كونا توقماقنىڭ يېڭى ساداسى؛ خىتاينىڭ تارىخ ساھەسىدىكى «پانتۈركىزم ۋە پانئىسلامىزم» توقمىقىنى قايتا ئىشقا سېلىشى (2)
2018.11.29
بۈگۈنكى خىتاي سىياسىيونلىرىنىڭ پانتۈركىزملىق تارىخى تەنقىد قارىشى بولسا تۈركىيە تۈركلىرى بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ، ئۇيغۇرلار بىلەن قازاق، تاتار، ئۆزبېك، قىرغىز ۋە باشقا تۈركىي خەلقلەرنىڭ ئېتنىك باغلىنىشلىق مۇناسىۋەتلىرىنى ئىنكار قىلىشتۇر، يەنى، ئۇلارنىڭ ئورتاق ئېتنىك مەنبەداشلىققا ئىگە «تۈركىي مىللەت ئەمەسلىكى»، ئۇلارنى «تۈركىي مىللەت دېيىشكە بولمايدىغانلىقى»، ئۇلارنى تۈركلەر دەپ ئاتاشقا ۋە «ئۇيغۇرلارنى تارىختىكى تۈركلەرنىڭ ئەۋلادى» دېيىشكە بولمايدىغانلىقى ھەم باشقىلارنى تەرغىب قىلىشتىن ئىبارەتتۇر.
خىتاي تارىخچىلىرىدىن تيەن ۋېيجياڭ ۋە مۇرات بىرلىشىپ يېزىپ خىتاينىڭ «نۇرگېزىتى» دە ئېلان قىلغان ماقالىسىدە «شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت» نىڭ «جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ قانداشلىق مۇناسىۋەتكە ئىگە ئائىلىسىنىڭ ئەزاسى ئىكەنلىكى» نى مەركىزى نۇقتا قىلىش بىلەن قەدىمكى تۈركلەر بىلەن قەدىمكى ئۇيغۇر قەبىلىلىرىنىڭ مۇناسىۋىتى ھەققىدە توختىلىپ، قەدىمكى ئۇيغۇر، تۈرك قاتارلىق قەبىلىلەرنىڭ بىرلىكىنى، تۈركىي خەقلەرنىڭ ئېتنىك جەھەتتىكى بىرلىكىنى تەرغىب قىلىشنى پانتۈركىزم ئىدىيەسىگە باغلاپ ئەيىبلەيدۇ. ئۇلار ماقالىسىدە: «يېقىنقى زاماندىن بۇيان، بەزى پانتۈركىزمنى تەرغىب قىلغۇچىلار كۆز بويامچىلىق قىلىش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، قەستەن تىل ئائىلىسى بىلەن مىللەت ئۇقۇمىنى ئارىلاشتۇرۇپ، تۈركىي تىلى ئائىلىسىدىكى تىللاردىكى مىللەتلەرنى تۈركلەر دەپ ئاتىدى، بۇ پۇت تىرەپ تۇرالمايدۇ. ئەمەلىيەتتە، تىل ئائىلىسى بىلەن مىللەت ماھىيەت جەھەتتە پەرقلىنىدۇ»، «تۈركىي تىلى ئائىلىسىدىكى تىللارنى ئىشلىتىش بىلەنلا ئۇلارنى تۈركلەر دەپ ئاتاشقا بولمايدۇ» دەپ ئوتتۇرىغا قويدى.
خىتاي سىياسىيونلىرىنىڭ قارىشىچە، بۇ خىل ھازىرقى ۋە قەدىمكى تۈركىي تىللىق خەلقلەرنىڭ قېرىنداشلىقى، ئېتنىك تۇغقانلىق، تارىخىي باغلىنىشلىق ئۇقۇمىنى تەرغىب قىلىش پانتۈركىزم ئىدىيەسىنىڭ ئىپادىسى ئىكەن.
