0:00 / 0:00
87 ياشلىق مەسۈمجان ئەپەندى ئۆزىنىڭ بۇ قېتىملىق سۆھبىتىدە 1944 - يىلى، 12 - نويابىردىن 1945 - يىلى، 30 - يانۋارغىچە داۋاملاشقان ھەرەمباغ، ئايرودروم ۋە لاڭشاڭنى قورشاش ئۇرۇشى ھەققىدىكى ئەسلىمىلەرنى بايان قىلدى. بۇ سۆببەتنى ئويغان تەييارلىدى.
بۇلاردىن باشقا يەنە تۈركىيىدىكى ھاجى تەپپە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەمنىڭ ئۇيغۇر نامىنىڭ كېلىپ چىقىشى ۋە ئۇنىڭ تەبىرى ھەققىدىكى بايانلىرىنى ئاڭلايسىلەر.
ئۇيغۇر ئاتالغۇسىنىڭ كېلىپ چىقىشى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ئېتنىك تەرەققىياتى تارىخى ئۇزۇن دەۋرلەرنى بېسىپ ئۆتكەن بولۇپ، بۇ ھەقتە تۈرلۈك تەھلىل ۋە كۆز قاراشلار مەۋجۇت. ئەركىن تارىم بۇ ھەقتە سۆھبەت ئۆتكۈزدى.