ئوتتۇرا ئاسىياغا كۆمۈلگەن قەھرىمانلار
ئۇيغۇر ئېلىنىڭ 20-ئەسىر تارىخىدا، جۈملىدىن 1933-يىلى ۋە 1944-يىللاردىكى ئىككى قېتىملىق شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنى قۇرۇشقا قاتنىشىپ، بۇ جۇمھۇرىيەتلەرنىڭ بەرپا بولۇشى، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشى ۋە باشقا ھەر تۈرلۈك ئىشلاردا زور خىزمەت كۆرسىتىپ، ئۇيغۇر ۋە باشقا ھەر مىللەت خەلقىنىڭ يۈكسەك ھۆرمىتىگە ئېرىشكەن، ئۇيغۇر دىيارى تارىخىدا ئۆزىنىڭ تېگىشلىك ئورنىنى تىكلىگەن نۇرغۇن تارىخىي شەخسلەر بار. بۇلارنىڭ بىر قىسىملىرىنىڭ ئىش-ئىزلىرى تارىخىي كىتابلار، تارىخىي رومانلار ۋە باشقا ئەدەبىي ئەسەرلەر ھەم ئەسلىمىلەردىن ئورۇن ئېلىپ، نامى خەلق ئىچىگە تارقىلىپ، خەلققە تونۇشلۇق بولۇپ كەتكەن بولسىمۇ، ئەمما يەنە كۆپلىگەن ئەنە شۇنداق شەخسلەر، جۈملىدىن ئۆز مىللىتىنىڭ ھۆرلۈكى ئۈچۈن بولغان جەڭلىرى، سىياسىي كۈرەشلىرى، مەدەنىيىتى، سەنئىتى، دىنى، ئىجتىمائىي-ئىقتىسادىي ھاياتى ئۈچۈن ھەسسە قوشۇپ مۇھىم ئورۇن تۇتقان بىر قىسىم تارىخىي شەخسلەر ئاساسەن ئۇنتۇلۇپ كېتىلگەنىدى.
20-ئەسىردىكى مىللىي ئازادلىق ئىنقىلابى تارىخىي شەخسلىرىنىڭ خېلى كۆپى 1949-يىلىدىن باشلانغان مۇھاجىرەت ھايات مۇساپىلىرىنى باشتىن كەچۈرۈپ، چەتئەللەردە ھاياتتىن ئۆتتى. بولۇپمۇ، 1944-1949-يىللىرىدىكى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنى قۇرۇشقا قاتناشقان، شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھۆكۈمەت، ھەربىي، ۋە باشقا ھەر ساھەلىرىدە ئەينى ۋاقىتلاردىكى خىزمەتلىرى ۋە قوشقان تۆھپىلىرى بىلەن نامى كەڭ تونۇلغان بىر قىسىم ئەربابلار باشقا مىڭلىغان سابىق شەرقىي تۈركىستان ئىنقىلابى ئىشتىراكچىلىرى قاتارىدا 1955-1962-يىللىرى ئارىسىدا سوۋېت ئىتتىپاقىغا كۆچۈپ كېتىپ، ئۆزبېكىستان، قازاقىستان، قىرغىزىستان جۇمھۇرىيەتلىرىگە يەرلىشىپ، شۇ جايلاردا ھايات كەچۈرۈپ، دۇنيادىن كەتتى ۋە ئۇلارنىڭ قەبرىلىرى چەتئەللەردە قالدى. ئەنە شۇنداق مۇھىم شەخسلەردىن شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى رەئىسى ئەلىخان تۆرە، شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى خەلق