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئەركىن تۇنىياز ئۆزىنىڭ تەڭرىتاغ تورىدا ئېلان قىلغا «ئۇيغۇر تارىخىنى توغرا تونۇيلى» ماۋزۇلۇق ماقالىسىدە بولسا، تيەن ۋېيجياڭ قاتارلىقلارنىڭ ماقالىسىدىكى ئوخشاش جۈملىلەرنى تەكرارلاپ: «مەملىكىتىمىزدىكى تۈركىي تىلى ئائىلىسىدىكى تىللارنى ئىشلىتىدىغان مىللەتلەر، ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز، ئۆزبېك، تاتار، يۈگۇ، سالا قاتارلىقلار بولۇپ، بۇ مىللەتلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ ئۆزىنىڭ تارىخى ۋە مەدەنىيەت ئالاھىدىلىكلىرى بار، ئۇلار ئاتالمىش تۈرك مىللىتىنىڭ بىر قىسمى ئەمەس» دەيدۇ.
ۋەھالەنكى، ھەر قايسى تۈركىي تىلدا سۆزلىشىدىغان خەلقلەرنىڭ تىلى، تارىخى، ئېتنىك تەرەققىياتى تارىخى ۋە باشقا مەسىلىلىرى خەلقئارادا بىر قانچە ئەسىردىن بۇيان تەتقىق قىلىنىپ كېلىنىۋاتقان مەسىلە. بۇ ساھەدە ياۋروپا، رۇسىيە، ئامېرىكا، ياپونىيە، تۈركىيە ئالىملىرىمۇ كۆپ تەتقىقاتلارنى ئېلىپ بارغان بولۇپ، تۈركىي تىلىدا سۆزلىشىدىغان خەلقلەرنىڭ ئېتنىك مەنبەداشلىق، تۇغقانلىق ۋە باشقا جەھەتلەردىكى ئورتاقلىق ھەم يېقىنلىق مۇناسىۋەتلىرى كۆپلەپ تەكىتلەنگەن ئىدى.
قازاقىستان پەنلەر ئاكادېمىيەسىدىن پېنسىيەگە چىققان تاتار تارىخشۇناس ۋە ئۇيغۇرشۇناس دوكتور مۇنىر يېرزىن ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، «ئەگەر بۇ مەسىلىنى تەكىتلىگەنلەر پانتۈركىزمنى تەشۋىق قىلدى دېيىلسە، دۇنيانىڭ نۇرغۇن ئالىملىرىنى نېمە دېيىش كېرەك؟. تاتار، ئۇيغۇر، قازاق، تۈرك، قىرغىز ۋە باشقا تۈركىي خەلقلەرنىڭ تۇغقانچىلىق، ئېتنىك ۋە تارىخى باغلىنىشى ئىنكار قىلىش ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن ئەمەس. بۇ، خىتايلارنىڭ بۈگۈنكى سىياسىي مەقسىتىدىن چىقىش قىلىنغان. بۇ ئاللىبۇرۇن ئېتىراپ قىلىنغان نۇقتا. بۇنىڭغا پانتۈركىزم قالپىقى كىيدۈرۈش كۈلكىلىك ئىشتۇر، بۈگۈنكى قازاقلارمۇ، ئۆزبېكلەرمۇ ۋە تۈركىيەدىكى تۈركلەرمۇ بۇ خەلقلەرنىڭ قېرىنداشلىقىنى دەۋاتىدۇ، بۇ خەلقلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ ئاتا-بوۋىلىرى بىر تۈركىي خەلقلەردىن ئىبارەت».
