9 - دېكابىر دۇنيا ئىنسان ھوقۇقى كۈنىنىڭ تارىخى ۋە بۇ مۇناسىۋەت بىلەن تەييارلانغان پروگرامما.ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 30 - 4 - يىللىرىدىكى ئۇيغۇر ئېلى سىياسىي سەھنىسىدىكى سىرلىق شەخس مەنسۇر ئەپەندى ھەققىدىكى باھا، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ستالىن دەۋرىدىكى تۈركىي شېئىرىيىتى ھەققىدىكى يېڭى كۆز قاراشلار ھەم باشقا بىر قاتار پروگراممىلارنى ئاڭلايسىلەر.
10 - دېكابىر دۇنيا ئىنسان ھوقۇقى كۈنى
ئۇمىدۋار تەييارلىدى
10 - دېكابىر كۈنى دۇنيا ئىنسان ھوقۇقى كۈنىدۇر. 10 - دېكابىر دۇنيا ئىنسان ھوقۇقى كۈنىنى خاتىرىلەش رەسمىي تۈردە خەلقئارالىق مىقيادا ئۆتكۈزۈش بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى تەرىپىدىن ئېلىنغان قارار بولۇپ، بۇ قارار 1950 - يىلى قوبۇل قىلىنغان ئىدى.
خەلقارا ئىنسان ھوقۇقى كۈنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى تەرىپىدىن بېكىتىلىشتىن ئىلگىرى 1948 - يىلى، 10 - دېكابىردا پۈتۈن دۇنيا ئومۇمىي ئىنسان ھوقۇقى خىتابنامىسى قوبۇل قىلىنىپ ئېلان قىلىنغان. ئەڭ دەسلەپتە مەزكۇر خىتابنامىنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنى قۇرغان دۆلەتلەر ھەمدە ئۇنىڭغا ئەزا بولغان مەملىكەتلەر ئىمزالىغان ئىدى. ئارىلىقتا ئىككى يىل ئۆتكەندىن كېيىن، يەنى 1950 - يىلى، 4 - دېكابىر كۈنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلات ئومۇمىي قۇرۇلتىيى 423 - نومۇرلۇق قارار ماقۇللاپ، 1950 - يىلى، 10 - دېكابىردىن ئېتىبارەن ھەر يىلى 10 - دېكابىرنى خەلقارا ئىنسان ھوقۇقى كۈنى قىلىپ ئۆتكۈزۈشنى قارار قىلغان.
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ھەر يىلى ئەزا دۆلەتلەرگە بۇ كۈننى خاتىرىلەش ھەمدە ئۆز مەملىكىتىدىكى ئىنسان ھەقلىرى ئەھۋالى ھەققىدە دوكلات تەييارلاشنى بۇيرۇغان ئىدى.
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ «پۈتۈن دۇنيا ئىنسان ھەقلىرى خىتابنامىسى»1948 - يىلى، 12 - ئاينىڭ 10 - كۈنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئومۇمىي قۇرۇلتىيىنىڭ 217 - نومۇرلۇق قارارى بويىچە بېكىتىلگەن ئىدى.
ۋىكى ئېنسكلوپېدىيىسىدىكى ئۇچۇرلاردىن قارىغاندا، «پۈتۈن دۇنيا ئىنسان ھوقۇقى خىتابنامىسى» نى تۈزۈش 1946 - يىلى ب د ت ئىنسان ھوقۇقى كومىتېتى تەرىپىدىن بېكىتىلگەن بولۇپ، ئامېرىكا پرېزىدېنتى فرانكىلىن رۇزىۋېلتنىڭ خانىمى ئېلىئانور رۇزۋېلت مەزكۇر كومىتېتنىڭ رەئىسلىك ۋەزىپىسىنى زىممىسىگە ئېلىپ، ئىنسان ھوقۇقى خىتابنامىسىنىڭ تۈزۈلۈشىدە مۇھىم رول ئوينىغان. ئىنسان ھوقۇقى كومىتېتى كانادالىق قانۇنشۇناس جون پېتېرسنى خىتابنامىنى تۈزۈشكە رىياسەتچىلىك قىلىشقا تەيىنلىگەن.
مەزكۇر خىتابنامە ئىككى يىل ۋاقىتلىق تۈزۈش ۋە بېكىتىشتىن ئۆتۈپ، 1948 - يىلى، 10 - دېكابىر كۈنى بدت نىڭ شۇ ۋاقتىدىكى 56 ئەزا دۆلىتىنىڭ ۋەكىللىرى قاتناشقان يىغىندا 48 ئاۋاز بىلەن قوبۇل قىلىنغان. ئەمما، سوۋېت ئىتتىپاقى باشچىلىقىدىكى ب د ت غا ئەزا بولغان ئۇكرائىنىيە، بېلارۇسىيە، يۇگوسلاۋىيە، پولشا، چېخوسلاۋاكىيە، جەنۇبىي ئافرىقا، سەئۇدى ئەرەبىستان قاتارلىق 8 دۆلەت ئاۋاز بېرىشتىن ۋاز كەچكەن. كانادا ئاۋاز بېرىشتىن ۋاز كەچكەن بولسىمۇ، بىراق ئاخىرىدا يەنىلا قوللىغان.
