تاتارلارنىڭ ياپونىيىدە ئولتۇراقلىشىشى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز قۇتلۇق
2013.11.10
turk-tatarliri-tokyo-tunji-mesjid-305.png تاتارلارنىڭ ياپونىيىدە ئولتۇراقلىشىشى
Photo: RFA


ياپونىيە توكيو ئۇنىۋېرسىتېتى نەشىرىياتى تەرىپىدىن نەشىر قىلىنغان نوبۇئاكى،ھىسائو، مىتسۇيوشى قاتارلىقلار بىرلىكتە تۈزگەن «ياۋرو - ئاسىيا تەتقىقاتى» ناملىق ماقالىلەر توپلىمىدا «تۈرك تاتارلىرىنىڭ ياپونىيىگە ئولتۇراقلىشىشى» ناملىق ماقالە ئېلان قىلىنغان.

مەزكۇر ماقالىدە رۇسىيە تەۋەلىكىدىكى تاتارلارنىڭ ياپونىيىگە كېلىشى ۋە بۇ يەردە ئېلىپ بارغان بىر قىسىم پائالىيەتلىرى ھەققىدە قىسقىچە توختالغان.

ماقالىدە ئىسلام دۇنياسىغا تونۇلغان ئىسلام ئالىمى ئابدۇرەشىت ئىبراھىمنىڭ ئىشىك ئېچىشى بىلەن رۇسىيە تاتارلىرىنىڭ رۇسىيىدىن ياپونىيىگە كېلىشى باشلىنىپ،بۇ يەردە ئولتۇراقلاشقانلىقىنى ئەمما ئۇلارنىڭ كۆپ قىسمىنىڭ ياپونىيىگە يەرلەشمىگەنلىكىنى بايان قىلغان.

ماقالىدە ياپونىيىگە كەلگەن تاتارلىرىنىڭ كۆپىنچىسى پانىسلامىزم، پانتۈركىزم ھەركىتىنىڭ غوللۇق ئەزالىرىدىن ئىكەنلىكىنى،ئۇلار 1919 - يىلىدىن باشلاپ ياپونىيىدە ئالاھىدە تۇرۇش ئىمتىيازىغا ئېرىشكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

ماقالىدە دېيىلىشىچە ياپونىيىگە كەلگەن تاتارلار ئەڭ دەسلەپتە ياپونىيىنىڭ كۇماموتو،يوكوھاما،كوبې ۋە ناگويا قاتارلىق شەھەرلىدە ئولتۇراقلاشقان بولسىمۇ ئەمما كۆپ ساندىكى تاتارلار يوكوھامادا تۇرغان.1921 - يىلىدىن باشلاپ بىر قىسىم تاتارلار توكيوغا كۆچۈپ كەلگەن.ئۇلار ئاساسلىقى گۆشخانا،گۈلخانا ئېچىش،رەخت ۋە كىيىم - كېچەك سېتىش قاتارلىق تىجارەتلەر بىلەن شۇغۇللانغان.پۇلدار تاتار بايلىرى كۆپلىگەن تاتارلارنى ياللاپ يۇرتمۇ - يۇرت رەخت ۋە كىيىم - كېچەك ساتقۇزھان.ياپونىيىدىكى تاتار بايلىرىنىڭ تىجارىتى روناق تاپقاندىن كېيىن سودا ئىشلىرىغا ئادەم يەتكۈزەلمەستىن،كورىيە،مانجۇرىيىدىكى تاتارلارنى ياپونىيە ئىشلەشكە تەكلىپ قىلغان.

ماقالىدە ئۆكتوبىر ئىنقىلابىدىن كېيىن سوۋېت ئىتتىپاقىدىن ياپونىيىگە كەلگەن تاتارلارنىڭ سانىنىڭ كۈندىن - كۈڭە ئېشىغا قاراپ ياپونىيە ھۆكۈمىتى 1924 - يىلىدىن باشلاپ چېگرىدىن كىرىشتە ئۇلار ئېلىپ كېلىدىغان پۇل سانىنى كۆپەيتكەنلىنى ئالاھىدە ئەسكەرتكەن.