ئەنقەرەدىكى ھاجىتەپپە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تارىخ دوتسېنتى، دوكتور ئەركىن ئەكرەمنىڭ قارىشىچە، تيەن ۋېيجياڭ، ئەركىن تۇنىياز ۋە باشقىلار قەدىمكى دەۋرلەردىكى تۈركلەر بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ باغلىنىشىنى، بۈگۈنكى ئۇيغۇرلارنىڭ تۈرك مىللىي ئۇقۇمى بىلەن بولغان باغلىنىشىنى ئىنكار قىلىشى ئەمەلىيەتتە خىتاي تىلىدىكى تۈرك، يەنى «تۈجۇئې» دېگەن ئۇقۇمنى خاتا چۈشەنگەنلىكى ۋە ياكى بۇرمىلاپ چۈشەندۈرۈشىدىن باشقا نەرسە ئەمەس. قەدىمكى خىتاي مەنبەلىرىدە «تۈجۈئې»، يەنى تۈرك سۆزى باشتا كۆك تۈرك قالغانلىقىنى قۇرغان قەبىلىگە ۋە دۆلەتكە ئىشلىتىلگەن شۇنىڭدەك يەنە بارلىق قەبىلىلەرنىڭ ئورتاق نامى ئىكەنلىكى ئېنىق كۆرسىتىلگەن، 6-7-ئەسىرلەردىكى كۆك تۈركلەر دەۋرى ۋە كېيىنكى ئۇيغۇر قالغانلىقى دەۋرلىرىدىمۇ تۈرك ھەممە ئوخشاش تىلدا سۆزلىشىدىغان، ئوخشاش ئېتىقادتىكى، ئوخشاش ئىجتىمائىي ھاياتتىكى قەبىلىلەرنىڭ ئورتاق نامى بولغان. بۇ ھەقتە شۇ ۋاقىتتىكى خىتاي مەنبەلىرى ئېنىق مەلۇمات قالدۇرغان. خىتاي مەنبەلىرىدە كۆك تۈرك بىلەن بارلىق تۈرك قەبىلىلىرى ئۇقۇمى ئېنىق بولغان.
ئۇنىڭ قارىشىچە، 11-ئەسىردە قاراخانىيلار سۇلالىسى دەۋرىدە ئۆتكەن ماخمۇت قەشقەرىمۇ بارلىق تۈركىي قەبىلىلەرنى ئورتاق تۈرك نامى ئاستىدا بايان قىلغان بولۇپ، تۈرك ئۇيغۇرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 20 نەچچە قەبىلىنىڭ ئورتاق مىللىي نامى ئىدى، شۇڭا ئۇ ئەسىرىگە ھەم «تۈرك تىلى لۇغىتى» دەپ نام بەردى. قارا خانىيلار دەۋرىدە ئېيتىلغان بۇ تۈرك كۆك تۈركلەر ئەمەس، بەلكى بارلىق قەبىلىلەرنىڭ ئورتاق نامىدىن ئىبارەتتۇر.
بۇ بىر قىسىم خىتاي خادىملىرى يەنە ئۇيغۇرلار بىلەن تۈركلەر، يەنى تۈركىيەدىكى تۈركلەرنىڭ ئۆزئارا ئېتنىك باغلىنىشىنى ئاشكارا ئىنكار قىلىپ، بۇ خىل ئىدىيەنى تەكىتلىگەنلەرنى پانتۈركىزمچى دەپ ئەيىبلەيدۇ. ئالدى بىلەن يېقىندا ئۈرۈمچى شەھەر باشلىقى ياسىن سىدىق ماقالە ئېلان قىلىپ، تارىختىكى «ئۇيغۇرلار بىلەن تۈركلەر بىر خەلق ئەمەس، ھازىرقى «تۈركىيەدىكى تۈركلەر بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ ھېچقانداق ئېتنىك باغلىنىشى يوق» دېگەن ئىدىيەنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى، بۇ قېتىم بۇ تەرغىبات يەنە كۈچەيدى. بۇ قېتىم خىتاي مەتبۇئاتلىرىدا ئېلان قىلىنغان مەزكۇر سىياسىي ماقالىلەردە تۈركىي خەلقلەرنىڭ ئۆزئارا ئېتنىك ۋە تارىخى باغلىنىشى ئىنكار قىلىنىش بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە كونكرېت ھالدا ««ئۇيغۇرلار بىلەن بۈگۈنكى تۈركلەرنىڭ تېخىمۇ مۇناسىۋىتى يوقلۇقى»، ئۇلار بىلەن «ھېچقانداق ئىرقىي مۇناسىۋەت يوقلۇقىنى» ۋە ئۇيغۇرلار بىلەن تۈركلەر «ئورتاق يىلتىز ۋە ئورتاق مەنبەداشلىققا ئىگە» دېيىش قاتارلىقلارنىڭ پانتۈركىزملىق نۇقتىئىنەزەر ئىكەنلىكى تەكىتلەنگەن. دوكتور ئەركىن ئەكرەمنىڭ قارىشىچە، بۇ تارىخى رېئاللىقتىن ئەمەس، پەقەت سىياسىي نۇقتىدىن چىقىش قىلىنغان ھەم تۈركىيەدىكى تۈرك بىلەن ئومۇمىي تۈركتىن ئىبارەت ئىككى ئاتالغۇنىڭ مۇناسىۋىتىنى ئارىلاشتۇرۇۋېتىشتىن كېلىپ چىققان.