«پۈتۈن دۇنيا ئىنسان ھوقۇقى خىتاپنامىسى» خەلقئارالىق ئىنسان ھوقۇقى قانۇنى سۈپىتىدە ئېتىراپ قىلىنغان بولۇپ، بۇ قانۇن ئاساسىدا كېيىن «پۇقرالىق ھوقۇقى ۋە سىياسىي ھوقۇق ھەققىدىكى خەلقئارالىق ئەھدىنامە»، «ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ۋە مەدەنىيەت ھوقۇقلىرى ھەققىدىكى خەلقئارالىق ئەھدىنامە» ناملىق ئىككى مۇھىم ئىككى قانۇن قوبۇل قىلىندى.
«پۈتۈن دۇنيا ئىنسان ھوقۇقى خىتابنامىسى» ھازىرغىچە 350 دىن ئارتۇق تىلغا تەرجىمە قىلىنغان بولۇپ، ئۇنىڭ ئۇيغۇرچە نۇسخىسىمۇ بار.
دۇنيا ئىنسان ھوقۇقى كۈنى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى قاتارلىق سوتسىيالىستىك دۆلەتلەردە ئۆتكۈزۇلۈش چەكلەنگەن بولۇپ، سوۋېت ئىتتىپاقىدا تۇنجى قېتىم 1977 - يىلى، موسكۋادا «بىر مىنۇت سۈكۈتتە تۇرۇش» ئۇسۇلى بىلەن خاتىرىلەنگەن. ئەمما، ئۇنىڭ ھەقىقىي يوسۇندا، ئەركىن ھالدا خاتىرىلىنىشى سوۋېت ئىتتىپاقى يىمىرىلگەندىن كېيىن ئەمەلگە ئاشقان. بۇ كۈندە ھازىر رۇسىيىدە ھەر خىل رەسمىي ۋە غەيرى رەسمىي رەۋىشتە پائالىيەتلەر ئۆتكۈزۈلمەكتە.
ئەينى ۋاقىتتىكى گومىنداڭ باشچىلىقىدىكى خىتاي جۇمھۇرىيىتى پۈتۈن دۇنيا ئىنسان ھوقۇقى خىتابنامىسىگە ئىمزا قويغان مەملىكەتلەرنىڭ بىرى ئىدى. بىراق، شۇنداق بولۇشىغا قارىماي، گومىنداڭ خىتاي جۇمھۇرىيىتى ئوخشاشلا ئۇيغۇرلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مىللەتلەرنىڭ ھەتتا ئۆز خەلقىنىڭ كىشىلىك ھوقۇقلىرىنى دەپسەندە قىلغان، ئۆكتىچى پىكىردىكى پارتىيىلەرنى باستۇرغان.
خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى 1997 - يىلى، 10 - ئايدا «ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ۋە مەدەنىيەت ھوقۇقلىرى ھەققىدىكى خەلقئارالىق ئەھدىنامى» گە، 1998 - يىلى، 10 - ئايدا «پۇقرالىق ھوقۇقى ۋە سىياسىي ھوقۇق ھەققىدىكى خەلقئارالىق ئەھدىنامە» گە ئىمزا قويدى. ئەمما ھازىرغا قەدەر خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىنسان ھوقۇقى خاتىرىسىنىڭ كۈنسايىن ناچارلىشىۋاتقانلىقى خەلقارا جەمئىيەت تەرىپىدىن ئىزچىل تەنقىد قىلىنماقتا. كىشىلىك ھوقۇق ئامېرىكا، ياۋروپا ئەللىرى بىلەن خىتاي ئارىسىدىكى مۇھىم سۆھبەت تېمىسى بولماقتا. بولۇپمۇ خىتاينىڭ ئۇيغۇر ۋە تىبەت قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇقلىرىنىڭ دەخل - تەرۈزگە ئۇچرىشىنىڭ ئېغىرلىقى ئېتىراپ قىلىنغان مەسىلىگە ئايلاندى.
2008 - يىلى، 12 - ئاينىڭ 10 - كۈنى ئۆكتىچى زىيالىي ليۇ شاۋبو قاتارلىق 303 نەپەر خىتاي زىيالىيسى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ «دۇنيا ئىنسان ھوقۇقى خىتابنامىسى» نىڭ ئېلان قىلىنغانلىقىنىڭ 60 - يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن خىتاي كىشىلىك ھوقۇق خىتابنامىسى ھېسابلىنىدىغان «08 باياننامىسى» نى ئېلان قىلغان ئىدى. ليۇ شاۋبو ئەنە شۇ خىزمەتلىرى ئۈچۈن 2010 - يىلى، نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىغا ئېرىشتى.
ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي رەھبىرى رابىيە قادىر خانىممۇ ئۇيغۇر ئىنسان ھوقۇقىنىڭ سىمۋولى سۈپىتىدە كۆپ قەتىم ۋە ئىزچىل تۈردە نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىنىڭ نامزاتى سۈپىتىدە بۇ مۇكاپاتنى ئېلىشقا تەۋسىيە قىلىنىپ كەلدى. نورۋېگىيىدىكى رافتو كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتى بولسا رابىيە قادىرغا «رافتو ئىنسان ھوقۇقى مۇكاپاتى» نى بەرگەن ئىدى.
ستالىن مەزگىلىدىكى تۈركىي شېئىرىيىتى ۋە شائىرلارنىڭ پاجىئەلىك تەقدىرى
ئەركىن تارىم تەييارلىدى
يېقىنقى مەزگىللەردە ستالىن مەزگىلىدىكى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ تۈركىي مىللەتلەرگە بولغان قەتلىئام ۋە جىنايەتلىرى ئاستا - ئاستا ئوتتۇرىغا چىقىشقا باشلىدى. بۇ جىنايەتلەرنىڭ بىر تۈرى قولىغا قەلەم ئېلىپ، خەلقنىڭ ھەقىقىي ئاۋازىنى ئەدەبىي ئەسەرلىرىدە ئەكىس ئەتتۈرگەن زىيالىيلارنىڭ تۇتقۇن قىلىنىش ھەم ئۆلتۈرۈلۈشىدۇر. بۇ ھەقتە ئاممىۋى مېدىيادا داۋاملىق قىسقا ماقالىلەرنى ئېلان قىلىۋاتقان ئامېرىكا مىچىگان ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى، پروفېسسور تېمۇر كوجائوغلى يېقىندا«سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى مەزگىلىدىكى تۈركىي مىللەتلەرنىڭ شېئىرىيىتى» ناملىق ماقالىسىنى ئېلان قىلدى. ئۇ ماقالىسىدە 1930 - يىلىدىن 1960 - يىلىغىچە بولغان ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تۈركىي مىللەتلەرنىڭ شېئىرىيىتى ھەققىدە تەھلىل ئېلىپ بارغان بولۇپ، ئۇ يىللاردا ئوتتۇرا ئاسىيا تۈركىي مىللەتلەرنىڭ شېئىرىيىتىدە چوڭ بىر بوشلۇق پەيدا بولغانلىقىنى ۋە بۇنىڭ سەۋەبلىرىنى بايان قىلىپ ئۆتكەن. شۇنداقلا، 1933 - يىلىدىن بۈگۈنگىچە بولغان ئۇيغۇر شېئىرىيىتى ھەققىدىمۇ توختالغان؛
پروفېسسور تېمۇر كوجائوغلى ئەپەندى بۇرۇن ئەركىن ياۋروپا رادىيوسىدا ئىشلىگەن بولۇپ، كېيىن تۈركىيە كوچ ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇتقۇچىلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن. دەم ئېلىشقا چىققاندىن كېيىن تەكلىپ بىلەن ئامېرىكا مىچىگان ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوتتۇرا ئاسىيا تەتقىقاتى ھەققىدە دەرس بەرمەكتە.
پروفېسسور تېمۇر كوجائوغلىنىڭ كۆز قاراشلىرىغا قۇلاق سېلىڭ
20 - ئەسىر ئۇيغۇر تارىخىدىكى سىرلىق شەخ مەنسۇر ئەپەندى
قۇتلان تەييارلىدى
ئۇيغۇر ئېلىنىڭ 1930 - ۋە 1940 - يىللىرىدىكى زور تارىخىي ۋەقەلەر زەنجىرىدە «مەنسۇر ئەپەندى» دېگەن نام بىلەن تونۇلغان بىر شەخسنىڭ سىرلىق كۆلەڭگىسى كۆزگە چېلىقىدۇ. سوۋېتلەر ئىتتىپاقىدا ئالىي تەربىيە كۆرگەن، كوممۇنىزم مەپكۇرىسى بىلەن قۇراللانغان شۇنداقلا موسكۋانىڭ پەۋقۇلئاددە تاپشۇرۇقى بىلەن 1935 - يىلىنىڭ باھار مەزگىلىدە مەخپىي ھالدا ئۇيغۇر ئېلىگە يېتىپ كەلگەن مەنسۇر ئەپەندى قانداق ۋەقەلەرگە شاھىت بولدى؟ ئۇنىڭغا سوۋېتلەر ئىتتىپاقى تەرىپىدىن يۈكلەنگەن مەخپىي ۋەزىپە نېمە ئىدى؟ ئۇ ئۇيغۇرلار ۋەتىنىنىڭ ئاشۇ مەزگىلدىكى تارىخىي ئۆزگىرىشلىرىدە قانداق روللارنى ئوينىدى؟ نېمە ئۈچۈن ھەر ئىككى قېتىملىق «جۇمھۇرىيەت» ھەمدە ئۇنىڭغا باغلىق بولغان زور ۋەقەلەردە مەنسۇر ئەپەندىنىڭ سىرلىق كۆلەڭگىسى ئىز سالىدۇ؟ مەنسۇر ئەپەندىنىڭ شۇ يىللاردىكى سىرلىق سىياسىي يۈزىدىن باشقا، ئۇنىڭ ئۇيغۇرلار ۋەتىنى ھەمدە ئورتا ئاسىيا ئۇيغۇرلىرىنىڭ مەدەنىيەت ۋە ئىلىم - پەن تەرەققىياتىدا تۇتقان ئىلمىي يۈزىگە قانداق باھا بېرىش كېرەك؟
بۇ مەسىلىلەرنى چۆرىدىگەن ھالدا ئىلمىي مۇھاكىمىلەرنى قانات يايدۇرۇش ئۈچۈن تارىخچى ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئورتا ئاسىيادىكى ۋەكىلى قەھرىمان غوجامبەردى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.
