بۈگۈنكى پروگراممىلارنىڭ مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە: تۈركىيىدىكى خەلقارالىق ئوقۇغۇچىلار پائالىيىتىنىڭ مەزمۇنلىرى، ياپونىيىدە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ئۇيغۇر ئىسلام قانۇنى ھۆججەتلىرى تەتقىقاتى، مۇھەممەد ئىمىن بۇغرانىڭ ئەدەبىي مىراسلىرى ۋە 1986 - يىلىدىكى چېرنوبىل يادرو ئاپىتى مەسىلىسى ۋە باشقىلار.
تەپسىلاتىنى ئاڭلاڭلار.
ئەنقەرەدە ئېچىلغان خەلقئارالىق ئوقۇغۇچىلار كۆرگەزمىسىدە ئۇيغۇرلار تونۇتۇلماقتا
ئەركىن تارىم پروگراممىسى
6 - نۆۋەتلىك خەلقئارالىق ئوقۇغۇچىلار ئۇچرىشىشى ئەنقەرەدە ئۆتكۈزۈلدى. ئەنقەرەنىڭ مەركىزىگە جايلاشقان ياشلار باغچىسىدىكى مەيداندا ئۆتكۈزۈلگەن بۇ پائالىيەتكە ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارمۇ ئاكتىپ قاتنىشىپ، ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى نامايان قىلدى.
تۈركىيىدە ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانىنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ، ئۇلارنىڭ ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ۋە ئىلىم - پەنىگە مۇناسىۋەتلىك پائالىيەتلىرىمۇ كۈچەيمەكتە. ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇر تەتقىقاتچىلىرى جەمئىيىتى بولسا، قۇرۇلغاندىن بۇيان كۆپ قېتىم ئۇيغۇر ئالىملىرى، دوكتور ۋە ماگىستىر ئاپىرانتلىرىنىڭ ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنلىرىنى ئۇيۇشتۇرغان ئىدى.
ئەنقەرەدە ئۆتكۈزۈلگەن 6 - نۆۋەتلىك خەلقئارالىق ئوقۇغۇچىلار ئۇچرىشىش ۋە مەدەنىيەت كۆرگەزمە پائالىيىتىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا بۇ پائالىيەتنى ئۇيۇشتۇرغان خەلقئارالىق ئوقۇغۇچىلار فېدېراتسىيىسىنىڭ رەئىسى مەمەت ئالى بولات ئەپەندى، تۈركىيە باشمىنىستىرلىك ئىدارىسى تارمىقىدىكى چەتئەلدىكى تۈركلەر ۋە قېرىنداش مىللەتلەر باشقارمىسى باشلىقى كەمال يۇرتناچ ئەپەندى، پارلامېنت ئەزاسى جەمال يىلماز ئەپەندىلەر شۇنىڭدەك كۆپ ساندا ئوقۇغۇچىلار تەشكىلاتلىرى، ئىدارە جەمئىيەت ۋە سىياسىي پارتىيىلەرنىڭ رەئىسلىرى قاتناشتى. ئەنقەرەدىكى بۇ پائالىيەت 3 كۈن داۋاملاشقان بولۇپ، پائالىيەتتە 80 دۆلەتتىن تۈركىيىگە كېلىپ ئوقۇۋاتقان 4500 ئوقۇغۇچى بۆلمە ئېچىپ ئۆز دۆلەتلىرىنى تونۇتقان.
ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار كومىتېتى مەخسۇس بۆلمە ئېچىپ ئۇيغۇرلارنى تونۇتتى. بۇ كۆرگەزمە ئەنقەرەدىن كېيىن قەيسەرى، بۇرسا، چاناققالە، ئىزمىر ۋە ئەسكى شەھەر قاتارلىق 8 شەھەردىمۇ ئېچىلىدىكەن. ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ئاچقان بۆلمە مەيداننىڭ دەل ئوتتۇرىسىغا جايلاشقان بولۇپ، 80 دۆلەتنىڭ بۆلمىسىنى ئېكسكۇرسىيە قىلىش ئۈچۈن ئۇيغۇر بۆلمىسىدىن باشلىشى كېرەك. ئېچىلىش مۇراسىمى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن دۆلەت رەھبەرلىرى ئۇيغۇر بۆلمىسىنى ئېكىسكۇرسىيە قىلدى.