ئامېرىكىدىكى تۈركولوگ، دوكتور قاھار بارات خىتاي سىياسىيونلىرىنىڭ تۈركىي مىللەتلەرنىڭ باغلىنىشى، بولۇپمۇ تۈركىيەدىكى تۈركلەر بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئېتنىك، تىل ۋە تارىخىي باغلىنىشىنى ئىنكار قىلىشىنى تەنقىد قىلدى. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «ئوسمانلى دۆلىتىنى قۇرغان تۈرك قەبىلىلىرى بىلەن بۈگۈنكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەجداد قەبىلىلىرى ئۆزئارا ئايرىلىپ كەتكىلى تەخمىنەن 1000 يىللاردىن ئاشتى. ئەجەبا بۇ ئىككى خەلق شۇنچە يىراقتا تۇرۇپ، ئاساسىي تىللىرىدا زور بىردەكلىكلەر بار، مەدەنىيىتىدە زور ئوخشاشلىقلار بار. ئەمما، گۇاڭدوڭلۇق خىتايلار بىلەن شىماللىق خىتايلار بىر-بىرىنى چۈشەنمەيدۇ. شاڭخەيلىك بىلەن يەنە باشقا جايدىكىلەر چۈشەنمەيدۇ، ئۇلار بىر مىللەت ئىكەن. ئەمما، بىر-بىرىنى چۈشىنىدىغان ئىككى خەلق ۋە باشقا تۈركىي خەلقلەر ئايرىم مىللەت ئىكەن، ئۇلارنى باغلىسا، پانتۈركىزملىق ئىدىيەسى بىلەن جازالىنىدىكەن. بۇ تارىخقا، رېئاللىقا كۆز يۇمۇشتىن باشقا نەرسە ئەمەس».
قاھار باراتنىڭ قارىشىچە، مەيلى تۈركىيە تۈركلىرى بولسۇن ۋە ياكى باشقا تۈركىي خەلقلەر بولسۇن، ئەسلى ئۇلارنى ئايرىم مىللەتكە ئايرىۋېتىش رۇسلار ۋە خىتايلارنىڭ سىياسىتىدىن ئىبارەتتۇر. ئۇ مۇنداق دەيدۇ؛ «ئارىلىقى 5-6 سائەتلىك يولدىكى بىر-بىرىنىڭ تىللىرىنى چۈشەنمەيدىغان شاڭخەيلىك، گۇاڭجۇلۇق ۋە شىماللىق خىتايلار بىر مىللەت بولىدىكەن، ئەمما ئارىلىقى نەچچە مىڭ كىلومېتىر بولسىمۇ، بىر-بىرىنىڭ تىللىرىنى چۈشىنىدىغان تۈركلەر ۋە ئۇيغۇرلار ھەم باشقا تۈركىي خەلقلەر ئايرىم مىللەت بولىدىكەن. بۇ ئەسلى رېئاللىققا ئۇيغۇن ئەمەس ئىش».
دوكتور ئەركىن ئەكرەمنىڭ قارىشىچە، پانتۈركىزم ۋە پانئىسلامىزغا قارشى تۇرۇش نوقۇل تارىخىي، مىللەت ۋە تىل مەسىلىسىلا ئەمەس، بەلكى خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز ئازادلىقىنى قولغا كەلتۈرۈش كۈرىشىگە زەربە بېرىش ئۈچۈن پايدىلىنىدىغان ۋاسىتىدىن ئىبارەتتۇر.
خىتاي تەتقىقاتچىلىرى تيەن ۋېيجياڭ ۋە مۇرات ماقالىسىدە: «شىنجاڭ مىللەتلەر تارىخى تەتقىقاتى ۋە شەرھىلەش خىزمىتى بۇرۇندىن تارتىپلا ئىدېئولوگىيە ساھەسىدىكى بۆلگۈنچىلىككە قارشى كۈرەشنىڭ ئاساسىي ئىستىھكامى بولۇپ كەلگەن» دەپ تەكىتلەيدۇ.