تارىخى شاھىتلار: خەلق ئۆز جۇمھۇرىيەت بايرىقىنى قەدىرلەيتتى

0:00 / 0:00

دۆلەت بايرىقى بىر دۆلەت ياكى ھاكىمىيەتنىڭ سىمۋولى ۋە بەلگىسى بولۇپ، دۆلەت بايرىقى چىقىرىش ۋە ئېسىش ئاشۇ دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا ئىگە ئىكەنلىكىنىڭ ئىپادىسىدۇر.

دۆلەت بايرىقى بەلگىلەش، ئېسىش ۋە كۆتۈرۈش ئىنسانىيەت تارىخىدا قەدىمدىن تارتىپ، ئۇزۇن جەريانلارنى بېسىپ ئۆتتى.

ئۇيغۇرلار 20-ئەسىرنىڭ 30-40-يىللىرىدا باشقا قېرىنداش ۋە تەقدىرداش خەلقلەر بىلەن بىرلىكتە ئىككى قېتىم شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنى قۇرۇپ، ئۆز دۆلەت بايرىقىنى بېكىتكەن ئىدى.

تارىخى پاكىتلارغا قارىغاندا، 1933-يىلى، 12-نويابىر كۈنى قەشقەردە قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى گەرچە قىسقا ۋاقىت مەۋجۇت بولسىمۇ، ئەمما ئۆز دۆلەت گېربى ۋە ئاساسى قانۇنىغا ئىگە بولغان. شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى بايرىقى ئەينى ۋاقىتتىكى مۇستافا كامال ئاتاتۈرك رەھبەرلىكىدىكى تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاي يۇلتۇزلۇق قىزىل بايرىقىنى ئۈلگە قىلىپ، پەقەت رەڭگىنى ئاسمان كۆك رەڭ قىلىپ تاللىغان ئىدى.

شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرۇلۇش ۋە ئاخىرلىشىش جەريانلىرىنىڭ شاھىتى ئابدۇقادىر ھاجىنىڭ «1933-1937 يىلىغىچە قەشقەر، خوتەن، ئاقسۇلاردا بولۇپ ئۆتكەن ۋەقەلەر» ناملىق ئەسلىمىسىدىكى مەلۇماتلارغا تايانغاندا، شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى قەشقەردە قۇرۇلغاندىن كېيىن، تاكى 1934-يىلى، ئاخىرلاشقانغا قەدەر بولغان ئارىلىقتا قەشقەر، خوتەن، ئاقسۇ قاتارلىق ۋىلايەتلەردە مەزكۇر بايراق ئېسىلغان ئىدى. گەرچە، بىرىنچى قېتىملىق شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى تارمار بولغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ دۆلەت بايراق مودېلى 1944-يىلى، 12-نويابىر كۈنى غۇلجىدا قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىگە مىراس بولۇپ قالدى. 1944-يىلى، 8-ئايدا غېنى باتۇر، فاتىخ باتۇر، ئەكبەر باتۇر قاتارلىقلار باشچىلىقىدىكى نىلقا قوزغىلىڭى غەلىبە قىلىپ، شۇ يىلى 7-نويابىر كۈنى غۇلجا قوزغىلىڭى پارتلاپ، بەش كۈندىن كېيىن غۇلجا شەھىرىنىڭ كۆپ قىسمى ئازاد قىلىنغاندىن كېيىن، 12-نويابىر كۈنى ئەلىخان تۆرە باشچىلىقىدىكى ئازادلىق تەشكىلاتى غۇلجا شەھىرىدىكى «ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز كۇلۇبى» دا يىغىن چاقىرىپ، شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتى قۇرۇلغانلىقىنى جاكارلىدى ۋە ھۆكۈمەت رەئىسى، مۇئاۋىن رەئىس ھەم ھۆكۈمەت ھەيئەت ئەزالىرىنى سايلاپ چىقتى. مانا شۇ كۈنى تۇنجى قېتىم ئاي يۇلتۇزلۇق يېشىل رەڭلىك بايراقنى دۆلەت بايرىقى سۈپىتىدە چىقىرىلغان بولۇپ، بايراقنىڭ شەكلى 1933-يىلىدىكىگە ئوخشاش بولسىمۇ، ئەمما رەڭگى يېشىل بولغان ئىدى. ھازىر قازاقىستاننىڭ ئالمۇتا شەھىرىدە ياشاۋاتقان 91 ياشلىق سابىق مىللىي ئارمىيە ئوفىتسېرى، تارىخچى ۋە يازغۇچى باتۇر ئەرشىدىنوف ئەپەندى ئۆزىنىڭ ئىلگىرى رادىئومىزغا سۆزلىگەن مىللىي ئىنقىلاب دەۋرى ئەسلىمىلىرىدە مەخسۇس بايراق ھەققىدە توختىلىپ، شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ دىنى ۋە دۆلەت بايرىقىدىن ئىبارەت ئىككى خىل بايرىقى ۋە ئارمىيەنىڭ ھەربىي بايرىقى بولغانلىقىنى، ئىسلام دىنى بايرىقىنىڭ ئاق رەڭلىك ۋە ئۇنىڭدا سېرىق ئاي يۇلتۇز چۈشۈرۈلگەنلىكى، دۆلەت بايرىقىنىڭ يېشىل بولۇپ، ئوخشاشلا ئاي يۇلتۇز چۈشۈرۈلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتى قۇرۇلغاندىن كۈنىدىن تارتىپ، غۇلجا شەھىرىدىكى مۇھىم ئورۇنلارغا، مەسىلەن، ھۆكۈمەت ئىدارىسى جايلاشقان ئورۇن ۋە باشقا ئىدارە-ئورۇنلارغا، مۇھىم كوچا مەركىزىگە ئاي يۇلتۇزلۇق يېشىل بايراق ئاسقان بولۇپ، 1945-يىلى، 9-ئايدا پۈتۈن ئىلى، تارباغاتاي ۋە ئالتاي ۋىلايەتلىرى ئازاد بولۇپ، شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ بىۋاسىتە باشقۇرۇشىدا 26 نەچچە ناھىيە تەسىس قىلىنغاندا، ئەنە شۇ ئازاد بولغان جايلارنىڭ ھەممىسىدە ئاي يۇلتۇزلۇق يېشىل بايراق ئېسىلغان ئىدى.