بىز نەق مەيداندا مۇناسىۋەتلىك كىشىلەر بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق. بۇ پائالىيەتنى ئۇيۇشتۇرغان خەلقئارالىق ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسى رەئىسى مەمەت ئالى بولات ئەپەندى، 80 دۆلەتتىن كەلگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆزئارا چۈشىنىشى ۋە ئۆز دۆلەتلىرىنى تۈركىيە جامائەتچىلىكىگە تونۇتىشى ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم ئىكەنلىكى تەكىتلىدى. ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار كومىتېتى مۇدىرى در. مۇرات ئورخۇن ئەپەندى بولسا بۇ پائالىيەتنىڭ ئۇيغۇرلارنى دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن ئوقۇغۇچىلارغا تونۇتۇش ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.
ئۇيغۇر ئېلىدىن تېپىلغان ئىسلام قانۇنىغا ئائىت ھۆججەتلەر
قۇتلۇق پروگراممىسى
يېقىندا ياپونىيە خىتاي ئىسلام تەتقىقاتى جەمىيىتى تەرىپىدىن كوللېكتىپ ھالدا «شىنجاڭدا ئىسلام قانۇنىغا ئائىت ھۆججەتلەرنىڭ تېپىلىشى» سەرلەۋلىك ماقالە ئېلان قىلىنغان. مەزكۇر ماقالە ئۇيغۇرلارنىڭ ئىسلام قانۇنىغا دائىر قەدىمقى قول يازمىلىرىنىڭ تېپىلىشى جەريانى توغرىسىدىكى يازما دوكلات بولۇپ، بۇ خىلدىكى قول يازمىلارنىڭ بايقىلىشى، ياپون ئالىملىرى تەرىپدىن ئۇيغۇر تارىخىي تەتقىقاتىنى يېڭى ئۇچۇرلار بىلەن تەمىنلەپ، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئىسلام قانۇنى تەتقىقاتىنى ئىلگىرى سۈردى دەپ قارالماقتا.
مەزكۇر ماقالە ھەققىدە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان، ياپونىيىلىك تەتقىقاتچى يۇكى خانىم بۇ ھەقتە توختىلىپ مۇنداق دېدى:
ئۇيغۇر ئېلىدىن تېپىلغان ئىسلام قانۇنىغا ئىت ماتېرىياللار، ئۇيغۇر تارىخىي تەتقىقاتىدىكى ئىسلام قانۇنى تەتقىقاتىغا مۇناسىۋەتلىك بوشلۇقلارنى تولدۇردى دەپ قارايمەن.
