مەشھۇر ئۇچتۇرپان قوزغىلىڭى ۋە دەھشەتلىك چوڭ قىرغىنچىلىق

مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2022.02.17
مەشھۇر ئۇچتۇرپان قوزغىلىڭى ۋە دەھشەتلىك چوڭ قىرغىنچىلىق ئۇچتۇرپاندىكى يەتتە قىزلىرىم مەقبەرىسى.
public domain

بۇ يىل 2-ئاينىڭ 14-كۈنى 1765-يىلى مەنچىڭ ئىمپېرىيەسى ئۇيغۇرلار دىيارىنى بىرىنچى قېتىم ئىشغال قىلىپ، 6 يىلدىن كېيىن ئۇچتۇرپاندا يۈز بەرگەن مۇستەملىكىگە قارشى ئازادلىق قوزغىلىڭىغا 257 يىل توشتى. بۇ قوزغىلاڭ تارىختا «ئۇچتۇرپان قوزغىلىڭى»، ئۇچتۇرپان ئاھالىلىرى ئارىسىدا بولسا «جىگدە يېغىلىقى»، مانجۇ چىڭ سۇلالىسى ھۆججەتلىرىدە بولسا «ئۇچتۇرپان ئىسيانى» دېگەندەك ناملار بىلەن ئاتالغان.

بۇ ھەم ئۇيغۇرلار ئۆز تارىخىدا ئۇچرىغان بىر قېتىملىق دەھشەتلىك قىرغىنچىلىقتىن ئىبارەت ئىدى.

ئۇچتۇرپان شەھىرىدىكى «يەتتە قىزلىرىم» مەقبەرىسى ۋە ئۇيغۇر خەلقى ئىچىگە كەڭ تارقالغان «يەتتە قىزلىرىم» ھېكايىسى ئەنە شۇ ئۇچتۇرپان قوزغىلىڭىدا دۈشمەن قولىغا تىرىك چۈشۈشنى خالىماي ئۆزلىرىنى تاغدىن تاشلاپ قۇربان قىلغان يەتتە نەپەر پىداكار قىزغا ئائىت بولۇپ، كېيىنكىلەر ئەنە شۇ ئۇچتۇرپان قوزغىلىڭى ۋە ئۇنىڭدىكى يەتتە باتۇر قىزنىڭ خاتىرىسى ئۈچۈن مەزكۇر قەبرىنى قاتۇرغانىدى.

ئۇچتۇرپان قوزغىلىڭىنىڭ كېلىپ چىقىش ئارقا كۆرۈنۈشى شۇنىڭدىن ئىبارەتكى، مانجۇ-خىتايلاردىن تۈزۈلگەن چىڭ ئىمپېرىيەسىنىڭ ئىشغالچى قوشۇنلىرى 1759-يىلى قاتتىق قارشىلىقلارنى قانلىق باستۇرۇش ۋە قىرغىن قىلىش ئارقىلىق پۈتۈن تەڭرى تاغلىرىنىڭ جەنۇبىدا چىڭ ئىمپېرىيەسىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى ئورناتتى.

ئۆزبېكىستان پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ تەتقىقاتچىسى، 18-19-ئەسىردىكى مەنچىڭ ئىمپېرىيەسىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىنى ئىشغال قىلىش تارىخىنى مەخسۇس چىڭ سۇلالىسى تارىخىي ئارخىپ ھۆججەتلىرى بويىچە تەتقىق قىلىپ، 1979-1991-يىللىرى ئارىسىدا «چىڭ ئىمپېرىيەسى، جۇڭغارىيە ۋە شەرقىي تۈركىستان»، «چىڭ ئىمپېرىيەسى ۋە شەرقىي تۈركىستان 18-ئەسىردە» ناملىق كىتابلارنى موسكۋادا نەشر قىلدۇرغان پروفېسسور ئابلەخەت خوجايېف ئەپەندىنىڭ يەكۈنىچە، چىڭ ئىمپېرىيەسى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ شىمالى ۋە جەنۇبىغا قارىتا قاتتىققول ھەربىي-مەمۇرىي ئىدارە تۈزىمى ئورناتتى. چيەنلوڭ خان ئۇيغۇرلارنىڭ ھەر قانداق قارشىلىقىنى رەھىمسىز باستۇرۇش، رەھىمسىزلەرچە قىرغىن قىلىپ، قايتىدىن باش كۆتۈرۈشىگە، يەنى قايتىدىن ئۆز دۆلىتىنى قۇرۇشىغا يول قويماسلىق سىياسىتى يۈرگۈزگەنىدى.