ماقالىدە دېيىلىشىچە تاتارلارنىڭ سودىدىكى سەمىمىيلىكى ۋە ياپونىيە جەمىيىتىگە قوشقان تۆھپىسى ئۈچۈن ياپونلارنىڭ ھۆرمىتىگە ئېرىشكەن.شۇ سەۋەپتىن بەزى رۇسىيە سودىگەرلىرى ياپونلارنىڭ تاتارلارنى ياخشى كۆرۈشىدىن پايدىلىنىپ،ئۆزلىرىنى يالغاندىن تاتار دەۋالغان.توكيودىكى تاتارلار بىر - بىرگە كۆيۈنۈپ،ياردەملىشىپ،بارلىق قىيىنچىلىقلارنى بىرلىكتە يېڭىپ ئۆز كىملىكىنى ساقلاش،ئۆز مەدەنىيىتىنى قوغداش يۈزۈسىدىن كۆپلىگەن ئەنەنىۋىي مەركىلەرنى ئۆتكۈزۈشكە تولىمۇ ئەھمىيەت بەرگەن.

ماقالىدە ياپونىيىدىكى تاتارلار ئۈچۈن 1924 - يىلىنىڭ تولىمۇ خوشاللىق بىر يىل بولغانلىقىنى سەۋەبىي ياپونىيە رۇسىيە ئارىسىدىكى ئۇرۇشتا ئەسىرگە چۈشكەن موللا مۇھەممەد قۇربان غالى مانجۇرىيىدىن توكيوغا كەلىپ،پۈتۈن تاتارلارنى جەم قىلغانلىقى بايان قىلىنغان.

ماقالىدە موللا مۇھەممەد قۇربان غالى توغرىسىدا توختىلىپ،ئۇنىڭ 1819 - يىلى رۇسىيىنىڭ چېليابىنسك دېگەن يەردە بىر موللا ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەنلىكى ۋە ئاق ئۇرۇسلارغا ئەسكەر بولۇپ ئۇرۇشقا قاتنىشىپ،ئۇرۇشتا ئۇلارنىڭ قوشۇنى مەغلۇپ بولۇپ يىراق شەرققە قايتقانلىقىنى بايان قىلغان بولسىمۇ ئەمما ئۇنىڭ نېمە سەۋەپتىن ئەسىر ھېسابىدا ياپونىيە تەرەپكە ئۆتكۈزۈلۈپ بېرىلگەنلىكى ئېنىق دېيىلمىگەن.

ماقالىدە دېيىلسىھىچە ياپونىيە ھۆكۈمىتى ئىسلام ئەللىرى بىلەن بولغان دىپلوماتىك مۇناسىۋەتلەردە ياپونىيىدىكى تاتارلاردىن تولۇق پايدىلىنىش ئۈچۈن مۇھەممەد قۇربان غالىنى ئىشقا سېلىپ ياپونىيىدىكى پۈتكۈل تاتارلارنى ئۇيۇشتۇرۇش،كونتورول قىلىش ھەركىتىدە بولغان.ياپونىيە ھۆكۈمىتى تاتارلار ئارىلىق ئىسلام ئەللىرىگە ئائىت كۆپلىگەن ئۇچۇرلارنى توپلىغان.ياپون ھۆكۈمىتى ياپونىيە بىلەن تۈركىي مىللەتلەرنىڭ دوستلۇقىدا تاتارلارنىڭ كۆۋرۈكلىك رول ئوينىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ۋەزىپىسىنى مۇھەممەد قۇربان غالىگە تاپشۇرغان.مۇھەممەد قۇربان غالى بۇنىڭ بىلەن رۇسىيىدىن كۆپلىگەن تاتارلارنى ياپونىيىگە توپلىماقچى بولغان.