سۇئال: ھۆرمەتلىك قەھرىمان ئاكا، ئالدى بىلەن بىر تارىخچى بولۇش سۈپىتىڭىز بىلەن زىيارىتىمنى قوبۇل قىلغانلىقىڭىزدىن كۆپ مىنەتدارمەن. سىزگىمۇ مەلۇم، ئۇيغۇرلارنىڭ 1930 - ۋە 1940 - يىللىرىدىكى مىللىي قۇتۇلۇش ئىنقىلابى مەزگىللىرىدە «مەنسۇر ئەپەندى» نامى بىلەن تونۇلغان بىر سىرلىق شەخس تارىخچىلارنىڭ دىققىتىنى چېكىدۇ. بۇ كىشىنىڭ «مەشۇر روزىيېف» نامى بىلەن يازغان «يېڭىۋاشتىن تۇغۇلغان ئۇيغۇر خەلقى»، «ئۇيغۇر يېرىدە» ناملىق كىتابلىرى ئىلگىرى ئالمۇتادا نەشىر قىلىنغان ئىكەن. يېقىندا ئىستانبۇلدىكى «تەكلىماكان ئۇيغۇر نەشرىياتى» ئۇنىڭ «ئۇيغۇر زېمىنىدا» ناملىق كىتابىنى قايتا نەشىر قىلدى. بۇ كىتابتا مەنسۇر ئەپەندى ئۆزىنىڭ 1930 - ۋە 1940 - يىللاردىكى ئۇيغۇرلار ۋەتىنىدە كۆرگەن، بىلگەن ھەمدە ئۆزى بىۋاسىتە بېشىدىن ئۆتكۈزگەن تارىخىي ۋەقەلەرنى بايان قىلىدۇ. بۇ كىتابنى ئوقۇغان ھەرقانداق بىر كىشى مەنسۇر ئەپەندىنىڭ مۇرەككەپ ئارقا كۆرىنىشكە ئىگە بىر سىرلىق شەخس ئىكەنلىكىنى، گەرچە ئۆز مىللىتىگە نىسبەتەن مەلۇم ھېسسىياتقا ئىگە بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ سوۋېتلەر ئىتتىپاقىنىڭ تاپشۇرۇقى بويىچە شېڭ شىسەي ھاكىمىيىتىنىڭ مۇستەھكەملىنىشى ئۈچۈن كەتمەن چاپقانلىقىنى، كوممۇنىزم مەپكۇرىسى ئۈچۈن جان - دىلى بىلەن ئىشلىگەنلىكىنى كۆرىۋالالايدۇ. سىز بىر تارىخچى بولۇش سۈپىتىڭىز بىلەن مەنسۇر ئەپەندىگە قانداق باھا بېرىش كېرەك دەپ قارايسىز؟
جاۋاب: بۇنداق مۇرەككەپ كىشىلەرگە بىر تەرەپلىمە باھا بېرىشتىن ساقلىنىش كېرەك. ئەلۋەتتە ئۇنىڭ 1930 - يىللاردىكى قىلمىشلىرىدىن ئالغاندا ئۇنى «مۇناپىق» دېيىشكىمۇ بولىدۇ. يەنى شۇ يىللاردا سوۋېت ئىتتىپاقى بىخەتەرلىك ئورگانلىرىنىڭ تاپشۇرۇقلىرىنى جان - دىلى بىلەن ئورۇنلىغان ئادەم. لېكىن بۇ كىشى 1930 - يىللاردا ئۇيغۇرلار ۋەتىنىگە بېرىپ، رېئال تارىخىي ۋەقەلەرگە شاھىت بولغان. شېڭ شىسەينىڭ تاپشۇرۇقى بىلەن «شىنجاڭ گېزىتى»، «ئۇيغۇر مەدەنىي ئاقارتىش ئۇيۇشمىسى» قاتارلىق ئورۇنلاردا رەھبەرلىك خىزمەتلىرىنى ئىشلىگەن. ئۇيغۇر ئېلىدىن سوۋېتلەر ئىتتىپاقىغا ئوقۇغۇچى چىقىرىش قاتارلىق ئىشلارغىمۇ بىۋاسىتە ئارىلاشقان. بۇلار رېئاللىق ھەم پاكىت. لېكىن مەنسۇر ئەپەندى پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن سوۋېتلەر ئىتتىپاقىنىڭ يولىنى تۇتقان، كوممۇنىزم مەپكۇرىسىنى شەكسىز ھەقىقەت دەپ تونۇيدىغان، ئۇنىڭغا قارشى بولغان كىشىلەرنى دۈشمەن دەپ قارايدىغان كىشىلەر تىپىدىن. ھاياتىنىڭ كېيىنكى يىللىرىدا ئۆزگەرگەن بولۇشىمۇ مۇمكىن.
