1944-يىلى 7-نويابىر كۈنى غۇلجىدا پارتلىغان مىللىي ئازادلىق قوزغىلىڭى نەتىجىسىدە 12-نويابىر كۈنى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلدى ۋە 1945-يىلى 8-ئاپرېل كۈنى مىللىي ئارمىيە قۇرۇلۇپ، ئۈچ فرونت بويىچە ئۇرۇش قىلىپ، شۇ يىلى 10-ئايغىچە ئىلى، تارباغاتاي ۋە ئالتاينى بىرلىككە كەلتۈردى. ئەمما، شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى بىلەن گومىنداڭ مەركىزى ھۆكۈمىتى ئارىسىدا تىنچلىق سۆھبىتى ئېلىپ بېرىلىپ، 1946-يىلى، 7-ئايدا بىرلەشمە ھۆكۈمەت قۇرۇلۇپ، ئۆز خىزمىتىنى باشلىدى.
بۇ يىللىرى ئۇيغۇر دىيارىدا يۈز بېرىۋاتقان بۇ بىر قاتار ۋەقەلەر، رايوندىكى مىللىي مۇناسىۋەتلەر، بولۇپمۇ سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئىلى قوزغىلىڭى بىلەن بولغان ئالاقىلىرى ئامېرىكا دىپلوماتىيە ساھەسىنىڭ دىققىتىگە ئېرىشكەن بولۇپ، ئۈرۈمچىدىكى ئامېرىكا كونسۇلى جون خول پاكىستان 1947-يىلى، 22-ئاپرېلدىن ماي ئېيىنىڭ بېشىغىچە شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى تېررىتورىيەسى بولغان ئىلى ۋە تارباغاتاينى بىۋاسىتە زىيارەت قىلىپ، ئەمەلىي تەكشۈرۈشتە بولدى.
پاكىستوننىڭ بۇ قېتىمقى سەپەر خاتىرىسى 1947-يىلى نويابىر ئېيىدا «ئىلى ۋە تارباغاتاي ۋىلايەتلىرىگە سەپەر» دېگەن تېمىدا مەخسۇس دوكلات سۈپىتىدە ئا ق ش دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرلىقىغا يوللانغان ئىدى. پاكىستون ئۆز سەپەر خاتىرىسىدە بايان قىلىشىچە، ئۇ ئايالى ۋە رۇس شوپۇرى بىلەن بىرگە ئاپتوموبىلدا ئولتۇرۇپ، 1947-يىلى، 22-ئاپرېل كۈنى ئۈرۈمچىدىن ئايرىلىپ، شۇ كۈنى ماناس دەرياسىدىن ئۆتىدۇ. پاكىستون ئولتۇرغان ئاپتوموبىل غۇلجا شەھىرىگە 17 كىلومېتىر قالغاندا بۇزۇلۇپ قالىدۇ ۋە كۆپ قېتىملىق رېمونتلاردىن كېيىن ئاخىرى ئۇلار غۇلجىغا يېتىپ كېلىدۇ. غۇلجىدا ھېچ كىممۇ ئۇلارغا توسقۇنلۇق قىلمايدۇ. ئىلى ھۆكۈمىتى تەرەپ ئۇنىڭغا ئەخمەت ئىسىملىك بىر نەپەر ئۇيغۇرنى تەرجىمانلىققا بېرىدۇ. پاكىستون ئەخمەت بىلەن يېقىن مۇناسىۋەت ئورنىتىدۇ ھەم ئۇنىڭغا ياخشى باھا بېرىپ، ئۇنىڭ ھەققىدە «خوش مۇئامىلىلىك ۋە پايدىلىق ئادەم» دېگەن يەكۈننى چىقىرىدۇ.
ئامېرىكا كونسۇلى جون پاكىستوننىڭ مەزكۇر سەپەر خاتىرىسى ئۈستىدە تەتقىقات ئېلىپ بېرىپ، بۇ ھەقتە مەخسۇس تونۇشتۇرۇش ماقالىسى ئېلان قىلغان قازاقىستاندىكى تۇران ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تارىخ پروفېسسورى ئابلەت كامالوفنىڭ بايان قىلىشىچە، پاكىستون غۇلجىدا سوۋېت ئىتتىپاقى باش كونسۇلى بىلەن ۋە ئىلى ئىنقىلابى رەھبەرلىرىدىن بىرى ئابدۇكېرىم ئابباسوف بىلەن كۆرۈشىدۇ. ئۇ ئۆز سەپەر خاتىرىسىدە يەنە ئۆزىنىڭ چىلپەڭزە قاتارلىق جايلارنى زىيارەت قىلىش تەلىپىنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنى، ئىلى تەرەپ بۇنىڭغا قوشۇلۇپ، ئۇنىڭغا قوغدىغۇچى ۋە تەرجىمان بېرىشنى تەۋسىيە قىلغاندا پەقەت ئەخمەتنى تەرجىمانلىققا ئېلىش تەكلىپىنى بېرىپ، قوغدىغۇچىلارنىڭ كېرىكى يوقلۇقىنى ئېيتىپ رەت قىلغانلىقىنى دەپ ئۆتكەن.
