«11 بېتىم» نىڭ ئىمزالىنىش ئارقا كۆرۈنىشى
ئۇمىدۋار
بۇنىڭدىن 67 يىل ئىلگىرىكى، 1945 - يىلى، 12 - ئاينىڭ 30 - ۋە 1946 - يىلى، 1 - ئاينىڭ 3 - كۈنى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى بىلەن گومىنداڭ مەركىزىي ھۆكۈمىتى ئۈرۈمچىدە تىنچلىق سۆھبىتى ئۆتكۈزۈپ، «11 ماددىلىق بىتىم» گە ئىمزا قويغان پەيتتە جاڭ كەيشىنىڭ ئوغلى جاڭ جىڭگو موسكۋانى زىيارەت قىلىپ، ستالىن بىلەن كۆرۈشكەندە مەخسۇس شەرقىي تۈركىستان ( شىنجاڭ) مەسىلىسىنى مۇھاكىمە قىلغان ئىدى.
مۇتلەق مەخپىي بۇ زىيارەت ھەققىدە 1945 - يىلى 29 - دېكابىر كۈنى سوۋېت ئىتتىپاقى مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ستالىنغا مەلۇمات بېرىپ، گومىنداڭنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقى ۋە ئامېرىكىدىن تەڭ پايدىلىنىپ، بولۇپمۇ بۇ ئىككى دۆلەتنىڭ زىددىيىتىدىن پايدىلىنىپ، ئۆز ھۆكۈمرانلىقىنى مۇستەھكەملەشنى مەقسەت قىلغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى. دوكلاتتا جاڭ جىڭگونىڭ كېلىشىنىڭ قانداقتۇر بىرەر كېلىشىم تۈزۈش ئەمەس، بەلكى جاڭ كەيشىنىڭ ئۆزىنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقىنى زىيارەت قىلىشىنىڭ تەييارلىقىنى بېجىرىش ئىكەنلىكى كۆرسىتىلدى.
ئەمەلىيەتتە «شىنجاڭ مەسىلىسى» جاڭ جىڭگونىڭ ستالىننىڭ ئالدىغا قويىدىغان مۇھىم نۇقىتىلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، شۇ مەقسەت ئۈچۈن جاڭ جىڭگو موسكۋا سەپىرىدە ئالدى بىلەن ئۈرۈمچىگە چۈشۈپ، ئۈرۈمچىدە جاڭ جىجوڭ بىلەن كۆرۈشۈپ، جىددىي داۋامالىشىۋاتقان تىنچلىق سۆھبىتىنىڭ ئەھۋالى، ئىختىلاپلار، ئىلى تەرەپنىڭ چىڭ تۇرىۋاتقان تەلەپلىرى ۋە باشقا مەسىلىلەر ھەققىدە پىكىر ئالماشتۇرغان. جاڭ جىڭگو موسكۋاغا كېلىشتىن ئىلگىرى،يەنى دېكابىرنىڭ 20 - كۈنلىرى ئەتراپىدا ئۈرۈمچىگە كەلگەن بولۇپ، بۇ ۋاقىتتا ئىلى ۋەكىللىرى 2 - قېتىم غۇلجىغا قايتىپ كەتكەن پەيت ئىدى.
جاڭ جىڭگو 12 - ئاينىڭ 30 - كۈنى كەچتە ستالىننىڭ قوبۇلىدا بولدى. سۆھبەت بىر سائەت 40 مىنۇت داۋاملاشقان بولۇپ، سۆھبەتكە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋىچىسلاۋ مولوتوۋ، پاۋلوۋ. خىتاي تەرەپتىن جاڭ جىڭگو ۋە خىتاينىڭ سوۋېت ئىتتىپاقىدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى فۇ بىڭچاڭ قاتناشتى.
جاڭ جىڭگونىڭ ستالىن بىلەن ئىككىنچى قېتىملىق سۆھبىتى 1946 - يىلى، 1 - ئاينىڭ 3 - كۈنى ئۆتكۈزۈلدى. بۇ ئىككى سۆھبەتنىڭ ھەر ئىككىلىسىدىلا ئۇيغۇر ئېلى مەسىلىسى ئورۇن ئالغان بولۇپ، مەخپىي سۆھبەت خاتىرىسى رۇسىيە ئالىمى لېدوۋسكىينىڭ توپلىمىغا كىرگۈزۈلگەن.