ماقالىدە مۇنداق بايان قىلىنغان: 21 - ئەسىرنىڭ باشلىنىشى بىلەن ئۇيغۇر ئېلىدىكى تارىخ تەتقىقاتچىلىرىنى تولىمۇ ھەيران قالدۇرىدىغان ئىسلام قانۇنىغا دائىر قول يازمىلار تېپىلدى.بۇ تېپىلغان ئىسلام قانۇنىغا ئائىت ھۆججەتلەر تەتقىقاتچىلار تەرىپدىن خىتايدىكى مەدەنىيەت زور ئىنقىلابىدا كۆيدۈرۈلۈپ كەتكەن ۋە يوقاپ كەتكەن بولۇشى مۇمكىن دەپ قارالغان ئىدى. ئۇيغۇر ئېلىدىن تېپىلغان بۇ ماتېرىياللار ئۇيغۇر تارىخى تەتقىقاتىنىڭ قانۇن ساھەسىدىكى ئىسلام قانۇنىغا دائىر تەتقىقاتلارنى مۇھىم مەنبەلەر بىلەن تەمىن ئەتتى. بۇ خىلدىكى ھۆججەتلەر ئىلگىرىكى ھۆكۈمەتلەرگە تەئەللۇق بولغان ھۆججەتلەر بولۇپ،قانۇن ھۆجەتلىرى، ئاسارە - ئەتىقە ھۆججەتلىرى ۋە قازىخانىلارنىڭ ھۆججەتلىرىدۇر. ئوتتۇرا ئاسىيادىن تېپىلغان ھۆججەتلەرگە سېلىشتۇرغاندا سان جەھەتتىن تولىمۇ ئاز.20 - ئەسىرنىڭ كېيىنكى دەۋىرلىرىدە ئۇيغۇر ئېلىدە باشلانغان مەدەنىيەت زور ئىنقىلابىدا سىياسەت قالايمىقانلىشىپ، تارىخىي ماتېرىياللار يوق قىلىۋېتىلدى. يەر ئىگىلىرى بىلەن دېھقانلار ئوتتۇرىسىدا تۈزۈلگەن توختاملار، بايلارنىڭ كېلىشىم - توختاملىرىدىكى ئىسلام قانۇنىغا دائىر ھۆججەتلەر،كونا جەمىيەتنىڭ نەرسىلىرى دەپ قارىلىپ، مەدەنىيەت زور ئىنقىلابىدا كۆيدۈرۈلۈپ،تاشلىنىپ كەتكەن.1990 - يىلىدىن كېيىن ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئىسلام قانۇنى ساھەسىگە ئائىت ماتېرىياللارنى تەتقىق قىلىشتا پەقەتلا مەدەنىيەت زور ئىنقىلابىدىن ئىلگىرى چەتئەللەرگە يۆتكەپ كېتىلگەن ماتېرىياللارغا ئاساسەن تەتقىق ئېلىپ بېرىلغان. ئىسلام قانۇنىغا ئائىت ھۆججەتلەر ئۇيغۇر ئېلىدىن تېپىش مۇمكىن ئەمەس ئىدى. شۇڭا بۇ خىلدىكى ئىسلام قانۇنىغا ئائىت ھۆججەتلەرنىڭ تېپىلىسىھى تەتقىقاتچىلارنى تولىمۇ خوشال قىلدى. ئۇيغۇر ئېلىدە نېمە ئۈچۈن، 2001 - يىلىدىن باشلاپ بۇنداق ھۆججەتلەر تېپىلىپ قالدى.بۇنىڭ سەۋەبىنى تېپىش قىيىن. قەشقەر شەھىرى تەرەققىي قىلىپ، كونا ئۆيلەر چېقىلىپ،يېڭى ئۆيلەر سېلىنىپ،يېڭى ئۆيلەرگە كۆچۈش باشلىنىپ،بۇ جەرياندا ئىلگىرىكى ئۆي - مۈلۈك توختاملىرىدا ئۆي ئىگىلىرىنىڭ ئاتا - بوۋىلىرىدىن قالغان بۇرۇنقى ئۆي - مۈلۈك ھۆجەتلىرى پۇقرالار ئارىسىدىن تېپىلغان. بۇ خىلدىكى قانۇنىي ھۆججەتلەرنى پۇقرالارنىڭ قولىدىن تەتقىقاتچىلار سېتىۋېلىپ تەتقىقاتقا ئىشلەتكەن.
