«قەدىمدىن ھازىرغىچە تۈركىي مىللەتلەرنىڭ توي ئادەتلىرى» ناملىق كىتابتا ئۇيغۇرلارنىڭ توي ئادەتلىرى ھەققىدە مەلۇمات بېرىلگەن
2015.04.26
تۈركىيەنىڭ ئەنقەرە شەھرىدە «قەدىمدىن ھازىرغىچە تۈركىي مىللەتلەرنىڭ توي ئادەتلىرى» ناملىق كىتاب نەشىر قىلىندى. مەمەت زىيا بىنلەر ئەپەندى تەرىپىدىن نەشىرگە تەييارلانغان ئەسەردە 745 - قۇرۇلۇپ 840 - يىلى يىقىلغان ئۇيغۇر دۆلىتى مەزگىلىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ توي ئادىتى ۋە كېيىنكى تارىخىي جەرياندىكى ئۆزگىرىشلەر، ھازىرقى ئۇيغۇرلارنىڭ توي ئادىتى توغرىسىدا مەلۇمات بېرىلگەن.
268 بەتتىن تەركىپ تاپقان ئەسەردە پۈتۈن تۈركىي مىللەتلەرنىڭ ئۆتمۈشتىن بۈگۈنگىچە بولغان توي ئادىتى توغرىسىدا تەپسىلى مەلۇمات بېرىلگەن. تەتقىقاتچى مەھمەت زىيا بىنلەر ئەپەندى كىتابدا تۈركىيەدىكى تۈركلەر، ئەزەربەيجانلىقلار، تۈركمەنلەر، ئۆزبېكلەر، قازاقلار، قىرغىزلار، تاتارلار، ئۇيغۇرلار، سېرىق ئۇيغۇرلار، سىبىرىيە، بالقان، كاۋكازىيە، ئوتتۇرا شەرق دۆلەتلىرى ۋە ئىراندىكى تۈركىي مىللەتلەردىن بولۇپ 40 تۈركىي قەۋىم ۋە رايوننىڭ توي ئادەتلىرى توغرىسىدا مەلۇمات بەرگەن.
بىز كىتاب توغرىسىدا تېخىمۇ تەپسىلى مەلۇمات ئىگىلەش ئۈچۈن كىتابنىڭ ئاپتورى تەتقىقاتچى مەمەت زىيا بىنلەر ئەپەندىگە مىكروپونىمىزنى ئۇزاتتۇق.
ئۇ، «قەدىمدىن ھازىرغىچە تۈركىي مىللەتلەرنىڭ توي ئادەتلىرى» ناملىق ئەسەرنى يېزىشتىكى مەقسىتى توغرىسىدا مەلۇمات بېرىپ مۇنداق دېدى:
ئۆرپ - ئادەتلەر بىر مىللەتنىڭ مىللى كىملىكىدىن ئۇرغۇپ چىققان ۋە ئۇ مىللەتنىڭ تۇرمۇشقا بولغان كۆز قارىشىنىڭ يادروسى ۋە ئۇنى بۈگۈنكى كۈنگە ئېلىپ كەلگەن قىممەت قاراشتىن ئىبارەت. بۇ ئۆرپ - ئادەتلەر كىشىلەرنى تەسىرى ئاستىغا ئېلىپ ئۇلارغا يول كۆرسەتمەكتە. بۇ كىتابتا پۈتۈن تۈركىي مىللەتلەرنىڭ ئۆرپ - ئادەتلىرى تارىخىي جەھەتتىن بايان قىلىندى. كىتابتا مەن پەقەتلا توي ئادىتىنىلا ئەمەس توينىڭ ئالدى ۋە كەينىدىكى توي قىلىش بىلەن مۇناسىۋەتلىك پۈتۈن ئادەتلەرنى بايان قىلدىم.
بۇلاردىن باشقا تۈركىي قوۋىملەرنىڭ يېڭىلىقنى ئاسان قوبۇل قىلىش، يېڭىلىق بىلەن قەدىمىي ئەنئەنىنى بىرلەشتۈرۈپ يېڭى بىر ئادەت بەرپا قىلىش قابىلىيىتىنى ئوتتۇرىغا قويۇش، مول ئۆرپ ۋە ئادىتىمىزنى ئوتتۇرىغا قويۇش مەقسىتى بىلەن بۇ ئەسەرنى تەييارلىدىم.
بۇ كىتابنى تەييارلىشىمدىكى ئەڭ مۇھىم سەۋەبلەردىن بىرى، تۈركىي قوۋىملەرنىڭ ئاساسىنى تەشكىل قىلغان ئائىلەنىڭ قۇرۇلۇش باسقۇچلىرىنى تەتقىق قىلىپ، ھازىرقى ياش ئەۋلادلارغا ئاڭلىتىشتىن ئىبارەت. شۇڭا بۇ كىتابنىڭ ئىسمىنى «قەدىمدىن ھازىرغىچە تۈركىي مىللەتلەرنىڭ توي ئادەتلىرى» دەپ قويدۇم.
