ئىزمىردە «دەدە قورقۇت ۋە تۈرك دۇنياسى» تېمىلىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئېچىلماقچى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئىدىقۇت
2015.09.20
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp
turk-dunyasi-barish-adibelli.JPG كۈتاھيا دۇملۇپىنار ئۇنىۋېرسىتېتى خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر فاكۇلتېتى ئوقۇتقۇچىسى دوكتور بارىش ئادىبەللى(سولدىن بىرىنچى) ئەپەندى «خىتاينىڭ تۈرك دۇنياسى سىياسىتى» تېمىسىدا دوكلات بەردى. 2014-يىلى ئۆكتەبىر، تۈركىيە.
RFA/Erkin Tarim

«دەدە قورقۇت »كىتابىنىڭ بايقالغانلىقى ۋە دۇنياغا تونۇشتۇرۇلغانلىقىنىڭ 200-يىلىنى خاتىرىلەش مۇناسىۋىتى بىلەن تۈركىيەدە خىلمۇ خىل مەدەنىي پائالىيەتلەر ۋە ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنلىرى ئۇيۇشتۇرۇلماقتا. تۈركىيە ئەگە ئۇنىۋېرسىتېتى تۈرك دۇنياسى تەتقىقات ئىنستىتۇتىمۇ مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن 10-ئاينىڭ 19-كۈنىدىن 23-كۈنىگىچە ئىزمىردە «3-نۆۋەتلىك خەلقئارالىق تۈرك دۇنياسى كۈلتۈر كوڭرەسى: دەدە قورقۇت ۋە تۈرك دۇنياسى» تېمىلىق بىر ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى چاقىرماقچى ئىكەن. بىز بۇ يىغىن ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن تۈرك دۇنياسى تەتقىقات ئىنستىتۇتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ۋە يىغىن تەرتىپ كومىتېتىنىڭ ئەزاسى دوتسېنت دوكتور مۇۋاففاق دۇرانلى ئەپەندىنى زىيارەت قىلدۇق. ئۇ بۇ قېتىمقى يىغىن ھەققىدە مەلۇمات بېرىپ مۇنداق دېدى:
«مەلۇم بولغاندەك، 2015-يىلى دەدە قورقۇت كىتابىنىڭ بايقالغانلىقى ۋە دۇنياغا تونۇشتۇرۇلغانلىقىنىڭ 200-يىلى. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن تۈرك دۇنياسىدا ۋە نۇرغۇن دۆلەتلەردە خىلمۇ خىل قۇتلام پائالىيەتلىرى تەييارلىنىۋاتىدۇ. مەسىلەن قازاقىستان ناھايىتى چوڭ بىر ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزدى. تۈركىيەدە بەزى ئورگانلار ئىلمىي يىغىنلارنى ئورۇنلاشتۇردى. بىزمۇ تۈرك دۇنياسى تەتقىقات ئىنستىتۇتى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن بىر خەلقئارالىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۇيۇشتۇرۇشنى مۇۋاپىق كۆردۇق».

مۇۋاففاق دۇرانلى ئەپەندى ھازىرغا قەدەر قايسى دۆلەتلەردىن قانچىلىك كىشىنىڭ يىغىنغا قاتنىشىش ئۈچۈن ئىلتىماس قىلغانلىقى ھەققىدىكى سوئالىمىزغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى:
«ھازىرغە قەدەر ئىلمىي يىغىنغا قاتنىشىش ئۈچۈن 500’گە يېقىن كىشى ئىلتىماس قىلدى. ئەزەربەيجان، باشقۇرتىستان، تۈركمەنىستان، تاتارىستان، قىرغىزىستان، قازاقىستان، ئۆزبېكىستان، رۇسىيە، ۋېنگىرىيە، رۇمىنىيە، خارۋاتىيە ۋە سېربىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىن ئىلتىماس قىلغان نۇرغۇن ئىلىم ئادىمى بار. لېكىن ئىقتىسادىي سەۋەبلەر يۈزىدىن بىز بۇلاردىن پەقەت 160-170 كىشىنى دەۋەت قىلالىشىمىز مۇمكىن.»

مۇۋاففاق دۇرانلى ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، خىتايدىنمۇ بۇ ئىلمىي يىغىنغا قاتنىشىشنى ئىلتىماس قىلغان نۇرغۇن كىشى بار ئىكەن.

«خىتايدىن قاتنىشىشنى تەلەپ قىلغان خېلى كىشى بار. مەلۇم بولغاندەك، خىتايدا دەدە قورقۇت كىتابى خىتايچىغا تەرجىمە قىلىنىپ نەشر قىلىندى. كىتابنى خىتايچىغا تەرجىمە قىلغان ئىلىم ئادىمىمۇ يىغىنىمىزغا قاتناشماقچى.»

