاتقان خىتاي ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىنى ئىشغال قىلىش ۋە باشقۇرۇش تارىخىدا قىرغىنچىلىق قىلمىغانمۇ؟ بۈگۈنكى خىتاي، ئوخشاشلا خىتاي دۆلىتى ۋە خىتاينىڭ تارىختىكى سۇلالىسى دەپ قارايدىغان مەنچىڭ ئىمپېرىيەسنىڭ دەرىدە ۋە كېيىنكى دەۋرلەردە ئۇيغۇر ئېلىدىكى قانچىلىغان ئۇيغۇر، موڭغۇل، قازاق ۋە باشقا خەلقلەرنى قىرغىن قىلىش تارىخىغا نېمە دەيدىكىن؟ ئۆزبېكىستان پەنلەر ئاكادېمىيەسى شەرقشۇناسلىق ئىنستىتۇتىنىڭ پېشقەدەم يېتەكچى تەتقىقاتچىسى، تارىخ پەنلىرى دوكتورى، پروفېسسور، 50 يىلدىن ئارتۇق ۋاقىتتىن بۇيان موسكۋا ۋە تاشكەنتلەردە ئۇيغۇر ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا تارىخى تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىپ، 20 ئەتراپىدىكى ئىلمىي كىتاب ۋە زور ساندىكى ماقالىلەرنىڭ ئاپتورى ئابلەخەت خوجايېف مەزكۇر تارىختىكى قىرغىنچىلىقلار ھەققىدە مەن بىلەن سۆھبەتتە بولدى.

دىققىتىىڭلار بۇ ئۇلىنىشتىكى سۆھبەتنىڭ تەپسىلاتىدا بولسۇن

يۇقىرىدا پروفېسسور ئابلەخەت خوجايېفنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ قىرغىنچىلىققا ئۇچراش تارىخى ھەققىدىكى بايانلىرىنى ئاڭلىدىڭلار.