تارىخ ۋە بۈگۈن (22-ئاپرېل)

يەتتەسۇدىكى «ئاتۇ» ۋەقەسىگە 94 يىل: مەلۇمكى، 20 - ئەسىرنىڭ بىرىنچى يېرىمى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ناھايىتى پاجىئەلىك ۋە شەرەپلىك بولدى.

0:00 / 0:00

20 - ئەسىرنىڭ بېشىدا قوشنا چاررۇسىيىدە يۈزبەرگەن پادىشاھلىق تۈزۈمنى ئاغدۇرۇش ۋە ئارقىدىن كوممۇنىستلارنىڭ سىياسىي ئۆزگىرىشىدىكى ئۆكتەبىر ئىنقىلابى بىلەن مەيدانغا كەلگەن بولشېۋىكلارنىڭ سوۋېت رۇسىيىسىنى قۇرۇش ھەرىكەتلىرى شۇنىڭدەك بولشېۋىكلار ھاكىمىيىتى بىلەن ئۇنىڭغا قارشى ئاقلارنىڭ بىر مەيدان ئىچكى ئۇرۇشى ئوتتۇرا ئاسىيا خەلقلىرى، جۈملىدىن ئۇيغۇرلارغىمۇ تەسىر كۆرسەتمەي قالمىدى.

سوۋېت ئىتتىپاقى، جۈملىدىن ھازىرقى قازاقىستان ئۇيغۇرلىرى ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 40 - يىللىرىغىچە بولغان ئارىلىقتا بىر قاتار پاجىئەلىك مۇساپىلەرنى ھەم ۋەقەلەرنى بېشىدىن كەچۈردى. ئۇنىڭ بىرى «ئاتۇ پاجىئەسى» دۇر.

1917 - يىلى 11 - ئايدا بولشېۋىكلار ھاكىمىيەتنى ئىگىلىگەندىن كېيىن، ئوتتۇرا ئاسىيادىمۇ سوۋېت ھاكىمىيىتىنى تىكلەش ئەۋجى ئالدى. ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بولشېۋىكلار ئىلگىرى - كېيىن، تۈركىستان مۇختارىيەت ھاكىمىيىتىنى يوقاتتى، ئارقىدىن ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە يەتتە سۇ رايونىدىكى بولشېۋىكلارغا قارشى قوراللىق گۇرۇپپىلار، يەنى ئاتامان دۇتوۋ، ئاننېنكوۋ ۋە باكىچ قاتارلىقلارنىڭ قوماندانلىقىدىكى قوشۇنلارنى بىتچىت قىلدى.

شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە يەرلىك خەلقلەرنىڭ مىللىي ئازادلىق ۋە مۇستەقىللىقنى مەقسەت قىلغان كۈرەشلىرىنىمۇ «باسمىچىلار» دەپ قارىلاپ، بىر - بىرلەپ يوقاتتى.

سوۋېت ھاكىمىيىتىنىڭ ئەنە شۇ مۇستەھكەملىنىش جەريانىدا 1918 - يىلى، يەتتە سۇدىكى ئۇيغۇرلار قىزىل ئارمىيىنىڭ بىر قېتىملىق دەھشەتلىك قىرغىنچىلىقىغا ئۇچرىدى. بۇ ۋەقە تارىختا «ئاتۇ ۋەقەسى» دەپمۇ ئاتالغان ئىدى.

قازاقىستان ئۇيغۇرلىرى بۇ «ئاتۇ ۋەقەسى» نى ئەسلىگىنىدە ئۇنى مىللى كەمسىتىش ۋە مىللى يوقىتىش تۈسى ئالغان ۋەقە، يەتتە سۇ ئۇيغۇرلىرىنىڭ يۈرىكىدە مەڭگۈ ساقايمايدىغان جاراھەت قالدۇرغان پاجىئە دەپ چۈشەندۈرىدۇ.

«ئاتۇ پاجىئەسى»ھەققىدە قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر تارىخچىلىرى كۆپلىگەن ئەسەرلەرنى يازدى. پروفېسسور ماخمۇت ئابدۇراخمانوف، دوكتور رابىك ئىسمايىلوف ۋە باشقىلار بۇ ۋەقە ھەققىدە مەخسۇس ماقالىلار ئېلان قىلدى.

سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى دەۋرىدە ئاتۇ ۋەقەسى باشقىچە چۈشەندۈرۈلۈپ، بۇ ئاق گۋاردىيىچىلەرنىڭ جىنايىتى دەپ كۆرسىتىلگەن ئىدى. سوۋېت ئىتتىپاقى يىمىرىلگەندىن كېيىن بۇ ۋەقەنىڭ ماھىيىتى پاش قىلىنىپ،ئۇنىڭ قىزىل ئارمىيىنىڭ جىنايىتى ئىكەنلىكى ئاشكارىلاندى.