ماقالىدە ئۇيغۇر ئېلىدىن تېپىلغان قول يازما ھۆججەتلەرنىڭ دەۋر ئارقا كۆرۈنۈشى ھەققىدىمۇ قىسقىچە ئۇچۇر بېرىلىپ، بۇ ھەقتە مۇنداق بايان قىلىنغان : بۇ ھۆججەتلەرنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك 19 - ئەسىرنىڭ ئاخىرىدىن 20 - ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرىغىچە بولغان دەۋىرلەردىكى ھۆججەتلەردۇر. كۆپىنچىسى ئۇيغۇر ئېلى ئۆلكە بولغاندىن كېيىن يېزىپ قالدۇرۇلغان ھۆججەتلەردۇر. ئىسلام قانۇنىغا ئائىت بۇ ھۆججەتلەر ئۆي - يەرلەرنىڭ سېتىش - سېتىۋېلىش توختام ھۆججەتلىرى، مىسراس ھۆججەتلىرى،قازىخانىلارغا يېزىلغان ئەرز - شىكايەت ھۆججەتلىرى، دىنىي قۇرۇلۇشلار ۋە ،ئىمارەتلەرگە بېرىلگەن پۇل قەرز ھۆججەتلىرى، شەخسلەرنىڭ نەرسە ئېلىم - بېرىم ھۆججەتلىرى ھەمدە نىكاھتىن ئاجرىشىش ھۆججەتلىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان.. بۇنىڭغا قاراپ ئىسلام دىنىنىڭ جەمىيەتكە ۋە پۈتكۈل خەلققە ئورتاق بولغان دىن ئىكەنلىكىنى، بۇ دىننىڭ ئەھلاق ۋە مەدەنىيەتكە تولغان بۈيۈكلۈكىنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ.
ماقالىدە ئۇيغۇر ئېلىدىن تېپىلغان ئىسلام قانۇنىغا ئائىت ھۆججەتلەر بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بۇ خىلدىكى ھۆججەتلەرنىڭ ئورتاقلىقى توغرىسىدا مۇنداق توختالغان :
ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئىسلام قانۇنغا ئائىت ھۆججەتلەر بىلەن ئىلگىرى ئوتتۇرا ئاسىيادىكى دۆلەتلەردىن تېپىلغان ھۆججەتلەرنىڭ ئورتاقلىقى ۋە ئوخشاشلىقى، ھۆججەتلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ بېشىدىلا «مەنكى...
...ئىقرار قىلىمەنكى» دەپ باشلىنىپ، ئۈچىنچى شەخستىن باشلانغان ئەرەبچە ھۆججەتلەرگە ئوخشىمايدۇ. بۇنىڭغا قارىغاندا ئىسلام دىنىنىڭ قانۇنىي ھۆججەتلىرىدە،يەنى بۇرۇنقى ئۇيغۇر قانۇنى ھۆججەتلىرىنىڭ بەزىلىرىدە خىتاي ھۆججەتلىرىگە ئوخشايدىغان يەرلىرىمۇ بار. مەسىلەن؛ ئۆي - مۈلۈكنىڭ سېتىلىش ھۆججىتىدە خىتاينىڭ يەرلىك ھۆكۈمەتلىرى چىقارغان قانۇنلىرىدىكى "باج تۆلىدى"دېگەن تامغا بېسىلغان. بۇنىڭغا قارىغاندا ئۆي - مۈلۈك سودىسىدا توختام تۈزگەندە، خىتاينىڭ يەرلىك ھۆكۈمىتى بىلەن ئىسلام قانۇنىنى ئىجرا قىلغۇچى قازىخانىلاردىن ئىبارەت ھەر ئىككى تەرەپتىن ئىش بېجىرمىسە بولمايدىغانلىقىنى بىلىۋېلىشقا بولىدۇ. تامغا بېسىلمىغان ھۆججەتلەرنىڭ كۆپىنچىسى كىشىلەر ئۆزلىرى يېزىشقان ھۆججەتلەر بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ئائىلە شەجەرىسى يەنى ئائىلە نەسەبلىرىگە ئائىت ماتېرىياللار