«1760-يىلى پارتلىغان بەشكېرەم قوزغىلىڭى بىلەن 1765-يىلىدىكى ئۇچتۇرپان قوزغىلىڭى ئەنە شۇ چىڭ ئىمپېرىيەسىنىڭ قىرغىنچىلىق ۋە قاتتىق قول سىياسىتىنىڭ نەتىجىسى ئىدى» دەيدۇ پروفېسسور ئابلەخەت خوجايېف.

ئۇچتۇرپان، يەنى ئۇ چاغلاردا «ئۇچ» دەپ ئاتالغان بۇ قەدىمى شەھەر ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى يېزىلاردا 20 مىڭدىن ئارتۇق ئاھالە ياشىغان بولۇپ، ئۇچتۇرپانغا ئامباللىققا تەيىنلەنگەن سۇ چېڭ ۋە ئۇنىڭ ئوغلىنىڭ ئۇيغۇر خەلقىگە سالغان زۇلۇمى چەككە يەتكەن. ئۇلارغا ھەتتا ھاكىمبەگ ئابدۇللامۇ ماسلىشىپ، خەلقنى تەڭ قاقتى-سوقتى قىلىپ زۇلۇم سالغان. سۇ چېڭ ۋە ئۇنىڭ ئوغلى شۇنىڭدەك ئۇچتۇرپاندا تۇرۇشلۇق مانجۇ-خىتاي ئەسكەرلىرىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزگەن مۇشتۇمزورلۇقى، ھاقارىتى چەككە يەتكەن بولۇپ، بۇ مەسىلە ھەتتا چىڭ سۇلالىسى ئوردا تارىخلىرىدىمۇ خاتىرىلەنگەنىدى. سۇ چېڭ ۋە ئۇنىڭ ئوغلى قاتارلىقلارنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ خوتۇن-قىزلىرىنى خالىغانچە ئاياق-ئاستى قىلىشى، ھاقارەت قىلىشى خەلقنىڭ نەپرىتىنى قوزغاپ پارتلاش دەرىجىسىگە ئېلىپ كەلگەنىدى. مانا شۇنداق ئەھۋالدا سۇ چېڭ يۇقىرىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە ئۇچتۇرپان ئاھالىسىنىڭ 240 دانە جىگدە كۆچىتىنى قۇرۇتىۋەتمەستىن بېيجىڭغا كۆچۈرۈپ ئاپىرىشنى بەلگىلەپ، كۆپ ساندىكى ئادەمنى بۇ ھاشارغا تۇتتى. ئۇچتۇرپاندىن بېيجىڭغا پىيادە ھالدا 240 دانە كۆچەتنى قۇرۇتىۋەتمەستىن، بۇزماستىن ئېلىپ بېرىش تەسەۋۋۇر قىلغۇسىز زۇلۇم بولۇپ، بۇ بەلكى تامامەن مۇمكىن ئەمەس ئىش ئىدى. لېكىن خەلق ئامالسىز بۇ سەپەرگە ئاتلىنىشقا مەجبۇر بولدى. 1765-يىلى 2-ئاينىڭ 14-كۈنى جىگدە كۆچەتلىرىنى ئېلىپ ماڭغان ھاشارچىلار توپى ئۇچتۇرپاندىن 18 كىلومېتىر نەرىدىكى يىلىقىچى دۆڭ دېگەن يەرگە كەلگەندە ھېرىپ قالغان ھاشارچىلارنى ئۇرغان ۋە ئۆلتۈرگەن مانجۇ-خىتاي چىرىكلىرىدىن غەزەپلەنگەن مەزكۇر ھاشارغا مەسئۇل قىلىنغان كىچىك بەگ رەھمىتۇللا ھاشارچىلارنى باشلاپ قوزغىلىپ، بارلىق چېرىكلەرنى ئۆلتۈرۈپ، ئارقىدىن ئۇچتۇرپان شەھىرىگە بېسىپ كىرىپ، شەھەرنى قولغا چۈشۈرىدۇ. مانجۇ ئەمەلدارى سۇ چېڭ ۋە ئوغلى ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋالىدۇ. مانجۇ ئوردىسى ئۈچۈن خىزمەت قىلىپ، ئۆز مىللىتىگە زۇلۇم سالغان ھاكىمبەگ ئابدۇللا ئۆلتۈرۈلىدۇ. مانا شۇنىڭ بىلەن 6 ئايغا سوزۇلغان مەشھۇر ئۇچتۇرپان قوزغىلىڭى پارتلايدۇ. ئەتراپتىكى پۈتۈن ئاھالە شەھەرگە يىغىلىپ قوزغىلاڭغا قاتنىشىدۇ.

