ئۇنتۇلۇپ كەتكەن ئۇنتۇلماس شەخسلەر: ئابدۇمۇتائالى خەلپەت ۋە شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ دىنىي سىياسىتى

مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2020.09.03
Abdumutaali-xelpet-elixan-tore.jpg شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى رەئىسى ئەلىخان تۆرە ۋە ئابدۇمۇتائالى خەلپەت(سولدا). 1945-يىلى، 11-ئايلار.
Photo: RFA

1944-يىلى 12-نويابىر كۈنى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن ئۆزىنىڭ دۆلەت باشقۇرۇش سىياسىي پروگراممىسىنى تۈزۈش ۋە قارارلاشتۇرۇشقا كىرىشتى. 1945-يىلى 1-ئاينىڭ 5-كۈنى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتى ئۆزىنىڭ رەسمىي 9 ماددىلىق مۇستەقىللىق خىتابنامىسىنى ئېلان قىلدى. مەزكۇر 9 ماددىلىق خىتابنامە يەنە بىر تەرەپتىن دۆلەت باشقۇرۇش سىياسىي پروگراممىسى ئاساسىدىن ئىبارەت بولۇپ، خىتابنامىنىڭ 4-ماددىسىدا «شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ دىنىي سىياسىتى» ئېنىق ئىپادىلەندى. يەنى بۇنىڭدا «شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ زور كۆپچىلىكى ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان بولغاچقا، بۇ دىننى ئالاھىدە تەشەببۇس قىلىش، شۇنىڭدەك باشقا دىنلارغىمۇ ئەركىنلىك بېرىش ۋە ئۇنى قوغداش» دەپ بەلگىلەندى.

خىتابنامە ئېلان قىلىنىشتىن ئىلگىرى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى دىنىي ئىشلار نازارىتى قۇرۇپ، ئۇنىڭغا شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتى ھەيئەت ئەزاسى، ئاتاقلىق ۋە خەلقپەرۋەر زات ئابدۇمۇتائالى خەلپەتنى نازىرلىققا بەلگىلىگەنىدى. شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ مۇستەقىل جۇمھۇرىيەت قۇرۇش ۋە ئۇنى ھەر جەھەتتىن راۋاجلاندۇرۇش شۇنىڭدەك توغرا ۋە خەلچىل پرىنسىپقا تايانغان مىللىي ۋە دىنىي باراۋەرلىك سىياسىتىنى بەلگىلەش مۇھىم مەسىلە ئىدى. قىسقىسى، شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتى خىتاي مۇستەبىت ھاكىمىيىتىنى ئاغدۇرۇپ، پۈتۈن ئۇيغۇر ئېلىدە ئۆز ھاكىمىيىتىنى ئورنىتىشى ھەم دۇنيانىڭ ئىلغار دۆلەتلىرى قاتارىغا قوشۇلۇپ، خەلقئارالىق ئېتىراپ قىلىشقا ئېرىشىش ئۈچۈن ھەم ئۆزىنىڭ ھەر جەھەتتىن توغرا ۋە دۇنيا مىقياسىدا ھۆرمەتكە ئېرىشكەن سىياسەتلەرنى بەلگىلىشى كېرەك ئىدى. دېمەك، ئەلىخان تۆرە، ئابدۇمۇتائالى خەلپەت، ئەخمەتجان قاسىمى ۋە باشقا سىياسىي ئەربابلار كۆپ مۇزاكىرىلەر ئارقىلىق ئاخىرى بۇ جۇمھۇرىيەتنىڭ ئەنە شۇنداق سىياسىي پروگراممىسى ۋە خىتابنامىسىنى، جۈملىدىن ھەممە دىنلارنى ھۆرمەت قىلىش ۋە قوغداش سىياسىتىنى بەلگىلىگەنىدى. قازاقىستاندىكى تۇران ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى ئابلەت كامالوفنىڭ تەكىتلىشىچە، دىنىي ئىشلار نازىرى ئابدۇمۇتائالى خەلپەت جۇمھۇرىيەتنىڭ توغرا دىنىي سىياسىتىنى، يەنى ھەممە دىنلارنى ھۆرمەت قىلىش، مىللەتلەر باراۋەر بولۇش سىياسىتىنى بەلگىلەشكە زور ھەسسە قوشتى.

شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى تېررىتورىيەسىدە ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز، ئۆزبېك، تاتار، تۇڭگانلاردىن باشقا يەنە بۇددىزم ئېتىقادىدىكى موڭغۇللار، شىبەلەر، داغۇرلار، ھەتتا خىتايلار، خرىستىئان ئېتىقادىدىكىلەردىن رۇسلار بار ئىدى. دېمەك شەرقىي تۈركىستان ھۆكۈمىتى ئەنە شۇ ھەر مىللەتنىڭ دىنى ئەركىنلىكىنى كاپالەتكە ئىگە قىلدى. ئاساسىي مىللەت مۇسۇلمانلارنىڭ ئىسلام ئېتىقادىنى تەكىتلەپ، باشقا دىنلارنى چەكلەشكە يول قويمىدى. بىراق، شەرقىي تۈركىستاندىكى مۇتلەق زور قىسىم ئاھالە مۇسۇلمان بولغانلىقى ئۈچۈن ئىسلام دىنىغا ئەھمىيەت بېرىلدى ۋە ئىسلام ئېتىقادىدىكى خەلقلەرنىڭ ئېتىقاد ئەركىنلىكىنى ھىمايە قىلدى. ئامېرىكادىكى مەدەنىيەتشۇناس ۋە تارىخشۇناس دوكتور قاھار بارات ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، شەرقىي تۈركىستان ھۆكۈمىتىنىڭ مۇنداق ھەممە ئېتىقادنى قوغداش ۋە ھۆرمەت قىلىش سىياسىتىنى يۈرگۈزۈشى تەبىئىي ھالدا مۇسۇلمانلاردىن باشقا موڭغۇل، شىبە، داغۇر، رۇس قاتارلىق مۇسۇلمان ئەمەس مىللەتلەرنىڭمۇ ئۇيغۇر قاتارلىق مۇسۇلمان مىللەتلىرى بىلەن بىرلىكتە شەرقىي تۈركىستان ھۆكۈمىتىنى جان تىكىپ قوغدىشى، خىتاي ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى مۇسۇلمانلار بىلەن بىرلىكتە كۈرەش قىلىشىدا مۇھىم رول ئوينىدى. دېمەككى مانا بۇ دىنىي سىياسەتلەرنى يۈرگۈزۈشتە ئابدۇمۇتائالى خەلپەتتەك، ئەلىخان تۆرىدەك ئىلغار، ئىدىيەسى ئازاد، بىلىملىك ئۆلىمالارنىڭ تۆھپىسى زوردۇر.

ئابدۇمۇتائالى خەلپەت رەھبەرلىكىدىكى دىنىي نازارەت ھاكىمىيەتنىڭ پۈتۈن دىنىي ئىشلىرىغا مەسئۇل بولۇپ، ئۇ ئاساسلىقى ئىسلام دىنىدىكى مىللەتلەرنىڭ دىنىي ئىشلىرىدىن باشقا ھۆكۈمەتنىڭ ھەممە ساھەسىدىكى دىن بىلەن مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەرگە چېتىلدى. لېكىن، شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىدە دىن بىلەن ھۆكۈمەت ئايرىلغان بولۇپ، دىنىي نازارەت ھەممىنى كونترول قىلمىدى.

دىنىي ئىشلار نازارىتىنىڭ يەنە بىر مۇھىم خىزمىتى ئۆشرە-زاكات يىغىشقا مەسئۇل بولۇشتىن ئىبارەت بولۇپ، ئۆز ئىقتىسادىي كىرىم-چىقىم ئەھۋالىغا ئاساسەن ئۆشرە-زاكات ئايرىش شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىدىكى بارلىق مۇسۇلمان ئاممىسىنىڭ ئىسلامى قائىدە بويىچە ھەر يىلى ئۆتەپ كېلىۋاتقان ئەنئەنىۋى ئادەتلىرىدىن ئىدى. 1945-يىلى 4-ئايدا شەرقىي تۈركىستان ھۆكۈمىتى ھەيئىتى 39-سانلىق قارار چىقىرىپ، ئابدۇمۇتائالى خەلپەت باشچىلىقىدا قۇرۇلغان ئۆشرە-زاكات كومىسسىيەسىنىڭ مۇسۇلمانلار تاپشۇرغان ئۆشرە-زاكاتلار ۋە ماددىي بۇيۇملارنى يىغىشقا مەسئۇل بولۇشى ھەم باشقۇرۇشىنى بەلگىلەنگەنىدى.

شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمەت كېڭىشى 1945-يىلى 14-ئۆكتەبىر كۈنى 106-نومۇرلۇق قارار ماقۇللاپ، بارلىق «ئۆشرە» ۋە «زاكات» لارنى مائارىپ ئىشلىرىغا ئىشلىتىشنى قارار قىلدى. شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتى يەنە ئۆشرە-زاكاتلارنى ھەربىي ئىشلارغا ئىشلىتىشنىمۇ بەلگىلىدى.

شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتى دىنىي ئىشلار نازارىتى يەنە ئارمىيە بىلەنمۇ باغلىنىشلىق بولۇپ، مىللىي ئارمىيە باش شتابى تەركىبىدە ئەسكىرىي مۇپتى ئىدارىسى قۇرۇپ، مىللىي ئارمىيەنىڭ قوماندانلىرى ئارىسىدا دىنىي ئىشلارغا مەسئۇل ئوفىتسېرلارنى بەلگىلىدى. دوكتور قاھار باراتنىڭ ئېيتىشىچە، مىللىي ئارمىيەنىڭ ھەر قايسى پولك، باتاليونلىرىغا ئىماملارنى قويۇشنى بەلگىلەنگەن بولۇپ، ھەربىي قىسىملاردىكى بۇ ئىماملار بىر تەرەپتىن دىنىي ئىشلار نازارىتى، يەنە بىر تەرەپتىن ھەربىي تۈزۈم بويىچە مىللىي ئارمىيە باش شتابىغا ھەم ھەربىي نىزاملارغا بويسۇناتتى. دىنىي نازارەت يەنە مەخسۇس ھەربىي ئىماملار قوللانمىسى چىقىرىپ تارقاتتى. بۇنىڭدا ئىماملارنىڭ خىزمەت قائىدىلىرى بەلگىلەنگەن بولۇپ، ئەسكەر-ئوفىتسېرلارنىڭ ناماز ئوقۇشى ۋە دىنىي پائالىيەتلەرگە قاتنىشىشى ئۆز ئىختىيارى بىلەن بولاتتى

ئەلۋەتتە، مىللىي ئارمىيەدىكى رۇس، موڭغۇل، شىبە قاتارلىق مىللەتلەرنىڭمۇ ئۆز دىنىي قائىدىلىرى بويىچە ئىش تۇتۇشىغا يول قويۇلدى.

شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى دىنىي نازارىتى يەنە مائارىپ، مەدەنىيەت، پۇل-مۇئامىلە، ئەدلىيە سىستېمىلىرى بىلەنمۇ زىچ ئالاقىدە بولدى، مەدەنىيەت، مائارىپ، سەنئەت ئىشلىرىنىڭ راۋاجلىنىشىنى قوللاش بىلەن بىرگە شەرقىي تۈركىستان خانىم-قىزلىرىنىڭ ئىجتىمائىي-سىياسىي باراۋەرلىكى، ئۇلارنىڭ جەمئىيەتلەرگە ئۇيۇشۇشى، جەمئىيەتتە ئاكتىپ پائالىيەت قىلىشى، ھەتتا قىز-ئاياللارنىڭ ھەربىي سەپكە قاتنىشىپ ئەرلەر بىلەن تەڭ جەڭ قىلىشىنى قوللىدى ھەم باشتىن-ئاخىرى تەشەببۇسكار بولدى.

شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى دىنىي نازارىتىنىڭ سوت، ئەدلىيە ئورگانلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى مۇھىم بولۇپ، ئۇ دۆلەتنىڭ سوت سىستېمىسى ۋە قانۇن تۈزۈملىرىدىمۇ ئۆز رولىنى تېگىشلىك جارى قىلدۇردى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.