تارىخچىلارنىڭ نەزىرىدە قىممىتى بار ماتېرىياللار ھېسابلاندى. قەشقەردىكى كونا قول يازمىلارنى ساتىدىغان دۇكانلاردىكى ھۆججەتلەردە كىشىلەرنىڭ ئىسىملىرى ئائىلە بويىچە يېزىلغان بولۇپ، بۇ ھۆججەتلەرگە قاراپ شۇ ئائىلىنىڭ جەمىيەتتىكى ئورنىنى، ئىقتىسادى ، سەۋىيىسى ۋە ئائىلىسىدە قانچە جان بارلىقىنى بىلىۋېلىشقا بولدۇ. كۆپلىگەن ھۆججەتلىك قول يازمىلار ئىچىدە بۇنداق نەسەب خاراكتېرلىك يەنى ئائىلە شەجەرىسىگە دائىر ھۆججەتلەرنىڭ قىممىتى زور بولۇپ، بۇ ئائىلە تارىخىي بىرلا كىشىنىڭ ئوقۇشىنى كۆزدە تۇتماستىن «ئەۋلادمۇ - ئەۋلاد بۇنى ئوقۇسۇن ۋە داۋاملاشتۇرۇپ يازسۇن». دەپ قالدۇرۇلغان. بۇ نەسەبنامىلەر، خاتىرە شەكلىدە يېزىلغان. بۇ خىلدىكى نەسەب خاتىرلىرىدە شۇ دەۋىرلەردىكى تارىخىي ئۆزگىرىشلەر يېزىلمىغان. ئەمما كىشىلەرنىڭ تۇرمۇش، جەمىيەت ئەھۋالىنى بۇ ھۆججەتلەر ئارقىلىق چۈشىنىشكە بولىدۇ.
ئۇيغۇر ئېلىدىكى تارىخىي قول يازمىلارنىڭ يوقۇلۇپ كېتىشى سەۋەبلىرى توغرىسىدا ياپونىيىدىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى دوكتور تۇرمۇھەممەت ھاشىم ئۆزىنىڭ قاراشلىرىنى بايان قىلدى.
سۈرەتتە: سېتىش ھۆجىتى.ھۆجەتنىڭ سول تەرىپىدە،قازىنىڭ تامغىسى، ئوڭ تەرەپتە چىڭ سۇلالىسىنىڭ يەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ تامغىسى.يەنى شىنجاڭ ئۆلكىسىنىڭ ھۆججىتى.
چېرنوبىل ئاتوم پاجىئەسىنى يوقىتىشقا ئۇيغۇر ئوفىتسېرلىرىمۇ قاتناشتى
ئويغان پروگراممىسى
مەلۇمكى،1986 - يىلنىڭ 26 - ئاپرىل كۈنى ئۇكرائىنا سوۋېت جۇمھۇرىيىتى تېررىتورىيىسىدىكى چېرنوبىل ئاتوم ئېلېكتر ئىستانسىيىسىدە پارتلاش يۈز بېرىپ، ئۇنىڭ ئاقىۋىتىدە تۆتىنچى ئاتوم رېئاكتورى پۈتۈنلەي كاردىن چىققان ھەم ئۇكرائىنا ۋە ئۇنىڭغا خوشنا رايونلارغا ئىنتايىن كۆپ مىقداردا رادىئوئاكتىۋلىق ماددىلار تارقالغان ئىدى. دەسلەپكى ئۈچ ئاينىڭ ئىچىدە بۇنىڭدىن 31 ئادەم قۇربان بولسا، كېيىنكى 15 يىل ئىچىدە يەنە 60 - 80 ئادەم رادىئاتسىيە كەلتۈرۈپ چىقارغان كېسەللىك سەۋەبىدىن ۋاپات بولدى.
چېرنوبىل ئەتراپىدىكى ئاھالىلەر پونكىتلىرىدىن شۇ ۋاقىتتا115 مىڭدىن ئوشۇق كىشى مەجبۇرىي كۆچۈرۈلدى. مەزكۇر پاجىئە ئاقىۋەتلىرىنى يوقىتىشقا پۈتكۈل سوۋېت ئىتتىپاقى بويىچە 600 مىڭدىن ئوشۇق ئادەم ئىشتىراك قىلدى. شۇ نەرسە دىققەتتە سازاۋەركى، سوۋېت دائىرىلىرى بۇ ۋەقە ھەققىدە ھەقىقەتنى ھەر جەھەتتىن يوشۇرۇشقا تىرىشتى. پاجىئە يۈز بەرگەن مەزگىلدە ئاھالە بۇنىڭدىن تامامەن بىخەۋەر بولدى، يەنى تېگىشلىك ئورگانلار، ئاممىۋى ئاخبارات ۋاسىتىلىرى جامائەتچىلىكنى ۋاقتىدا خەۋەردار قىلمىدى.