ماقالىدە توكيودىكى تاتارلارنىڭ نوپۇسىنىڭ ئېشىغا ئەگىشىپ،ئۇلارنىڭ ئۆز پەرزەنتلىرىنى ئۆز مائارىپىدا تەربىيىلىشى قىيىنچىلىقا ئۈچىراپ،ئۆز ئالدىغا مەكتەپ قۇرۇش ئۈچۈن ھۆكۈمەتتىن رۇخسەت ئېلىپ،1927 - يىلى 10 - ئاينىڭ 2 - كۈنى توكيو شىنوكۇبو دېگەن جايدىن ئۆي ئىجارىگە ئېلىپ مەدىرىس ئاچقانلىقى بايان قىلىنغان.

ماقالىدە يەنە بۇ مەدىرىستە تاتارلار ئۆز پەرزەنتلىرىگە ئانا تىلىدا ئوقۇش،يېزىشنى ئۈگىتىش بىلەن بىرگە دىن، تۈركىي مىللەتلەر تارىخىنى ئۈگەتكەنلىكىمۇ بايان قىلىنغان.

ماقالىدە مۇھەممەد قۇربان غالىنىڭ مەدىرىسنىڭ مۇدىرلىق ۋە مۇدەرىسلىكىنى ۋەزىپىسىنى ئۆز ئۈستىگە ئالغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ماقالىدە توكيودا ئېچىلغان بۇ مەدىرىسنىڭ تالىپلىرىنىڭ سانىنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ ئەسلىدىكى كىچىك يەردىن كۆلىمى بىر قەدەر چوڭ بولغان توكيودىكى كاشىۋابى يەنى ھازىرقىي ئوكۇبو دېگەن يەرگە 1931 - يىلى مەدىرىسنى كۆچۈرگەنلىكىنى بايان قىلغان.

ماقالىدە بايان قىلىنىشىچە تۈركىيىدە ئىسلام خەلىپىلىك ئاخىرلىشىپ جۇمھۇرىيەت قۇرۇلغاندىن كېيىن ئەڭلىيە،فرانسىيە،ئىلتالىيە ۋە گېرمانىيە قاتارلىق دۆلەتلەر ئىسلام ئەللىرىگە بولغان سىياسىتىنى ئۆزگەرتىپ،«ئۇلاردىكى خەلىپىلىك تۈگىدى،ئۇلارنى باشقۇرۇش ئاسان»دەپ ئويلاپ،مۇسۇلمانلارغا ھىسداشلىق قىلىشقا باشلىغان.ياپونىيە بولسا ئاسىيادىكى مۇسۇلمانلارغا يېقىنلىشىپ،ياپونىيىنى ئاسىيادىكى ئىسلام دۇنياسىنىڭ سىياسىي مەركىزى قىلماقچى بولغان.

ياپون تىلىدا نەشىر قىلىنغان «ئىبراھىمنىڭ ياپونىيىگە كېلىشى» ناملىق كىتابتا بايان قىلىنىشىچە،1931 - يىلى قۇمۇلدا پارتىلغان قۇمۇل ئىنقىلاپىدىن كېيىن ياپون مىللەتچىلىرى شەرقىي تۈركىستان بىلەن غەربىي تۈركىستان قۇرۇشنى قۇۋەتلەپ،ياپونىيە ھەربىي تەرەپتىكى بىر قىسىم كىشىلەر ۋە شۇنداقلا تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىكى قۇمۇلدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ئىنقىلاپنى دەرھال پۈتۈن شەرقىي تۈركىستان تۇپرىقىغا كېڭەيتىپ ئېلىپ بېرىشنى پىلانلاپ شەرقىي تۈركىستان دۆلىتىنى قۇرۇپ ئۇنى ئۆزىنىڭ قورچاق ھاكىمىيىتى قىلماقچى بولغان.1933 - يىلى ياپون مىللەتچىلىرى ئوسمان ئىمپېرىيىسىنىڭ شاھزادىسى ئابدۇلھەمىدنىڭ نەۋرىسى ئابدۇلكەرىمنى شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىگە باش قىلماقچى بولغان. شۇ سەۋەپتىن ئابدۇلكەرىم ۋە مۇھسىن چوپان ئوغلى ئىككىسى ياپونىيىگە تەكلىپ قىلىنغان.ئۇلار ياپونىيىگە كەلگەندە ياپون مىللەتچىلىرى ئۇلارنى سىياسىي،ئىقتىسادىي تەرەپلەردىن قوللاپ ئۇلارغا كۆپلىگەن پۇل ئىنانە قىلغان.ئابدۇلكەرىم ياپونىيىنىڭ شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىگە ئۆزىنى باش قىلىشقا قوشۇلغان.ياپونىيىنىڭ پىلانى بولسا شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىدىن ئىبارەت يېڭى دۆلەتكە ئابدۇلكەرىمنى باش قىلىپ،ئوسمانلى دەۋرى خەلىپىلىكىنىڭ داۋامىنى داۋاملاشتۇرۇش ۋە شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى ئارقىلىق ئۆزىنىڭ كۈچىنى ھىندىستانغىچە كېڭەيتىشنى پىلانلىغان.لېكىن سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن تۈركىيە ياپونىيىنىڭ بۇ پىلانىدىن تولىمۇ ئەنسىرگەن.

