تارىخ بىلەن بۈگۈن ئارىسىدىكى تون كىيدۈرۈشىتىن كۈتۈلگەن ئۈمىدلەر

مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2021.12.02
تارىخ بىلەن بۈگۈن ئارىسىدىكى تون كىيدۈرۈشىتىن كۈتۈلگەن ئۈمىدلەر ئامېرىكا دۆلەتلىك دېموكراتىيىنى ئىلگىرى سۈرۈش فوندىنىڭ سابىق رەئىسى كارل گېرشمان(Carl Gershman) ئەپەندىنىڭ ئۇيغۇر دەۋاسىغا قوشقان تۆھپىسىگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش ئۈچۈن تون كىيدۈرۈش مۇراسىمىدىن كۆرۈنۈش. 2021-يىلى 30-نويابىر، ۋاشىنگتون.
Photo: RFA

ئۆزلىرى ئەڭ ھۆرمەت قىلغان، قەدىرلىگەن كىشىلىرىگە، خەلق ۋە جەمئىيەتكە باشلامچىلىق قىلىپ، زور ھەسسىلەرنى قوشقان تۆھپىكارلارغا تون كىيدۈرۈش، ئېسىل قاما قۇلاقچا ياكى دوپپا تەقدىم قىلىش ئۇيغۇر قاتارلىق مەركىزىي ئاسىيا خەلقلىرىنىڭ قەدىمدىن داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان ئەنئەنىسىدۇر. تۈركىيەدىكى پېشقەدەم ئۇيغۇر زىيالىيسى پروفېسسور دوكتور سۇلتان مەخمۇت ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، كىيدۈرۈلگەن ھەربىر تون ۋە دوپپا ياكى قۇلاقچىلار پەقەت ھۆرمەت كۆرسىتىشنىڭ بەلگىسى بولۇپ قالماستىن بەلكى ئۇلارغا چوڭقۇر مەنە ھەمدە زور ئىزگۈ ئۈمىد-ئارزۇلار يوشۇرۇنغان بولىدۇ.

سەيپىدىن ئەزىزىنىڭ ماۋ زېدوڭغا تون كىيدۈرۈۋاتقان كۆرۈنۈشى. 1949-يىلى سېنتەبىر، بېيجىڭ.
سەيپىدىن ئەزىزىنىڭ ماۋ زېدوڭغا تون كىيدۈرۈۋاتقان كۆرۈنۈشى. 1949-يىلى سېنتەبىر، بېيجىڭ.

30-نويابىر كۈنى ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگتوندا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى قاتارلىق بىرقىسىم تەشكىلاتلار ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقى ۋە ئۇيغۇر دەۋاسىنى ئۇزۇن يىللاردىن بېرى قوللاپ كەلگەن ئامېرىكا دۆلەتلىك دېموكراتىيەنى ئىلگىرى سۈرۈش فوندىنىڭ سابىق رەئىسى كارل گېرشمەن ئەپەندىنىڭ ئۇيغۇر دەۋاسىغا قوشقان تۆھپىسىگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈپ، ئۇنىڭغا ئۇيغۇر خەلقىنىڭ رەھمىتىنى ۋە ھۆرمىتىنى ئىپادىلەپ تون كىيدۈردى. كارل گېرشمەن ئەپەندى ئۇزۇن يىللار ئامېرىكا دۆلەتلىك دېموكراتىيەنى ئىلگىرى سۈرۈش فوندىنىڭ رەئىسلىك ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىپ پېنسىيەگە چىققۇچە بولغان پۈتكۈل خىزمەت ھاياتىنى كىشىلىك ھوقۇق ۋە دېموكراتىيە ئىشلىرىنى راۋاجلاندۇرۇشقا بېغىشلىغان. كارل گېرشمەن ئەپەندى ئۆزى باش بولۇپ، بىرقىسىم ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنى ئىقتىسادىي جەھەتتىن ۋە مەنىۋى جەھەتتىن قوللاش ئارقىلىق ئۇيغۇر دەۋاسىنىڭ خەلقئارالىشىشىدا مۇھىم رول ئوينىغانىدى. كارىل گېرشمەنگە تون كىيدۈرگەن د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسانىڭ قارىشىچە، ئۇلار ئۆز مىللىي ئۆرپ-ئادىتى بويىچە گېرشمەن ئەپەندىنىڭ ئۇيغۇر خەلقىگە رەھمەت ئېيتقان ۋە ئۇنىڭدىن جۈملىدىن ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ۋە خەلقىدىن كۈتكەن ئۈمىدلىرىنى ئىپادە قىلغان.

ئۇيغۇر خەلقىنىڭ بۈگۈنكى ئارزۇ-ئۈمىدلىرى مىليوندىن ئارتۇق كىشىنىڭ خىتاينىڭ جازا لاگېرلىرىغا سولىنىپ، ئەسىرلەردىن بۇيان داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان مىللىي تىلى ۋە يېزىقى مائارىپ، مەمۇرىي باشقۇرۇش، ئىلىم-پەن ساھەسىدە چەكلىنىپ، ياش ئەۋلادلار ئۆز مىللىي تىلى، مەدەنىيىتى، ئۆرپ-ئادىتى ۋە دىنىي ئېتىقادلىرىدىن ئايرىپ تاشلىنىۋاتقان، ئاياللار تۇغماس قىلىنىپ، كىشىلەر مەجبۇرىي ۋە تۆۋەن ھەقلىق ئېغىر ئەمگەكلەرگە سېلىنىپ ئىسكەنجە ئاستىغا ئېلىنىۋاتقان، ئەسىرلەردىن بۇيان داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان ئىسلامىي دىنى ئېتىقاد ئەركىنلىكى چەكلىمە ئاستىغا ئېلىنىۋاتقان بۇ خىل، تارىختىكى ئەڭ ئېغىر پاجىئەلەردىن قۇتۇلۇش ھەم ئۆز ئەركىن ھاياتىنى قۇرۇش قاتارلىقلاردىن ئىبارەت بولسا كېرەك.

