ئۇيغۇر دىيارىدىن 30 تارىخىي ئابىدە تېپىلدى
2013.10.27
تۈركىيە ئەرزۇرۇم ئاتاتۈرك ئۈنىۋېرسىتىتى بىلەن بېيجىڭ ئۈنىۋېرسىتىتى ئورتاقلىشىپ خىتايدىكى تارىخىي ئابىدىلەرنى تېپىش رەتلەش خىزمىتىنى باشلاتقان بولۇپ، بۈگۈنگىچە كۆپ ساندا تاش يېزىق ئابىدە تاپقان.
بۇلارنىڭ ئىچىدىن ئوتتۇزى شەرقىي تۈركىستاندىن تېپىلغان. بۇ ئىش پىلانىدا ئورۇن ئېلىپ 5 يىلدىن بېرى ئۇ جايلاردا تەتقىقات ئېلىپ بېرىۋاتقان ئەرزۇرۇم ئاتاتۈرك ئۈنىۋېرسىتىتى ئوقۇتقۇچىسى پروف. در. جەنگىز ئاليىلماز ئەپەندى بۇ ھەقتە مەلۇمات بېرىپ مۇنداق دېدى:
ئالدى بىلەن شۇنى دەيكى، بۇ تېپىلغان تارىخىي ئەسەرلەر بىر ئىش پىلانىنىڭ مەھسۇلىدۇر. بىز تۈركىيە ئاتاتۈرك ئۈنىۋېرسىتىتى بىلەن بېيجىڭ ئۈنىۋېرسىتىتى بىرلىكتە خىتايدىكى تارىخىي ئابىدىلەر، خاتىرە تاشلىرىنى تېپىش رەتلەش خىزمىتىنى قىلىۋاتىمىز. مېنىڭ رەھبەرلىكىمدە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان بۇ ئىش پىلانىغا ئاساسەن 5 يىلدىن بېرى خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىدە بولۇپمۇ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى تۇرپان، يارغۇل، مىڭ ئۆي، ۋە ئىلى، ئاقسۇ، خوتەن قاتارلىق جايلاردىكى تارىخى ئابىدىلەرنى تېپىپ ئۇلارنىڭ رەسىمىنى تارتىپ رەتلەۋاتىمىز.
پروف. در. جەڭىز ئال يىلماز ئەپەندى بۇ خىزمەتنى قىلىشتىكى مەقسىتى ھەققىدە توختۇلۇپ مۇنداق دېدى:
بىزنىڭ ئەسلى مەقسىتىمىز بۇ رايوندىكى تارىخىي ئابىدىلەرنى تېپىپ رەتلەپ چىقىش ئىدى. ئەمما بىز تەتقىقاتىمىز جەريانىدا بۇ رايون بىلەنلا چەكلىنىپ قالمىدۇق. خىتاي بىزگە خىتاينىڭ ئىچكى ئۆلكىلىرىنىڭمۇ ئىشكىنى ئاچتى. شۇنىڭ بىلەن بىز خىتاينىڭ شىئەن رايونىدىمۇ تەكشۈرۈش ئېلىپ باردۇق. شىئەن قەدىمقى خىتاي دۆلىتىنىڭ پايتەختى، خىتايلارنىڭ مەدىنىيەت مەركىزى. تارىخىي يىپەك يولى شىئەندىن باشلىنىپ ياۋرۇپادىكى رىم شەھرىدە ئاخىرلىشىدۇ.