سۇئال: مەنسۇر ئەپەندىنىڭ 1935 - يىلىنى بېشىدا ئۈرۈمچىگە سىرلىق رەۋىشتە ئەۋەتىلىشى ئەينى ۋاقىتتىكى ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بولۇپ تۇرۇۋاتقان خوجانىياز ھاجىمنى كونترۇل قىلىش ئۈچۈن ئىكەنلىكى ئايان بولۇۋاتىدۇ. ئەمەلىيەتتىمۇ مەنسۇر ئەپەندى ئۆز كىتابىدا خوجانىياز ھاجىمنىڭ پۈتكۈل ئىش - پائالىيەتلىرىنى ۋە شەخسىي ئالاقىلىرىنى قاتتىق كونترۇل قىلغانلىقىنى يازىدۇ. بولۇمۇ خوجانىياز ھاجى بىلەن مەھمۇت مۇھىتى ئارىسىدىكى مەخپىي ئالاقىلارنى يوشۇرۇن نازارەت قىلىدۇ. نۇ مەسىلىلەرگە سىز قانداق قارايسىز؟
جاۋاب: خوجانىياز ھاجىنىڭ مەسىلىسىگە كەلسەك، ئۇ خەلقىمىزنىڭ ئاشۇ تارىخىي باسقۇچتىكى بىر لىدىرى، لېكىن ئۇ سىياسەتتە، تاكتىكىدا يوق ئادەم. مەنسۇر ئەپەندىنىڭ ئادەمنى ئېچىندۇرىدىغان ئەڭ ئەسكى يېرى شۇكى، ئۇ خوجانىياز ھاجىمنى شېڭ شىسەي بىلەن سۈلھى تۈزۈشكە ھەمدە ھەمكارلىشىشقا مەجبۇرلىغانلىقىدۇر. تېخىمۇ كونكىرېت قىلىپ ئېيتقاندا، خوجانىياز ھاجى بىلەن شېڭ شېسەي ئوتتۇرىسىدىكى«فۇكاڭ كېلىشىمى» نى ئىمزالاشتا مەنسۇر ئەپەندى رول ئوينىغان. شۇ چاغدا خوجانىياز ھاجىم «خىتايلارغا ئىشەنمەيمەن، بۇ توختامغا كىم كاپالەت بېرىدۇ؟» دەپ سورىغىنىدا، مەنسۇر ئەپەندى مەيدىسىگە مۇشتلاپ، ئۆزىنىڭ شەخسىي نامى، سوۋېت ئىتتىپاقى كونسۇلى ھەمدە سوۋېت ھۆكۈمىتىنىڭ نامى بىلەن كاپالەتلىك قىلىدىغانلىقىنى داۋراڭ سالغان. ئۇ خوخانىياز ھاجىمنى ئالداپ كېلىشىمگە ئىمزا قويدۇرغان. مانا مۇشۇ تەرەپلەردىن ئېيتقاندا، مەنسۇر ئەپەندى شۇ دەۋردىكى ئۇيغۇرلار مەنپەئىتىدە سەلبىي رول ئوينىغان شەخس دېيىشكە بولىدۇ. ئەسلىدە ئۇ ئىنتايىن بىلىملىك كىشى، شۇ دەۋرنىڭ شارائىتىدا ئۆزىنىڭ ئالىي بىلىمىنى باشقىلارنىڭ مەنپەئىتى ئۈچۈن جىزمەت قىلدۇرغان.