سۆھبەت رۇس تىلىدا بولۇپ، ناھايىتى تەپسىلىيدۇر.
30 - دېكابىردىكى ستالىن بىلەن جاڭ جىڭگونىڭ سۆھبەت خاتىرىسىدىن مەلۇم بولۇشىچە، جاڭ جىڭگو جاڭ كەيشىنىڭ ستالىنغا يازغان مەكتۇپىنى تاپشۇردى. جاڭ جىڭگو ئۆزىنىڭ بۇ قېتىمقى زىيارىتىدە ئاساسلىقى ستالىن بىلەن ئۆز - ئارا ئىشەنگەن ۋە چۈشەنگەن بىر مۇناسىۋەت ئورنىتىشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى ئىزھار قىلدى. سۆھبەت جەريانىدا جاڭ جىڭگو جاڭ كەيشىنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى كۈچەيتىشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى، جۇڭگودا ھەرگىزمۇ سوۋېت ئىتتىپاقىغا قارشى تۇرۇشقا يول قويمايدىغانلىقىنى ۋەدە قىلدى.
جاڭ جىڭگو بىلەن ستالىن 30 - دېكابىردىكى سۆھبەتتە خىتاي كومپارتىيىسى ۋە مانجۇرىيە مەسىلىلىرى ئۇستىدە توختالغاندىن كېيىن مەخسۇس شىنجاڭ مەسىلىسىگە كۆچتى.
جاڭ جىڭگو تېمىنى دەرھال مەخسۇس شەرقىي تۈركىستاندا مەۋجۇت بولۇۋاتقان ئىلى تەرەپ بىلەن گومىنداڭ تەرەپ سۆھبىتى مەسىلىسىگە يۆتكىدى. سۆھبەت خاتىرىسىدىن قارىغاندا، بۇ تېما تەخمىنەن 10 مىنۇت ئەتراپىدا داۋاملاشقان بولۇشى ئېھتىماللىقا يېقىن.
ستالىن سۆھبەتتە قوزغىلاڭچىلارنىڭ 11 ماددىلىق بىتىمگە ئىمزا قويۇشىغا مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەر بويىچە «بارلىق ئىمكانىيەتلەرنى قىلىدىغانلىقى»، «قوزغىلاڭچىلارنىڭ سوۋېت ھۆكۈمىتىنىڭ تەكلىپىنى رەت قىلمايدىغانلىقى» نى بىلدۈرۈپ ۋەدە بەرگەن. ئەنە شۇنىڭدىن ئىككى كۈن ئۆتۈپ، ئىلى ۋەكىللىرى 78 كۈنلۈك تالاش - تارتىشنى توختىتىپ، «11 ماددىلىق بىتىم» گە ئىمزا قويغان.
1948 - يىلى قۇرۇلغان «ياش شەرقىي تۈركىستانچىلار» تەشكىلاتى ۋە ئەزالىرىنىڭ كېيىنكى تەقدىرى
قۇتلان ماقالىسى
1945 - يىلى سېنتەبىردە غەلبەسېرى شەرققە قاراپ ئىلگىرىلىگەن مىللىي ئارمىيىنىڭ ئورتا يۆنىلىش قىسىملىرى ئۈرۈمچىگە ئاران يۈز نەچچە كىلومېتىر قالغان ماناس دەرياسى بويىدا توختاپ قالىدۇ. ئاقسۇنى ئازات قىلىش ئۈچۈن مۇزداۋان ئارقىلىق جەنۇبقا يۈرۈش قىلغان قىسىملارمۇ غۇلجىغا چېكىنىپ چىقىدۇ. ئۇزاق ئۆتمەيلا ئەخمەتجان قاسىمى باشچىلىقىدىكى ئىلى ۋەكىللىرى ئۈرۈمچىگە بېرىپ گومىنداڭ ھۆكۈمىتى بىلەن «تىنچلىق بىتىمى» تۈزۈش ئۈچۈن سۆھبەت باشلايدۇ.