پاكىستون غۇلجا سەپىرىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، تارباغاتايغا يولغا چىققاندا ئۇنىڭغا يەنە ئىلى تەرەپ ۋاسىلىي ئىسىملىك رۇس ئوفىتسېر بىلەن بىر قانچە ئەسكەرنى قوشۇپ قويىدۇ. پاكىستون ۋاسىلىينىڭ ئۆزىنى تۇتۇشلىرىغا ئالاھىدە دىققەت قىلغان بولۇپ، ئۇ كۆزىتىش ئارقىلىق ئۇنىڭ ئەسلى سوۋېت ئىتتىپاقى ئەۋەتكەن دۆلەت بىخەتەرلىك خادىمى ئىكەنلىكىنى جەزملەشتۈرىدۇ. ۋاسىلىي ئۆزىنى «تاتار» دەپ تونۇشتۇرغان بولسىمۇ، لېكىن پاكىستون بۇنىڭغا ئىشەنمىگەن.
پاكىستون يەنە غۇلجىدا مەكتەپلەرنى زىيارەت قىلغان. ئۇ، ئىلىنىڭ مائارىپ، مەدەنىيەت ۋە نەشرىيات ئەھۋاللىرىنى ھەم بازارلارنى كۆزەتكەن. دوكتور ئابلەت كامالوفنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ ئىلى ۋە تارباغاتايغا بارغاندىن كېيىن، بۇ جايدا ئۈرۈمچى ۋە باشقا گومىنداڭ ھۆكۈمرانلىقىدىكى جايلارغا ئوخشىمايدىغان، ئۆز ئالدىغا بىر سىياسىي، سودا-ئىقتىسادىي ۋە مەدەنىيەت مۇھىتىنى ھېس قىلىدۇ. ئۇ، گەرچە، شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى بىلەن گومىنداڭ ھۆكۈمىتى بىتىم ئىمزالاپ، بىرلەشمە ھۆكۈمەت قۇرغان بولسىمۇ، بىراق ئۈچ ۋىلايەتنىڭ يەنىلا ئۆز ئالدىغا مۇستەقىل ياشاۋاتقانلىق بەلگىلىرىنى كۆرگەن. ، مەسىلەن: بىرىنچىدىن، غۇلجا ۋە چۆچەكتە، يەنى، ئۈچ ۋىلايەت زېمىنلىرىدا، ھەممىلا ھۆكۈمەت ئىدارىلىرىدە شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ بايرىقى ئېسىلغان. ئىككىنچىدىن، ھەممىلا ئىدارىلەردە يەرلىك ھەربىي كىيىملەر كىيگەن ئادەملەرنى كۆپ كۆرگەن. ئۈچىنچىدىن، خىتاي تىلىدىكى مەكتەپلەردىن باشقا ھېچقانداق يەردە خىتايچە تىلدا يېزىلغان يېزىقلار بولمىغان. تۆتىنچىدىن، گېزىتلەردە غەرب كالېندارى ئىشلىتىلگەن، خىتاينىڭ مىنگو يىلنامىسى ئىشلىتىلمىگەن. يەنى، مىنگو كالېندارى بويىچە يىل، ئاي ۋە كۈننى كۆرسىتىش بولمىغان، بەشىنچىدىن، ئىلى، تارباغاتايدىكى يەرلىك گېزىتلەر «شىنجاڭ» نى «شەرقىي تۈركىستان» دەپ ئاتىغان. ئالتىنچىدىن، ئۈچ ۋىلايەتنىڭ ئۆزىنىڭ مۇستەقىل پوچتا خىزمىتى مەۋجۇت بولغان ۋە بۇ پوچتا سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن يېقىن مۇناسىۋەتتە بولغان. يەتتىنچىدىن، ئۈچ ۋىلايەتنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن بولغان تىجارىتى قويۇق بولغانلىقى ئاشكارا كۆرۈنۈپ تۇراتتى.
تۈركىيەدىكى ھاجىتەپپە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تارىخ دوتسېنتى ئەركىن ئەكرەمنىڭ قارىشىچە، ئامېرىكىنىڭ 1943-1949-يىللىرى ئارىسىدىكى ئۈرۈمچىدىكى كونسۇلخانىسىنىڭ قىلغان ئىشلىرى ۋە ۋەزىپىلىرى ئاساسلىقى بۇ رايوننىڭ مەدەنىيەت، مىللەت ۋە سودا- ئىقتىسادىي ۋەزىيىتى ھەم گومىنداڭنىڭ بۇ جايدىكى ھۆكۈمرانلىق ئەھۋالىنى چۈشىنىش بولغان. بۇلاردىن باشقا يەنە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ بۇ جايدىكى، بولۇپمۇ ئازاد ئۈچ ۋىلايەتتىكى تەسىرىنى كۆزىتىش ھەمدە ئامېرىكىنىڭ ئۇيغۇرلار رايونىدا مەدەنىيەت ۋە سىياسىي تەسىرلىرىنى تىكلەشنىمۇ مەقسەت قىلغان ئىدى.
جون پاكىستون ئىلى ۋە تارباغاتايلارنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەندىن كېيىن، بۇ رايوننى ئۆز ئىچىگە ئالغان جايلاردىكى يەرلىك خەلقلەرنىڭ خىتايلار دېگەندەك سوۋېتلارنىڭ قوزغىتىشى بىلەن ئىسيان كۆتۈرگەن بولماستىن بەلكى ئۇلارنىڭ ئۆز ھوقۇقلىرىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىشتىن ئىبارەت سىياسىي ئارزۇسى سەۋەبىدىن كۈرەش قىلغانلىقىنى چۈشىنىپ يەتكەن.
پروگراممىنىڭ تەپسىلاتىنى يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن ئاڭلىغايسىز.
0:00 / 0:00