مەلۇم بولۇشىچە، چار پادىشاھ ئۆلتۈرۈلگەندىن كېيىن پېتىراپ كەتكەن ئاقلار ئارمىيىسىنىڭ ئوفىتسېرلىرى جاي - جايلارغا سىڭىپ كىرىپ، جۈملىدىن يەتتە سۇ ئۇيغۇرلىرى ئارىسىدا تەتۈر تەشۋىقات ئېلىپ بېرىپ، كوممۇنىستلار دىننى چەكلەيدۇ، مال مۈلۈكنى تارتىۋالىدۇ دېگەندەك ۋەھيىمىلەر بىلەن ئۇيغۇرلار ئارىسىدا قايمۇقتۇرۇش ئېلىپ بارغان ھەمدە ئۇلارنى ئۆزلىرى بىلەن بىللە كوممۇنىستلارغا قارشى تۇرۇشقا چاقىرغان.

ئۇنىڭسىزمۇ، يەتتە سۇدىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا چار راسسۇيىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدىن قۇتۇلۇش ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ ھاكىمىيىتىنى قۇرۇشنى تەرغىپ قىلىدىغان شۇنىڭدەك تۈركىستاندىكى «شورائى ئىسلامىيە» ھەرىكىتى بىلەن مەۋقەسى ئوخشىشىپ كېتىدىغان تارانچى - تۇڭگان كومىتېتى دېگەندەك تەشكىلاتلار بار ئىدى.

ئوتتۇرا ئاسىيالىقلارنىڭ، جۈملىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ كوممۇنىزمغا قارشى بۇ گۇرۇپپىلىرى ئاقلار بىلەن ھەمكارلاشتى. نەتىجىدە

1918 - يىلى 2 - ئايدا ئالمۇتا يېنىغا جايلاشقان قارا سۇ رايونىدىكى بىر قىسىم ئۇيغۇر ياشلىرى يەرلىك ئەمەلدارلارنىڭ تەشكىللىشى بىلەن ئارا،گۈرجەك قاتارلىق ئىپتىدائىي قوراللار بىلەن قوراللىنىپ، ئالمۇتا سېپىلىنى ئىگىلەپ تۇرغان قىزىل ئارمىيىگە ھۇجۇم قىلدى.قىزىل ئارمىيە قوشۇنلىرى 3 - ئاينىڭ 2 - كۈنىگىچە قايتۇرما ھۇجۇم قىلىپ ھۇجۇمچىلارنى پۈتۈنلەي قىرىپ تاشلىدى. مەزكۇر تەڭسىز جەڭدە نۇرغۇن ئۇيغۇر ياشلىرى ھاياتىدىن ئايرىلدى. بۇنىڭ بىلەن قىزىل كوماندىرلار ئۇيغۇرلارنى بولشېۋىكلارغا قارشى تۇرغۇچى مىللەت دېگەن چۈشەنچە بىلەن ئۇلارنى جازالاش قارارىغا كەلدى.

1918 - يىلى 5 - ئايدا قىزىل ئارمىيە كوماندىرلىرىدىن مۇرايېۋ بىلەن ئىۋان مامۇنتوۋ ئۇيغۇرغا قارىتا ئۆچ ئېلىش خاراكتېرىدىكى قىرغىنچىلىقنى باشلىدى. مۇرايېۋ قىسىملىرى ئالمۇتىدىن غالجاتقىچە بولغان چېلەك، كىيىكۋاي،ئىنچىكە بۇلاق،قورام،لاۋار، مالىۋاي،غەيرەت، دولات، ئاۋات ۋە تۈگمەن قاتارلىق ئۇيغۇر يېزا - قىشلاقلىرىغا بېسىپ كىرىپ ئەر - ئايال دەپ ئايرىماي، كوپ ساندا ئۇيغۇرلارنى رەھىمسىزلىك بىلەن قىرغىن قىلدى.

قىزىل ئارمىيە ئەترەتلىرى ئۇيغۇر يەزىلىرىدىكى ئادەملەرنى بىر يەرگە توپلاپ پىلىموتلار بىلەن ئوققا تۇتۇپ قىرىۋەتتى.

قازاقىستان تارىخچىلىرىنىڭ ئارىسىدا بۇ ۋەقەدە قانچىلىك ئادەمنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى ھەققىدە ھەر خىل قاراش مەۋجۇت، بەزىلەر بۇ قىرغىنچىلىقتا تەخمىنەن 20 مىڭ ئۇيغۇرنىڭ قىرغىن قىلىنغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ.

شۇ ۋەقەدىن كېيىن، كۆپ ساندا يەتتە سۇ ئۇيغۇرلىرى ئىلىغا قېچىپ كەتكەن بولۇپ، كېيىن ئۇيغۇر رەھبەرلىرىدىن ئابدۇللا روزىباقىيەف غۇلجىغا بېرىپ، ئۇلارنى قايتۇرۇپ كېلىش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلغان ئىدى.

بۇ يىل 5 - ئايدا ئەشۇ «ئاتۇ ۋەقەسى» گە 94 يىل توشىدۇ.