ياپونىيە ئارخىپلىرىدىكى «شىنجىئاڭنىڭ ئەھۋالى ۋە ئۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك ماتىرياللار توپلىمى» ناملىق توپلامدىكى ياپونىيىلىك تاكېئۇچىنىڭ بايانلىرىگاھ ئاساسلاڭاھندا، 1939 - يىلى 5 - ئايدا شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھەربىي گېنەرالى مەھمۇت مۇھىتى باشچىلىقىدىكى ياپونىيىگە كەلگەن 15 ئادەم ئابدۇرەشىت ئىبراھىم باشچىلىقىدىكى تاتارلار تەرىپىدىن قىغىن قارشى ئېلىنغان.ئەمما مەھمۇت مۇھىتى ۋە ئۇنىڭ ھەمرالىرىنىڭ توكيودا ياپونىيە ھۆكۈمىتىدىن شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىللىق داۋاسىنى داۋاملاشتۇرۇش ئۈچۈن سورىغان ياردەم تەكلىپلىرى سوغاق مۇئامىلىگە ئۇچىرىغان.شۇنىڭ بىلەن 15 كىشىدىن مۇھەممەد ئىمىن ئىسلام،توختى بەگ زادە،مۇسىل مۇھىتى قاتارلىق ئۈچ كىشى ياپونىيىدە قاپقالغان قالغانلىرى ۋەتەڭە قايتقان.بۇلارنىڭ ئىچىدىكى مۇھەممەد ئىمىن ئىسلامى ياپونىيىگە كەلگەندىن كېيىن ھازىرقىي توكيو جامەسىنىڭ يېنىدىكى يويوگې مەسچىتىدە ئىماملىق قىلىۋاتقان ئابدۇرەشىت ئىباراھىمغا ياردەملىشىپ ئۇنىڭ يېنىدا تۇرغان.ئابدۇرەشىت ئىبراھىم ۋاپات بولغاندىن كېيىن،يويوگې مەسجىتىگە ئىمام بولغان.2 - دۇنيا ئۇرۇشى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن سەئۇدى ئەرەبىستانغا بېرىپ شۇ يەردە ئولتۇراقلىشىپ قالغان.ئابدۇرەشىت ئىباراھىم توكيودا نەشىر قىلىنغان «ياپون يېڭى مۇخبىرى» ناملىق زھۇرنالدا شەرقىي تۈركىستاندىكى خىتاي ۋە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ كوممۇنىنىزم ئىدىيىسىنى ئومۇملاشتۇرش ئۈچۈن ئىسلام ئەقىدىلىرىگە قارشى ئېلىپ بارغان ھەركەتلىرىگە ئائىت كۆپلىگەن ماقاللارنى ئېلان قىلغان.