1928-يىلى تۇغۇلغان، 1945-1946-يىللىرى مىللىي ئارمىيەدە جەڭچى بولۇپ خىزمەت قىلغان، ھازىر ئالمۇتانىڭ يېنىدىكى تۈرگۈن يېزىسىدا ياشاۋاتقان 89 ياشلىق نۇرمۇھەممەت سادىقوفنىڭ ئەسلىشىچە، ئاي يۇلتۇزلۇق يېشىل بايراق تاكى 1949-يىلى 10-ئايلارغىچە غۇلجا ۋە باشقا جايلارغا ئېسىلدى. ھەتتا غۇلجا شەھىرىگە جايلاشقان جۇمھۇرىيەت مەركىزى ھۆكۈمىتى بىناسى، يەنى سابىق ئىلى ۋالىي مەھكىمىسى بىناسىنىڭ ئالدىغا تىكلەنگەن ئېگىز خادىدا يېشىل بايراق ھەر ۋاقىت لەپىلدەپ تۇراتتى. ئۇ بۇ ھەقتە: «بايراقنى بىز 12-نويابىر كۈنى جۇمھۇرىيەت قۇرۇلغان كۈنى تۇنجى قېتىم كۆردۇق، ئاي يۇلتۇزلۇق بايراق، ‹گلاۋنىي شتاب› دەپ ئاتىلىدىغان ئىلگىرىكى ئىلى ۋالىي مەھكىمىسى، كېيىن ئەلىخان تۆرە ۋە ئۇنىڭدىن كېيىن ئەخمەتجان قاسىمى تۇرغان بىنانىڭ ئالدىغا ئېسىلغان. بۇ بايراق 12-نويابىر جۇمھۇرىيەت بايرىمى كۈنلىرى كوچىلارغا ئېسىلاتتى. ۋىلايەت، ناھىيەلىك ۋە يېزىلىق ھۆكۈمەتلەرنىڭ ئالدىغا ئېسىلاتتى»دېدى.

نۇرمۇھەممەت سادىقوفنىڭ ئېيتىشىچە، ھەتتا ھۆكۈمەت بىناسىنىڭ ئالدىغا چوڭ خاتىرە تېمى ياسىلىپ تامغا ئاي يۇلتۇزلۇق بايراق شەكلى ئويۇلغان بولۇپ، بۇ بايراق تاكى 1949-يىلىغىچە تۇرغان ۋە كوممۇنىستلار كەلگەندىن كېيىن بۇزۇۋېتىلگەن.