شۇندىن باشلاپ مىللىي ئارمىيىنىڭ جەڭگىۋار قىسىملىرى ماناس دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدا تۇرۇپ قالىدۇ. 1947 - يىلى 8 - ئايدا ئۈرۈمچىدىكى بىرلەشمە ھۆكۈمەتتە خىزمەت قىلىۋاتقان ئەخمەتجان قاسىمى باشلىق ئىلى ۋەكىللىرى غۇلجىغا قايتىپ كېلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن سۈلھ ئۈستىگە قۇرۇلغان «تىنچلىق بىتىمى» ۋە ئۇنىڭ نەتىجىسىدە مەيدانغا كەلگەن بىرلەشمە ھۆكۈمەتمۇ پالەچ ھالەتكە چۈشۈپ قالىدۇ.
سابىت ئابدۇراھماننىڭ «ئۇيغۇرنامە» ناملىق كىتابىدىكى مەلۇماتلارغا قارىغاندا، 1948 - يىلى ئىيۇلدىن دېكابىرغىچە بولغان ئارىلىقتا ئابدۇكېرىم ئابباسوف، سەۋدانوف زاھىر قاتارلىق يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبەرلەر ماناس ۋە شىخو ئالدىنقى سېپىدىكى مىللىي ئارمىيە قىسىملىرىنىڭ ھەر دەرىجىلىك سىياسىي بۆلۈم باشلىقلىرىنى يىغىپ بىرقانچە قېتىملار سىياسىي تەشۋىقات ئېلىپ بارىدۇ. ئۇلار ئۆز تەشۋىقاتلىرىدا «ھازىر دۇنيا ۋەزىيىتى ئۆزگەردى، جۇڭگو ۋەزىيىتىمۇ ئۆزگەردى. جۇڭگونىڭ كەلگۈسى تەقدىرى جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ رەھبەرلىكىدىكى ئازادلىق ئىنقىلابىنىڭ نەتىجىسىدە ھەل بولىدۇ. ئۇيغۇر خەلقىنىڭ تەقدىرىمۇ خەنزۇ خەلقىنىڭ تەقدىرى بىلەن بىللە ھەل بولىدۇ» دېگەن پىكىرلەرنى ئوتتۇرىغا چىقىرىدۇ.
بۇ تەشۋىقاتلار مىللىي ئارمىيىنىڭ ئوفىتسېر - جەڭچىلىرى ئارىسىدا قاتتىق غۇلغۇلا قوزغايدۇ. بىر قىسىم ئوفىتسېر - جەڭچىلەر بۇ خىلدىكى سىياسىي تەشۋىقاتلارنى «تەسلىمچىلىك» قىلغانلىق دەپ قارايدۇ. مىللىي ئارمىيەنىڭ يەنزىخەيدە تۇرۇشلۇق بىرىنچى پىيادە پولكىدىكى ئوفىتسېرلارمۇ ئابدۇكېرىم ئابباسوف باشچىلىقىدىكى تەشۋىقات گۇرۇپپىسىنىڭ تەشەببۇسلىرىغا قارشى چىقىدۇ. ئۇلار «مىللي مۇستەقىللىقتىن ھەرگىز ۋاز كەچمەيمىز» دەپ قەسەمياد قىلىشىدۇ. پولك سىياسىي بۆلۈمىنىڭ كاتىپى سابىت ئابدۇراھمان غۇلجىدىكى ئۇستازى خەمىت سەئىدى بىلەن ئالاقىلىشىپ بىر مەخپىي تەشكىلات قۇرۇشقا تەييارلىق قىلىدۇ. بۇ تەشكىلات مىللىي ئارمىيىنىڭ ياش ئوفىتسېرلىرى ۋە غۇلجىدىكى مىللىي غايىگە ئىگە زىيالىي ياشلاردىن تەشكىللىنىپ، تەسلىمچىلىككە قارشى تۇرۇش، مىللىي ئىنقىلابنى ئاخىرىغىچە ئېلىپ بېرىش ھەمدە مۇستەقىللىقنى قولغا كەلتۈرۈشنى تۈپ مەقسەت قىلىدۇ. بۇ يوشۇرۇن تەشكىلات ئۆزىگە «ياش شەرقىي تۈركىستانچىلار» دەپ نام بېرىدۇ. 1949 - يىلىنىڭ بېشىدا بۇ تەشكىلات پاش بولۇپ قېلىپ، ئاساسلىق غول ئەزالىرىنىڭ ھەممىسى قولغا ئېلىنىدۇ. مىللىي ئارمىيە ياش ئوفىتسېرلىرىدىن پراپورشىك سابىت ئابدۇراھمان، پورۇدچىك يۈسۈپجان تاھىروف، كاپىتان نۇردۇن تۇردىيېف قاتارلىق 14 كىشى ھەمدە غۇلجىدىكى زىيالىيلاردىن خەمىت سەئىدى قاتارقلى 5 كىشى بولۇپ، جەمئىي 19 ئادەم تۈرمىگە تاشلىنىدۇ.