بۇنىڭدىن تاشقىرى، پاجىئە ئورنىغا قۇتۇلدۇرۇش ئەترەتلىرى ئۇيۇشتۇرۇلۇپ، ئۇلارغا ئەسلى مەقسەت - پىلان قەتئىي تۈردە ئېيتىلمىدى. بۈگۈنكى كۈنگىچە ئۇنىڭدىن قۇربان بولغانلارنىڭ، زەرداب چەككەنلەرنىڭ ئېنىق سانى نامەلۇم بولۇپ قالماقتا.
چېرنوبىل پاجىئەسى ئاقىۋەتلىرىنى يوقىتىشقا قاتناشقان قازاقىستانلىقلار ئىچىدە ئۇيغۇرلارمۇ بولدى. شۇلارنىڭ بىرى 1989 - يىلى قازاقىستاننىڭ ئالماتا شەھىرىدىن تەشكىللەنگەن بىر گۇرۇپپا سوۋېت ئارمىيىسى ئوفىتسېرلىرى تەركىبىدە بولغان ئابلىمىت روزىيېفتۇر.
ئا. روزىيېف ئالماتا ۋىلايىتىنىڭ چېلەك ناھىيىسىگە قاراشلىق قارىتورۇق يېزىسىدا تۇغۇلغان. ئۇ 1975 - يىلى ئالماتادىكى سانائەت ئىنستىتۇتنىڭ ئىنژېنېر - قۇرۇلۇش فاكۇلتېتىنى تاماملاپ، شەھەردىكى «كازگىدروكوممۇنستروي» تەشكىلاتىغا ئىنژېنېر بولۇپ ئەۋەتىلگەن. ئوقۇپ يۈرگەن مەزگىلدە ئۇ مەخسۇس ھەربىي تەييارلىقتىن ئۆتتى. 1989 - يىلى مەخسۇس بۇيرۇققا بىنائەن چېرنوبىل رايونىغا ئەۋەتىلدى.
ئا. روزىيېف رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، بۇ ھەققىدە ئەسلىمىلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
مۇھەممەت ئىمىن بۇغرانىڭ ئەدەبىي مىراسلىرى ۋە ئۇنىڭ مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا تۇتقان ئورنى - 1
قۇتلان پروگراممىسى
مىللىي ئىنقىلابچى، سىياسىيون، تارىخچى ۋە شائىر مۇھەممەت ئىمىن بۇغرا (1901 - 1965)
مۇھەممەت ئىمىن بۇغرا 20 - ئەسىر ئۇيغۇر تارىخىدىكى مەشھۇر شەخس. ئۇنىڭ بىر ئۆمۈرلۈك ھاياتى ئۇيغۇرلار ۋەتىنىنىڭ ھۆرلۈكى ۋە مىللىي قۇتۇلۇش يولىدىكى كۈرەش قايناملىرىدا ئۆتكەن. ئانا جەمەتى تەرەپتىن خوتەن خەلقىنىڭ 1860 - يىللاردىكى قوزغىلاڭلىرىغا يېتەكچىلىك قىلغان ئابدۇراخمان خان پاشاغا تۇتۇشىدىغان مۇھەممەت ئىمىن بۇغرا بالىلىق ۋە ياشلىق مەزگىللىرىدە قويۇق مىللىي مەدەنىيەت مۇھىتىدا ئۆسۈپ يېتىلگەن. بىر ئۆمۈرلۈك ۋەتەن ئىشقىمۇ ئۇنىڭ قەلب تارلىرىغا ئەنە ئاشۇ يىللاردىن باشلاپلا مەھكەم چىگىلگەن.