ھۆرمەتلىك ئاڭلىغۇچىلار، «دەدە قورقۇت كىتابى» 12 ھېكايىدىن تەشكىل تاپقان بولۇپ، بۇ ھېكايىلەر ئۇيغۇر خەلق ئەدەبىياتىدىمۇ خەلق ھېكايىلىرىنىڭ ئەڭ قەدىمىي ۋە ئەڭ ياخشى ئۈلگىلىرىدىن بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بۇ ھېكايىلەردە قەدىمكى ئوغۇز ۋە ئۇيغۇر قوۋملىرىنىڭ تۇرمۇش ئۆرپ ئادەتلىرى، دىنىي ئېتىقادلىرى، ئەخلاق ئۆلچەملىرى، ئىجتىمائىي قىممەتلىرى، مەردلىك ۋە جەڭگىۋارلىقى بايان قىلىنغان.

«دەدە قورقۇت» ياكى «قورقۇت ئاتا» دەپ ئاتالغان بىر داستانچى تەرىپىدىن ئېيتىلغانلىقى ئۈچۈن «دەدە قورقۇت ھېكايىلىرى» ياكى «دەدە قورقۇت داستانلىرى» دەپ ئاتىلىپ كەلمەكتە. بۇ ھېكايىلەر ئوغۇزنامە داستانىنىڭ داۋامى دەپ قارالماقتا. ھېكايىلەرنىڭ تىلىدا «باي»، «بۇقاغۇ»، «چاپماق»، «كۆمەچ»، «كۈنلۈك»، «قاچان»، «قاراڭغۇ»، «قاراۋۇل»، «كېڭەش»، «كۆڭلەك»، «نۆكەر»، «ئوغرى»، «سانجىماق»، «سۆڭەك»، «ئۈلەشمەك»، «يۈگۈرمەك» دېگەنگە ئوخشاش نۇرغۇن ئۇيغۇرچە سۆزلەر بار. ئۇيغۇر خەلق ئەدەبىياتىدىكى «يەكچەشمە» ھەققىدىكى چۆچەكلەرمۇ «دەدە قورقۇت» ھېكايىلىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك.

مۇۋاففاق دۇرانلى ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، «دەدە قورقۇت ھېكايىلىرى، ئەزەربەيجان ۋە تۈركىيە ساھەسىدە 12 داستان شەكلىدە تارقالغان بولسىمۇ، ئوتتۇرا ئاسىيادا ئەپسانە ۋە چۆچەك شەكلىدە ئېيتىلىپ كەلگەن. بولۇپمۇ قازاقىستان ۋە تۈركمەنىستاندا، بەزى تۈرك قوۋملىرىدا قورقۇت ئاتا، تۇنجى شامان، تۇنجى باخشى، تۇنجى يولباشچى دەپ قارالماقتا. قورقۇت ئاتا بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئەپسانىلەر ئاناتولىيا ساھەسىدە لوقمان ھېكىم ھەققىدىكى ئەپسانىلەر بىلەن ئارىلىشىپ كەتكەن.»

«دەدە قورقۇت» ھېكايىلىرى 15- 16-ئەسىرلەردە ئاغزاكى ئەدەبىياتتىن يازما ئەدەبىياتقا كۆچۈرۈلگەن بولۇپ، 19-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا نېمىس ئالىملىرى تەرىپىدىن بايقالغان. بۈگۈنگە قەدەر بۇ ئەسەرنىڭ ئىككى نۇسخىسى تېپىلغان بولۇپ، بۇلارنىڭ بىرى درەسدەن نۇسخىسى، يەنە بىرى ۋاتىكان نۇسخىسىدۇر. ئەسەرنىڭ درەسدەن نۇسخىسى 12، ۋاتىكان نۇسخىسى بولسا 6 ھېكايىدىن تەركىب تاپقان. مەشھۇر تۈرك ئالىمى فۇئاد كۆپرۈلۈ «دەدە قورقۇت» ھېكايىلىرىنىڭ ئەھمىيىتى ھەققىدە مۇنداق دېگەن:
«پۈتۈن تۈرك ئەدەبىياتىنى تارازىنىڭ بىر تەرىپىگە، دەدە قورقۇت ھېكايىلىرىنى يەنە بىر تەرىپىگە قويسىڭىز، دەدە قورقۇت ھېكايىلىرى ئېغىر باسىدۇ.»

شۇڭا تۈركىيە، ئەزەربەيجان ۋە تۈركمەنىستان قاتارلىق دۆلەتلەردە بۇ ھېكايىلەر ئۈستىدىكى ئىلمىي تەتقىقاتلار بىر ئەسىردىن بېرى داۋاملىسىھىپ كەلمەكتە ئىدى. ئۇيغۇر ئىلىم ساھەسىدىمۇ 1980-يىللاردىن ئېتىبارەن بۇ ھېكايىلەر ئۈستىدىكى تەتقىقاتلار باشلىغان ئىدى. «دەدە قورقۇت ھېكايىلىرى » توختى ھاجى تىللا تەرىپىدىن 2001-يىلى تۈركچىدىن ئۇيغۇرچىغا ئاغدۇرۇلۇپ نەشر قىلىنغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.