لېكىن ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ خىل ئۆرپ-ئادەتلىرى يېقىنقى 70 نەچچە يىلدىن بۇيان يەنە باشقىچە سىياسىي مەزمۇندىمۇ داۋاملاشتۇرۇلغان بولۇپ، ئالدى بىلەن 1949-يىلى 9-ئايدا شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ مائارىپ نازىرى بولغان سەيپىدىن ئەزىز باشچىلىق قىلغان ئۆمەكنىڭ موسكۋا ۋە بېيجىڭنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن بېيجىڭدىكى خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ دۆلەت قۇرۇشنى قارار قىلىدىغان سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى يىغىنىغا قاتنىشىپ، ماۋ زېدوڭغا ئۇيغۇر ئەنئەنىسى بويىچە تون كىيدۈرۈشىدۇر. ئەنە شۇنىڭدىن ئېتىبارەن ئۇيغۇر ئېلىنى ئىشغال قىلغان ۋە تۈرلۈك باستۇرۇش سىياسەتلىرىنى ئىشقا سېلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ھۆرلۈككە بولغان ئىنتىلىشىنى يوقاتقان خىتاي كومپارتىيەسى گېنېرالى ۋاڭ جىن، پېڭ دېخۇئەيلەر، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ دۆلەت رەھبەرلىرى جوۋ ئېنلەي، جۇدې دوڭ بىۋۇ ۋە باشقىلاردىن تارتىپ تاكى ھازىرچە ئۇيغۇرلارنى لاگېرلارغا سولاش سىياسىتىنى يۈرگۈزگەن شى جىنپىڭغىچە ئىزچىل ئۇيغۇر دوپپىسى تەقدىم قىلىندى. پروفېسسور سۇلتان مەخمۇت ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، خىتاي رەھبەرلىرىگە بۇ خىل تون كىيدۈرۈش ۋە دوپپا تەقدىم قىلىش ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئارزۇسىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ، بۇ بىر مىللىي ئەنئەنە سۈيىئىستىمال قىلىنغان سىياسىي ئويۇندىن ئىبارەتتۇر.

ئۆزبېكىستان پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ تەتقىقاتچىسى، تارىخشۇناس پروفېسسور ئابلەخەت خوجايېفنىڭ قارىشىچە، سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىدا دەۋرىدە ئۆزبېكىستان قاتارلىق ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرى رەھبەرلىرىمۇ موسكۋادىكى ستالىن ۋە باشقا ھەم كېيىنكى كوممۇنىست رەھبەرلەر ئەنە شۇنداق تون كىيدۈرۈش ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ شەخسىي مەنپەئەتلىرى، ئورنى قاتارلىقلارنى قوغداشقا ئۇرۇنغانىدى. خىتايدىكى بۇ خىل تون كىيدۈرۈش ياكى دوپپا تەقدىم قىلىش قاتارلىقلار مۇددىئا جەھەتتىن ئوخشاشلىققا ئىگە.

30-نويابىر كۈنىدىكى مۇراسىمدا ئۇيغۇر تونىنى كىيگەن كارىل گېرشمەن ئەپەندىگە ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىنىڭ چىن يۈرىكىدىن رەھمىتىنى بىلدۈرگەن بولسا، كارىل گېرىشمان ئەپەندىمۇ ئۇيغۇرلارغا مىننەتدارلىقىنى ئىپادىلەپ سۆز قىلىپ، ئۇيغۇر دەۋاسىنىڭ ھەقلىق بىر دەۋا ئىكەنلىكىنى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈۋاتقانلىقىنى ۋە بۇنىڭ توختىتىلىشى ئۈچۈن ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرلار بىلەن بىر سەپتە تۇرۇپ، ئۇيغۇر دەۋاسىنى داۋاملىق قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. دېمەك، يېقىندىن بۇيان چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلار ئۆز ئەنئەنىسى بويىچە ئۆزلىرى ئارىسىدىن چىققان ئۆز خەلقىگە ھەسسە قوشقان ئۇيغۇر ئەربابلىرىغا تون كىيدۈرۈپلا قالماستىن بەلكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەركىنلىكى، ئىنسانىي ھوقۇقلىرىنى قوغداش يولىدا كۈچ چىقارغان، ئۇيغۇر خەلقىنى قوللىغان ئامېرىكا ۋە باشقا ئەللەردىكى بىرقىسىم دۆلەت ئەربابلىرى، پارلامېنت ئەزالىرى، ھوقۇق قوغدىغۇچىلىرى ۋە مۇتەخخەسىسىلەرنىمۇ قىممەتلىك تون ۋە دوپپىلىرى بىلەن تەقدىرلەشنى كۈچەيتمەكتە.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.