سۇئال: مەنسۇر 1935 - يىلى ئۈرۈمچىگە ئەۋەتىلىشتىن ئىلگىرى سوۋېتلەر ئىتتىپاقىنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىك ئورۇنلىرى تەرىپىدىن ئالاھىدە خادىم سۈپىتىدە تەربىيەلەنگەن دېيىشكە بولامدۇ؟
جاۋاب: شۇنداق دېيىشكە بولىدۇ. مەنسۇر ئەپەندى سوۋېتلەر ئىتتىپاقىنىڭ ئالاھىدە ئىشەنچىگە ئېرىشكەن شەخس. شۇ يىللىرى سوۋېت ئىتتىپاقىدىن ئۇيغۇرلار ۋەتىنىگە مىڭلاپ خادىملار بارغان. 1937 - يىللىرىدىن باشلاپ ئۇلارنىڭ بىر قىسمى شېڭ شېسەي ۋە ستالىن تەرىپىدىن تۈرمىگە تاشلىنىپ يوقۇتۇلغان. لېكىن مەنسۇر ئەپەندى خوجانىياز ھاجىمنى ئىندەككە كەلتۈرۈش، مەھمۇت مۇھىتىغا تاقابىل تۇرۇش قاتارلىق بىر قاتار ئىشلاردا ئۆز خوجايىنلىرىنىڭ تاپشۇرۇقىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا ئورۇنلىغان.
سۇئال: مەنسۇر ئەپەندىنىڭ شېڭ شىسەي تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان ئالاھىدە ۋەزىپىلىك ئۆمەككە باشلىق بولۇپ جەنۇبقا بېرىشى، قەشقەردە مەھمۇت مۇھىتى بىلەن تىركىشىشى ھەمدە ئۇنىڭغا بىر خىل دۈشمەنلىك نەزەرى بىلەن مۇئامىلە قىلىشى ئەمەلىيەتتە سوۋېتلەر ئىتتىپاقىنىڭ پەردە ئارقىسىدىكى ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە بولغان دېيىشكە بولامدۇ؟
جاۋاب: شۇنداق، بۇ ناھايىتى ئېنىق. چۈنكى مەھمۇت مۇھىتىنىڭ قول ئاستىدا بىر دىۋىزىيە ئۇيغۇر ئەسكەر بار. ئۇلارنىڭ قولىدا قۇرال بار، ھەممە نېمىسى بار. شۇڭا مەيلى سوۋېت ئىتتىپاقى بولسۇن ياكى شېڭ شىسەي بولسۇن مەھمۇت مۇھىتىنى ئۆزلىرى ئۈچۈن چوڭ تەھدىت دەپ ھېسابلىغان. شۇ ۋەجىدىن مەنسۇر ئەپەندىنى مەھمۇت مۇھىتىنى ئىندەككە كەلتۈرۈش ئۈچۈن ئەۋەتكەن، ئەمما مەھمۇت مۇھىتى بۇ توزاققا دەسسىمىدى
سۇئال: ۋەتەندە مەنسۇر ئەپەندى ھەققىدە مېنىڭ بىلىشىمچە «شىنجاڭ تەزكىرىچىلىكى» ژۇرنىلىدا پەقەت بىر پارچە ماقالە ئېلان قىلىندى. ئۇندىن باشقا مەنبەلەردە بۇ كىشى ھەققىدە كۆپ مەلۇمات يوق. سىزمۇ دەپ ئۆتتىڭىز، بۇ كىشى شۇ مەزگىلدە ئۈرۈمچىگە كەلگەندە، ئۆزىنىڭ سىياسىي ۋەزىپىسىدىن سىرت، «شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ ئۇيغۇرچىسىنى تەسىس قىلىش، «ئۇيغۇر مەدەنىي ئاقارتىش ئۇيۇشمىسى» نى قۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردە كۆپ ئىشلارنىمۇ ئىشلەپتۇ. مۇشۇ نۇقتىدىن ئېيتقاندا، مەنسۇر ئەپەندىنىڭ ھاياتى قوش تەرەپلىمىلىككە ئىگە ئىكەن، يەنى بىر تەرەپتىن ئۆز خوجايىنى بولغان سوۋېت ئىتتىپاقى ۋە شېڭ شىسەي ئۈچۈن ئىشلىگەن، يەنە بىر تەرەپتىن ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەت ۋە ئىلمىي ئىشلىرىنىڭ راۋاجلىنىشى ئۈچۈن مەلۇم خىزمەتلەرنى كۆرسەتكەن. شۇڭلاشقا مەنسۇر ئەپەندىگە باھا بېرىش بىر قەدەر مۇرەككەپلىككە ئىگە، سىز بۇنىڭغا قانداق قارايسىز؟
جاۋاب: ھەقىقەتەن شۇنداق، بۇ مۇرەككەپ مەسىلە. مەنسۇر ئەپەندىنىڭ ئۆز خەلقىم ئۈچۈن خىزمەت قىلسام دېگەن ئارزۇلىرىنى پۈتۈنلەي ئىنكار قىلغىلى بولماس، ئەمما ئۇ كوممۇنىزمغا مۇرىتلارچە ئىشەنگەنلىكى ئۈچۈن، ئۆزىنىڭ ھەرقانداق ئىدىيە ۋە پائالىيەتلىرىنى ئەنە شۇ كوممۇنىستىك مەپكۇرە يول قويغان دائىرە ئىچىدە ئېلىپ بارغان. مۇنداقچە ئېيتقاندا سوۋېتلەر ئىتتىپاقىنىڭ ئىچ يۈزىنى تېخى ھېس قىلىپ يەتمىگەن، كوممۇنىزم ئاپىتىنىڭ قۇربانى دېيىشكە بولىدۇ.