كىتابنىڭ ئاپتورى مەمەت زىيا بىنلەر ئەپەندى كىتابنىڭ 4 باپتىن تەركىپ تاپقانلىقى ۋە بۇ 4 باپنىڭ مەزمۇنى توغرىسىدا مەلۇمات بېرىپ مۇنداق دېدى:
«قەدىمقى زاماندىكى تۈركلەرنىڭ ئۆرپ - ئادەتلىرى ۋە توي مۇراسىمى» ماۋزۇلۇق بابتا ھۇنلار، كۆكتۈركلەر، ئۇيغۇرلار، سەلجۇقلۇلار ۋە ئوسمانلى ئىمپېرىيىسى مەزگىلىدىكى توي ئادەتلىرىنى بايان قىلدىم.
كىتابنىڭ «تۈركىيەدە توي قىلىش ئادەتلىرى» ناملىق بابىدا تۈركىيەنىڭ 7 رايونىدىكى توي قىلىش ئادەتلىرى توغرىسىدا مەلۇمات بەردىم.
كىتابنىڭ «تۈركىي قوۋىملاردا توي ئادەتلىرى» ماۋزۇلۇق قىسمىدا 40 تۈركىي قەۋىم ۋە رايوندىكى تۇرمۇش قۇرۇش ئادەتلىرىنى بايان قىلدىم.
كىتابنىڭ ئاپتورى مەمەت زىيا بىنلەر ئەپەندى مەزكۇر كىتابنى يېزىپ بولغاندىن كېيىنكى خۇلاسىسى توغرىسىدا مەلۇمات بېرىپ مۇنداق دېدى:
كىتابتىكى تەتقىقاتلىرىم شۇنى كۆرسەتتىكى، شەرقىي تۈركىستاندىن ماكادونىيەگىچە، تۈركىيەدىن ياقۇتىستانغىچە بولغان كەڭ زېمىندىكى توي قىلىش ئادەتلىرى ھەممىمىزنى ئوتتۇرا ئاسىيادا بىرلەشتۈرىدۇ. ھۇن ئىمپېرىيىسى مەزگىلىدىن، ئوسمانلى ئىمپېرىيىسى مەزگىلىگىچە بولغان زامان ئىچىدە قۇرۇلغان تۈرك دۆلەتلىرى خۇددى بىر دەرەخنىڭ شاخلىرىدەك، ئوتتۇرا ئاسىيا زېمىنىدا ئوتتۇرىغا چىققان توي ئادەتلىرىمۇ بېيىپ بۈگۈنگىچە يېتىپ كەلگەن.
ئاپتور كىتابتا 745 - يىلى قۇرۇلۇپ 840 - يىلى يىمىرىلگەن ئۇيغۇر دۆلىتى مەزگىلىدىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدىكى توي قىلىش ئادىتى توغرىسىدا مەلۇمات بېرىپ مۇنداق دەپ يازىدۇ:
ئۇيغۇرلارنىڭ 745 - يىلىدىن 840 - يىلىغىچە دۆلىتى بار ئىدى. ئۇ مەزگىلدە ئۇيغۇرلار تەڭرى تېغى، بېشبالىق، تۇرپان ۋە قارابالغاسۇن رايونلىرىدا ياشايتتى. ئۇيغۇرلار بىرلا ئايال بىلەن توي قىلاتتى. ئۇيغۇرلار ئادەتتە بىر كىشىنىڭ ئايال ياكى ئەر تونۇشتۇرىشى بىلەن توي قىلاتتى.
كىتابتا قەدىمقى ئۇيغۇرلارنىڭ تويدا ئوقۇيدىغان قوشىقى توغرىسىدا مەلۇمات بېرىپ مۇنداق دەپ يازىدۇ:
ئايىبسىز تىشىكە ئەر،
بويۇنۇن سۇمۇش كېرەك.
ئول ئانداغ تۈزۈن بىرلە،
ئاقىقات بولسا تۈزۈن
ئانجا جان بىرمىش كېرەك.
بۇ قەدىمقى ئۇيغۇر توي قوشىقىنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە:
ئەيىبسىز ئايالنىڭ ئالدىدا، ئەرلەر پاك نىيەت بىلەن بېشىنى ئىگىشى كېرەك. ئايال ئىپپەتلىك بولسا ئەركەكلەر ئۇنىڭغا جېنىنى پىدا قىلىشى كېرەك.
بۇ شېئىردىن شۇنى چۈشىنىۋېلىشقا بولىدۇكى، ئۇيغۇرلار بۇنىڭدىن 1500 يىل بۇرۇنمۇ، ئاياللارنىڭ ئاق نىيەتلىك، ئىپپەتلىك بولۇشىغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىدىكەنتۇق.
كىتابتا ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى توي قىلىش ئادەتلىرى توغرىسىدىمۇ تەپسىلى مەلۇمات بېرىلگەن.