«تارىخ ۋە بۈگۈن» ( 27 - يانۋار)

«تارىخ ۋە بۈگۈن» سەھىپىمىزنىڭ 27 - يانۋاردىكى قىسىمىدا ئاڭلايدىغان پروگراممىلىرىنىزنىڭ مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە: رۇس ئاپتورى يۇرىي گالېنوۋىچنىڭ «ستالىن ۋە ماۋ» ناملىق كىتابىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئۇيغۇر مەسىلىسى، 1946 - 1947 - يىللىرى ئارىسىدىكى بىرلەشمە ھۆكۈمەت دەۋرىدە ئۈچ ئەپەندى ۋە ئىلى تەرەپنىڭ مۇناسىۋەتلىرى ھەققىدىكى سۆھبەت ھەمدە ياپونىيىدىكى فارابىشۇناسلىق مەسىلىلىرىگە ئائىت ئۇچۇرلاردىن ئىبارەت.

0:00 / 0:00


«ستالىن ۋە ماۋ» ناملىق كىتابتا ئېيتىلغان ئۇيغۇر مەسىلىسى

ستالىن ۋە ماۋنىڭ 1930 - 1950 - يىللىرىغىچە بولغان ئارىلىقتىكى مۇناسىۋەتلىرى سوۋېت - خىتاي مۇناسىۋەتلىرى تارىخى تەتقىقاتىدىكى ئەڭ قىزىقارلىق تېما. بۇ ھەقتە رۇس تەتقىقاتچىسى يۇرىي گالېنوۋىچ مەخسۇس كىتاب يازدى.

سوۋېت تارىخىي ئارخىپ ھۆججەتلىرى خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ لېنىننىڭ قارارى بويىچە ۋە مەخسۇس ئادەم ئەۋەتىشى شۇنىڭدەك مەبلەغ ئاجرىتىشى بىلەن قۇرۇلغانلىقىنى كۆرسەتسە، ستالىن دەۋرىدە خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ باشتىن ئاخىرى ستالىننىڭ بۇيرۇقىنى ئىجرا قىلغانلىقى، ھەتتا ئىقتىسادىي مەبلەغلەرنىڭمۇ موسكۋادىن ئالغانلىقى ئاشكارىلانغان ئىدى.

ستالىن خىتاي كومپارتىيىسى بىلەن گومىنداڭنىڭ ھەمكارلىقىدىن تارتىپ دۈشمەنلىشىشى، ئاخىرىدا كومپارتىيىنىڭ خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنى قۇرۇشىغىچە بولغان ئۇزۇن جەرياندا ئەڭ تەسىر كۆرسەتكۈچ داھىيلىق رولىنى جارى قىلدۇرغان ئىدى.

ستالىن بىلەن ماۋنىڭ مۇناسىۋەتلىرى ۋە ھەمكارلىقى، ستالىننىڭ ماۋغا نىسبەتەن قانداق پوزىتسىيىدە بولغانلىقى، ستالىننىڭ 1945 - يىلىدىن كېيىنكى خىتاينىڭ سىياسىي تەقدىرىگە قانداق تەسىر كۆرسەتكەنلىكى رۇس تارىخشۇناسلىرى تەرىپىدىن يېڭىچە چۈشەندۈرۈلمەكتە. رۇس تارىخشۇناسلىرى سوۋېت ئارخىپلىرىنى كۆرۈش، تەتقىق قىلىش جەھەتتىكى ئارتۇقچىلىقىدىن پايدىلىنىپ، سوۋېت - خىتاي مۇناسىۋەتلىرىنىڭ باشقا يۈزىنى ئېچىپ بەرمەكتە.

رۇسىيە پەنلەر ئاكادېمىيىسى يىراق شەرق ئىنستىتۇتىنىڭ تەتقىقاتچىسى يۇرىي مىخايلوۋىچ گالېنوۋىچ بۇ ساھەدە ئەڭ كۆپ ئىزدەندى ۋە ئۆزىنىڭ نوپۇزلۇق كىتابى «ستالىن ۋە ماۋ» نى نەشر قىلدۇردى.

موسكۋادىكى «شەرق كىتابلىرى» نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان 570 بەتلىك بۇ كىتابتا رۇس تەتقىقاتچىسى گالېنوۋىچ ستالىن بىلەن ماۋنىڭ 1945 - 1950 - يىلىدىكى مۇناسىۋەتلىرىنى بىر قەدەر ئەتراپلىق يورۇتقان. كىتابتا ستالىننىڭ 1949 - يىلى، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنى قۇرۇشىغا كۆرسەتكەن تەسىرى، ليۇ شاۋچىنىڭ موسكۋا زىيارىتى، 1949 - يىلى، 12 - ئايدا ماۋنىڭ موسكۋانى زىيارەت قىلىش جەريانىدا ستالىن بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبەتلىرى ھەمدە 1950 - يىلى، سوۋېت - خىتاي دوستلۇق شەرتنامىسىنىڭ ئىمزالىنىش جەريانلىرى ئارخىپ ماتېرىياللىرى ئاساسىدا يورۇتۇلغان.

رۇس ئاپتورى كىتابىدا ماۋ بىلەن ستالىننىڭ ھەمكارلىقىدىكى ئۇيغۇر ئېلى مەسىلىسى ھەققىدە قىسقا بولسىمۇ توختالغان بولۇپ، ئۇ ستالىننىڭ ئۇيغۇر ئېلى مەسىلىسىدىكى مەيدانى ھەققىدە نىكىتا خرۇشېۋنىڭ ئېيتقانلىرىنى ئاساس قىلغان. ئاپتور ستالىننىڭ ھېچقاچان «شىنجاڭ» نى ئايرىۋېتىش نىيىتى بولمىغانلىقىنى كۆرسەتكەن.

ئىلى تەرەپ بىلەن ئۈچ ئەپەندىنىڭ مۇناسىۋەتلىرى ھەققىدە ئانالىز

1946 - 1947 - يىللىرى ئارىسىدا بىرلەشمە ھۆكۈمەت مەۋجۇت بولۇپ تۇرغاندا، ئەخمەتجان قاسىمى باشلىق ئىلى تەرەپ بىلەن مەسۇد سابىرى، مۇھەمەد ئىمىن بۇغرا ۋە ئەيسا ئەپەندى باشچىلىقىدىكى ئۈچ ئەپەندى تەرەپدارلىرى ئارىسىدا سىياسىي ئىختىلاپ داۋاملاشتى. بۇ جەرياندا ھەر ئىككىلا تەرەپ ئۆز مەيدانى ۋە ئىدىيىسىدە چىڭ تۇردى ۋە بىر - بىرىنى ئەيىبلىدى. ئۇلارنىڭ نىشانى بىر بولسىمۇ، ئەمما يول مەسىلىسىدىكى قارىشى ئوخشىمايتتى. بۇ ئىككى گۇرۇپپا ئارىسىدىكى زىددىيەت ۋە كۈرەش بۈگۈنكى ئۇيغۇرلارغا قانداق تەجرىبە قالدۇردى؟ بۇ بىر مۇھىم نۇقتا. دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى ئەخمەتجان قاسىمى بىلەن ئۈچ ئەپەندىنىڭ مۇناسىۋەتلىرى ھەققىدە ئۆز كۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.