1945-1949-يىللىرى ئارىسىدا غۇلجا شەھىرىدە ئۆزىنىڭ ئۆسمۈرلۈك، باشلانغۇچ مەكتىپى ئوقۇغۇچىسىلىق ھاياتىنى باشتىن كەچۈرگەن، يەنى غۇلجادىكى ھەرەمباغ مەكتىپىدە ئوقۇغان ھازىر ئالمۇتا شەھىرىدە ياشاۋاتقان پېشقەدەم ئۇيغۇر زىيالىيسى، 79 ياشلىق ژۇرنالىست رىزا سەمەدىنىڭ ئەسلىشىچە، تاكى 1949-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، غۇلجا شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن بايرام كۈنى پائالىيەتلىرى ۋە ھەر خىل مۇراسىملاردا بايراقلار ئېسىلاتتى، ئوقۇغۇچىلار بايراقلارنى كۆتۈرۈشۈپ پاراتتىن ئۆتەتتى، ئاي يۇلتۇز بەلگىسى سىزىلغان تام گېزىتلىرى چىقىرىلاتتى.

رىزا سەمەدى 1944-1949-يىللاردىكى مىللىي ئازادلىق ئىنقىلابنىڭ مۇھىم ئەربابلىرىدىن بىرى ۋە سابىق مىللىي ئارمىيە پولكوۋنىكى، يازغۇچى زىيا سەمەدىنىڭ ئوغلىدۇر. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ ئاي يۇلتۇزلۇق بايراقلارنى ئۆزىمۇ كۆتۈرۈپ، مەكتەپ پائالىيەتلىرى، ۋە غۇلجا شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن مەكتەپلەرنىڭ ھەر خىل پائالىيەتلىرى، مۇراسىملىرىغا قاتناشقان ئىكەن. بىراق، ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، رەخت قىس، ئۇنىڭ ئۈستىگە رەختلەرنىڭ ھەممىسى سوۋېت ئىتتىپاقىدىن كېلىدىغان بولغاچقا، ھازىرقىدەك ھەممىلا يەردە بايراق ئېسىش، ھەممىلا يەرنى بايراق قاپلاش مەنزىرىسى يوق بولۇپ، ئەمما ھۆكۈمەت، ئىدارە-جەمئىيەت ۋە مەكتەپلەر بايراقلارنى ساقلايتتى.

تارىخى ھۆججەتلەرگە ئاساسلانغاندا، 1944-يىلى، 12-نويابىر كۈنى قوبۇل قىلىنغان ئاي يۇلتۇزلۇق يېشىل دۆلەت بايرىقى 1946-يىلى، 7-ئايدا بىرلەشمە ھۆكۈمەت قۇرۇلغاندا، گومىنداڭ دائىرىلىرى تەرىپىدىن بىكار قىلىش ۋە ئۈچ ۋىلايەت تەۋەسىدە گومىنداڭنىڭ دۆلەت بايرىقىنى ئېسىش تەلەپ قىلىنغان. جاڭداجۈننىڭ «شىنجاڭدىكى 70 يىللىق بوران-چاپقۇن» ماۋزۇلۇق كىتابىدا قەيت قىلىنىشىچە، ھەتتا بىرلەشمە ھۆكۈمەت رەئىسى جاڭ جىجوڭ 1946-يىلى، 8-ئايدا غۇلجىغا زىيارەتكە بارغاندا، ئۆزى بىلەن بىرگە كۆپ ساندا خىتاي گومىنداڭ بايرىقىنى غۇلجىغا ئېلىپ بېرىپ تارقاتقان. بىراق، ئىلى تەرەپ بۇنى ھەممە يەرگە ئېسىشنى بەجا كەلتۈرمىگەن شۇنىڭدەك بايراقلار داۋاملىق ئېسىلىۋەرگەن.

1949-يىلىدىكى ۋەزىيەتنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ، 10-ئاينىڭ 17-كۈنى ئىلى ۋالىي مەھكىمىسى 125-نومۇرلۇق بۇيرۇق ئېلان قىلىپ، شۇ كۈنىدىن ئېتىبارەن، ئىلى ۋالىي مەھكىمىسىگە تەۋە بارلىق ئورگان، ناھىيە ۋە تەشكىلاتلارنىڭ خىتاينىڭ بەش يۇلتۇزلۇق قىزىل بايرىقىنى ئېسىشنى ئېلان قىلغان. شۇنىڭدىن كېيىن خىتاي ھاكىمىيىتى ئاي يۇلتۇزلۇق بايراقنى چەكلىگەن.