سۇئال: 1930 - يىللاردا سوۋېت ئىتتىپاقىدىن مىڭلىغان ئالاھىدە خادىملار ئۇيغۇرلار ۋەتىنىگە كىرىپ خىزمەت قىلغان، ئۇلارنىڭ كۆپچىلىكى كېيىنچە شېڭ شىسەي ۋە ستالىن تەرىپىدىن تۇتۇلۇپ يوقۇتۇلدى. ھەتتا سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئۈرۈمچىدىكى كونسۇلى ئافرېسېفمۇ قولغا ئېلىنىپ ئۆلتۈرۈلگەن. ئەمما مەنسۇر ئەپەندىنىڭ ھاياتى تەھدىتكە ئۇچرىمىغان. مۇشۇ نۇقتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، مەنسۇر ئەپەندى سوۋېت ئىتتىپاقى ئۈچۈن ئالاھىدە زۆرۈرۈ ئادەممۇ؟
جاۋاب: شۇنداق، شۇ ۋاقىتتا ئۇ سوۋېت ئىتتىپاقى ئۈچۈن زۆرۈر ئادەم. سوۋېتلەر ئىتتىپاقى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ سىياسىي خەرىتىسىنى پەقەت شۇ يىللارنىڭ ئېھتىياجى ئۈچۈنلا سىزغان ئەمەس. مەنسۇر ئەپەندىدەك كىشىلەر سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئۇيغۇرىستانغا قاراتقان سىياسىتىنىڭ كېيىنكى مەزگىللىرى ئۈچۈنمۇ كېرەكلىك ئادەملەردىن ئىدى.
سۇئال: ئىلى ئىنقىلابى ھەمدە ئىككىنچى قېتىملىق شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى دەۋرىدە مەنسۇر ئەپەندىنىڭ رولى قانداق بولغان؟
جاۋاب: بۇ مەزگىلدە مەنسۇر ئەپەندى ئۇنچىلىك چوڭ روللارنى ئوينىيالمىغان. جۇمھۇرىيەت دەۋرىدە چۆچەك ۋىلايىتىگە مۇئاۋىن ۋالىي بولۇپ خىزمەت قىلغان. ئىلى ئىنقىلابىنىڭ ھارپىسىدا مەخپىي تەشۋىقات ئىشلىرىدا سوۋېتلەر ئىتتىپاقىنىڭ غۇلجىدىكى كونسۇلخانىسى ھەمدە بۇ كونسۇلخانىنىڭ باش ۋىراچى بولۇپ ئىشلەۋاتقان ھاكىم جاپپاروف دېگەن كىشى ھەل قىلغۇچ رول ئوينىغان.
سۇئال: مەنسۇر ئەپەندى 1946 - يىلى بىتىم ئىمزالانغاندىن كېيىن سوۋېت ئىتتىپاقىغا قايتىپ كەتكەن. ئۇنىڭ شۇنىڭدىن كېيىنكى ھايات - پائالىيەتلىرى ھەققىدە نېمىلەرنى دەيسىز؟
جاۋاب: مەنسۇر ئەپەندى ۋەتەندىن قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، بىر قىسىم ئىلمىي ۋە مەدەنىيەت خىزمەتلىرىدە بولغان. ئۆزىنىڭ بىلىمى ۋە كۆرگەن بىلگەنلىرىگە تايىنىپ كېيىنكى يىللاردا مىللىي ئازاتلىق تارىخىغا ئائىت كىتابلارنى يېزىپ چىققان. ئەلۋەتتە، بۇ كىتابلار كوممۇنىزىم روھى ۋە سوۋېتلەر ئىتتىپاقىنىڭ نۇقتىئىينەزەرىدە تۇرۇپ يېزىلغان. سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ھۆكۈمەت ئارخىپلىرى ۋە باشقا ھۆججەت - ماتېرىياللارنى كۆرەلەيدىغان ئىمتىيازى بولغاچقا بۇ جەھەتتە مەلۇم نەتىجىلەرنى مەيدانغا چىقارغان.
