بۇنىڭدىن ئىككى ھەپتىلەر ئىلگىرى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ رۇخسەت قىلىشى بىلەن ئامېرىكىغا كېلىپ، بىر قاتار پائالىيەتلەرگە قاتناشتى ھەمدە مۇناسىۋەتلىك ئەربابلار بىلەن ئۇچرىشىش ئېلىپ باردى. ئىلگىرى ئامېرىكىغا كىرىشكە رۇخسەت قىلىنمىغان دولقۇن ئەيسا ئەپەندىنىڭ بۇ قېتىم بۇ ئىمكانىيەتكە ئىگە بولۇشىدا بىر قاتار خىزمەتلەر ئىشلەنگەن ئىدى. دولقۇن ئەيسانىڭ ئادۋوكاتلىقىنى قىلغان ئامېرىكا ئۇيغۇرلىرى جەمئىيىتىنىڭ سابىق رەئىسى، ئادۋوكات نۇرى تۈركەل ئەپەندى ئۆزىنىڭ بۇ مەسىلە ھەمدە ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ خەلقئارالىشىشى ھەققىدىكى قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
« دوناي دەرياسىدىن ئورخۇن بويلىرىغىچە» ناملىق كىتاب ھەققىدە سۆھبەت
ئەركىن تارم تەييارلىدى
«دوناي دەرياسىدىن ئورخۇن بويلىرىغىچە» ناملىق كىتاب يېقىندا شۋېتسىيىدە نەشىردىن چىقتى. ئەنگىلىيىدىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى ئەزىز ئەيسا ئەپەندى يازغان بۇ كىتاب 220 بەتتىن تەركىپ تاپقان بولۇپ، كىتابغا 80 پارچىدىن ئارتۇق رەڭلىك رەسىم كىرگۈزۈلگەن. كىتابنى خەلقئارا قەلەمكەشلەر ئۇيغۇر مەركىزى 2012 - يىلى نەشىرگە تەييارلىغان ۋە نەشىر قىلدۇرغان.
مەزكۇر كىتابنىڭ مەزمۇنى «ئۇيغۇر قەلەمكەشلەر ساداسى» ناملىق كىچىك تېمىغا مۇجەسسەملەنگەن بولۇپ، ئۇيغۇر قەلەمكەشلەر مەركىزىنىڭ 2011 - يىلىدا ھونلارنىڭ يۇرتى ۋېنگىرىيىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ ئاتا زېمىنى بولغان ئورخۇن بويلىرىغىچە بولغان جايلاردا ئېلىپ بارغان ئىلمىي پائالىيەتلىرى بايان قىلىنغان. تارىخىي ۋەقەلەرنى ئارقا كۆرۈنۈش قىلغان بۇ ئەدەبىي ئەسەردە، ئۇيغۇر يازغۇچى، شائىر ۋە ئىلىم ئەھلىلىرىنىڭ ئۇيغۇر تارىخىغا، ئۇيغۇر تىل - ئەدەبىياتىغا، مىللىي مائارىپىغا ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ بۈگۈنكى ۋەزىيىتىگە بولغان تارىخىي كۆز قارىشى بايان قىلىنغان. كىتابنىڭ ئاپتورى ئەزىز ئەيسا ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە بۇ كىتاب ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆتمۈشىگە قاراپ تۇرۇپ بۈگۈنكى ئەھۋالىنى چۈشىنىشكە ھەمدە ئۇيغۇرلارنىڭ تارىختىن ساۋاق ئېلىپ كەلگۈسىنى بەلگىلىشى ئۈچۈنمۇ پايدىلىق ئىكەن.
بىز كىتاب ھەققىدە تېخىمۇ تەپسىلى مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن كىتابنىڭ ئاپتورى ئەزىز ئەيسا بىلەن تېلېفون سۆھبىتى ئېلىپ باردۇق.
0:00 / 0:00