تۈركىيە ئېگەي ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى ئالىمجان ئىنايەت زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، مۇھەممەت ئىمىن بۇغرانىڭ ھاياتى ھەققىدە ئۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۇ يەنە مۇھەممەت ئىمىن بۇغرانىڭ 1930 - يىللاردىن باشلاپ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مىللىي قۇتۇلۇش ئىنقىلابىدا كۆرسەتكەن پىداكارلىقلىرى ھەمدە ئىنقىلاب مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىغاندىن كېيىن مۇھاجىرەتتە ۋەتەن تارىخىنى يېزىشتىن ئىبارەت بۈيۈك ئىشنى ۋۇجۇتقا چىقارغانلىقى ھەققىدە مەخسۇس توختالدى.
مۇھەممەت ئىمىن بۇغرا بىر مىللىي ئىنقىلابچى ۋە مىللىي ۋىجدانغا ئىگە تارىخچى بولۇپلا قالماستىن، بەلكى يەنە ئۆز نۆۋىتىدە سىياسىي كۈرەش ئارقىلىق ۋەتەن دەۋاسىنى خىتاي ئىچى ۋە چەتئەللەرگە تونۇتقان سىياسىيون ھېسابلىنىدۇ. ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندىمۇ ئۆز قاراشلىرىدا بۇ نۇقتىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى.
ۋەتەن دەۋاسىدا كۆپ تەرەپلىمىلىك قابىلىيەت يېتىشتۈرگەن مۇھەممەت ئىمىن بۇغرا مۇھاجىرەتتە ياشاۋاتقان يىللاردا قولىغا قەلەم ئېلىپ ۋەتەن تېمىسىدىكى يالقۇنلۇق شېئىرلارنى يازىدۇ. ئۇنىڭ شېئىرلىرى ئۇسلۇب جەھەتتىن كلاسسىك ئۇيغۇر شېئىرىيىتى بىلەن ھازىرقى زامان ئۇيغۇر پوئىزىيىسىنىڭ كېسىشمە نۇقتىسىنى ھاسىل قىلغان بولۇپ، ئۆزىدە يەنە ئۇيغۇر خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىنىڭ ئېسىل ئەنئەنىلىرىنىمۇ گەۋدىلەندۈرگەن. مۇھەممەت ئىمىن بۇغرانىڭ ئۆز ھاياتى داۋامىدا يازغان شېئىرلىرى ۋە ئوپېرالىرى مەرھۇمنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن قىزى فاتىمە بۇغرا تەرىپىدىن رەتلىنىپ 1983 - 1984 - يىللاردا «ۋەتەن قەسىدىسى» نامى بىلەن تۈركىيىدە نەشىر قىلىنغان.
مۇھەممەت ئىمىن بۇغرا شېئىرلىرىدا ۋەتەن ۋە مىللەت تېمىسى ئاساسلىق ئورۇننى تەشكىل قىلغان بولۇپ، ئانا تۇپراق ۋە ئۇنىڭ ھەقدار ئىگىلىرىگە بولغان چوڭقۇر مۇھەببەت، ۋەتەننىڭ تەقدىرىگە بولغان قايغۇ - ھەسرەت شۇنداقلا مىللىي ئىتتىپاقلىق ھەمدە تۈركلۈك بىرلىكىگە بولغان ئەقىدە يالقۇنلۇق مىسرالار بىلەن ئىپادە قىلىنغان. دوكتور ئالىمجان ئىنايەت مۇھەممەت ئىمىن بۇغرانىڭ شېئىرلىرى ھەققىدە تەپسىلىي چۈچەنچە بەردى.
تەپسىلاتىنى ئاۋاز ئۇلىنىشتىن ئاڭلىغايسىز.
0:00 / 0:00