ئۇ سۆزىدە شىئەننىڭ خىتاي تارىخى ئۈچۈن مۈھىم بىر شەھەر ئىكەنلىكىنى بايان قىلغاندىن كېيىن، تۈركلەر ئۈچۈن شىئەننىڭ تارىخىي ئەھمىيىتى توغرىسىدا توختۇلۇپ مۇنداق دېدى: (3:45)
تۈركلەر ئەڭ قەدىمىي پارلاق بىر مەدىنىيەتكە ئىگە. تۈركلەر تارىختا خىتايلار بىلەن خوشنا ياشىغان. تۈركلەرنىڭ ئۆتۈكەن دېگەن شەھرى بار ئىدى، بۇ شەھەرنىڭ ئىسمى كېيىنچە ئوردۇبالىق، ئاخىرىدا قارابالاساغۇن بولغان. قارابالاساغۇن بىلەن شىئەن ئوتتۇرىسىدا قويۇق بىر مۇناسىۋەت بار ئىدى. ئەلچىلەر كارۋانلار بېرىپ كىلەتتى. بەزىدە تۈركلەر بىلەن خىتايلار ئوتتۇرىسىدا چوڭ ئۇرۇشلار مەيدانغا كەلگەن. بۇنىڭ ئەكسىچە بۈگۈنكىگە ئوخشاشلا بەزى دەۋىرلەردە خىتايلار بىلەن تۈركلەرنىڭ بىربىرىگە ئىھتىياجى چۈشكەن. داۋاملىق بىر بىرى بىلەن ئۇرۇش قىلمايتتى، قىز ئېلىپ قىز بېرەتتى. بىز خىتايدىن 30 ئەتراپىدا ئۈستىدە خەت بار ئابىدە تاپتۇق. بۇ ئابىدىلەر ئىچىدە دۇنياغا ئەڭ كۆپ تونۇلغىنى شىئەندىن تېپىلغان قاراچور تېكىن ئابىدىسى.
پروف. در. جەنگىز ئاليىلماز ئەپەندى ئۆزى شىئەندىن تاپقان قاراچور تېكىن ئابىدىسى توغرىسىدا مەلۇمات بېرىپ مۇنداق دېدى: (5:00)
قاراچور تېكىن ئابىدىسى دۇنيانىڭ قاتتىق دىققىتىنى قوزغىدى، نۇرغۇن تېلېۋىزيەلەر نەق مەيداندىن بۇ خەۋەرنى تارقاتتى. خىتايدا تۇنجى قېتىم بىر تۈركچە ئابىدە ئۈچۈن مەخسۇس ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى چاقىرىلدى. بۇ ئابىدە شىئەندىن تېپىلدى. مەزكۇر ئابىدىنىڭ ئۈستىدە كۆكتۈركچە ۋە خىتايچە خەتلەر بار. بۇ ئابىدىنى ئۇ دەۋىردىكى خىتاي پادىشاھى بىر تۈرك شاھزادىسىگە ئاتاپ ياساتقان. ھەممىمىزگە مەلۇم ئورخۇن ئابىدىلىرىنىڭمۇ بىر تەرىپىگە خىتايچە يەنە بىر تەرىپىگە كۆكتۈركچە خەت يېزىلغان. قوش تىلدا ئابىدە ياساش ئەنئەنىسى قەدىمقى تۈركلەردە مەۋجۇت. يەنە بىر جەھەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا بۇ ئابىدە ئۇيغۇر - خىتاي مۇناسىۋىتىنى تەتقىق قىلىش ئۈچۈنمۇ مۈھىم. بۇ ئابىدە قاراچور تېكىن نامىدا بىر ئۇيغۇر شاھزادىسگە ئاتاپ ياسىتىلغان. خىتايدا ئەنلۇسەن قوزغىلىڭى بولغاندا، خىتاي پادىشاھسى بۇ قوزغىلاڭنى جىمىقتۇرالمايدۇ. ئۇيغۇر ھاقانىدىن ياردەم تەلەپ قىلىدۇ. 794 - يىلىدا ئۇيغۇر خاقانى بۇ ئىسياننى جىمىقتۇرۇش ئۈچۈن ئۆز ئوغلىنى ئەۋەتىدۇ. قاراچور تېكىن 20 ياشتا بۇ ئىسياننى باستۇرغاندىن كېيىن ۋاپات بولغان. خىتاي پادىشاھى بۇنىڭغا ئاتاپ چوڭ بىر قەۋرە سالدۇرغان، قەۋرىنىڭ ئىچىگە بۇ 17 قۇر خەت يېزىلغان ئابىدىنى قويدۇرغان.