20 - 25 ياشلار چامىسىدىكى بۇ ياش ئوفېتسېرلارنى «ئىككىنچى دوم» (ئىككىنچى ئۆي) نىڭ مەخپىي بۇيرۇقى بويىچە غۇلجىدىكى ساقچى ئورۇنلىرى تۇتۇپ تۇرىدۇ ھەمدە سوراق قىلىدۇ. بۇ دېلوغا مۇناسىۋەتلىك سوراقچىلاردىن شۈ مۇتوڭ (شىۋە) ۋە تۇرسۇن دەريالارنىڭ ئەسلىمىسىگە قارىغاندا، ئەخمەتجان قاسىمى ھەمدە مىللىي ئارمىيەنىڭ باش قوماندانى ئىسھاقبەگ بۇ دېلوغا مۇناسىۋەتلىك سوراق پروتوكولىنى كۆرۈپ چىقىپ، «بۇلارنىڭ ھەممىسى ياشلار ئىكەن، ئۆتكەنكى خىزمەتلىرىنى ئەسكە ئېلىپ ئىدىيەۋىي تەربىيە ئېلىپ بېرىش ئۇسۇلى بىلەن بىر تەرەپ قىلساق» دەپ تەستىق سالىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنى 1949 - يىلىنىڭ ياز ئايلىرىدا قويۇپ بېرىشكە قارار بېرىلىدۇ. ئەمما ئەخمەتجان قاسىمى قاتارلىق رەھبەرلەرنىڭ بېيجىڭ سەپىرىدە سىرلىق رەۋىشتە غايىپ بولۇشى بىلەن ئۇلار تاكى 1950 - يىلىنىڭ ئاپرېل ئايلىرىغا قەدەر قاماقتا تۇتۇپ تۇرۇلىدۇ.
سەيپۇللايېف ئۆزىنىڭ «<ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى>غا دائىر بەزى مەسىلىلەر توغرىسىدا» ناملىق ئەسلىمىسىدە «1948 - يىلى ماناس دەرياسى بويىدىكى مىللىي ئارمىيە ئىچىدىن سابىت ئابدۇراھمان قاتارقلىق ئون نەچچە كىشى ۋە غۇلجىدىن ئىككى - ئۈچ كىشى <پان - تۈركىزىملىق تەشكىلات قۇرغان> دەپ قارىلىپ قولغا ئېلىندى» دەپ يازىدۇ. سەيپۇللايېفنىڭ بۇ مەلۇماتلىرىمۇ «ياش شەرقىي تۈركىستانچىلار» تەشكىلاتى ھەققىدە سابىت ئابدۇراھماننىڭ «ئۇيغۇرنامە» ناملىق كىتابىدىكى بايانلىرىنى تەستىقلايدۇ.
بۇ ھەقتە تېخىمۇ تەپسىلىي مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئورتا ئاسىيادىكى ۋەكىلى، تارىخچى قەھرىمان غوجامبەردى ۋە شىۋېتسىيەدە ياشايدىغان ئۇيغۇر زىيالىلىرىدىن يۈسۈپجان مەمەتوفلار بىلەن مەخسۇس سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.
تەپسىلاتىنى يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشتىن ئاڭلىغايسىز.
0:00 / 0:00