بۇنىڭ بىلەن يەنە ئاقسۇدىن قوشۇن باشلاپ، باستۇرۇشقا كەلگەن مانجۇ قوماندانلىرى ناشىتوڭ ۋە كاتاخەيلەرنىڭ نەچچە قېتىملىق ھۇجۇملىرى تارمار قىلىنىدۇ. ئاكا-ئۇكا رەھمىتۇللا ۋە ئەسمەتۇللا بەگلەر باش بولغان ئۇچتۇرپان خەلقىنىڭ بۇ قوزغىلىڭى تېز غەلىبە قىلىپ، ئەتراپقا كېڭىيىشكە قاراپ يۈزلىنىدۇ.

مانجۇ ئوردىسى ۋە ئىمپېراتور چيەنلوڭ ئۇچتۇرپان قوزغىلىڭىدىن خەۋەر تېپىپ، دەرھال ئىلى گېنېرالى مىڭرۇينى قوزغىلاڭنى باستۇرۇشقا بۇيرىدى. نەتىجىدە مىڭرۇي ئىلگىرى-كېيىن ئىلى، ئاقسۇ ۋە قەشقەردىن ئېلىپ كېلىنگەن 10 مىڭدىن ئارتۇق قوشۇنغا قوماندانلىق قىلىپ، ئۇچتۇرپان شەھىرىنى قاتمۇ-قات قورشىۋالدى.

«چىڭ سۇلالىسى تارىخى يازمىلىرى»، «جۇڭغارلارنى تىنچىتىش ئىستراتېگىيەلىرى» قاتارلىق تارىخىي ھۆججەتلەرگە تايانغاندا ئۇچتۇرپان ئاھالىسى ۋە قوزغىلاڭچىلار ئۇچتۇرپان شەھىرى سېپىلى ئىچىگە كىرىۋېلىپ، 6 ئاي قاتتىق قارشىلىق كۆرسەتتى، دۈشمەننىڭ دائىم سېپىلغا قىلغان ھۇجۇملىرىنى چېكىندۈرۈشكە ئەر-ئايال، قېرى-چۆرە ھەتتا ئۇششاق بالىلارغىچە قاتنىشىپ، سېپىل ئۈستىدىن تاشلارنى دومىلىتىپ، ياغ ۋە قايناقسۇلارنى چېچىپ، بارلىق ئاماللار بىلەن دۈشمەن قوشۇنىنىڭ 6 ئايغا قەدەر سېپىلنى ئىگىلىشىگە ۋە ئۇچتۇرپان شەھىرى ئىچىگە كىرىشىگە يول قويمىدى. ھەتتا ئۇلار پات-پات شەھەردىن چىقىپ، دۈشمەنگە ھۇجۇم قىلىپمۇ تۇردى.

