«تارىخ ۋە بۈگۈن» (9 - ئاينىڭ 30 - كۈنى)
«تارىخ ۋە بۈگۈن» سەھىپىمىزنىڭ بۇ يەكشەنبىلىك قىسىمىدا دىققىتىڭلار 1930 - يىللاردا سوۋېت ئىتتىپاقى تەرىپىدىن ئۇيغۇر ئېلىغا ئەۋەتىلگەن ئابدۇقادىر ھاجىنىڭ قىلمىشلىرى ھەم تەقدىرى، تۈركىيىدىكى قەدىمىي ئۇيغۇر يېزىلىرىدىن بىرى«ئەركىلەت» ھەققىدىكى مەلۇماتلار شۇنىڭدەك كۇچاردىكى "ۋاڭ"لارنىڭ تەقدىرى قاتارلىق مەزمۇنلاردا بولىدۇ.
مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
ئاناتولىيىدىكى «ئەركىلەت» يېزىسى ھەققىدىكى مەلۇماتنى ئەركىن تارىم تەييارلىدى. ئابدۇقادىر ھاجى ۋە ئۇنىڭ ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 20 - 30 - يىللىرىدىكى قىلمىشلىرى ھەمدە كېيىنكى تەقدىرى ھەققىدىكى ماتېرىياللارنى قۇتلان تەييارلىدى. كۇچار ۋاڭلىرىنىڭ تارىخىغا ئائىت ئۇچۇرلارنى يالقۇن ھازىرلىدى.
تەپسىلاتلارنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز رادىئو دولقۇنلىرىمىزغا قۇلاق سېلىڭ.