سۇئال: مەنسۇر ئەپەندىنىڭ «ئۇيغۇر زېمىنىدا» ناملىق كىتابىغا ئابدۇمېجىت دۆلەتوف كىرىش سۆز يازغان بولۇپ، ئۇنىڭدا مەنسۇر ئەپەندىنى «ئۇيغۇرلارنىڭ 20 - ئەسىرىدىكى ئەڭ مۇنەۋۋەر پەرزەنتلىرىنىڭ بىرى» دەپ باھا بەرگەن. سىز بۇنىڭغا قانداق قارايسىز؟
جاۋاب: ئابدۇمېجىت دۆلەتوف ئۇيغۇرلارنىڭ داڭلىق شائىرى. ئۇنىڭ كۆپلىگەن ياخشى شېئىرلىرى خەلقنىڭ ياقتۇرۇپ ئوقۇشىغا سازاۋەر بولغان. ئەمما شائىر زامان ۋە ماكان چەكلىمىسى بىلەن كوممۇنىزم مەپكۇرىسىغا ئەگەشكەن كىشىدۇر. يەنە بىر تەرەپتىن ئۇ كىشى مەنسۇر ئەپەندى بىلەن بىر يۇرتلۇق، يەنى ھەر ئىككىسى چىلەكتە تۇغۇلۇپ ئۆسكەن. مەن شەخسەن ئابدۇمېجىت دۆلەتوفنىڭ مەنسۇر ئەپەندىگە بەرگەن باھاسىنى نامۇۋاپىق باھا دەپ قارايمەن.
سۇئال: مەنسۇر ئەپەندىنى تاكى ھاياتىنىڭ ئاخىرىغىچە كوممۇنىزم مەپكۇرىسى ئۈچۈن ياشىغان، ئۇنىڭدىن قىلچە تەۋرەنمىگەن ھەم ئۇنىڭ ئۈچۈن خىزمەت قىلغان كىشى دەپ قاراشقا بولامدۇ؟
جاۋاب: شۇنداق، مەنسۇر ئەپەندى 1920 - يىللاردىن باشلاپ كوممۇنىزم مەپكۇرىسىغا شەكسىز ئىشەنگەن، ئۇنى ئەقىدە سۈپىتىدە قوبۇل قىلغان ھەمدە ئۇنىڭ ئۈچۈن خىزمەت قىلغان كىشىلەردىن دېيىشكە بولىدۇ. بىز مەلۇم شەخسلەرگە باھا بەرگەندە ئۇنىڭ بىزگە يېقىش ياكى ياقماسلىقىدىن قەتئىي نەزەر، تارىخقا ئوبېيكتىپ باھا بېرىشىمىز كېرەك. بۇنىڭدىن ئوننەچچە يىل ئىلگىرى مەنسۇر ئەپەندىگە يۇرتى قاراقۇدۇقتا ھەيكەل تۇرغۇزماقچى بولغاندا مەن قارشى تۇرغان.
سۇئال: مەنسۇر ئەپەندىگە ئۆزى يازغان ئىلمىي ئەسەرلىرى نۇقتىسىدىن قانداق باھلاش مۇمكىن؟
جاۋاب: ئىلمىي ئەمگەكلىرى ئەلۋەتتە تېگىشلىك باھالىنىشى كېرەك. بۇ خۇددى سەيپىدىن ئەزىزىنىڭ ئەدەبىي ئەسەرلىرى ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا ئۆزىنىڭ تېگىشلىك ئورنىنى تاپقانلىقىدەكلا بىر ئىش، ئەمما ئۇلارنىڭ سىياسىي جەھەتتىكى ئىش - ئىزلىرى باشقا گەپ. بىز سىياسىي جەھەتتە ئۇلارغا باھا بېرىشتە بىر ئۇيغۇرلۇق پرىنسىپنى ئۆلچەم قىلىشىمىز كېرەك. يەنى مېنىڭ پرىنسىپىم بىرىنچىدىن ئوبېيكتىۋىزم، ئىككىنچىدىن ئۇيغۇرىزمدۇر.
سۇئال: ھازىر 20 - ئەسىر ئۇيغۇر تارىخىدىكى شەخسلەرگە باھا بېرىدىغان پەيت كەلدى دەپ ئويلامسىز؟
مەن مۇنداق ئويلايمەن. زامانىۋىي ئۇيغۇر ئازاتلىق ھەرىكىتى تېخى شەكىللىنىش باسقۇچىدىن ئۆتۈپ كەتكىنى يوق. ئىدىيىۋىي جەھەتتىن تېخى ئۈزىل - كېسىل بىر ئىستىراتېگىيەلىك پروگرامما يېزىپ چىققىنى يوق. بىز ئىلمىي تەنقىدنى قانات يايدۇرىشىمىز كېرەك. بىزدە ھازىر قارا - قويۇق تىللاش بار، ئەمما ئىلمىي تەنقىد كەمچىل. پەقەت ئىلمىي تەنقىدچىلىك پوزىتسىيەسىنى تۇرغۇزغاندىلا ئاندىن تارىخقا ھەم تارىختا ئۆتكەن شەخسلەرگە توغرا باھا بەرگىلى بولىدۇ.
0:00 / 0:00