ئۇچتۇرپان شەھىرىنى ئالالمىغان مانجۇ قوماندانلىرى ئاخىرى شەھەرنى قاتتىق قورشاپ، شەھەر ئىچىدىكىلەرنىڭ تېشىغا چىقىشىغا يول قويمىدى، شەھەرنىڭ سۇ يولىنى كەستى، شەھەرنى تاشقى تەمىنلەشتىن ئۈزۈپ تاشلىدى. نەتىجىدە، خەلق ئاچلىق، كېسەللىك ۋە باشقا تۈرلۈك قىيىنچىلىققا دۇچ كەلدى. لېكىن، خەلق يەنىلا بويسۇنمىدى. 6 ئايغا سوزۇلغان قارشىلىق نەتىجىسىدە، ئاخىرى مانجۇلار شەھەر ئىچىدىكىلەردىن خائىنلارنى سېتىۋېلىش ۋە ئىچكى جەھەتتە بۆلۈش چارىسىنى قوللىنىپ، ئىرادىسى ئاجىز كىشىلەردىن بىر قىسمىنى سېتىۋېلىپ، ئۇلارنىڭ قوزغىلاڭ باشلىقلىرىنى تۇتقۇن قىلىشىدىن پايدىلىنىپ، شەھەر ئىچىگە بېسىپ كىرەلىدى. چىڭ قوشۇنلىرى 1765-يىلى 8-ئاينىڭ 15-كۈنى شەھەر ئىچىدىكى خائىنلارنىڭ ئەسمەتۇللا بەگ قاتارلىق 42 ئادەمنى تۇتۇپ چىڭ قوشۇنىغا تاپشۇرۇشىدىن كېيىن شەھەرگە بېسىپ كىرەلىدى. بۇنىڭ بىلەن 6 ئاي سوزۇلغان ئۇچتۇرپان قوزغىلىڭى مەغلۇپ بولدى.

ئەنقەرە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تۈرك تارىخى دوكتورانتى مۇھەممەد ئېلى ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، تارىخىي مەنبەلەرگە كۆرە مانجۇ-خىتاي قوشۇنلىرى شەھەرنى ئىشغال قىلغاندىن كېيىن ئۇيغۇرلار تارىخىدىكى بىر قېتىملىق دەھشەتلىك مىللىي قىرغىنچىلىقنى سادىر قىلدى. پروفېسسور ئابلەخەت خوجايېفنىڭ چىڭ مەنبەلىرى بويىچە ئېيتىشىچە، ئۇچتۇرپاندا دەھشەتلىك بىر قىرغىنچىلىق قىلدى ۋە ئاخىرىدا يەنە ئېشىپ قالغان ئاھالىلاردىن، ئاقسۇ ۋە باشقا جايلاردىن كۆپ ساندا كىشىنى ئىلىغا سۈرگۈن قىلىپ دېھقانچىلىق ئەمگىكىگە سالدى.

چىڭ قوشۇنلىرى 13 ياشتىن تۆۋەن بالىلار، قىز-ئاياللار بولۇپ، 10 مىڭغا يېقىن كىشىى تۆت قېتىمغا بۆلۈپ، ئىلىغا سۈرگۈن قىلدى. بۇلارنىڭ بەزىلىرى مانجۇ سولۇنلارغا ئائىلە چاكارلىرى ۋە بەزىلىرى خوتۇنلۇققا بېرىلدى.

شەھەر ئېلىنغاندىن كېيىن ئارقىمۇ ئارقىدىن قىرغىنچىلىق قىلىنغان بولۇپ، 13 ياشتىن يۇقىرى جەڭ قىلالىغۇدەك ئەرلەر ئارقىمۇ-ئارقىدىن كوللېكتىپ قىرغىن قىلىنغانىدى.

بۇ چاغدا يەنە بالىلار، قىز-ئاياللارنى ئىلىغا سۈرگۈن قىلىش، ئىلىغا سۈرگۈن قىلىنغانلارغا ئاشلىق بەرمەسلىك، يولدا ئاچلىقتىن ئۆلۈشى بىلەن كارى بولماسلىق، قارشىلىق قىلغانلارنى ئۆلتۈرۈش بۇيرۇقىمۇ بېرىلگەنىدى.

پادىشاھ چيەنلوڭ شەھەرنى ئالغاندا بۇ شەھەر ئاھالىسى «جاھىللىق بىلەن قارشىلىق كۆرسەتكەنلىكى ئۈچۈن»، «بىرنىمۇ قالدۇرماي قىرىۋېتىش»، «شەھەرنى تۈزلىۋېتىش» بۇيرۇقى بەرگەنىدى.

ئاقىۋەتتە ئۇچتۇرپان ئۆزىنىڭ ئەسلى ئاھالىسى يوق شەھەرگە ئايلاندۇرۇلۇپ، كېيىن جاي-جايلاردىن ئادەم كۆچۈرۈپ كېلىنىپ ئورۇنلاشتۇرۇلدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.