قەھرىمانلىرى غېنى باتۇر، فاتىخ باتۇر، شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتى باش كاتىپى ئابدۇرەئۇپ مەخسۇم ئىبراھىمى، شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى مالىيە مىنىستىرى ئەنۋەر مۇسابايوف، مۇئاۋىن مالىيە مىنىستىرى ۋاققاس مىرشانوف، «پۈتۈن شەرقىي تۈركىستان ئىنقىلابچىل ياشلار تەشكىلاتى» مەركىزىي كومىتېتى ئەزاسى ئوسمان زىيام، «ئازاد شەرقىي تۈركىستان» گېزىتى ۋە شەرقىي تۈركىستان ھۆكۈمىتىنىڭ مەتبۇئات ساھەسىدىكى رەھبىرىي شەخسلىرىدىن تۇرسۇن ئىسرائىل، مىللىي ئارمىيە مۇئاۋىن قوماندانى، پولكوۋنىك زۇنۇن تېيىپوف، پولكوۋنىكلاردىن زىيا سەمىدى، مەمەتجان يۈسۈپوف، مەرغۇپ ئىسھاقوف، رەپىق بايچۇرىن، ئىچكى ئىشلار مۇئاۋىن مىنىستىرى نەبىجان يۈسۈپ ۋە باشقا يۈزلىگەن ھەر مىللەت يۇقىرى ۋە ئوتتۇرا دەرىجىلىك مەمۇرىي، ھەربىي-سىياسىي رەھبىرىي شەخسلەرنى مىسال قىلىش مۇمكىن. بۇ كىشىلەر تاشكەنت، بىشكەك، ئالمۇتا شەھەرلىرىدە ياشاپ، ئىلگىرى-كېيىن ۋاپات بولغانىدى. ئەنە شۇ كىشىلەرنىڭ بىر قىسمىنىڭ كېيىنكى ھايات مۇساپىلىرى ئاساسەن دېگۈدەك تارىخ سەھىپىلىرىدىن چۈشۈپ قالغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقىدا، جۈملىدىن مۇستەقىل ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىدە ئۆتكۈزگەن ھايات مۇساپىلىرى، قىسمەتلىرى مەۋھۇم قالغانىدى.
شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ مەتبۇئات سېنزورچىسى
ئەنە شۇنداق ھايات مۇساپىلىرى مەۋھۇم قالغان ۋە خەلق تەرىپىدىن ئۇنتۇلۇپ كېتىلگەن، ئامما ئۇنتۇلماس شەخسلەرنىڭ بىرى تۇرسۇن ئىسرائىل ياكى تۇرسۇن ئىسرائىلوفتۇر.
ئۇنداقتا تۇرسۇن ئىسرائىل كىم؟ تۇرسۇن ئىسرائىل 1958-1959-يىللىرى ئۇيغۇر دىيارىدا خىتاي كومپارتىيەسى ئېلىپ بارغان بىر مەيدان «يەرلىك مىللەتچىلىككە زەربە بېرىش ھەرىكىتى» دە ئابدۇرېھىم ئەيسا، زىيا سەمىدى، ئىبراھىم تۇردى، ئابدۇرېھىم سەئىدى ۋە باشقىلار بىلەن بىرگە نامى ئاتىلىپ ئەيىبلىنىپ جازالانغان سابىق شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەھبىرىي كادىرلىرى ۋە مىللىي ئازادلىق ئىنقىلاب رەھبىرى ئەخمەتجان قاسىمىنىڭ يېقىن سەپداشلىرىدىن بىرى ئىدى.