پروف. در. جەنگىز ئاليىلماز ئەپەندى مەزكۇر ئابىدىنىڭ ئۈستىگە يېزىلغان 17 قۇر خەتنىڭ مەزمۇنى توغرىسىدا مەلۇمات بېرىپ مۇنداق دېدى:
ئابىدىدە، ياغلاقار خاننىڭ سۇلالىسىدىن بۆگە بىلگى خاقاننىڭ ئوغلى قاراچور تېكىن 795 - يىلىدا ۋاپات بولغان. خىتاي پادىشاھى بۇنىڭدىن قاتتىق كۆڭلى يېرىم بولغان، چۈنكى قاراچور تېكىندە ئاتا - بوۋىلىرىنىڭ رۇھى بار ئىدى. ناھايىتى قەھرىمان بىر شاھزادە ئىدى، ئەپسۇسكى ياش تۇرۇپ قازا تېپىپ كەتتى، دەپ يېزىلغان. خىتايچىسىمۇ مۇشۇ مەزمۇندا.
تونۇلغان تۈركولوك پروف. در. جەنگىز ئاليىلماز ئەپەندى خىتايدىن ئورخۇن ئابىدىلىرىدىنمۇ بۇرۇن تىكىلگەن ئابىدىلەر تېپىلغانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى:
خىتايدىن ئورخۇن ئابىدىسىدىنمۇ بۇرۇن تىكىلگەن ئابىدىلەر تېپىلدى. بۇ ئابىدىلەر ئالتايدىكى ئۆڭكۈرلەردىن، ئىچكى موڭغولىيەدىن تېپىلدى. بۈگۈن خىتايدىن 30 ئەتراپىدا ئابىدە تېپىلدى. قاراچور تېكىن ئابىدىسى 795 - يىلىدا تىكىلگەن. چۈنكى بۇنىڭ ئۈستىگە تىكىلگەن تارىخى كۈن ۋە چىسلالار بىلەن يېزىلغان.
تۈركىيە ئەرزۇرۇم ئاتاتۈرك ئۈنىۋېرسىتىتى ئوقۇتقۇچىسى پروف. در. جەنگىز ئاليىلماز ئەپەندى ئۇيغۇرلارنىڭ پارلاق مەدىنىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى، ئۆزلىرىنىڭ 5 يىلدىن بېرى خىتاي دۆلىتىنىڭ رۇخسىتى بىلەن تۇنجى بولۇپ بۇ يەرلەردە تەتقىقات ئېلىپ بېرىۋاتقان مۇتىخەسىسلەر ئىكەنلىكىنى بايان قىلىپ مۇنۇلارنى دېدى:
مەن شۇنى تەكىتلەپ ئۆتەي، تۇرپاندىكى مىڭ ئۆي، يارغۇل، بىزەكلىك، بەشبالىق، تۇرپان، تۇيۇق ۋە قەدىمقى تۈرك شەھەرلىرىدە ئۇيغۇرلار ياراتقان پارلاق مەدىنىيەت، يەر سۇغۇرۇش سىستېمىسى كارىز مەۋجۇت. ياشۇل ئۆگۈز دېگەن تاڭغۇتلار ياشىغان جايدا 12 بۈيۈك مازار بار، بۇ مازارلارنى تۈركىيەدە ئاق پىرامىت دەپ ئاتايدۇ. مەن ۋە كەسىپدىشىم مۇرات ئاقار قاتارلىق كىشىلەر 5 يىلدىن بېرى بۇ يەرلەردە ئىلمىي تەتقىقات ئېلىپ بېرىۋاتىمىز. بىز خىتاينىڭ رۇخسەت قىلىشى بىلەن تۇنجى بولۇپ ئۇ يەرلەردە تەتقىقات ئېلىپ بېرىۋاتقان تۈركىيەلىك تۈركولوكلار.
بۈگۈنكى تارىخ ۋە بۈگۈن پروگراممىمىزدا تونۇلغان تۈركولوك پروف. در. جەنگىز ئاليىلمازنىڭ تۈركىيە دۆلەت تېلېۋېزيەسى ت ر ت گە ئۇيغۇر تارىخى توغرىسىدا ئېلىپ بارغان تەتقىقاتلىرى توغرىسىدا بەرگەن مەلۇماتىدىن ئارىيەلەر ئاڭلىدىڭلار.