ياپونىيىدە نەشىر قىلىنغان «رۇسىيە چېگرىسىدىن ھالقىغانلار» ناملىق ماقالىدە بايان قىلىنىشىچە،ئەينى ۋاقىتتا سوۋېت - تۈركىيە دىپلوماتىك مۇناسىۋەتلىرىنىڭ قويۇقلىشىشى بىلەن ياپونىيىدىكى تاتارلارنىڭ سىياسىي ئورنى تۆۋەنلەشكە باشلىغان.ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى باشلانغاندا تاتارلار ياپونىيىدە تولىمۇ قىيىن كۈنلەرگە يولۇققان.تاتارلار 1939 - يىلى توكيودىكى تۈركىيە باش ئەلچىلىكىگە كىرىپ تۈركىيە ۋەتەندىشى بولۇش نىيىتىدە ئەلچىخانە بىلەن سۆھبەتلەشكەن بولسىمۇ ئەمما تۈركىيە ئەلچىلىكىدىكى ھەربىي تۈرك تاتار ۋەكىللىرىگە؛«سىلەرگە پاسپورت بېرىش ئاسان ئىش.لېكىن ھازىر ئۇرۇش باشلاندى.ھازىر كىمنىڭ دوست،كىمنىڭ دۈشمەن،كىمنىڭ توغرا،كىمنىڭ خاتالىقىنى بىلگىلى بولمايدۇ.ئەگەر تۈركىيە ئۇرۇشقا قاتنىشىپ ياپونىيە تەرەپتە تۇرسا،سىلەرگە تۈرك پاسپورتى بېرىشتە ھېچقانداق مەسىلە بولمايدۇ.ئەگەر تۈركىيە ئەڭلىيە تەرەپتە تۇرۇپ ئۇرۇشقا قاتناشسا سىلەرنىڭ مەسىلەڭلار قىيىنلىشىدۇ.»دېگەن.تۈركىيە ھۆكۈمىتىدە قايسى تەرەپتە تۇرۇپ ئۇرۇش قىلىش قارارى ئېلىنمىغانلىقتىن،ياپونىيىدىكى تاتارلارغا تۈركىيە ۋەتەنداشلىقى بېرىلمىگەن.1950 - يىلى كورىيە ئۇرۇشى باشلانغاندا تۈركىيە ئامېرىكىنى قوللاپ ئۇرۇشقا قاتناشقان چاغدا ئۇرۇشتا يارلاڭاھن ئەسكەرلەر ياپونىيىنىڭ كوبې،توكيودىكى دوختۇرخانىلارغا ئېلىپ كېلىنىپ شۇ يەردە داۋالانغاندا شۇ يەردىكى تاتارلار تۈرك ئەسكەرلىرگە تەرجىمان بولغان ۋە كۆپلىگەن ياردەملەرنى بەرگەن.بۇ چاغدا نۇرغۇنلىغان تاتار قىزلىرى تۈرك ئەسكەرلىرى بىلەن نىھاكلاڭاھن.شۇندىن باشلاپ توكيودىكى تۈركىيە ئەلچىخانىسى تاتارلارغا تۈركىيە ۋەتەنداشلىقىنى بەرگەن.تۈركىيە ۋەتەنداشلىقىنى ئالغان كۆپلىگەن تاتارلار ياپونىيىدىن تۈركىيىگە كۆچۇشكە باشلىغان.ئۇلار تۈركىيدىن ئامېرىكا ۋە ياۋروپادىكى بىر قىسىم دۆلەتلەرگە كۆچكەن.ھازىر پەقەت ياپونىيىدە ئۈچىنچى ئەۋلات تاتارلاردىن ئازلا كىشىلەر بار.

زىيارتىمىزنى قوبۇل قىلغان ياپونىيىلىك تۈركىي مىللەتلەر مەدەنىيەت تەتقىقاتچىسى ناكو خانىم ياپونىيىگە ئىلگىرى كەلگەن تاتارلار ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى:

مەن ئىلگىرى ياپونىيىدە ئولتۇراقلاشقان تاتارلارنى ئاسىيا بىلەن ياۋروپانىڭ دوستلۇقىدا كۆۋرۈكلىك رول ئوينىغان كىشىلەر دەپ قارايمەن.

ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلاڭ.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.