قازاقىستاندىكى تۇران ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تارىخ پروفېسسورى ئابلەت كامالوف يېقىندا «جەڭگىۋار يىللار ساداسى» ماۋزۇسىدا تۇرسۇن ئىسرائىلنىڭ ھايات كەچمىشلىرى ھەققىدە قازاقىستاندا رۇس ۋە ئۇيغۇر تىللىرىدا بىر پارچە ماقالە ئېلان قىلدى. ئۇنىڭ تەكشۈرۈشىچە، 1944-1949-يىللىرىدىكى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ مۇھىم رەھبىرىي كادىرلىرىدىن بىرى تۇرسۇن ئىسرائىل 1914-يىلى، ئالمۇتا شەھىرى يېنىدىكى قورام يېزىسىدا تۇغۇلغان، باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپ تەربىيەسىنى شۇ يەردە ئالغاندىن كېيىن، 1930-يىلى سوۋېت ئىتتىپاقىدا باشلانغان كوپىراتسىيەلەشتۈرۈش، ئاچارچىلىق سەۋەبلىرىدىن ئائىلىسى بىلەن غۇلجىغا كېلىپ يەرلەشكەن ھەم شۇ يەردە ئوقۇغان. ئۇ 1937-يىلى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇنىۋېرسىتېتىغا ئوقۇشقا ئەۋەتىلگەن تاشكەنچىلەر قاتارىدا تاكى 1940-يىلىغىچە تاشكەنتتىكى ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇپ قايتىپ كەلگەندىن كېيىن چۆچەكتە ئىشلىدى ۋە كېيىن غۇلجىغا كەتتى. زىيا سەمەدىنىڭ «ئەخمەت ئەپەندى» ناملىق تارىخى رومانىدا خاتىرىلىنىشىچە، تۇرسۇن ئىسرائىل 1944-يىلى غۇلجا قوزغىلىڭى باشلىنىش ئالدىدا ئىلىدا خىتايغا قارشى ئاكتىپ ھەرىكەتكە ئۆتكەن ياشلاردىن ئىدى. 1944-يىلى، 12-نويابىر كۈنى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن، تۇرسۇن ئىسرائىل «ئازاد شەرقىي تۈركىستان» گېزىتىگە كىرىپ مۇھەررىرلىك خىزمىتىنى ئاتقۇرۇپ، ئاساسلىق تەشۋىقات-تەرغىبات ھەم شەرقىي تۈركىستان ھۆكۈمىتىنىڭ خىتايغا قاراتقان رازۋېدكا ئىشلىرىنى ئېلىپ باردى.
1946-يىلى، 6-ئىيۇن كۈنى شەرقىي تۈركىستان ھۆكۈمىتى بىلەن خىتاي مەركىزىي ھۆكۈمىتى بىتىم تۈزۈپ، بىرلەشمە ھۆكۈمەت قۇرۇلغاندىن كېيىن، ئەخمەتجان قاسىمى باشلىق غۇلجا تەرەپ ئۈرۈمچىدە چىقىدىغان «شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ ئۇيغۇرچە ۋە قازاقچە قىسمىنى ئۆتكۈزۈۋالغان بولۇپ، ئەخمەتجان قاسىمى ئۇيغۇر ۋە قازاق تىللىرىدىكى «شىنجاڭ گېزىتى» نى ئۆزى كونترول قىلىپ، بۇنىڭغا شەرقىي تۈركىستان تەرەپنىڭ خادىمى تۇرسۇن ئىسرائىلنى گېزىتنىڭ باش سېنزورچىسى قىلىپ بېكىتتى. 1946-يىلى، 7-ئايدا ئەنە شۇ گېزىتتە تاكى 1947-يىلى 9-ئايغىچە تۇرسۇن ئىسمائىلنىڭ قول ئاستىدا ئىشلىگەن، ھازىر ئالمۇتادا ياشاۋاتقان 91 ياشلىق تارىخشۇناس مۇنىر يېرزىن ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، تۇرسۇن ئىسرائىلنىڭ قوشۇلۇشىسىز ئۇيغۇرچە ۋە قازاقچە «شىنجاڭ گېزىتى» ماقالىلىرى چىقمايتتى. چۈنكى ئۇ سېنزورچى ئىدى.
تۇرسۇن ئىسرائىل تاكى 1947-يىلى، 8-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، يەنى بىرلەشمە ھۆكۈمەت بۇزۇلۇپ، ئەخمەتجان قاسىمى قاتارلىقلار بىلەن بىرگە غۇلجىغا قايتىپ كەتكۈچە ئۇيغۇرچە-قازاقچە تىللاردا چىقىدىغان «شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى مەخسۇس ئەۋەتكەن سېنزورچىسى سۈپىتىدە گېزىتنىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ مىللىي مەنپەئەتلىرىگە ئۇيغۇن شەكىلدە چىقىشىغا مەسئۇل بولۇپ، خىتاي تىلىدا چىقىدىغان «شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ شەرقىي تۈركىستان ئىنقىلابىغا، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مىللىي ئازادلىق ۋە مۇستەقىللىق ئىدىيەلىرىگە قارشى تەشۋىقاتلىرى بىلەن تىغمۇ-تىغ ئېلىشقانىدى. ئامېرىكا تارىخچىسى، پروفېسسور لىندا بېنسون «ئىلى ئىنقىلابى» ناملىق كىتابىدا مەزكۇر توقۇنۇشنى «مەتبۇئات ئۇرۇشى» دەپ ئاتىغان بولۇپ، ئەخمەتجان قاسىمىنىڭ كونتروللۇقى ئاستىدىكى، تۇرسۇن ئىسرائىل، ئۇيغۇر سايرانى قاتارلىقلار باش بولۇپ چىقىرىدىغان ئۇيغۇرچە گېزىت بىلەن خىتايلار چىقىرىدىغان «شىنجاڭ گېزىتى» بىر-بىرى بىلەن كەسكىن مەتبۇئات ئۇرۇشى ئېلىپ بارغان. مۇنىر يېرزىن ئەپەندى: «ئۇيغۇر سايرانى، تۇرسۇن ئىسرائىل مەسئۇل بولۇۋاتقان بۇ گېزىتنىڭ تۈپ مەقسىتى خىتاي گومىنداڭ ھۆكۈمىتىنىڭ ۋە ھەربىيلىرىنىڭ خەلققە سالغان زۇلۇملىرى ۋە سىياسەتلىرىنى پاش قىلىش، ئەخمەتجان قاسىمى ۋە شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسەتلىرىنى، ئىدىيەلىرىنى تەرغىب قىلىش، بۇ يولدا چىڭ تۇرۇش ئىدى» دەيدۇ.
ئۇنىڭ ئەسلىشىچە، مەتبۇئات ئۇرۇشىدا بەرداشلىق بېرەلمىگەن گومىنداڭ ھەربىي دائىرىلىرى ئۇيغۇر سايرانى، تۇرسۇن ئىسرائىل ۋە باشقىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئۇيغۇر تەھرىر بۆلۈمى ئۈستىدىن دېلو تۇرغۇزۇپ، ئۇلارنى قولغا ئېلىپ، سوتلاپ جازالاش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلغان بولسىمۇ، ئەمما ئەخمەتجان قاسىمى بۇنىڭغا يول قويمىغان.
1947-يىلى، 8-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا ئەخمەتجان قاسىمى ئۇيغۇر سايرانى، تۇرسۇن ئىسرائىل ۋە باشقا ئۇيغۇر تەھرىر بۆلۈمى خادىملىرىنى ھەم ئونلىغان زىيالىيلارنى شۇنىڭدەك قەشقەر ۋە باشقا بىر قىسىم ۋىلايەتلەرنىڭ ئۆلكىلىك كېڭەشكە قاتنىشىش ئۈچۈن كەلگەن، ئامما گومىنداڭغا قارشى ئۇيغۇر كېڭەش ئەزالىرىنى ئارقىمۇ-ئارقىدىن غۇلجىغا ئېلىپ كەلدى. ئەڭ ئاخىرىدا رەھىمجان سابىرھاجى قاتارلىقلار غۇلجىغا قايتىپ كەلدى. بۇنىڭ بىلەن بىرلەشمە ھۆكۈمەت رەسمىي بۇزۇلدى.
تۇرسۇن ئىسرائىل غۇلجىغا قايتىپ كەلگەندىن كېيىن ئەخمەتجان قاسىمىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى ئاستىدا يېڭىدىن مەتبۇئات، ئۇچۇر-ئالاقە ساھەسى بويىچە رەھبىرىي خىزمەتلەرنى باشلىۋەتتى.
0:00 / 0:00